$2- باپ 1- دەرىس يازما يوللاش
بۇ مۇنبەرنىڭ ئاساسى ئىقتىدارى بولۇپ ئەگەر سىزنىڭ يازما يوللاش ھوقۇقىڭىز باشقۇرغۇچى تەرپىدىن جازالىنى ۋاقىتلىق ياكى مەڭگۈلۈك ئېتىپ قويمىغانلا بولسا ، ھەممە ئەزاللار ئورتاق ئىشلىتەلەيدۇ.
سىز
كۇنۇپكىسى ئارقىلىق تېما يوللىيالايسىز.
تېما يوللاش ھالىتىگە كىرگەندىن كىيىن ئاۋۋال تېمىسىنى يازىسىز.
ئەگەر تېما بېشدا رەسىم كۆرسەتمەكچى بولسىڭىز Icon دىكى رەسىملەرنىڭ بىرىنى تاللاپ قويسىڭىز بولىدۇ ياكى تاللىمىسىڭىزمۇ بولىدۇ.
تەھرىرلىگۈچنىڭ ئوڭ تەرەپىگە قارىسىڭىز بىر قىسىم ئۇچۇرلار بار
Wind Code Open ، img - Open،flash - Open دېگەندەك ، بۇلار ئايرىم ئايرىم ھالدا
uypw code نى ئىشلىتىشكە بولىدىغانلىقىنى ، img كودى ئارقىلىق رەسىم قىستۇرۇشقا بولىدىغانلىقىنى ۋە قىلەش ئەۋەتەلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
ئۇنى ئاستىغا قارىسىڭىز شۇنداق ئوماق بولغان سېستىما ئىپادىلىرى بار ، سىز بۇلارنى تېما ئارسىغا خالىغانچە قىستۇرسىڭىز بولىدۇ.
تېخىمۇ كۆپ ئىپادىنى ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز
[يەنە بار] كۇنۇپكىسىنى باسسىڭىز تېخىمۇ كۆپ ئىپادىنى كۆرەلەيسىز.
ئۇنىڭ ئاستىغا يەنە قارىسىڭىز ئۆزىڭىز تاللاپ ئىشلىتىدىغان تۈرلەر بار ، مەسىلەن ؛ HTML كۇدى ئىشلىتىش (ھوقۇقىڭىزغا قارىلىدۇ)،ئاپتوماتىك url ئانالىز،ئىمزا قوللىنىش، ئاپتوماتىك ئالماشتۇرۇش،يېڭى ئىنكاس بولسا ئۇختۇرۇش قاتارلىقلار. ئۇلارنىڭ مەنىسى :
1.
HTML كۇدى ئىشلىتىش - سىز يازغان تېمىڭىزدا HTML كودىنى ئىشلىتىپ تېخىمۇ كۆپ ئۈنۈمگە ئىگە بولالايسىز ، ئەگەر ھوقۇقىڭىز بولمىسا كۈرەڭ چىقىدۇ.
2.
ئاپتوماتىك url ئانالىز - ئەگەر ئۇلانما ئادىرىس بولۇپ قالسا شۇ ئادىرىسنى دەرىجىدىن تاشقىرى ئۇلىنىش ھالىتىدە چىقىرىپ بېرىدۇ.
3.
ئىمزا قوللىنىش - تېمىڭىزدا ئىمزا كۆرىنىدۇ.
4.
Wind Code ئاپتوماتىك ئالماشتۇرۇش - تېما ئىچىدە مۇناسىۋەتلىك كود بولسا شۇنىڭغا ماس ھالدا كودقا ئۆزگەرتىدۇ.
5.
يېڭى ئىنكاس بولسا ئۇختۇرۇش - ئەگەر باشقا ئەزالار ئىنكاس يازسا سېستىما ئېلخېتىڭىزگە بىر پارچە ئۇچۇر ئەۋەتىدۇ.
ئەمدى تەھرىرلىگۈچ ئىقتىدارلىرىنى چۈشەندۈرەي.
بۇ خەتنى توم كۆرسىتىدۇ.
بۇ خەتنى يانتۇ كۆرسىتىدۇ.
بۇ خەتنى ئاستى سىزىقلىق كۆرسىتىدۇ.
ئىناۋەتسىز خەت شەكلى
خەتنى ئاستىغا كىچىكلىتىدۇ.
خەتنى ئۈستىگە كىچىكلىتىدۇ.
نەقىل كەلتۈرۈش
كود يېزىش
سىزىق سىزىش
خەتنى ئوڭغا توغۇرلاش
خەتنى ئوتتۇرىغا توغۇرلاش
خەتنى سولغا توغۇرلاش
پۈتۈن ئابزاس بويىچە كۆرسۈتۈش
خەت رەڭگىنى تەڭشەش
خەت تەگلىك رەڭگىنى تەڭشەش
ئۇلىنىش قىلىش
ئۇلىنىشنى بېكار قىلىش
رەسىم قىستۇرۇش
كىنۇ ، ناخشا ،mp3،Flash قاتارلىقلارنى قىستۇرۇش
سودا ئۇچۇرى قوشۇش
ئاتسىغا قارىسىڭىز
خەت سانىنى تەكشۈرۈش كۇنۇپكىسى بار ، باسسىڭىز يازغان خېتىڭىزنىڭ سانىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. يېنىغا قارىسىڭىز
يۈتكەن مەزمۇننى قايتۇرۋېلىش كۇنۇپكىسى بار ، ئۇ بىرەر مەشغۇلات سەۋەبىدىن ياكى بەت يېڭىلىنىپ دېگەندەك ئىشلار تۈپەيلىدىن يازغان خەتلىرىڭىز يۈتۈپ كەتسە مۇشۇ ئىقتىدار ئارقىلىق خېتىڭىزنى ئەسلىگە كەلتۈرەلەيسىز.