بۈگۈن سەلكىن كوماندىمىز گوگۇل كوماندىسى بىلەن مۇسابىقە ئوينايدۇ.مۇسابىقە «شەبنەم»پۇتبول مەيدانىدا ئۆتكۈزىلىدىكەن.مۇسابىقە باشلىنىشقا خېلى ۋاقىت بار بولسىمۇ ،سەلكىندىكى تاماشىبىنلار بالدۇرلا كېلىپ ئولتۇرۇپ بولغانىدى.ئەنە،قىزلار سىنىپىدىكى ساۋاقداشلار،مۇئەللىمەسى باي خېنىم،،قىزلار پۇتبول كوماندىسىنڭ تېرنېرى تۇمانخان.قاتارلىقلار كۆرۈش سۇپىسىنڭ تازا ياخشى يرىدىن ئورۇن ئېلىپ ئولتۇرۇپ بوپتۇ.بۇمۇ ياخشى بولغىنى،بىزىنڭ مۇسابىقىنى كۆرۈپ تېخنىكا ئىگەللىگەچ تۇرسۇن...
قادىخاننڭ ئىپادىسى بۈگۈن ئالاھىدە ياخشى ئىدى.ئۇ مەيدانغا كەلگەندىن ترارتىپ ھازىرغىچەتوختىماي مەيداننى ئايلىنىپ يۈگرەۋاتاتتى...
مەيدان قاينام تاشقىنلىققا چۆمۈشكە باشلىدى.كوماندا ئەزالىرىنڭ ئىسمى ئاتىلىپ بولغاندىن كېيىن سەلكىن كوماندىسى سەلكىننڭ بايرىقىنى كۆتۈرۈپ ،سەلكىن ناخشىسىغا (مەن مۇشۇ6ئاي ئىچىدە مۇزىكا ئىشلەپ سەلكىن ناخشىسىنى پۈتتۈرىمەن)تەڭكەشقىلغان ھالداقەدەم ئېلىپ مەيدانغا كىردى.ئارقىدىنلا گوگۇل كوماندىسىمۇ مەيدانغا كىرىدى.پۈشتەك ئاۋازى بىلەن مۇسابىقە باشلاندى.سەلكىن كوماندا ئەزالىرىنڭ ھەربىر قىلىقى تاماشىبىنلارنى كۈلدۈرۈپ يەردە يۇمىلاڭلىتىۋەتتى.قارشى تەرەپ توپ ھەيدەپ ئەكەلگەندە جوكېر تاس قالاتتى ئوتترا مەيدانغا چىقىپلا توپنى توسقىلى.مانائوبدان بولدى ،قارشى تەرەپنڭ ئۆرلىتىپ تەپكەن بىر توپى ئۇدۇللا ۋارتارغا چۈشتى.جوكېر ۋارقىرىدى:
ــ ھەممە گۇناھ مۇداپىئەدە تۇرغانلاردا!ھەممىڭ دۆت!توپنى تارتىۋېلىشساڭ بولمامدۇ؟!
ــ ئۆزۈڭ ئالدىغا چىقىۋالساڭ...
ــ مېنى كەينىگە يان دېيىشسەڭ بولمامدۇ؟؟؟
پۈشتەك چېلىندى.توپ باشلىنىپلا سەلكىن شاھ پاسلىغان توپنى ئالغان قادىخان توپنى قارشى تەرەپنىڭ ۋارتارىغا قارىتىپ تەپكەنىدى،توپ بىلەن تەڭلا چۇخىيىمۇ ۋارتارغا قاراپ يول ئالدى.پۈشتەك ئاۋازى بىلەن تەڭ قادىخان خۇشاللىقىدىن مەيداننى يۈگرەپ ھەر خىل قىلىقلارنى قىلىشقا باشلىدى.گوگۇل كوماندىسىنڭ ۋارتارى قادىخاننڭ چۇخىيىنى چىڭ قاماللىغىنىچە ھەيرانلىقىدىن تۇرۇپلا قالغانىدى.توپ بولسا ۋارتار ئىچىدە تۇراتتى.
ــ پادىشاھ مەلىم!!!بىز تەڭلىشىۋالدۇق...
ــ كەچتە بىزگە پولو ئېلىپ بېرىسىز ھە؟!
ــ ھەئە !قادىنڭ چۇخىيىدەك گۆش باسقان پولو يەيسىلەر!
ــ سىزمۇ بار خەلىپە مۇئەللىم!

ــ ماقۇل،مەيدانغا چىرىڭلار!
ــ خوپ!!!
گوگۇل كۇماندىسى توپنى ئەمدىلا باشلىشىغا ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقە ۋاقتى توشتى.ئۇلار ئەمدىلا يېنىمىزغا كېلىپ ئارام ئېلىشىغا قىزلار سىنىپىنڭ ئوقۇغۇچىلىرى چۇرقىراشقا باشلىدى:
ــ قادى!ياخشى ئوينىدىڭ!
ــ ھى ھى،رەھمەت خەلقىم!!!
ــ ئالدىرىماي بىزنڭكىنىمۇ كۆرىسىلەر...
ــ ماڭا قالاڭ تۇمانگۇل،قاندا بولاكى؟!
ــ ئوھۇش ،ماڭە ئاكا! گەپ قىلمىدىم!...
ــ خاپا بولمىڭە!چاقچاق قىپ قويسام نىمانداق يوپۇرغىنڭ ئېشىكىدەك چىچاڭشىيسىز؟
ــ نېمانداق قىلىدۇ؟؟؟!!! يوپۇرغىلىق سەن خەقنىڭ كۆتىگەيانتاق قىستۇرغانمۇ؟؟؟
ــ ئۆھ،ئۆھ،بولدى تۇمانگۇل بالام،قادىخان بالام،ئۇرۇشماي ئۆتەلمەمسىلەر؟
ــ ۋاي ئۆتە پىپى تۇماق قېرى...
ــ ھاي! خەققە ئويۇن قويۇپ بەرمەيلى...
ــ بىكارلىق ئويۇن كۆرىۋالارسىز قارىم! پادىشاھ دەپ قويسا باشقۇرىمەن دەپلا تۇرغان...
ــ كونىلار «يولۋاسنى يەڭگەن باتۇر ئەمەس،ئاچچىقنى...
ــ سىزمۇ ماڭا قارشى چىقىۋاتىسىزغۇ خەلىپە....ھۈھۈھۈ...



ــ بولدى خاپا بولمىڭە...

پۈشتەك چېلىنىپ ئىككى كوماندا ئەزالىرى مەيدانغا كىردى.توپ قادىخاننڭ پۇتىغا چۈشكەنىدى،قادىخان گوگۇل كوماندىسىنڭ ئە زالىرىنى ئالداپ ،ھەرخىل ھەرىكەتلەرنى ئىشلەپ پۈتۈن مەيداننى ئايلىنىپ چىقتى.بۇ ئويۇننى كۆرگەن جوكېر ۋارتارنڭ تۈۋرۈكىگە يۆلىنىپ سەت ھىجىيىپ تۇردى.دەل شۇ چاغدا جوكېرنىڭ ئالدىغا كەلگەن قادى توپقا تېيىلىپ كېتىپ دۈم چۈشتى.توپ بولسا ئاستا دۇمىلاپ بېرىپ،جوكېرنىڭ يېنىدىن ئۆتۈپ ۋارتارغا چۈشۈپ كەتتى.جوكېرچۇ؟ئۇ قادىنىڭ يىقىلغىنىنى كۆرۈپ كۈلۈپ تېلىقىپ قالغانىدى.بۇ سەتچىلىكنى كۆرگەن قىزلارغا بۇئىش بولۇپ بەردى:
ــ ئەنە! قادىخان ھالىڭىز شۇ!!!
ــ ئۆلسەڭ خوپ بولاتتى!
ــ ھە!!! نىمە دىيىشىمىز؟؟؟؟؟؟؟؟ئۆلسەم ھەرقايسىلىرىغا پولورىمنڭ قىيمىقى قالار!!!ۋە...........ت

ــ شۇ قىيماق بولسىمۇ چىقسا بولاتتىغۇ سىزدىن...
ــ ھە!بىر كۈلىۋېتىڭا تۇمانخان!
ــ تېخى ئۇنتۇپ قالمىدىم...ئاچچىقىم بار!
سەلكىن شاھ توپنى باشلاپلا گوگۇل كوماندىسىغا تارتقۇزۇپ قويدى.بۇنى كۆرگەن جوكېر پالاقشىپ يۈگۈرگىنىچە توپ تەرەپكە قاراپ ئېتىلدى.ئۇ توپنى تارتىۋېلىپ ئۇچقاندەك قارشى تەرەپنڭ ۋارتارىغا چاپتى.ئۇ ئۆزىنڭ چەبدەسلىكىدىن ئۆزى ھەيران قالدى.دەل شۇ چاغدا قارشى تەرەپنڭ ۋارتارى ئالدىغا چىققانىدى،جوكېر ئۇنىمۇ ئالداپ ئۆتۈپ توپ بىلەن تەڭلا ۋارتارغا كىرىپ كەتتى.جوكېر خۇشلىقىدىن شىردەك ھۆركىرەشكە باشلىدى.بۇ ھۆركىرەش قەشقەرنڭ پەيزاۋات ناھىيسىدە يەر تەۋرەشنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.گوگۇل كوماندىسى توپنى ئەمدى باشلىشىغا سەلكىن شاھ توپنى تارتىۋېلىپ تەپكەنىدى،توپ كۆرۈنمىگىدەك دەرىجىدە تىز بېرىپ گوگۇل كوماندىسىنڭ ۋارتارىغا چۈشتى.

رېپىرمۇ ھەيرانلىقىدىن تۇرۇپلا قېلىپ ،پۈشتەكنى ئارانلا چالدى.سەلكىن شاھ خۇشال بولۇپ ھۇشىدىن كەتتى.
مۇسابىقە داۋاملىشىپ بىرنەچچە مىنۇتتىن كېيىن كېيىنكى يېرىم مەيدان مۇسابىقىمۇ ئاياقلاشتى.ئۇلار ناھايىتى خۇشال ئىدى.
ــ مەلىم!3دە2نەتىڭجە بىلەن يەڭدۇق!
ــ ئەمدى پولو ئېلىپ بېرىسىزغۇ؟
ــ ھەئە...
ــ بەك ياخشى بولدى...
بۈگۈنكى مۇسابىقىدە قىزلار بىزنى راستىنلا كۆرەلمىدى.خەپ!ئۇلارغىمۇ نۆۋەت كىلەر.تۇمانخان بىلەن باي خېنىمنى تازا مات قىلمىسام.كىلەركى قېتىمدا بەيدۇ كوماندىسىنى ئۇتۇۋالساققۇ ،بىر ئايدىن ئارتۇق چەتئەلدە يۈرۈپ قۇلقىمىز تىنجىپ قالاتتى...



خەير. ئامان بولۇڭلار...
[ بۇ يازما باي-خېنىم تەرپىدىن 2008-01-02 22:26 دە قا ]