ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﺯﺍﻣﺎﻧﺪﺍ ﻗﺎﺳﯩﻤﺎﺧﯘﻥ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﺳﺴﺎﭖ ﺋﯚﺗﻜﻪﻧﯩﻜﻪﻥ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﺎﺑﺪﯗﻟﻼ ﯞﻩ ﭘﻪﺯﯨﻠﻪﺗﺨﺎﻥ ﺋﯩﺴﯩﻤﻠﯩﻚ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺑﺎﻟﯩﺴﻰ ﺑﺎﺭ ﺋﯩﻜﻪﻥ. ﻗﺎﺳﯩﻤﺎﺧﯘﻥ ﻗﺎﺳﺴﺎﭘﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻳﯜﺭﮔﻪﻥ ﻛﯜﻧﻠﯩﺮﯨﺪﻩ، ﺋﻪﺭﺯﺍﻥ ﺋﯧﻠﯩﭗ، ﻗﯩﻤﻤﻪﺕ ﺳﯧﺘﯩﭗ، ﺑﻪﺯﯨﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﻳﺎﻍ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭘﻪﺵ، ﺑﻪﺯﯨﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﮔﯚﺵ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﻪﺯ ﺳﯧﺘﯩﭗ ﺑﯧﻴﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﭙﺘﯘ. Ze.J*iok
ﻛﯜﻧﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﯨﺪﻩ ﻗﺎﺳﯩﻤﺎﺧﯘﻥ ﻳﺎﻣﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﭼﯜﺵ ﻛﯚﺭﯛﭘﺘﯘ. ﺋﻪﺗﯩﺴﻰ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻛﯚﯕﻠﻰ ﻏﻪﺵ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﯘﻳﺎﻥ ﺋﻮﻳﻼﭘﺘﯘ، ﺑﯘﻳﺎﻥ ﺋﻮﻳﻼﭘﺘﯘ. ﺋﺎﺧﯩﺮ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﻳﯧﻘﯩﻦ ﺩﻭﺳﺘﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻗﺎﺯﺍﺧﯘﻧﯘﻣﻨﻰ ﺋﯚﻳﯩﮕﻪ ﭼﺎﻗﯩﺮﯨﭗ ﻣﯧﻬﻤﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩﭙﺘﯘ ﯞﻩ ﺳﯚﺯ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﺍ: K.-Y`_TUZ
- ﻗﺎﺯﺍﺧﯘﻧﯘﻡ، ﺗﯜﻧﯜﮔﯜﻥ ﺋﺎﺧﺸﺎﻡ ﺑﯩﺮ ﻏﻪﻟﯩﺘﻪ ﭼﯜﺵ ﻛﯚﺭﯛﭖ ﻗﺎﻟﺪﯨﻢ، ﺑﯘ ﭼﯜﺷﯜﻣﮕﻪ ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺑﯩﺮ ﺑﯧﺮﯨﭗ، ﻣﻪﻥ ﮔﯘﻧﺎﻫﻜﺎﺭﻧﯩﯔ ﻛﯚﯕﻠﯩﻨﻰ ﻳﻮﺭﯗﺗﺎﺭ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺋﻮﻱ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﺎﯞﺍﺭﻩ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺘﯩﻢ، - ﺩﻩﭖ ﭼﯜﺷﯩﻨﯩﯔ ﺗﻪﭘﺴﯩﻼﺗﯩﻨﻰ ﺋﯧﻴﺘﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﭙﺘﯘ. ﻗﺎﺯﻯ: 4GG/\T7
- ﻫﻪﻱ ﻗﺎﺳﯩﻤﺎﺧﯘﻥ، ﺳﯩﻠﯩﻨﯩﯔ ﺑﯘ ﻛﯚﺭﮔﻪﻥ ﭼﯜﺷﻠﯩﺮﻯ ﻳﺎﻣﺎﻧﻠﯩﻘﻨﯩﯔ ﺋﺎﻻﻣﯩﺘﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﯘ ﮔﯘﻧﺎﻫﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺗﺎﻏﺪﯨﻨﻤﯘ ﺋﯧﺸﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﯩﯔ ﺑﯧﺸﺎﺭﯨﺘﯩﺪﯗﺭ، - ﺩﻩﭘﺘﯘ. ﻗﺎﺳﯩﻤﺎﺧﯘﻥ ﻗﺎﺯﯨﺪﯨﻦ: yBr?0L#
- ﺷﻪﺭﯨﺌﻪﺗﺘﻪ ﺑﯘ ﭘﺎﻻﻛﻪﺗﺘﯩﻦ ﻗﯘﺗﯘﻟﯘﺷﻨﯩﯔ ﻳﻮﻟﻰ ﺑﺎﺭﻣﯩﺪﯗ؟ - ﺩﻩﭖ ﺳﻮﺭﺍﭘﺘﯘ. ﻗﺎﺯﻯ: zc4.v!2z
ﺋﻪﻟﯟﻩﺗﺘﻪ ﺑﺎﺭ، ﻣﻪﻧﭽﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﺍ ﻫﻪﺝ ﻗﯩﻠﯩﺸﻨﯩﯔ ﺳﺎﯞﺍﺑﯩﻐﺎ ﻫﯧﭽﻨﯧﻤﻪ ﻳﻪﺗﻤﻪﻳﺪﯗ. ﻫﻪﺝ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻳﺎﻧﺴﯩﻼ، ﺋﯩﻨﺸﺎﺋﺎﻟﻼ ﺧﯘﺩﺍﯞﻩﻧﺪﻯ ﻛﯧﺮﯨﻢ ﮔﯘﻧﺎﻫﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺳﺎﻗﯩﺖ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﻫﻪﺭ ﺋﯩﻜﻜﯩﻼ ﺋﺎﻟﻪﻣﻨﻰ ﺳﯩﻠﯩﮕﻪ ﻳﻮﺭﯗﻕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻱ، - ﺩﻩﭘﺘﯘ. 4}&2WK<=
ﺷﯘ ﻛﯜﻧﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼﭖ ﻗﺎﺳﯩﻤﺎﺧﯘﻥ ﺳﻪﭘﻪﺭ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻟﯩﻘﯩﻐﺎ ﻛﯩﺮﯨﺸﯩﭙﺘﯘ. ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻟﯩﻘﯩﯖﻼﺭ ﭘﯜﺗﯜﺷﻜﻪ ﺋﺎﺯ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﺪﺍ، ﺋﯘ ﻳﻪﻧﻪ ﻗﺎﺯﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯚﺭﯛﺷﯜﭖ ﺳﻮﺭﺍﭘﺘﯘ:
1:&t
b#
- ﺳﻪﭘﯩﺮﯨﻤﺪﻩ ﺑﯩﺮ ﻧﺎﺯﯗﻙ ﻣﯜﺷﻜﯜﻻﺕ ﺗﯘﺭﯨﺪﯗ؟ *;_@8Q@Z
- ﺋﯧﻴﺘﺴﯩﻼ، ﻫﻪﺭ ﻧﯩﭽﯜﻙ ﻣﯜﺷﻜﯜﻻﺕ ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﻣﻪﻥ - ﭘﯧﻘﯩﺮ ﻛﯜﭼﯜﻣﻨﯩﯔ ﻳﯧﺘﯩﺸﯩﭽﻪ ﻗﺎﺭﯨﺸﯩﭗ ﺑﯧﺮﻩﻱ، - ﺩﻩﭘﺘﯘ ﻗﺎﺯﻯ. d3<|ZG,{~
- ﺋﯘ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﯨﮕﻪ ﺋﺎﻳﺎﻧﻜﻰ، - ﺩﻩﭘﺘﯘ ﺳﻮﺩﯨﮕﻪﺭ، - ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﺮﯨﻤﻨﯩﯔ ﺋﺎﻧﯩﺴﻰ ﻳﻮﻕ. ﻣﻪﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎﻡ ﺋﻮﻏﻠﯘﻡ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺳﻪﭘﻪﺭ ﻗﯩﻠﻤﺎﻗﭽﻰ، ﻗﯩﺰﯨﻢ ﭘﻪﺯﯨﻠﻪﺗﺨﺎﻧﻨﻰ ﺑﯩﻠﻠﻪ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻳﯜﺭﯛﺵ ﺑﯩﺌﻪﭖ. ﺷﯘﯕﺎ ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﯨﺪﻩﻙ ﺋﯚﻟﯩﻤﺎ ﺯﺍﺗﻨﻰ ﻣﻪﻥ ﺳﻪﭘﻪﺭﺩﯨﻦ ﻳﺎﻧﻐﯘﭼﻪ ﻗﯩﺰﯨﻤﻐﺎ ﺋﺎﺗﯩﺪﺍﺭﭼﯩﻠﯩﻖ ﻗﯩﻼﺭﻣﯩﻜﯩﻦ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻧﯩﻴﻪﺗﺘﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﯩﺪﯨﻢ. ~'@R}1g;
ﻗﺎﺯﻯ ﻣﺎﻗﯘﻝ ﺑﻮﻟﯘﭘﺘﯘ. ﺷﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻗﺎﺳﺴﺎﭖ ﻳﯜﻙ - ﺗﺎﻗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﯧﯖﯩﭗ، ﺋﺎﻟﺘﯘﻥ - ﻛﯜﻣﯜﺷﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻛﻮﻻﭖ ﺋﯧﻠﯩﭗ، ﻗﺎﺯﯨﻐﯩﻤﯘ ﻛﯚﭖ ﻧﻪﺭﺳﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﻳﻮﻟﻐﺎ ﭼﯩﻘﯩﭙﺘﯘ. ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﭘﻪﺯﯨﻠﻪﺗﺨﺎﻥ ﻗﺎﺯﯨﻨﯩﯔ ﺋﯚﻳﯩﺪﻩ ﻗﺎﭘﺘﯘ. X'Kp!|]_
ﭘﻪﺯﯨﻠﻪﺗﺨﺎﻥ ﺑﻪﺩﻩﻧﻠﯩﺮﻯ ﻗﺎﺵ ﺗﯧﺸﯩﺪﻩﻙ ﺳﯜﺯﯛﻙ، ﭼﯩﺮﺍﻳﻰ ﻗﯩﺰﺍﺭﻏﺎﻥ ﺋﺎﻟﻤﯩﺪﻩﻙ ﺭﻩﯕﺪﺍﺭ، ﺋﺎﯞﺍﺯﻯ ﺑﯘﻟﺒﯘﻟﻨﯩﯖﻜﯩﺪﻩﻙ ﺧﯘﺷﺨﯘﻱ، ﻛﯚﺯﻟﯩﺮﻯ ﺑﯘﻻﻗﺘﻪﻙ، ﺋﺎﻏﺰﻯ ﺋﻮﻳﻤﺎﻗﺘﻪﻙ، ﺋﯚﺯﻯ ﺯﯦﺮﻩﻙ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺰ ﺋﯩﻜﻪﻥ. ﻣﺎﯕﺴﺎ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻗﺎﭘﻘﺎﺭﺍ ﺳﯘﻣﺒﯘﻝ ﭼﺎﭼﻠﯩﺮﻯ ﻳﯩﭙﻪﻛﺘﻪﻙ ﺋﻪﯞﺭﯨﺸﯩﻢ ﺑﻮﻳﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﭼﯩﺮﻣﯩﺸﯩﭗ، ﺗﺎﭘﯩﻨﯩﻨﻰ ﻳﯚﮔﻪﭖ ﺗﯘﺭﯨﺪﯨﻜﻪﻥ. 25e6F 3<
ﻗﺎﺯﻯ ﭘﻪﺯﯨﻠﻪﺗﺨﺎﻧﻨﻰ ﻛﯚﺭﯛﺷﻰ ﺑﯩﻠﻪﻧﻼ ﺋﯩﭽﯩﮕﻪ ﺋﻮﺕ ﭼﯜﺷﯜﭖ، ﻛﯚﻛﺴﯩﮕﻪ ﭼﯜﺷﻜﻪﻥ ﺋﺎﻕ ﺳﺎﻗﯩﻠﻰ ﻛﯚﻳﯜﭖ ﺗﯜﺗﯜﻧﮕﻪ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻧﺪﻩﻙ ﺑﻮﻟﯘﭘﺘﯘ. ﭘﻪﺯﯨﻠﻪﺗﺨﺎﻧﻨﯩﯔ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﯩﺪﺍ ﭘﻪﺭﯞﺍﻧﯩﺪﻩﻙ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﭗ، ﭘﻪﻳﺖ ﻛﯧﻠﯩﺸﯩﻨﻰ ﺗﻪﻗﻘﺎﺯﺍﻟﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯜﺗﯜﭘﺘﯘ. ﭘﻪﺯﯨﻠﻪﺗﺨﺎﻥ ﻗﺎﺯﯨﻨﯩﯔ ﻛﯚﺯﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﺷﻪﻫﯟﺍﻧﯩﻴﻪﺕ ﺋﯘﭼﻘﯘﻧﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻛﯜﻧﺪﯨﻦ - ﻛﯜﻧﮕﻪ ﻳﺎﻟﻘﯘﻧﺠﺎﭖ ﻛﯧﺘﯩﭗ ﺑﺎﺭﻏﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﯛﭖ ﻗﻮﺭﻗﯩﺪﯨﻜﻪﻥ، ﻛﯧﭽﻪ - ﻛﯧﭽﯩﻠﯩﺮﻯ ﺋﺎﺗﺎ - ﺋﺎﻧﯩﺴﯩﻨﻰ، ﺋﺎﻛﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﻪﺳﻠﻪﭖ ﺯﺍﺭ - ﺯﺍﺭ ﻳﯩﻐﻼﭖ ﭼﯩﻘﯩﺪﯨﻜﻪﻥ. Ee<\-1?
ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻧﻰ ﭘﺎﺩﯨﺸﺎﻫﻨﯩﯔ ﺧﻮﺗﯘﻧﻠﯩﺮﻯ ﻗﺎﺯﯨﻨﯩﯔ ﺋﯚﻱ ﺋﯩﭽﯩﻨﻰ ﭼﺎﻳﻐﺎ ﭼﯩﻠﻼﭘﺘﯘ. ﭘﻪﺯﯨﻠﻪﺗﺨﺎﻧﻤﯘ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻟﯩﻨﯩﭙﺘﯘ. ﺑﯘ ﭘﯘﺭﺳﻪﺗﻨﻰ ﻗﻮﻟﺪﯨﻦ ﺑﻪﺭﮔﯜﺳﻰ ﻛﻪﻟﻤﯩﮕﻪﻥ ﻗﺎﺯﻯ ﭘﻪﺯﯨﻠﻪﺗﺨﺎﻧﻐﺎ: d^+s5MO n|
- ﺳﯩﺰ ﻛﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﻣﺎﻧﯩﺘﻰ، ﭼﺎﻳﻐﺎ ﺑﯧﺮﯨﺸﯩﯖﯩﺰﻧﻰ ﻣﺎﻗﯘﻝ ﻛﯚﺭﻣﻪﻳﻤﻪﻥ، - ﺩﻩﭖ ﺭﯗﺧﺴﻪﺕ ﻗﯩﻠﻤﺎﭘﺘﯘ. ﻗﯩﺰ ﻧﺎﺋﯩﻼﺝ ﺋﯚﻳﺪﻩ ﻗﺎﭘﺘﯘ. &l@`z
ﭼﯜﺷﻜﻪ ﻳﯧﻘﯩﻦ ﻗﺎﺯﻯ ﭘﻪﺯﯨﻠﻪﺗﺨﺎﻧﻨﻰ ﻗﯩﭽﻘﯩﺮﯨﭗ: ]?(g}vZ+$e
- ﺋﯚﻳﺪﯨﻜﯩﻠﻪﺭ ﻛﻪﻟﻤﯩﺪﻯ، ﺳﯩﺰ ﻣﺎﯕﺎ ﺗﻪﺭﻩﺗﻜﻪ ﺳﯘ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻻﭖ ﺑﯧﺮﯨﯔ، - ﺩﻩﭘﺘﯘ. +k-x=QyL
ﻗﯩﺰ ﺋﺎﭘﺘﯘﯞﯨﻐﺎ ﺳﯘ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﯩﻜﻪﻥ، ﻗﺎﺯﻯ ﺋﺎﭘﺘﻮﯞﯨﻐﺎ ﻗﻮﻝ ﺋﯘﺯﺍﺗﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﻗﯩﺰﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﯩﻜﯩﺪﯨﻦ ﻛﺎﭖ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﯘﺗﯘﯞﯦﻠﯩﭗ: wn(qhtZ
- ﻣﯧﻨﻰ ﻗﯩﻴﻨﯩﻤﺎﯓ، - ﺩﭘﺘﯘ. ﭘﻪﺯﯨﻠﻪﺗﺨﺎﻥ: \V|i]~x?z
- ﺳﯩﻠﻰ ﺩﺍﺩﺍﻣﻨﯩﯔ ﺋﻮﺭﻧﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﺩﻩﻡ، ﺑﯘ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﻯ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﺋﻪﻣﻪﺱ، - ﺩﯦﺴﻪ ﻗﺎﺯﻯ: nc5`0Evm
- ﻫﺎﺯﯨﺮ ﻣﺎﯕﺎ ﺋﯘﻧﺪﺍﻕ ﮔﻪﭘﻨﯩﯔ ﻛﯧﺮﯨﻜﻰ ﻳﻮﻕ. ﻣﻪﻥ ﺳﯩﺰﻧﻰ ﺋﺎﺭﺍﻥ ﻗﻮﻟﻐﺎ ﭼﯜﺷﯜﺭﺩﯛﻡ، - ﺩﻩﭖ ﭘﻪﺯﯨﻠﻪﺗﺨﺎﻧﻐﺎ ﻳﯧﻘﯩﻨﻠﯩﺸﯩﭙﺘﯘ. |B2wU5
ﺋﺎﭼﭽﯩﻘﺘﯩﻦ ﻳﯧﺮﯨﻠﻐﯘﺩﻩﻙ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﭘﻪﺯﯨﻠﻪﺗﺨﺎﻥ ﺋﺎﭘﺘﯘﯞﺍ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﺎﺯﯨﻨﯩﯔ ﭘﯧﺸﺎﻧﯩﺴﯩﮕﻪ ﺑﯩﺮﻧﻰ ﺋﯘﺭﻏﺎﻧﯩﻜﻪﻥ، ﻗﺎﺯﯨﻨﯩﯔ ﭘﯧﺸﺎﻧﯩﺴﻰ ﻳﯧﺮﯨﻠﯩﭙﺘﯘ. ﻗﺎﺯﻯ ﭘﯧﺸﺎﻧﯩﺴﯩﻨﻰ ﺗﯘﺗﯘﭘﻼ ﻗﺎﭘﺘﯘ، ﻗﯩﺰ ﭘﯘﺭﺳﻪﺗﻨﻰ ﻏﻪﻧﯩﻴﻤﻪﺕ ﺑﯩﻠﯩﭗ ﻗﯧﭽﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﭗ، ﺋﯚﺯ ﻫﯘﺟﺮﯨﺴﯩﻐﺎ ﻛﯩﺮﯨﯟﺍﭘﺘﯘ. R:qjt/,q<
ﺷﯘ ﻛﯜﻧﯩﻼ ﻗﺎﺯﻯ ﻗﯩﺰﻧﯩﯔ ﺩﺍﺩﯨﺴﯩﻐﺎ >ﻗﯩﺰﯨﯖﯩﺰ ﺳﯩﺰ ﻛﻪﺗﻜﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻨﻼ ﻳﻮﻟﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﯩﭗ، ﻧﺎﻣﯩﯖﯩﺰﻧﻰ ﺑﯘﻟﻐﺎﺷﻘﺎ ﺑﺎﺷﻠﯩﺪﻯ. ﺋﺎﺗﺎ ﺋﻮﺭﻧﯩﺪﺍ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﻧﻪﺳﯩﻬﻪﺕ ﻗﯩﻠﺴﺎﻡ، ﻣﯧﻨﻰ ﻫﺎﻗﺎﺭﻩﺗﻠﻪﭖ، ﻫﻪﺗﺘﺎ ﺑﯧﺸﯩﻤﻨﯩﻤﯘ ﻳﺎﺭﺩﻯ. ﺷﯘﯕﺎ ﻗﯩﺰﯨﯖﯩﺰﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﻗﻮﻟﯩﯖﯩﺰﻏﺎ ﺋﯧﻠﯩﯔ...< ﺩﻩﭖ ﺧﻪﺕ ﻳﯧﺰﯨﭗ، ﻛﺎﺭﯞﺍﻧﻼﺭﺩﯨﻦ ﻣﺎﯕﺪﯗﺭﯗﯞﯦﺘﭙﺘﯘ. ﺧﻪﺗﻨﻰ ﻳﻮﻝ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﻩ ﺗﺎﭘﺸﯘﺭﯗﯞﺍﻟﻐﺎﻥ ﻗﺎﺳﺴﺎﭖ ﻏﻪﺯﻩﭘﻜﻪ ﻛﻪﭘﺘﯘ ﻫﻪﻡ ﺋﻮﻏﻠﻰ ﺋﺎﺑﺪﯗﻟﻼﻧﻰ ﻗﻪﺳﻪﻡ ﺋﯩﭽﻜﯜﺯﯛﭖ، ﭘﻪﺯﯨﻠﻪﺗﻨﻰ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﯛﭖ ﻳﯜﺭﯨﻜﯩﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﺸﻜﻪ ﺑﯘﻳﺮﯗﭘﺘﯘ. BZIp?Qn
ﺋﺎﺑﺪﯗﻟﻼ ﻛﯧﭽﻪ - ﻛﯜﻧﺪﯛﺯﻟﻪﭖ ﻳﻮﻝ ﻳﯜﺭﯛﭖ، ﻳﯜﺭﮔﻪﻧﺪﯨﻤﯘ ﻣﻮﻝ ﻳﯜﺭﯛﭖ ﺋﯚﻳﯩﮕﻪ ﻗﺎﻳﺘﯩﭗ ﻛﻪﭘﺘﯘ. ﺳﯩﯖﻠﯩﺴﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﯛﭖ، ﻳﯩﻐﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﺎﯕﻼﭖ، ﺋﯘﻧﻰ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﯛﺷﻜﻪ ﻗﻮﻟﻰ ﺑﺎﺭﻣﺎﭘﺘﯘ. ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﺑﺪﯗﻟﻼ ﺳﯩﯖﻠﯩﺴﯩﻐﺎ: )1e9IIq
- ﺩﺍﺩﺍﻣﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ ﻗﯘﺭﺋﺎﻥ ﺗﯘﺗﯘﭖ ﻗﻪﺳﻪﻡ ﺋﯩﭽﻜﻪﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎﻣﻤﯘ، ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺳﯧﻨﻰ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﯛﺷﻜﻪ ﻗﻮﻟﯘﻡ ﺑﺎﺭﻣﯩﺪﻯ. ﺑﯘ ﻳﯘﺭﺗﺘﯩﻦ ﺑﯧﺸﯩﯖﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻛﻪﺕ. ﺋﺎﻟﻪﻣﻨﯩﯔ ﺋﯧﺘﯩﻜﻰ ﻛﻪﯓ، - ﺩﻩﭘﺘﯘ. 75lOSSf|"
ﺋﺎﺑﺪﯗﻟﻼ ﺳﯩﯖﻠﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﺎﭼﯘﺭﯞﻩﺗﻜﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺑﯩﺮ ﻗﻮﻳﻨﻰ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﯛﭖ، ﻳﯜﺭﯨﻜﯩﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ، ﻳﻪﻧﻪ ﺩﺍﺩﯨﺴﯩﻨﯩﯔ ﻳﯧﻨﯩﻐﺎ ﻳﯧﻨﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﭙﺘﯘ. ~qNBeMJS
ﺋﻪﻣﺪﻯ ﮔﻪﭘﻨﻰ ﭘﻪﺯﯨﻠﻪﺗﺨﺎﻧﺪﯨﻦ ﺋﺎﯕﻼﻳﻠﻰ: pb}alB#:Qk
ﭘﻪﺯﯨﻠﻪﺗﺨﺎﻥ ﻗﻪﻟﻪﻧﺪﻩﺭﭼﻪ ﻛﯩﻴﯩﻨﯩﭗ، ﺷﻪﻫﻪﺭﺩﯨﻦ ﭼﯩﻘﻘﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺩﻩﺭﻳﺎﻧﻰ ﺑﻮﻳﻼﭖ ﻳﻮﻝ ﻳﯜﺭﯛﭘﺘﯘ، ﻳﻮﻝ ﻳﯜﺭﺳﯩﻤﯘ ﻣﻮﻝ ﻳﯜﺭﯛﭘﺘﯘ. ﺳﯘﻻﺭﻧﻰ ﻛﯧﭽﯩﭙﺘﯘ، ﭼﯚﻟﻠﻪﺭﻧﻰ ﻛﯧﺰﯨﭙﺘﯘ، ﺩﯙﯕﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺋﯧﺸﯩﭙﺘﯘ، ﺋﺎﺧﯩﺮ ﺋﺎﺩﻩﻣﺰﺍﺗﺘﯩﻨﻤﯘ، ﮔﯩﻴﺎﻫﺪﯨﻤﯘ ﺋﻪﺳﻪﺭ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ﻗﯘﻣﻠﯘﻗﻘﺎ ﻛﯩﺮﯨﭗ ﻗﺎﭘﺘﯘ. ﺋﯘﻳﺎﻥ ﻣﯧﯖﯩﭙﺘﯘ، ﺑﯘﻳﺎﻥ ﻣﯧﯖﯩﭙﺘﯘ، ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩﯨﻦ ﻫﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻛﯧﺘﻪﻟﻤﻪﭘﺘﯘ، ﻗﯩﺰ ﺋﯘﺳﺴﯘﺯﻟﯘﻕ ﻫﻪﻡ ﺋﺎﭼﻠﯩﻘﺘﯩﻦ ﻫﺎﻟﺴﯩﺰﻟﯩﻨﯩﺸﻘﺎ ﺑﺎﺷﻼﭘﺘﯘ. ﺋﯘ >ﺋﻪﻣﺪﻯ ﺋﯚﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺪﯗﻡ< ﺩﻩﭖ ﺋﻮﻳﻼﭖ، ﺑﯩﺮ ﻗﯘﻡ ﺩﯙﯕﻨﯩﯔ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﭼﯩﻘﯩﭗ، ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﻗﯘﻣﻐﺎ ﺗﺎﺷﻼﭘﺘﯘ، ﻳﯩﻐﻼ - ﻳﯩﻐﻼ ﻫﻮﺷﯩﺪﯨﻦ ﻛﯧﺘﯩﭙﺘﯘ. ﺩﻩﻝ ﺷﯘ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺑﯩﺮ ﻳﯘﺭﺗﻨﯩﯔ ﭘﺎﺩﯨﺸﺎﻫﻰ ﯞﻩﺯﯨﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺷﯩﻜﺎﺭﻏﺎ ﭼﯩﻘﻘﺎﻧﯩﻜﻪﻥ. ﺋﯘ ﻛﯧﺘﯩﯟﺍﺗﺴﺎ ﻗﻮﻟﯩﺪﯨﻜﻰ ﻗﯘﺵ ﺋﯘﭼﯘﺷﻘﺎ ﺗﻪﻟﭙﯜﻧﯜﭘﺘﯘ. ﭘﺎﺩﯨﺸﺎﻫ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﻫﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﺑﯩﺮ ﻧﻪﺭﺳﯩﻨﯩﯔ ﻗﺎﺭﯨﺴﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﻣﻪﭘﺘﯘ. ﻗﯘﺵ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻫﻪﺩﻩﭖ ﺋﯘﭼﯘﺷﻘﺎ ﺗﻪﻟﭙﯜﻧﮕﯜﺩﻩﻙ. ﺑﯘﻧﻰ ﻛﯚﺭﮔﻪﻥ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﯩﺪﯨﻜﯩﻠﻪﺭ: DT6Qr4K<
- ﭘﺎﺩﯨﺸﺎﻫﯩﻢ، ﻗﯘﺷﻨﻰ ﻗﻮﻳﯘﯞﯦﺘﻪﻳﻠﻰ، - ﺩﻩﭘﺘﯘ. v%l}zt{s
ﭘﺎﺩﯨﺸﺎﻫ ﻗﻮﻟﯩﺪﯨﻜﻰ ﻗﯘﺷﻨﻰ ﻗﻮﻳﯘﯞﯦﺘﯩﭙﺘﯘﯓ. ﻗﯘﺵ ﺗﯩﻚ ﺋﯚﺭﻟﻪﭖ، ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﻳﯩﺮﺍﻗﺘﯩﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﺩﯙﯕﻨﯩﯔ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﺋﯧﺘﯩﭙﺘﯘ. ﭘﺎﺩﯨﺸﺎﻫ ﺋﺎﺕ ﭼﺎﭘﺘﯘﺭﯗﭖ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﻗﺎﺭﯨﻐﯘﺩﻩﻙ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻗﯘﺷﻨﯩﯔ ﺋﺎﻳﯩﻐﻰ ﺋﺎﺳﺘﯩﺪﺍ ﺋﺎﻱ ﺩﯦﺴﻪ ﺋﺎﻱ ﺋﻪﻣﻪﺱ، ﻛﯜﻥ ﺩﯦﺴﻪ ﻛﯜﻥ ﺋﻪﻣﻪﺱ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺰ ﻫﻮﺷﺴﯩﺰ ﻳﺎﺗﻘﯘﺩﻩﻙ. ﭘﻪﺯﯨﻠﻪﺗﺨﺎﻧﻨﯩﯔ ﻫﯚﺳﯩﻦ - ﺟﺎﻣﺎﻟﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﯛﭖ، ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺋﺎﺷﯩﻘﻰ ﺑﯩﻘﺎﺭﺍﺭ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﭘﺎﺩﯨﺸﺎﻫ: 7U \KVP%
- ﺳﯩﺰ ﭘﻪﺭﯨﺰﺍﺗﻤﯘ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﺎﺩﻩﻣﻤﯘ؟ ﺑﯘ ﻳﻪﺭﮔﻪ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﻗﺎﻟﺪﯨﯖﯩﺰ؟ - ﺩﻩﭖ ﺳﻮﺭﺍﭘﺘﯘ. -p=h /q1
ﻗﯩﺰ ﺑﯧﺸﯩﺪﯨﻦ ﺋﯚﺗﻜﻪﻧﻠﻪﺭﻧﻰ ﺑﯩﺮ - ﺑﯩﺮﻟﻪﭖ ﺋﯧﻴﺘﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﭙﺘﯘ. 61c>6ux6
ﺋﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻣﻪﻥ ﺳﯩﺰﮔﻪ ﻗﯩﻴﺎﻣﻪﺗﻠﯩﻚ ﻳﻮﻟﺪﺍﺵ ﺑﻮﻻﻱ، - ﺩﻩﭘﺘﯘ. ﭘﺎﺩﯨﺸﺎﻫ ﯞﻩ ﭘﻪﺯﯨﻠﻪﺗﺨﺎﻧﻨﻰ ﺋﯚﺯ ﻳﯘﺭﺗﯩﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﭗ، ﻗﯩﺮﯨﻖ ﻛﯧﭽﻪ - ﻛﯜﻧﺪﯛﺯ ﺗﻮﻱ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻧﯩﻜﺎﻫﯩﻐﺎ ﺋﺎﭘﺘﯘ. gEO REf
ﺋﺎﺭﯨﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﻳﯩﻞ ﺋﯚﺗﻪ - ﺋﯚﺗﻤﻪﻱ ﭘﻪﺯﯨﻠﻪﺗﺨﺎﻥ ﻳﻪﯕﮕﯩﭙﺘﯘ. ﺗﯘﻏﻘﺎﻥ ﺑﺎﻟﯩﺴﻰ ﻗﻮﺷﻜﯧﺰﻩﻙ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﺎﻳﺪﻩﻙ ﺑﯩﺮ ﺟﯜﭖ ﺋﻮﻏﯘﻝ ﺋﯩﻜﻪﻥ. ﭘﺎﺩﯨﺸﺎﻫ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﺧﯘﺷﺎﻝ ﺑﻮﻟﯘﭘﺘﯘ، ﺋﻪﺳﻠﯩﺪﻩ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﻧﭽﻪ ﺧﻮﺗﯘﻧﻠﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ، ﭘﻪﺭﺯﻩﻧﺖ ﻳﯜﺯﻯ ﻛﯚﺭﻣﯩﮕﻪﻧﯩﻜﻪﻥ. gryknUHZw
ﺋﺎﺭﯨﺪﯨﻦ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﻧﭽﻪ ﻳﯩﻠﻼﺭ ﺋﯚﺗﯜﭘﺘﯘ. ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻧﻰ ﭘﻪﺯﯨﻠﻪﺗﺨﺎﻥ ﻛﯚﯕﻠﯩﻨﻰ ﺋﯧﭽﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺭﺍﯞﺍﻗﻘﺎ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﺍﭘﺘﯩﻜﻪﻥ، ﻳﯩﺮﺍﻗﺘﺎ ﻛﯧﺘﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻛﺎﺭﯞﺍﻧﻼﺭﻧﻰ ﻛﯚﺭﯛﭘﺘﯘ ﯞﻩ ﺋﺎﺗﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﻪﺳﻠﻪﭖ ﻳﯩﻐﻼﭘﺘﯘ. ﭘﻪﺯﯨﻠﻪﺗﺨﺎﻥ ﺭﺍﯞﺍﻗﺘﯩﻦ ﭼﯜﺷﻜﻪﻧﺪﻩ، ﭘﺎﺩﯨﺸﺎﻫ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻛﯚﺯﻟﯩﺮﯨﮕﻪ ﻗﺎﺭﺍﭖ: %%YjW6l
- ﻧﯧﻤﻪ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻳﯩﻐﻠﯩﺪﯨﯖﯩﺰ؟ - ﺩﻩﭖ ﺳﻮﺭﺍﭘﺘﯘ. pn vFLn@
- ﻣﻪﻥ ﺳﯩﺰﮔﻪ ﭼﯜﺷﻜﯩﻠﻰ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﻧﭽﻪ ﻳﯩﻠﻼﺭ ﺑﻮﻟﺪﻯ. ﺳﯩﺰ ﺑﯩﺮ ﻗﯧﺘﯩﻤﻤﯘ ﻣﯧﻨﯩﯔ ﺋﺎﺗﺎﻣﻨﻰ ﺋﻪﺳﻠﯩﻤﯩﺪﯨﯖﯩﺰ. ﺋﺎﺗﺎﻣﻨﻰ ﻛﯚﺭﮔﯜﻡ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﻗﺎﻟﺪﻯ، - ﺩﻩﭖ ﺟﺎﯞﺍﺏ ﺑﯧﺮﯨﭙﺘﯘ. ﭘﺎﺩﯨﺸﺎﻫ: .[1.}Z'YP
- ﺑﯘ ﻳﯩﻐﻼﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯩﺶ ﺋﻪﻣﻪﺱ، ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺋﺎﺗﺎ - ﺋﺎﻧﯩﯖﯩﺰﻧﻰ ﻛﯚﺭﮔﯩﯖﯩﺰ ﻛﻪﻟﺴﻪ، ﻣﻪﻥ ﺳﯩﺰﻧﻰ ﺳﻪﻟﺘﻪﻧﻪﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﻮﻟﻐﺎ ﺳﺎﻟﯩﻤﻪﻥ، - ﺩﻩﭘﺘﯘ ﯞﻩ ﯞﻩﺯﯨﺮﯨﻨﻰ ﻣﻪﻟﯩﻜﯩﻨﻰ ﻣﯘﻫﺎﭘﯩﺰﻩﺕ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﺎﭘﯩﺮﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﻟﻪﺷﻜﻪﺭﻟﻪﺭﮔﻪ ﺑﺎﺵ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﻪﻳﯩﻨﻠﻪﭖ، ﺋﯚﺯ ﻳﯘﺭﺗﯩﻐﺎ ﻳﻮﻟﻐﺎ ﺳﺎﭘﺘﯘ. -d#,@-?27
ﺑﯘﻻﺭ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﻧﭽﻪ ﻛﯜﻥ ﻳﻮﻝ ﻳﯜﺭﯛﭘﺘﯘ، ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻧﻰ ﺑﯩﺮ ﻗﻮﻧﺎﻟﻐﯘﻏﺎ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﻗﻮﻧﯘﭘﺘﯘ. ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﭼﺎﺭﭼﯩﻐﺎﻥ ﻟﻪﺷﻜﻪﺭﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ﻫﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﺋﯘﻳﻘﯘﻏﺎ ﻛﯧﺘﯩﭙﺘﯘ. ﯞﻩﺯﯨﺮ ﺑﯘ ﭘﯘﺭﺳﻪﺗﻨﻰ ﻏﻪﻧﯩﻴﻤﻪﺕ ﺑﯩﻠﯩﭗ، ﭘﻪﺯﯨﻠﻪﺗﺨﺎﻧﻨﯩﯔ ﭼﯧﺪﯨﺮﯨﻐﺎ ﻛﯩﺮﯨﭙﺘﯘ. ﭘﻪﺯﯨﻠﻪﺗﺨﺎﻥ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺋﻮﻏﻠﯩﻨﻰ ﻳﯧﻨﯩﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻳﺎﺗﻘﺎﻧﯩﻜﻪﻥ. ﯞﻩﺯﯨﺮ ﭘﻪﺯﯨﻠﻪﺗﺨﺎﻧﻐﺎ" b&68O\/4}
- ﺳﯩﺰﻧﻰ ﭘﺎﺩﯨﺸﺎﻫ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯩﻜﻜﯩﻤﯩﺰ ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﺘﻪ ﺗﺎﭘﻘﺎﻧﯩﺪﯗﻕ. ﻣﯧﻨﯩﯖﻤﯘ ﺳﯩﺰﺩﻩ ﻫﻪﻗﻘﯩﻢ ﺑﺎﺭ. ﺷﯘﯕﺎ ﺑﯜﮔﯜﻥ ﺑﯩﺮ ﻛﯧﭽﻪ ﺋﯩﻜﻜﯩﻤﯩﺰ ﺑﯩﻠﻠﻪ ﻳﺎﺗﺴﺎﻕ، - ﺩﻩﭘﺘﯘ. S>2?#/4
ﭘﻪﺯﯨﻠﻪﺗﺨﺎﻥ ﺭﻩﺕ ﻗﯩﻠﯩﭙﺘﯘ. ﯞﻩﺯﯨﺮ ﻳﻪﻧﻪ ﺗﻪﻛﻠﯩﭙﯩﻨﻰ ﻗﻮﻳﯘﭘﺘﯘ، ﺋﻪﮔﻪﺭ ﻳﻪﻧﻪ ﺭﻩﺕ ﻗﯩﻠﺴﺎ ﺋﯩﻜﻜﯩﻼ ﺋﻮﻏﻠﯩﻨﻰ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﯛﯞﯦﺘﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﯧﻴﺘﯩﭙﺘﯘ. ﭘﻪﺯﯨﻠﻪﺗﺨﺎﻥ ﻳﻪﻧﯩﻼ ﺋﯘﻧﯩﻤﺎﭘﺘﯘ. ﯞﻩﺯﯨﺮ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺑﺎﻟﯩﺴﯩﻨﻰ ﭼﯧﭙﯩﯟﯦﺘﯩﭙﺘﯘ. ﭼﻮﯕﻘﯘﺭ ﻗﺎﻳﻐﯘﻏﺎ ﭼﯚﻛﻜﻪﻥ ﭘﻪﺯﯨﻠﻪﺗﺨﺎﻥ ﺋﺎﺧﯩﺮ: ~X0hD
- ﺑﯜﮔﯜﻥ ﻛﯧﭽﯩﻨﻰ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺋﻮﻏﻠﯘﻣﻨﯩﯔ ﻣﺎﺗﯩﻤﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﻩﻱ، ﺋﻪﺗﯩﮕﻪ ﻣﻪﻥ ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﯩﺨﺘﯩﻴﺎﺭﯨﯖﯩﺰﺩﺍ ﺑﻮﻻﻱ، - ﺩﻩﭘﺘﯘ. }@!RB&
ﯞﻩﺯﯨﺮ ﻧﺎﺋﯩﻼﺝ >ﻣﺎﻗﯘﻝ< ﺩﻩﭖ ﻗﺎﻳﺘﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﺋﯘﺧﻼﭘﺘﯘ. ﭘﻪﺯﯨﻠﻪﺗﺨﺎﻥ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺋﻮﻏﻠﯩﻨﻰ ﭼﯧﺪﯨﺮﻧﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﮕﻪ ﻛﯚﻣﯜﭖ، ﺋﯚﺯﻯ ﺋﻪﺭﻩﻧﭽﻪ ﻳﺎﺳﯩﻨﯩﯟﯦﻠﯩﭗ ﻗﯧﭽﯩﭙﺘﯘ. ﯞﻩﺯﯨﺮ ﺋﻪﺗﯩﺴﻰ ﭘﻪﺯﯨﻠﻪﺗﺨﺎﻧﻨﯩﯔ ﭼﯧﺪﯨﺮﯨﻐﺎ ﻛﯩﺸﻰ ﻛﯩﺮﮔﯜﺯﺳﻪ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻳﻮﻗﻠﯘﻗﻰ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﺑﻮﻟﯘﭘﺘﯘ. ﺗﻪﺭﻩﭖ - ﺗﻪﺭﻩﭘﻜﻪ ﻟﻪﺷﻜﻪﺭﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﭼﺎﭘﺘﯘﺭﯗﭖ ﺋﯩﺰﻟﻪﭖ ﺗﺎﭘﺎﻟﻤﺎﻱ، ﺋﺎﺧﯩﺮ ﺋﯚﺯ ﻳﯘﺭﺗﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﻗﺎﻳﺘﯩﭙﺘﯘ. ﯞﻩﺯﯨﺮ ﺋﯚﺯ ﻳﯘﺭﺗﯩﻐﺎ ﻳﯧﺘﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﭘﺎﺩﯨﺸﺎﻫﻘﺎ: *]I25lpD
- ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﺎﻳﺎﻟﯩﯖﯩﺰ ﻛﯧﭽﯩﺪﻩ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺑﺎﻟﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﯛﯞﯦﺘﯩﭗ ﻗﯧﭽﯩﭗ ﻛﻪﺗﺘﻰ، ﺋﯩﺰﻟﻪﭖ ﺗﺎﭘﺎﻟﻤﯩﺪﯗﻕ، - ﺩﻩﭘﺘﯘ. y\~rnKh
ﭘﺎﺩﯨﺸﺎﻫ ﺑﯘ ﮔﻪﭘﻜﻪ ﺑﯩﺮ ﺋﯩﺸﯩﻨﯩﭗ، ﺑﯩﺮ ﺋﯩﺸﻪﻧﻤﻪﻱ، ﭘﻪﺯﯨﻠﻪﺗﺨﺎﻧﻨﯩﯔ ﺩﻩﺭﺩﯨﺪﻩ ﺭﻭﻫﻰ ﭼﯜﺷﯜﭘﺘﯘ. ﻫﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﻧﻪﺭﺳﻪ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻛﯚﯕﻠﯩﻨﻰ ﺋﺎﭼﺎﻟﻤﺎﭘﺘﯘ. ﺋﺎﺧﯩﺮ ﺳﻮﺩﯨﮕﻪﺭﭼﻪ ﻳﺎﺳﯩﻨﯩﭗ، ﭘﻪﺯﯨﻠﻪﺗﺨﺎﻧﻨﻰ ﺋﯩﺰﻟﻪﭖ ﻳﯘﺭﺗﻤﯘ ﻳﯘﺭﺕ ﻛﯧﺰﯨﭙﺘﯘ. >}07t?YI-
ﺋﻪﻣﺪﻯ ﮔﻪﭘﻨﻰ ﭘﻪﺯﯨﻠﻪﺗﺨﺎﻧﺪﯨﻦ ﺋﺎﯕﻼﻳﻠﻰ، ﻣﻪﻟﯩﻜﻪ ﺷﯘ ﻗﺎﺭﺍﯕﻐﯘ ﻛﯧﭽﯩﺪﻩ ﻗﯧﭽﯩﭗ ﺗﺎﯓ ﺋﯧﺘﯩﺸﻘﺎ ﺋﺎﺯ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﺪﺍ ﺑﯩﺮ ﺗﺎﻏﻨﯩﯔ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﭼﯩﻘﯩﭙﺘﯘ. ﺗﺎﻏﻨﯩﯔ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﯨﺴﺎ ﺑﯩﺮ ﻗﻮﻳﭽﻰ ﻗﻮﻱ ﺑﯧﻘﯩﭗ ﻳﯜﺭﯛﭘﺘﯘ. ﺗﺎﻏﻨﯩﯔ ﺗﯜﯞﯨﺪﻩ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺑﯩﺮ ﭼﻮﯓ ﻛﯚﻝ ﺗﯘﺭﻏﯘﺩﻩﻙ. ﭘﻪﺯﯨﻠﻪﺗﺨﺎﻥ ﺑﯘﻧﻰ ﻛﯚﺭﯛﭖ >ﺩﺍﺩﺍﻣﻨﯩﯔ ﺩﻭﺳﺘﯩﺪﯨﻨﻤﯘ، ﭘﺎﺩﯨﺸﺎﻫﻨﯩﯔ ﯞﻩﺯﯨﺮﯨﺪﯨﻨﻤﯘ ﻣﺎﯕﺎ ﯞﺍﭘﺎ ﻛﻪﻟﻤﯩﺪﻯ، ﺋﻪﻣﺪﻯ ﻗﻮﻳﭽﯩﺪﯨﻦ ﺋﻪﺳﻼ ﯞﺍﭘﺎ ﻛﻪﻟﻤﻪﻳﺪﯗ< ﺩﻩﭖ ﻫﺎﻳﺎﺗﯩﺪﯨﻦ ﺋﯜﻣﯩﺪﯨﻨﻰ ﺋﯜﺯﯛﭖ، ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﻫﯧﻠﯩﻘﻰ ﻛﯚﻟﮕﻪ ﺗﺎﺷﻼﭘﺘﯘ، ﻛﯚﻝ ﭼﻮﯕﻘﯘﺭ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻘﺘﯩﻦ ﭼﯚﻛﻤﻪﭘﺘﯘ. ﻫﯧﻠﯩﻘﻰ ﻗﻮﻳﭽﻰ ﻗﻮﻳﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺳﯘﻏﯩﺮﯨﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻣﯘﺷﯘ ﻳﻪﺭﮔﻪ ﻫﻪﻳﺪﻩﭖ ﺋﻪﻛﻪﻟﮕﻪﻧﯩﻜﻪﻥ. ﻗﻮﻳﻼﺭ ﺑﯩﺮ ﻧﻪﺭﺳﯩﺪﯨﻦ ﺋﯚﺭﻛﯜﭖ ﻛﯚﻟﮕﻪ ﻳﯧﻘﯩﻦ ﻛﻪﻟﻤﻪﻱ ﺗﯘﺭﯗﯞﺍﭘﺘﯘ. ﻗﺎﻧﭽﻪ ﻫﻪﻳﺪﯨﺴﯩﻤﯘ ﺳﯘ ﺗﻪﺭﻩﭘﻜﻪ ﻳﯧﻘﯩﻦ ﻛﻪﻟﻤﻪﭘﺘﯘ، ﺋﺎﺧﯩﺮ ﻗﻮﻳﭽﻰ ﻛﯚﻟﻨﯩﯔ ﻳﯧﻨﯩﻐﺎ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﻗﺎﺭﯨﺴﺎ ﻛﯚﻟﻨﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺩﻡ ﺗﯘﺭﯗﺩﻩﻙ، ﻗﻮﻳﭽﻰ ﻛﯚﻳﯜﻣﭽﺎﻧﻠﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪﻥ: d-tTX?us
- ﻫﻪﻱ ﺋﺎﺩﻩﻡ، ﺳﯘﺩﯨﻦ ﭼﯩﻘﯩﯔ، ﻗﻮﻳﻼﺭ ﺋﯜﭺ ﻛﯜﻧﺪﯨﻦ ﺑﯧﺮﻯ ﺳﯘ ﺋﯩﭽﻤﯩﮕﻪﻥ. ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺳﯩﺰ ﺋﻪﺭ ﻛﯩﺸﻰ ﺑﻮﻟﺴﯩﯖﯩﺰ، ﻣﯧﻨﯩﯔ ﺟﺎﻥ ﺩﻭﺳﺘﯘﻡ ﺑﻮﻟﯩﺴﯩﺰ، ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺋﺎﻳﺎﻝ ﻛﯩﺸﻰ ﺑﻮﻟﺴﯩﯖﯩﺰ ﻣﯧﻨﯩﯔ ﻗﯩﻴﺎﻣﻪﺗﻠﯩﻚ ﺳﯖﯩﻠﯩﻢ ﺑﻮﻟﯩﺴﯩﺰ، ﺋﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﻤﺎﻱ ﺳﯘﺩﯨﻦ ﭼﯩﻘﯩﯔ، - ﺩﻩﭘﺘﯘ. ﭘﻪﺯﯨﻠﻪﺗﺨﺎﻥ ﺑﯘ ﮔﻪﭘﻨﻰ ﺋﺎﯕﻼﭖ ﺳﯘﺩﯨﻦ ﭼﯩﻘﯩﭙﺘﯘ. ﻗﻮﻳﭽﻰ ﺋﯚﺯ ﯞﻩﺩﯨﺴﻰ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ >ﺳﯩﺰ ﻣﯧﻨﯩﯔ ﻫﻪﻗﯩﻘﯩﻲ ﻗﯩﻴﺎﻣﻪﺗﻠﯩﻚ ﺳﯖﻠﯩﻢ ﺑﻮﻟﯩﺴﯩﺰ< ﺩﻩﭘﺘﯘ. ﻗﻮﻳﻼﺭ ﻗﺎﻧﻐﯘﭼﻪ ﺳﯘ ﺋﯩﭽﯩﭙﺘﯘ. ﭘﻪﺯﯨﻠﻪﺗﺨﺎﻥ ﺋﯚﺯ ﺳﻪﺭﮔﯜﺯﻩﺷﺘﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻗﻮﻳﭽﯩﻐﺎ ﺑﯩﺮ - ﺑﯩﺮﻟﻪﭖ ﺳﯚﺯﻟﻪﭖ ﺑﯧﺮﯨﭙﺘﯘ. ?w
ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﺑﯘ ﺋﯩﻜﻜﯩﺴﻰ ﺋﺎﻛﺎ - ﺳﯩﯖﯩﻞ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺋﯚﺗﯜﺷﻜﻪ ﺑﺎﺷﻼﭘﺘﯘ. ﺑﯘ ﻗﻮﻳﭽﯩﻨﯩﯔ ﺑﯧﻘﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻗﻮﻳﻠﯩﺮﻯ ﭘﻪﺯﯨﻠﻪﺗﺨﺎﻧﻨﯩﯔ ﺩﺍﺩﯨﺴﯩﻨﯩﯔ ﻗﻮﻳﻠﯩﺮﯨﻜﻪﻥ. _E3O%-,n
ﺋﻪﻣﺪﻯ ﮔﻪﭘﻨﻰ ﭘﻪﺯﯨﻠﻪﺗﺨﺎﻧﻨﯩﯔ ﺩﺍﺩﯨﺴﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﯕﻼﻳﻠﻰ: bXEKT`2ph
- ﻗﺎﺳﯩﻤﺎﺧﯘﻥ ﺑﯩﺮ ﻳﯩﻠﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻫﻪﺝ ﺳﻪﭘﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﻗﺎﻳﺘﯩﭗ ﻛﻪﭘﺘﯘ، ﻟﯧﻜﯩﻦ ﻗﯩﺰﯨﻨﯩﯔ ﻗﺎﻳﻐﯘﺳﻰ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻳﯜﺭﯨﻜﯩﻨﻰ ﻫﻪﺭﻩ ﭼﯩﻘﻘﺎﻧﺪﻩﻙ ﺋﺎﺯﺍﺑﻠﯩﻐﺎﭼﻘﺎ، ﻛﯚﺯﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﻳﺎﺵ ﻗﯘﺭﯗﻣﺎﭘﺘﯘ، ﻛﯧﭽﯩﻠﯩﺮﻯ ﺋﯘﻳﻘﯘﺳﻰ ﻛﻪﻟﻤﻪﻱ ﺗﺎﯓ ﺋﺎﺗﻘﯘﺯﯗﭘﺘﯘ. ﺑﯧﺮﯨﭗ - ﺑﯧﺮﯨﭗ ﺋﻪﺱ ﻫﻮﺷﯩﻨﯩﻤﯘ ﻳﻮﻗﯩﺘﯩﭗ ﻗﻮﻳﯘﭘﺘﯘ. ﺷﯘﯕﺎ ﺋﯘ ﻗﺎﺳﺴﺎﭘﻠﯩﻘﻘﺎ ﺋﻮﻏﻠﻰ ﺋﺎﺑﺪﯗﻟﻼﻧﻰ ﻗﻮﻳﯘﭖ، ﺋﯚﺯﻯ ﭼﻮﯓ ﺑﯩﺮ ﻛﺎﺭﯞﺍﻥ ﺳﺎﺭﺍﻳﻨﻰ ﺑﯩﻨﺎ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﺋﯘﻳﺎﻕ - ﺑﯘﻳﺎﻗﺘﯩﻦ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﯘﯕﺪﯨﺸﯩﭗ، ﻗﯩﺰﯨﻨﯩﯔ ﻗﺎﻳﻐﯘﺳﯩﻨﻰ ﻳﻪﯕﮕﯩﻠﻠﯩﺘﯩﺸﻨﯩﯔ ﺋﺎﻣﺎﻟﯩﻨﻰ ﺋﯩﺰﻟﻪﭘﺘﯘ. :kOBJn
ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻧﻰ ﺑﯘ ﺳﺎﺭﺍﻳﻐﺎ ﭼﻮﯓ ﺑﯩﺮ ﻛﺎﺭﯞﺍﻥ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﭼﯜﺷﯜﭘﺘﯘ. ﺑﯘ ﻛﺎﺭﯞﺍﻥ ﺳﻮﺩﯨﮕﻪﺭﭼﻪ ﻳﺎﺳﯩﻨﯩﭗ ﭘﻪﺯﯨﻠﻪﺗﺨﺎﻧﻨﻰ ﺋﯩﺰﻟﻪﭖ ﻳﯜﺭﮔﻪﻥ ﭘﺎﺩﯨﺸﺎﻫ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻫﻪﻣﺮﺍﻫﻠﯩﺮﯨﻜﻪﻥ. ﻗﺎﺳﯩﻤﺎﺧﯘﻥ ﻛﻪﭼﺘﻪ ﺋﺎﺩﯨﺘﻰ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﻛﺎﺭﯞﺍﻥ ﺑﯧﺸﯩﻨﯩﯔ ﺋﯚﻳﯩﮕﻪ ﻛﯩﺮﯨﭗ ﻫﺎﻝ - ﺋﻪﻫﯟﺍﻝ ﺳﻮﺭﺍﭘﺘﯘ. ﺑﯘ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺩﻩﺭﺩﻣﻪﻥ ﺩﻩﺭﻫﺎﻝ ﺑﯩﺮ - ﺑﯩﺮﯨﮕﻪ ﻳﯧﻘﯩﭙﺘﯘ. ﻗﺎﺳﯩﻤﺎﺧﯘﻥ ﺩﻩﺭﺭﯗ ﺗﯘﺗﯘﺵ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻛﺎﺭﯞﺍﻥ ﺑﯧﺸﯩﻐﺎ ﻛﺎﺗﺘﺎ ﺯﯨﻴﺎﭘﻪﺕ ﺑﯧﺮﯨﭙﺘﯘ. ﺋﯘﻻﺭ ﺩﺍﺳﺘﯩﺨﺎﻥ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﻩ ﺑﯩﺮ ﭘﻪﺱ ﻣﯘﯕﺪﺍﺷﻘﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻛﺎﺭﺍﻥ ﺑﯧﺸﻰ: X40@b$S]fv
- ﺷﻪﻫﻪﺭﻟﯩﺮﯨﺪﻩ ﻛﯚﻛﺴﯩﺪﻩ ﺋﻮﺗﻰ، ﻳﯜﺭﯨﻜﯩﺪﻩ ﻣﯘﯕﻰ ﺑﺎﺭ ﻛﯩﺸﻰ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﭼﺎﻗﯩﺮﺳﯩﻼ، ﺋﻪﻣﺪﻯ ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺯ ﮔﻪﭖ ﺋﺎﯕﻠﺴﺎﻕ، - ﺩﻩﭘﺘﯘ. nQX#Y~0wg^
ﻗﺎﺳﯩﻤﺎﺧﯘﻥ ﺗﻪﺭﻩﭖ - ﺗﻪﺭﻩﭘﻜﻪ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﭗ، ﮔﻪﭘﭽﻰ، ﻫﯧﻜﺎﻳﯩﭽﻰ ﺩﯦﮕﻪﻧﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﯩﻐﯩﭗ ﻛﻪﭘﺘﯘ. ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﻩﺭﯨﻨﯩﯖﻤﯘ ﮔﻪﭘﻠﯩﺮﻯ ﻛﺎﺭﯞﺍﻥ ﺑﯧﺸﯩﻨﯩﯔ ﻛﯚﯕﻠﯩﻨﻰ ﺋﺎﭼﺎﻟﻤﺎﭘﺘﯘ. ﻣﯘﺷﯘ ﺯﯨﻴﺎﭘﻪﺕ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻗﻮﻱ ﺋﻪﻛﯩﺮﮔﻪﻥ ﻗﻮﻳﭽﻰ ﺑﯘ ﮔﻪﭘﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﺎﯕﻼﭖ: ;w|9Qtq/y
- ﻣﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﻫﯧﻜﺎﻳﻪ ﺋﯧﻴﺘﯩﭗ ﺑﺎﻗﺴﺎﻡ، ﺋﻪﮔﻪﺭ ﻫﯧﻜﺎﻳﻪﻡ ﻳﺎﺭﺍﭖ ﻗﯧﻠﯩﭗ ﻛﺎﺭﯞﺍﻥ ﺑﯧﺸﯩﻨﯩﯔ ﻛﯚﯕﻠﻰ ﺋﯧﭽﯩﻠﯩﭗ ﻗﺎﻟﺴﺎ ﺋﻪﺟﻪﭖ ﺋﻪﻣﻪﺱ، - ﺩﻩﭘﺘﯘ. <Zv M
ﻗﺎﺳﯩﻤﺎﺧﯘﻥ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻛﯩﺮﯨﺸﯩﮕﻪ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺕ ﻗﯩﻠﯩﭙﺘﯘ. {*$@`@?{Z3
- ﺋﺎﯕﻠﯩﻐﺎﻧﻨﻰ ﺋﯧﻴﺘﺎﻳﻤﯘ، ﻛﯚﺭﮔﻪﻧﻨﯩﻤﯘ؟ - ﺩﻩﭘﺘﯘ ﻗﻮﻳﭽﻰ. x^UB/*5
- ﻛﯚﺭﮔﯩﻨﯩﯖﻨﻰ ﺋﯧﻴﺖ، - ﺩﻩﭘﺘﯘ ﻛﺎﺭﯞﺍﻥ ﺑﯧﺸﻰ. <}/sD
ﻗﻮﻳﭽﻰ ﺑﯧﺸﯩﺪﯨﻦ ﺋﯚﺗﻜﻪﻧﻠﻪﺭﻧﻰ ﺑﯩﺮ - ﺑﯩﺮﻟﻪﭖ ﺳﯚﺯﻟﻪﭖ، ﺋﯚﺯ ﺷﻪﻫﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﻗﯧﭽﯩﭗ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﻳﯧﺮﯨﮕﻪ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﻩ ﻳﯩﻐﻼﭖ ﺗﺎﺷﻼﭘﺘﯘ. ﺋﻪﺳﻠﯩﺪﻩ ﺑﯘ ﻗﻮﻳﭽﻰ ﻗﻮﻳﭽﯩﻨﯩﯔ ﻛﯩﻴﯩﻤﯩﻨﻰ ﻛﯩﻴﯩﯟﺍﻟﻐﺎﻥ ﭘﻪﺯﯨﻠﻪﺗﺨﺎﻧﯩﻜﻪﻥ. ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﺎﺳﯩﻤﺎﺧﯘﻥ ﺑﯘ ﻗﻮﻳﭽﯩﻨﯩﯔ ﺋﯚﺯﻯ ﻗﯩﺰﻯ ﭘﻪﺯﯨﻠﻪﺗﺨﺎﻥ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﯩﭗ، ﻗﯘﭼﺎﻗﻼﭖ ﻳﯩﻐﻼﭖ ﻛﯧﺘﯩﭙﺘﯘ. ﺳﯚﺯﻧﯩﯔ ﺋﺎﺧﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﻪﻗﻪﺯﺯﺍﻟﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯜﺗﻜﻪﻥ ﻛﺎﺭﯞﺍﻥ ﺑﯧﺸﻰ ﺋﺎﻟﺪﯨﺮﺍﭖ: SN/isjT3
- ﻫﺎﺟﯩﻢ، ﺳﻪﯞﺭ ﻗﯩﻠﺴﯩﻼ، ﺑﯘ ﺋﺎﻳﺎﻟﻨﯩﯔ ﮔﯧﭙﻰ ﺗﯧﺨﻰ ﺗﯜﮔﯩﻤﯩﺪﻯ، ﻗﯧﻨﻰ ﺋﺎﺧﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﺎﯕﻼﻳﻠﻰ، - ﺩﻩﭘﺘﯘ. Ol@5Q
ﭘﻪﺯﯨﻠﻪﺗﺨﺎﻥ ﺳﯚﺯﻧﻰ ﺩﺍﯞﺍﻣﻼﺷﺘﯘﺭﯗﭖ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺋﻮﻏﻠﯩﻨﻰ ﯞﻩﺯﯨﺮﻧﯩﯔ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﯛﯞﻩﺗﻜﻪﻥ ﻳﯧﺮﯨﮕﻪ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﻩ، ﻛﺎﺭﯞﺍﻥ ﺑﯧﺸﻰ - ﭘﺎﺩﯨﺸﺎﻫﻤﯘ ﻳﯩﻐﻼﭖ ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﻳﻪﺭﮔﻪ ﺗﺎﺷﻼﭘﺘﯘ. ﭘﺎﺩﯨﺸﺎﻫ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭘﻪﺯﯨﻠﻪﺗﺨﺎﻥ ﺗﯧﭙﯩﺸﯩﭙﺘﯘ. ﺋﻪﺗﯩﺴﻰ ﻳﯘﺭﺕ - ﺟﺎﻣﺎﺋﻪﺕ ﺑﯘ ﺋﺎﺟﺎﻳﯩﭗ ﺋﻪﻫﯟﺍﻟﻨﻰ ﺋﺎﯕﻼﭖ، ﻗﺎﺯﯨﻨﻰ ﺗﺎﺵ ﺑﻮﺭﺍﻥ ﻗﯩﭙﺘﯘ. };&]4|Kw6)
ﺑﯩﺮ ﻗﺎﻧﭽﻪ ﻛﯜﻥ ﺋﯚﺗﻜﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﭘﺎﺩﯨﺸﺎﻫ ﺳﯚﻳﯜﻣﻠﯜﻙ ﺋﺎﻳﺎﻟﻰ ﭘﻪﺯﯨﻠﻪﺗﺨﺎﻧﻨﻰ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺩﺍﺩﯨﺴﻰ ﯞﻩ ﺋﺎﻛﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺋﯚﺯ ﺷﻪﻫﯩﺮﯨﮕﻪ ﻗﺎﻳﺘﯩﭗ ﻛﻪﭘﺘﯘ ﻫﻪﻡ ﯞﻩﺯﯨﺮﻧﻰ ﺩﺍﺭﻏﺎ ﺋﯧﺴﯩﺸﻘﺎ ﭘﻪﺭﻣﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩﭙﺘﯘ. 4c8Z
ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﺑﯘﻻﺭ ﻗﺎﻳﺘﯩﺪﯨﻦ ﺗﯧﭙﯩﺸﯩﭗ، ﺧﺎﺗﯩﺮﺟﻪﻡ ﻳﺎﺷﺎﭖ ﺋﺎﻟﻪﻣﺪﯨﻦ ﺋﯚﺗﻜﻪﻧﯩﻜﻪﻥ. kbsUw`: