يىقىندىن بىرى شىئىرىيەت نەزىريەلىرى ھەققىدىكى كىتاپلارنى كۈرۈپ شىئىر ۋە شائىر ھەم ئۈزۈم ھەققىدە ئويلىنىشقا مەجبۇر بولدۇم . كىچىكىمدىن تارتىپ نەسرىي ئەسەرلەرنى تولا كۈرەتتىم ، شىئىرنى بولسا چۈشىنەلمىگەچكىمۇ ياكى مىنى قىزىقتۇرالمىغانمۇ ئەيتاۋۇر كۆپ ئۇقىمايتتىم .
W|(
شۇ سەۋەپتىنمۇ مۇشۇ كەمگىچە تۈگۈتۈپ ئۇقىغان شىئىرىي- كىتابىم ئون پارچىغا يەتمەيدۇ ئەمما نەسرىي كىتاپلاردىن خاس رومانلارلا يۈز پارچىدىن ئاشىدۇ . ھالا بۇ كۈندە ئۈزۈمنىڭ شىئىرغا قىززىقىپ قىلىشىم يەنى مەكتەپتىن ئاجراپ بەش يىلدىن كىيىن خەت يېزىشنىمۇ ئۇنتۇپ قالغاندا شىئىرىيەت كوچىسىغا قايرىلىشىم ھەقىقەتەن ئەجەپلىنەرلىك ئىش بولغانىدى . ئەمما يىقىندىن بىرى قۇلۇمغا قەلەم ئىلىشتىن قۇرقىدىغان بولۇپ قالدىم . سەۋەبى شىئىرنىڭ مەنىسىنى ۋەزىپىسىنى چۈشىنىپ يەتكىنىمدىن بولۇشى مۇمكىن . مەرھۇم ئالىمىمىز ئابدۇرىھىم ئۆتكۈر نىڭ مۇنۇ سۆزلىرى يادىمدا :_ }SyK)W5Y
شىئىر - مارجان ئەمەس يىپقا تىزىپ قويسا تۇرىۋىرىدىغان ، t:v>W8N53
شىئىر - ئەزان ئەمەس قۇلاقنى تۇتۇپ ئېيتسا بولىۋىرىدىغان ، de[NIDA;`
ئويلاپ باقسام مۇشۇ كەمگىچە كىلاسسىك شىئىرىيەتنىڭ غەزەل، مۇرەببە ، مۇۋەششەھ ، رۇبائىي ،مۇخەممەس ، مۇسەددەس شەكىللىرى ۋە چاچما شىئىر شەكلى بويىچە 70 پارچىغا يىقىن بىر نەرسە يىزىپتىمەن . ئەمما ئۇنى شۇنداق بىر تاسقاپ باقسام ئەلگەككە ھېچ نەرسە چىقمىدى . fhNJB0
<بىر ياخشى شائىر ئۆمرىدە مەيلى ئون پارچە شىئىر يازسۇن ياكى يۈز پارچە شىئىر يازسۇن چۇقۇم سۈپەتكە كاپالەتلىك قىلىشى كىرەك ، بولمىسا كىتاپخانلارنى ۋە ئۈزىنى ئالدىغان بولىدۇ سان شىئىرنى بەلگىلىيەلمەيدۇ ئەمما شىئىر ساننىڭ ئىچىدە تۇرىدۇ بىر شائىرنىڭ ئۆمرىدە يازغان شىئىرلىرىنى سۈپەتتىن ئۆتكۈزسەك ياخشى يېزىلغانلىرىن بىر ياكى بىر نەچچىسى چىقىدۇ > دەيدۇ شائىر بوغدا ئابدۇللا . بۇ يەردىكى سۈپەتنى دوسلار زۈشىنىدۇ دەپ ئويلايمەن .دىمەك مەن ئۈزەمنى ۋە شىئىرىمنى ئۇقىغانلارنى ئالدىغانىدىم . شىئىر يازدىم ئەمما تەقلىد قىلىشتىن قۇتىلالمىدىم . O7yj<
كىلاسسىك شائىرلارنىڭ يولىنى بويلاپ بىر نەرسىلەرنى جىجاپ باقتىم ئەمما مەشرەپكە تەقلىد قىلىشتىن نىرى بولالمىدىم چاچما شىئىرلاردا ئادىل تۇنىياز ئۇسلۇبىنى دورىدىم . VuN#j
شۇڭلاشقىمۇ يازغان مىسرالىرىم بەزىدە ئۆزۈمنىڭ بولماي قالىدۇ . يازغان شىئىر باشقا شائىرلارنىڭكىگە ئوخشاپ قالسا بولمايدۇ ، بۇنداق بولغاندا شىئىرنىڭ مەززىسى قالمايدۇ . |`fuu2W!
شىئىر ئەلنىڭ قايغۇسىغا يىغلاپ كۈلكىسىگە جور بولالىشى كىرەك ، شائىر ئەلنىڭ ئالدىدا جاۋاپكار بولۇشى كىرەك ، شائىردا ئەڭ مۇھىمى سەمىمىيەت بولۇشى كىرەك دەيدۇ بوغدا ئابدۇللا . MmFtG-
شائىر ئەڭ ئاۋۋال ئادەم بولۇشى ئاندىن شىئىر يىزىشى كىرەك . مەن ئاۋۋال ئادەم بولاي 2 gca*
شىئىر يىزىش يازماسلىق بەلكى سەمىمىيىتىمگە باغلىقتۇ . . P\QbMj1U
مەن شىئىرنىڭ ۋەزنىنى چۈشىنىپ يەتكەندىن كىيىن قۇلۇمغا قەلەم ئىلىشتىن قۇرقتۇم ، سومكامدا باشقىلار شىئىر يىزىڭ دەپ سوۋغا قىلغان قەلەملەر تۇشۇپ تۇرۇپتۇ . ئەمما مەن قەلەمنى كۆرسەملا قورقىدىغان بولۇپ قالغانىدىم ، ئۇنىڭ بىلەن ئۆز قايغۇ ھەسرەتلىرىمنى خۇشاللىقلىرىمنى يازامدىم ياكى ئەلنىڭكىنىمۇ ؟ قەلەم بىر ئوپراتسىيە پىچىقى ، يازغۇچىنىڭ ئۈستىلى ئوپراتسىيە ئۈستىلى دىمەك مەن ئاۋۋال ئۈزۈمنى ئوپراتسىيە قىلاي ... مەن شىئىر يازماي شىئىر مىنى يازسۇن[ بۇ يازما چۆلگۈلى تەرپىدىن 2008-01-23 01:59 دە قايت ]