مەن سەلكىن قوروسىنڭ ئۇزاقتىن بۇيانقى مېھمىنى بولساممۇ،تېخى بىرنەچچە كۇن ئىلگىرىلا ئەزا بولۇپ كىردىم.ئۆزۈم تەنتەربىيە ھەۋەسكارى بولساممۇ،بەزى تۈرلەرگە كەلگەندە خېلىلا كۆزگە كۆ رۈنەرلىك.بولۇپمۇ پۇتبول ، ۋاسكىتبولدا.
بىر كۈنى بۇ قورودىكى يېڭى قوشنام خەلىپە بىلەن پاراڭلىشىپ ئولتۇرۇپ قالدىم.ئۇ ئۆزىنڭ پارول،قادىخان،تەلۋە كارۋان،جوكېر قاتارلق ئوقۇغۇچىلارغا ئەدەبىيات دەرسى بېرىۋاتقانلىقىنى ،ئو قۇغۇچىلارنڭ بەكلا كەپسىز ئىكەنلىكىنى ئېيتتى:
---ئۇلارنڭ ئەسكىلىكىنى دىمەيلا قوي،كۈندە يېڭى ئىش تېرىپلا تۇرغان،بۈگۈن جوكېر دىگەن پور سېمىز <بىزگە تەنتەربىيە دەرسى ئۆتۈشى كېرەك ...>دەپ جار سالدى،.....ھازىر تەنتەربىيە ئوقۇتقۇچىسى تاپالماي يۈرىمەن...
---ئاداش! بولمىسا دەرىسنى مەن بېرەيمۇ؟---بۇ گەپ بىكارچىلىقتا يۈر گىنىمدە موكلا خوشياقتى---مەنمۇ بۇ كەسىپكە خېلىلا پۇختا...
---مەيلىغۇ!---خەلىپەخۇش بولۇپ كەتتى---ئادەمنى قەۋەتلا خۇش قىلدىڭغۇ!مەن سادا موللامغا مەسلھەت سالاي!
ئەتىگەندىلا سىنىپنڭ ئالدىغا كەلدىم.خەلىپە ئوقۇغۇچىلارنى مەيدانغا چىقىرىپ بولالماي ۋارقىراۋاتاتتى:
---چىقىشمامسەن! ئۇيغۇر شاھ كەپ بولدى!!!
---ھە؟!!!نەنڭ پادىشاھى؟؟؟!!!!!!!!!!!
---بىزنى باشقۇرالماي پادىشاھ ئەكەپتۇ -دە!!!
---مۇئەللىم!!!جوكېر پايپىقىمنى تىقىۋاپتۇ.
---مېڭىشە!!!دەيۈزلەر!!!
خەلىپە ئوقۇغۇچىلارنى قوغلاپ چىقتى.
---مەن تېخى بىرەر دۆلەتنڭ ......
---ھەممڭ!!!دىققەت!!!!!تەنتەربىيە ھەيىتى ئالدىغا چىق!!!
--- ...............
---تەنتەربىيە ھەيىتى!!!
---تەنتەربىيە بايرىمى دەپ ئاڭلىغان ،بىراق تەنتەربىيە <<ھېيت>>ى دەپ...
---ھەي!!!بەدبەخت!!!!!
--- ..............
--- تەنتەربىيە باشلىقى يوقما؟؟؟
---يوق!!!
---ھە!بولدى، بۈگۈندىن تارتىپ ..ھوي!بەدرەڭ!سەن!!!ئىسمىڭ؟؟؟!!!ھە؟؟؟!!!قادىخان؟؟!!!سەن تەنتەربىيە باشلىقى!!!
---لەببەي!ئۇيغۇرئالىلىرى!!!
---ھەممىڭ پۇتبول مەيدانىنى 4قېتىم ئايلىنىش!!!!
---ھە؟؟؟؟؟؟؟؟؟
---ماڭ!!!!!!!
---خوپ!!!!!!!!!!!!!!!!
بۇ بەتبەشىرىلەر مەيداندىن بوران كۆتۈرۈپ يۈگرەشكە باشلىدى.<<سەلكىن....تەنتەر...بىيەسىنى...دۇنياغا...يۈزلەندۈرۈپ...دۇنياغا ....يۈزلىنەيلى.....>>ئۇلار ئالا-تاغىل ۋارقىراپ مەيداننى بېشىغا كىيدى.
---بۇ شۇملار،---دەپ ئېغىز ئاچتى ۋارتارنىڭ توغرا ياغىچى ئۈستىدە يانپاشلاپ كىتاپ كۆرۈۋاتقان خەلىپە مۇئەللىم---بەك گەپ ئا ڭلايدۇ جۇمۇڭ!!!
دەل شۇچاغدا ئۇلار بۇ تەرەپكە كېلىشىگىلا جوكېر دىگەن پور كۆتەك پالاقشىپ يىقىلىپ ۋارتار غا ئۈستى.كەينىدىنلاقالغانلار جوكېرغا پۇتلىشىپ دۈم چۈشتى.جوكېرئەڭ ئاستىدا پۇشۇلداپ ياتاتتى.پارولنڭ بىر پۇتى جوكېرنڭ ئىشتىنىنڭ پۇچقىقىدا،بىر پۇتى قورسىقىدا،پاقىچىلاپ ياتاتتى.قادىخان تەلۋە كارۋان بىلەن پارولنڭ ئاستىدا قالغان بولۇپ ئىككىسىنڭ ئارلىقىدىن بېشىنى چىقىرىپ ھىجىيىۋاتاتتى.خەلىپە مۇئەللىم نەگە كەتتىكىن بايا تېخى...
---ھەممىڭ تۇرۇش!!!
ھەممىسى چاڭ توزۇتۇپ ئورنىدىن تۇرۇشتى.يەردە خەلىپە مۇ ئەللىمنڭ يوغان كىتابىلا تۇراتتى.دەل شۇ چاغدا خەلىپە مۇ ئە للىم كىتابنڭ ئا ستىدىن ئىنجىقلاپ تۇردى:
---مەن.....مەن.....ھەممىڭ سىنىپقا كىر!!!!
---خوپ!!!
بۈگۈنكى دەرسىمغۇ مۇشۇ يەردە ئاخىرلاشتى.بىراق،كېيىنكى ساگتلەردە نېمە ئىشلار بولار؟؟؟؟؟؟؟!!!!!
سەلكىن قوروسىدىن مەندىن باشقا بىرەر تەنتەربىيە ئوقۇتقۇچىسى چىققان بولسا نەقەدەر ياخشى بولاتتى -ھە!!!
[ بۇ يازما باي-خېنىم تەرپىدىن 2007-12-26 22:38 دە قا ]