ھەرسائەت تەنتەربىيە دەرسى ئۆتۈۋاتقان ۋاقىتتا خەلىپە مۇئەللىم بولمىغان بولسا ،بۇ تەنتەكلەرنى باشقۇرماق ھەقىقەتەن تەسكە چۈشەركەن .مەن بۇبالىلار ھەركۈنى دەرىستىن يانغاندا ئۇلارنى مەيدانغا ئېلىپ چىقىپ مەشق قىلدۇرىۋاتىمەن .
قايسى كۈنى ئىشخانىدا ئولتۇرسام بىر ئۇقتۇرۇش كەپتۇ.قارىسام پۇتبول مۇسابىقە ئۇقتۇرۇشى ئىكەن.بىزنڭ سەلكىن كوماندىسى گوگۇل كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىگە چۈشىدىكەنمىز ،يېڭىۋالغىان كوماندا بەيدۇ كوماندىسى بىلەن چۈشىدىكەن،يېڭىۋالغىنى ئىتالىيەگە بېرىپ ئىسپانىيەدىن كەلگەن خان جەمەتى مادرىد كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىگە چۇشىدىكەن... بۇ بىز ئۈچۈن ياخشى پۇرسەت.شۇڭا ئۇلارنى قاتتق مەشق قىلدۇرمىسام بولمايدۇ.بۇئىش سەلكىننڭ ئابرويىغا بېرىپ تاقىلىدىغان ئىش.مەن سەلكىندىكىلەردىن بىر پۇتبول كوماندىسى تەشكىللىدىم.ئۇلار تۆۋەندىكىچە:
جوكېر،قادىخان،پارول،ھۆكۈمران،باغۋەن،چايان شاھ،سەلكىن شاھ،قامچا،تەلۋە كارۋان،قەلىبداش،ئىدرىس قاتارلىقلار.
سەلكىن شاھ كوماندا باشلىقى، مەن باش تېرنېر، خەلىپە ياردەمچى تېرنېر.
ئەنە،ئۇلارمۇ مەيدانغا چىقتى.
ــ قاتارغا كېلڭلار!ئاۋۋال بەدەن قىزىتقاندىن كېيىن جۇڭگو ۋاسكىتبول كوماندىسى بىلەن بىرمەيدان دوسلۇق پۇتبول مۇسابىقىسى ئوينايمىز!(خەلىپە بۇلارغا دەرىس ئۆتسەڭ گەپنى تەتۈر قىلىدىغان بولۇپ قالىسەن دەۋاتاتتى،راسمۇ نىمە؟)
ئۇلار بۈگۈن ناھايىتى روھلۇق يۇگۇردى.شۇندقلا بۇرۇنقىدەك ئالا - تاغىل توۋلاشنىمۇ ئۇنتۇپ قالمىدى:
ــ بىز...سەلكىن...پۇتبول...چىلىقىنى...دۇنياغا...خەلقاراغا...تاشقى پىلانتقا...يۈزلەندۈرۈپ...چولپان ...بولىمىز...
تۇيۇقسىز جوكېر سەلكىن شاھنڭ شاھانە تونىنىڭ پېشىگە دەسسىۋىلىپ ،مەيداندا يەنە بوران كۆتۈرىۋەتتى.تورداشلار!ھەقچان ھەممىڭلار بىلىسىلەر.بۇ جوكېر دىگەن پور كۆتەك يەرگە يىقىلسا يىقىلغان يېرىدىن خۇددى ئاتوم بومبىسىدەك موگۇسىمان چاڭ -توزان كۆتۈرىلىدۇ.سىنىپنڭ تاملىرىغىمۇ شۇ سەۋەپتن دەز كەتكەن.سەلكىن شاھ دەر غەزەپكە كەلدى -دە،ئورنىدىن دەس تۇرۇپ جوكېرغا قاراپ ۋارقىرىدى:
ــ ھۇ ئەبلەخ!!! تېز گۇناھىڭنى تىلە!!!ئەگەر سەن يىقىلغاندا يەر يېرىلىپ كەتكەن بولسا قانداق قىلاتتڭ؟؟؟؟؟؟؟؟!!!
ــ مەن...........مەن.....................................
ــ جوكېر! بۇياققا كەل،ــ خەلىپە كۈلكىسىنى ئارانلا يىغىپ توۋلىدى ــ بولدى سەلكىن شاھ ،ئاچچىقىڭىزغا ھاي بېرىڭ...
ــ ئۆھ،ئۆھ...جوكېر بالام،ــ دېدى سادا موللام، بىزمۇ ئۇكىشىنڭ قاچان كەلگىنىنى سەزمەپتۇق ــ نېمە بولدۇڭ؟
ــ مايكام يەرگە چۈشۈپ كەتتى...
ــ مايكاڭ يەرگە چۈشۈپ كەتسە،يۈز كۆزلىرڭ نېمانچە توپا بولۇپ كەتتى؟؟؟
ــ مايكىنڭ ئىچىدە مەن تۇرسام!!!!!!!!
ــ بولدى، يىغلىما بالام...كەل ساقام، سۆيۈپ قوياي...
ــ ياق....كارىم يوق!كەمپۈت بېرىسەن!
ــ ماقۇل بالام،ماقۇل...
ــ بولدى!مەشىقنى داۋاملاشتۇرۇڭلار!!!
ــ مۇئەللىم!كەلدى!
ــ كىم كەلدى؟؟؟
ــ ھېلىقى،سىز دىگەن جۇڭگو ۋاسكىتبول كوماندىسىنڭ پۇتبولچىلىرى...
ــ مەنكى سەلكىن شاھ ئۆزۈمنى بىر كۆرسىتىپ...
ــ مەن10توپ ئۇرىمەن...
ــ سەنما؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟ ئاتە پونى!!!باج ئالمىغاندىكىن...
ــ مۇئەللىم! جوكېر چۇخىيىمنى يىرتىۋىتىپتۇ!
ــ بولدى قىلىشە!ھەممڭ،دىــــقـــقـــــــــــــــــە.............ت!!!مەيدانغا كىرڭلار!مۇسابىقە ئىككىنچى،توپ ئۇرۇش ئۈچىنچى!پاسلىشىش بەشىنچى!دوسلۇق بىرىنچى!!!
ــ توپ يېيىش تۆتىنچى!....شۇنداقمۇ مۇئەللىم؟؟؟
ــ ھوي، بىغەرەز!بولدى...
ئۇلار بۇزۇۋېتىلگەن خەنزۇتىلىدا ئالجوقا توۋلاپ مەيدانغا كىردى:
ــ ۋومن...با سەيلىكېن زۇچۇر،شىياڭ شجې،ۋومن...يىدڭ ...زوشىياڭ ...چۈەن شجې................
مۇسابىقە باشلاندى،جۇڭگو ۋاسكىتبول... ياق،ياق،ياق،پۇتبول كوماندىسىنڭ ئەزالىرى توپنى ۋارتارغا ناھايىتى بىسىم بىلەن تېپەتتى.جوكېر بۇ توپلارنى توسىۋېرىپ ،قولى ئاغرىپ ۋارقىراپ كەتتى:
ــ ئوخخو!!!ماۋۇ چۆپچىلەر توپنى بەك تىپەمدۇ -يە!!!يې!!!بالاڭزا!سەندە ئاشۇنداق دادادى تىلى قىلساڭ ۋودې شوۋ تڭلى قىلمامدا؟؟؟!!!
ــ جوكېر !توپقا قارا!!!
ــ ھە!مانا!!!
ئۇلارچەبدەسلىك بىلەن ئويناپ،بۈگۈنكى دوستلۇق مۇسابىقىسىنى ئاياقلاشتۇردى.ئۇلاردا ۈايىقى كالامپايلىقتىن ئەسەرمۇ يوق ئىدى.گەرچە نەتىجە0:0بولسىمۇ..........نېمىلەرنى دەپ كەتتىم.دوستلۇق مۇسابىقىسى ئەمەسمۇ.........
ھەر بىر تورداشلار!!!بىز چوقۇم ھەممە كوماندىنى يېڭىپ،سەلكىننى دۇنياغا،تاشقى پىلانىتقا،پۈتكۈل كائىناتقا يۈزلەندۈرىمىز.بۇ ھەر بىر كوماندا ئەزاسىنڭ،ھەربىر سەلكىن گىراژدانىنڭ ئارزۇسى!!!!!!!!!!!
ئامان بولۇڭلار!!!!!!!!!!!!!!!!!