بۇ بەتتىكى تېما: ئۇيغۇرلار تارىختا ئېتىقاد قىلغان دىنلارنىڭ ئۆزگىرىش تارىخى IE دا ساقلىۋېلىش | تېما ئۇلىنىش كۆچۈرۈش | تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش
بۇ تېما 370 قېتىم كۆرۈلدى
ئۇيغۇر
دەرىجىسى : قىزىققۇچى


UID نۇمۇرى : 2097
نادىر تېما : 2
يازما سانى : 212
ئۇنۋان:4 دەرىجە ھازىرغىچە212دانە
شۆھرەت: 239 نۇمۇر
پۇل: 2290 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 293 نۇمۇر
قوللاش: 240 نومۇر
ئالقىش: 267 كىشلىك
توردىكى ۋاقتى :83(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-07-02
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-02-28
چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

 ئۇيغۇرلار تارىختا ئېتىقاد قىلغان دىنلارنىڭ ئۆزگىرىش تارىخى

0
كومراجىۋا توغۇرلىق بولۇنغان مۇنازىرە ۋە بىرقانچە سەلكىنداش بىلەن كىيۇ كىيۇ دا پاراڭلىشىش ئارقىلىق ، ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر تارىخغا ،ئۇيغۇر كۈلتۈرىغا بولغان چۈشەنچىسىنىڭ تولىمۇ يۈزەكى ئىكەنلىكىنى ،ھەتتا ئىسلام دىنىنىڭ قاچاندىن باشلاپ ئۇيغۇرلار ئارسىغا كىرگەنلىكىنىمۇ بىلمەيدىغانلىقنى (گەرچە ئىككى گەپنىڭ بىر بولسا خىرستىيان، كاپىردىن چۈشىدىغانلارنىڭمۇ) ھېس قىلدىم شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ تېمىنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادىمىيىسى تور بىكىتىدىن كۆچۈرۈپ كەلدىم!!!ئۇيغۇرلار تارىختا ئېتىقاد قىلغان دىنلارنىڭ ئۆزگىرىش تارىخى 5^iyLGN3  
UGe'( %l  
〔ئاپتورى:نۇرمۇھەممەد توختى  مەنبە:شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادىمىيىسى  ۋاقتى:2007-10-23 10:59:17  كۆرۈلۈش قېتىمى :17قېتىم〕 TWD2{y  
)_Az X[  
مانى دىنى bN3'Fq  
      مانى دىنى مانىخاي دىنى ياكى مانىخايىزم دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇ دىن، ساسانىيلار سۇلالىسىنىڭ دەسلەپكى دەۋرىدە ياشىغان مانى ( 216- 277) تەرىپىدىن ئىجاد قىلىنغان. بۇ دىن، « ئىككى مەنبە، ئۈچ دەۋر» كۆز قارىشىنى تەرغىپ قىلىدۇ، ئىككى مەنبە – يورۇقلۇق بىلەن قاراڭغۇلۇقتىن ئىبارەت ئىككى قارمۇ - قارىشى قۇتۇپنى كۆرسىتىدۇ. ئۈچ دەۋر–ئۆتمۈش، ھازىر ۋە كەلگۈسىدىن ئىبارەت ئۈچ زاماننى كۆرسىتىدۇ. بۇ دىندا، دۇنيادا يورۇقلۇق بىلەن جاھالەت، ياخشىلىق بىلەن يامانلىق ئۆز ئارا كۈرەش قىلىدۇ، ئۈچ دەۋر ئىچىدە تەرەققى قىلىدۇ، ئاخىرى يورۇقلۇق جاھالەتنى يېڭىدۇ، ياخشىلىق يامانلىقنى يېڭىدۇ، دەپ قارىلىدۇ. يورۇقلۇق پادىشاھقا، قاراڭغۇلۇق چوشقىغا ئوخشىتىلىدۇ. مانى دىنىدا يورۇقلۇق ئىلاھى ئۇلۇغلىنىدۇ، مانى – يورۇقلۇق ئىلاھى ئىنسانلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ئەۋەتكەن ئەك ئاخىرقى ئەلچى، دەپ قارىلىدۇ. مانى دىنىدا« ئۈچ نەرسىنى بەند قىلىش»، «ئۈچ نەرسىدە بەرھىز تۇتۇش» تەشەببۇس قىلىنىدۇ. بەند قىلىدىغان ئۈچ نەرسە: 1. ئېغىز بەند ( ھاراق ئىچمەسلىك، گۆش يېمەسلىك ، يالغان سۆزلىمەسلىك )؛ 2. قول بەند ( يوشۇرۇن يامان ئىش قىلماسلىق)؛ 3. كۆڭۈل بەند ( زىنا ھەۋىسى قىلماسلىق )؛ پەرىزلىرى: بوتقا چوقۇنماسلىق، يالغان سۆزلىمەسلىك، پارا ئالماسلىق، قاتىللىق قىلماسلىق، زىنا قىلماسلىق، ئوغرىلىق قىلماسلىق، ئالدامچىلىق قىلماسلىق، سېھرىگەرلىك قىلماسلىق، ئالانىيەتتە بولماسلىق، ھورۇنلىق قىلماسلىق، كۈننى - ئاينى رەنجىتىدىغان ئىشلارنى قىلماسلىقتىن ئىبارەت. 2jQ$)41h{  
مانى 216 - يىلى تىگىر دەرياسىنىڭ شەرقىدىكى مادىنۇدا تۇغۇلغان، 242 - يىلىدىن باشلاپ بابىلدا ئۆز دىنىنى تارقاتقان. ئۇ، شاپۇر پادىشاھى تەرىپىدىن تەقىپ قىلىنىپ ھىندىستانغا ۋە ئوتتۇرا ئاسىياغا كەلگەن. ئۇنىڭ ھىندى دەرياسى ساھىلىدىكى بىر پادىشاھلىقنى ئۆز دىنىغا كىرگۈزگەنلىكى ۋە شۇ ئەسنادا قەشقەرگە كەلگەنلىكى ھەققىدە رىۋايەت بار. مانىنىڭ تەڭرى بىر، ئۇنىڭ ئەلچىلىرى ھەر خىل دېگەن قارىشى، ھورمۇز Ⅰ دەۋرىدە  كۆپ قەبىلىلىك ھاكىمىيەتنى مۇستەھكەملەشتە مەلۇم رول ئوينىغان بولسىمۇ، بەھرەم  Ⅰزامانىدا مانى دارغا ئېسىلىپ ئۇنىڭ تېرىسى تۇلۇمچىلاپ سويۇلۇپ، ئىچىگە سامان تىقىلىپ، گۇندىساپۇر شەھىرىنىڭ (ھازىرقى ئىراننىڭ كازىرۇن ئەتراپىغا توغرا كېلىدۇ) دەرۋازىسىغا ئېسىپ قويىلىدۇ. '}EZ l, {  
مانى قەتلە قىلىنىپ مانى دىنى تەقىپ قىلىنغاندىن كېيىن، مانى مۇرىتلىرى ئامۇ دەرياسىدىن ئۆتۈپ ئوتتۇرا ئاسىياغا كېلىپ، سىر دەرياسى بىلەن چۇ دەرياسى ئارىلىقىدا ياشاۋاتقان سوغدىلار ۋە توققۇز ئوغۇزلار ئارىسىدا مانى دىنىنى تارقاتتى. ئەرەب ساياھەتچىسى ئەل مەسئۇدى (956 - يىلى قازا قىلغان): «توققۇز ئوغۇزلار غەربتە خۇراساندىن، شەرقتە كۈسەنگىچە بولۇپ، پادىشاھى ئىلىكخاندىن ئىبارەت. تۈركلەر ئىچىدە پەقەت شۇلارلا مانى دىنىغا ئېتىقاد قىلاتتى»(12) دەپ يازغان. ئىبنى نادىم: «ئۇلار (مانى مۇخلىسلىرى) قېچىشقا مەجبۇر بولۇپ بەلىخ دەرياسىدىن ئۆتۈپ، قاغاننىڭ زېمىنىغا كەلگەندە توختىغان»(13) دەپ يازىدۇ. ئىبنى نادىم تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن قاغاننىڭ زېمىنى، غەربىي تۈرك دۆلىتىنىڭ زىمىنى، يەنى ماۋارائۇننەھر ۋە ھازىرقى شىنجاڭ دائىرىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالاتتى. سوغدىلار تۈرك قاغانلىقى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى ئۇيغۇر قاغانلىقىنىڭ غەرب ئەللىرى بىلەن بولغان ئالاقىسىدە ۋاسىتىچى بولغانىدى. مانى دىنىمۇ ئۇيغۇرلار ئارىسىغا شۇلار ئارقىلىق تارقالغان. سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ئالىمى براگىنىسكى «مانى دىنى كۈچلۈك ئۇيغۇر دۆلىتىگە تارقىلىپ، مەزدەك قوزغىلىڭىغا ئاۋاز قوشتى. ئۇ، تەڭ تەقسىماتچىلىق تۇغىنى ئېگىز كۆتۈرگەنىدى. شۈبھىسىزكى، بۇ، تۈركىي خەلقلەرنىڭ فارابى ۋەتىنىدىكى ئىجتىمائىي ئوتوپىيىسىنى شەكىللەندۈرۈشكە تەسىر كۆرسەتكەن»(14) دەپ كۆرسىتىدۇ. «توققۇز ئۇيغۇر قاغان مەڭگۈ تېشى» دىكى خاتىرىلەرگە ئاساسلانغاندا، مانى دىنى ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىدا مىلادىيە 763 - يىلى تارقىلىپ كىرگەن. ئۇيغۇر خانلىقىغا مانى دىنىنى تارقاتقان سوغدىلار مانى دىنى بىلەن بىللە سوغدى يېزىقىنىمۇ ئېلىپ كىرگەن. يازما مەنبەلەردە، تاڭ سۇلالىسى زېمىنىدا ئۆڭلۈك-سۆيگۈن توپىلىڭى يۈز بەرگەندە، تاڭ سۇلالىسى پادىشاھى تاڭ تەيزۇڭ ئۇيغۇر خانلىقىدىن ياردەم تەلەپ قىلغان. بۇ توپىلاڭنى باستۇرۇش ئۈچۈن ياردەمگە كەلگەن بايانچۇر (759 - 747) قاغاننىڭ ۋارىسى ئېل تېكىن قاغان(779 - 759) غەلىبە قىلىپ، لوياڭ - چاڭئەندىن قارا بالغاسۇنغا قايتىشىدا، نېسى قاتارلىق تۆت نەپەر مانى دىنى ئۆلىماسىنى بىللە ئېلىپ كەتكەن، دېيىلگەن. ئېھتىمال قاغان دىنىي ئىسلاھاتقا مۇھتاج بولۇپ، مانىزمنى شامان دىنىنىڭ ئورنىغا دەسسىتىش  ئارقىلىق، كىشىلەر قەلبىنى ۋە ئىرادىسىنى بىرلەشتۈرۈشنى مەقسەت قىلغان بولۇشى مۇمكىن. چۈنكى، قۇتلۇق بىلگە قاغان (ئېل تېكىن) نەزەرىدە شامانىزم دەۋردىن چەتتە قالغان، بۇددىزم تولىمۇ سىپايى دىن بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ جەڭگىۋار روھىيىتىگە ماس كەلمەيتتى. پەقەت مانىزملا جەڭگىۋار ھەم ئۈمىدۋار تەلىمات بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ خىل ئارزۇسىغا ماس كېلەتتى. شۇڭا مانى دىنى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا تېزلا ئومۇملاشقان. ئۇندىن باشقا، يەنە مانى دىنى 6-  ئەسىرلەردە سوغدى سودىگەرلىرى ئارقىلىق لوپنۇر ۋادىسىغا تارقالغان. لوپنۇر رايونىدىكى تاشبالىق (石城) دا نۇرغۇن مانى راھىبلىرى بولغان. \&0!k;<  
840 - يىلى ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى پارچىلانغاندا، ئۇيغۇرلار غەربتىكى قېرىنداشلىرى تەرەپكە بىرنەچچە يۆنىلىش بويىچە كۆچتى: ئادئىزلار باشچىلىقىدىكى ئۇيغۇر قەبىلىلىرى تارىم - تۇرپان ئويمانلىقىغا يۆتكەلدى، ياغلاقارلار باشچىلىقىدىكى ئۇيغۇر قەبىلىلىرى گەنجۇ  (نەنسەن) ئەتراپلىرىغا يۆتكەلگەندىمۇ، ئۇلار يەنىلا مانىزم ئېتىقادىدا ئىدى. بۇ چاغدا مانى دىنى شىنجاڭدا تېخىمۇ راۋاج تاپقان. «ئۇيغۇر تارىخىغا دائىر ماتېرىياللاردىن قىسقىچە توپلام» دا فلوگېلنىڭ «مانى ئۆلىماسى ۋە ئۇنىڭ ئەسىرى» دېگەن كىتابىدىن بىر نەقىل ئېلىنغان. ئۇنىڭدا مۇنداق دېيىلگەن: «500 نەپەر مانى مۇرىتى سەمەرقەنتكە توپلاندى، ئۇلارنىڭ ئېتىقادىنى باشقىلار بىلىپ قالغاندىن كېيىن، خۇراسان خانى سامانىيلىق ئوبۇل قاسىم ناسىر (مىلادىيە 913-943-يىللار) ئۇلارنى ئۆلتۈرمەكچى بولدى. چىن (جۇڭگونىڭ غەربىي يۇرتى يەنى قۇچۇ) توققۇز ئوغۇزلارنىڭ خاقانى ئۇنىڭدىن: ‹دۆلىتىمىزدىكى مۇسۇلمانلار سىزنىڭ دۆلىتىڭىزدىكى مانى مۇرىتلىرىدىن ئۈچ ھەسسە جىق› دەپ گەپ ئېيتىپ بەردى. ئۇ يەنە ئەگەر خۇراسان خانى مانى مۇرىتلىرىدىن بىرىنى ئۆلتۈرىدىغان بولسا، مەن ئۆز دۆلىتىمدىكى مۇسۇلمانلاردىن ئۆچ ئالىمەن ۋە بارلىق مەسچىتلەرنى ۋەيران قىلىۋېتىمەن، شۇنىڭ بىلەن بىللە ھەر قايسى ئەللەرگە ئادەم ئورۇنلاشتۇرۇپ، شۇ ئەللەردىكى مۇسۇلمانلارنى نازارەت قىلدۇرىمەن، ھەتتا ئۇلارغا زىيانكەشلىك قىلىمەن، دەپ قەسسەم ئىچتى»(15). بۇنىڭدىن قۇچۇ ئۇيغۇر خانلىقى تەۋەسىدە مانى دىنىنىڭ ئاساسلىق دىن بولغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. مانى دىنى ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ سىياسىي ئىشلىرىغا مەلۇم دەرىجىدە تەسىر كۆرسەتكەن بولۇپ، خانلىقنىڭ بەزى مۇھىم سىياسىي تەدبىرلىرىنى بەلگىلەشكە مانى ئۆلىمالىرى قاتناشقان. ئىچكىرىگە ئەۋەتكەن  ئەلچىلەر ئۆمەكلىرىگىمۇ مانى ئۆلىمالىرى باشچىلىق قىلغان. تۇرپاندىن ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ مانىزمغا ئائىت كىتابلاردىن «ئالەم بىنا تەلىماتى»، «ئىككى يىلتىزلىق نوم»، «مانى راھىبلىرىنىڭ ئىستىغفارنامىسى»، «مانىغا مەدھىيە» قاتارلىق نوم - قەسىدىلەر تېپىلدى. تۇرپاندىن تېپىلغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىچىدە، يەنە نۇتۇق سۆزلەۋاتقان ئۇستاز ۋە ئۇنىڭ سۆزىنى ئىخلاسمەنلىك بىلەن خاتىرىلەۋاتقان شاگىرتلار سىزىلغان تام رەسىملىرى بار. 1914 -1902  - يىللىرى پروسىيە ئارخېئولوگىيە ئەترىتى بۇ رايوندىن كۆپلىگەن يازما ھۆججەتلەرنى قېزىۋالغان بولۇپ، بۇ ھۆججەتلەر ئىچىدە مانى شېئىرلىرى بار. بۇلار دەسلەپ لېكوك تەرىپىدىن، كېيىن بانگ تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان. تۇرپان ئىدىقۇتتىكى كونا سېپىل دەرۋازىسىنىڭ كۆزەتچى ئۆيى ئىزىدىن تېپىلغان «بۈيۈك ئىلاھ» شېئىرى 1922 - يىلى لېكوك تەرىپىدىن، 1930 - يىلى بانگ بىلەن گابائىن تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان. بۇ شېئىرلارنىڭ بىر قىسمى «بۇلاق» مەجمۇئەسىنىڭ 1981 - يىللىق 1 - سان ۋە 1983 - يىللىق 10 - سانىدا ئېلان قىلىندى. iN:j ri0?  
نېستورىيان دىنى Gra`u&H  
نېستورىيان دىنى – خرىستىئان دىنى (خرىستىئان دىنى مىلادىيە 1 - ئەسىردە پەلەستىندە بارلىققا كەلگەن) نىڭ بىر مەزھىبى بولۇپ، ئۇنى سۈرىيىلىك نېستورى (تەخمىنەن 380-451-يىللار) بەرپا قىلغان. بۇ دىندا  خرىستوسنىڭ ئىككى خىل ماھىيىتى ۋە ئىككى خىل مەنبە توغرىسىدىكى تەلىماتى ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ، يەنى خرىستوس ھەم ئىلاھىي ھەم ئادىمىيلىك خۇسۇسىيەت ۋە سۈپەتكە ئىگە دەپ قارىلىپ، مارىيەنىڭ ئىلاھىي ئانا ئىكەنلىكى ئىنكار قىلىنىدۇ. بۇ دىن خرىستىئان دىنىنىڭ ئورتودوكسال ئەقىدىسى بىلەن توقۇنۇشۇپ قالغانلىقتىن، نېستورى خىزمىتىدىن ئېلىپ تاشلىنىپ سۈرگۈن قىلىنغان. ئۇنىڭ مۇرىتلىرىمۇ شەرقىي رىم ئىمپېرىيىسىدە قاتتىق زىيانكەشلىككە ئۇچرىغاچقا، تەرەپ-تەرەپكە قېچىشقا باشلىغان. شۇنىڭ بىلەن بۇ دىن، شەرقتە ئەڭ ئاۋال ئىرانغا، ئاندىن ئوتتۇرا ئاسىيا ئارقىلىق ئېلىمىزنىڭ شىنجاڭ رايونىغا تارقىلىپ كىرگەن ھەم بۇ يەرلەردىن ئىچكىرى رايونلارغا تارقالغان. .n:CA.Bm?  
بۇ دىننىڭ ئەڭ دەسلەپكى ئېتىقادچىلىرى ۋە ئۇنى تارقاتقۇچىلار سوغدىلار بولۇپ، ئۇلار سوغدىيانادىكى بۇخارا، تاشكەنت، سەمەرقەند قاتارلىق جايلاردا ياشاپلا قالماستىن، بەلكى يەنە غەربىي يۇرتنىڭ تۇرپان، لوپنۇر قاتارلىق جايلىرىدىمۇ سودا پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللانغان. كېيىن ئۇلارنىڭ كۆپ قىسمى ئۇيغۇرلىشىپ «توققۇز جاۋۇپ ئۇيغۇرلىرى» دەپ ئاتالغان. گېرمانىيىلىك شەرقشۇناس ھ . ج  كلىمكېت: «سوغدىلار 5- ئەسىردىن باشلاپ نېستورىيانىزمنى قوبۇل قىلىپ ‹سوغدى - خرىستىئان ئەدەبىياتى› دەپ ئاتىلىدىغان ئەدەبىياتنى بەرپا قىلغان»(16) دەپ كۆرسىتىدۇ. جەنۇبىي سۇڭ سۇلالىسىنىڭ لى زۇڭ خانى دەۋرىدە ئەرمىنىيە بىلەن پارس قولتۇقىدىن نانغۇت، خانبالىق (بېيجىڭ)غا قەدەر بولغان جايلارنىڭ ھەممىسى نېستورىيان دىنى رايونى ئىچىدە ئىدى. ئېپسكوپلار تەرىپىدىن ئەلچى تۇرغۇزۇلغان جايلار 20 نەچچە رايونغا يېتەتتى. ئۆز دەۋرىدە ئۇيغۇرلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان قەشقەر 19 - دىنىي رايونغا تەۋە ئىدى. (17) ماركوپولونىڭ ساياھەت خاتىرىسىدە قەشقەردىن بېيجىڭغىچە بولغان يول بويىدا نېستورىيان دىنى مۇخلىسلىرىدىن خالىي بىرەر جاينىڭ يوقلۇقى خاتىرىلەنگەن. ماركوپولونىڭ خاتىرىسىدىن، ئۆز دەۋرىدە قەشقەر، خوتەن، بۈگۈر، ئىلى، تۇرپان، قۇمۇل قاتارلىق جايلاردا نېستورىيان دىنى ئىبادەتخانىلىرىنىڭ بولغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدە، ياۋروپالىقلار ئۇيغۇرلارنى تارسىي (tarse)  دەپ ئاتىغان. يۈيتيەنخېڭنىڭ: «غەربىي يۇرت مەدەنىيەت تارىخى» دېگەن ئەسىرىدە: «تارسىيلار نېستورىيان مەزھىبىدىكى خرىستىئان دىنىغا ئېتىقاد قىلاتتى. تاتاتۇڭانىڭ تۆت ئوغلىغا قويغان ئىسمىدىمۇ ئۇنى ئىسپاتلاشقا بولىدۇ... تاتاتۇڭا نېستورىيان مەزھىبىدىكى دىن تارقاتقۇچى ئىدى»(18) دېيىلگەن. تاتاتۇڭا مەشھۇر سىياسىئون ۋە تىلشۇناس ئىدى. ئەينى دەۋردە نايمان خانى تايانخان (1203-؟) ئۇنى ئۆزىگە ئۇستاز تۇتۇپ، خانلىقنىڭ ئالتۇن تامغىسى ۋە خەزىنە ئىشلىرىنى ئۇنىڭغا تۇتقۇزغانىدى. چىڭگىزخان نايمانلارغا يۈرۈش قىلغاندا، تاتاتۇڭانى ئەسىر ئېلىپ ئۆز ئوردىسىدا ئەتىۋارلاپ ئىشلەتكەن. تاتاتۇڭا يەنە ئۆزىنىڭ ئورنى ۋە تالانتىغا تايىنىپ، قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى ئاساسىدا موڭغۇللار ئۈچۈن تۇنجى يېزىق ئىجاد قىلىپ بەرگەن. شۇ دەۋرلەردە ئۇيغۇرلاردىن تاتاتۇڭادىن باشقا، يەنە مەشھۇر دېپلومات راببان ساۋما، دىن پېشىۋاسى ھەم دېپلومات مارك، مەشھۇر ئەدىب، ساياھەتچى مازۇچاڭغا ئوخشاش نېستورىيان دىنى ئۆلىمالىرى يېتىشىپ چىقىپ شۆھرەت قازانغانىدى. قەدىمكى ئالمىلىق شەھىرىنىڭ ئورنىدىن (ھازىرقى قورغاس تەۋەسىدە) غەربىي لىياۋ، يۈەن سۇلالىسى دەۋرىگە ئائىت كرېست بەلگىسى، سۈرىيە يېزىقى ئويۇلغان ئۈچ دانە قەبرە تېشى تېپىلدى. بۇ ئۈچ قەبرە تېشىنىڭ نېستورىيان دىنىنىڭ يالدامىسى ئىكەنلىكى ئىسپاتلاندى. ئىدىقۇت خارابىلىرىدىن «ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇلغان ئىنجىل پارچىلىرى ۋە باشقا كۆپلىگەن خرىستىئان دىنىغا ئائىت ھۆججەتلەر تېپىلدى. بۇنىڭ ئىچىدە گېرمانىيە ئېكسپېدىتسىيىچىلىرى ئىدىقۇت شەھەر خارابىسىدىن تاپقان نېستورىيان دىنىغا ئائىت تام رەسىم پارچىلىرى بەك قىممەتلىك بولۇپ، ئۇنىڭدا كىشىلەرنىڭ پالما شاخلىرىنى كۆتۈرۈشۈپ خاتىرە مۇراسىم ئۆتكۈزۈۋاتقانلىقى تەسۋىرلەنگەن». بۇ پاكىتلار، ئەينى دەۋردە نېستورىيان دىنىنىڭ غەربىي يۇرتتا خېلىلا تەسىر قوزغىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بېرىدۇ. $T{B4^   
تويىن دىنى CN\b qn  
تويىن دىنى (تەرىقەت دىنى). بۇ، ئېلىمىزنىڭ ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك رايونىدا بارلىققا كەلگەن دىن بولۇپ، مىلادىيە 5-ئەسىردە بىر قىسىم خەنزۇلارنىڭ غەربىي يۇرتقا كۆچۈپ كېلىشى بىلەن، خەنزۇلار بىرقەدەر توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان ئىدىقۇت، قۇمۇل قاتارلىق جايلارغا  تارقالغان. بۇ دىننىڭ ئېتىقادچىلىرىمۇ ئاساسەن خەنزۇلار ئىدى. ھازىرمۇ ئۈرۈمچى شەھىرىدە بىر ئېتىكاپخانىسى ۋە بىر قىسىم مۇرىتلىرى بار. oU%5<,{3 Z  
ئىسلام دىنى KX~=w'  
ئىسلام دىنى 8 - ئەسىردىن باشلاپ غەربىي يۇرتقا تەسىر كۆرسىتىشكە باشلىغان، لېكىن ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ دىننى رەسمىي قوبۇل قىلىشقا باشلىغان ۋاقتى قاراخانىلار سۇلالىسى دەۋرىگە توغرا كېلىدۇ. {u`-*s0e  
قاراخانىلار سۇلالىسى 9 - ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدىن 13 - ئەسىرنىڭ باشلىرىغىچە بولغان ئارىلىقتا تارىم ئويمانلىقىنىڭ غەربىي قىسمى ۋە پامىرنىڭ شىمالىدا ياشىغان ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن قۇرۇلغان يەرلىك ھاكىمىيەت. بۇ خانلىقنىڭ قۇرۇلۇشى بىلەن، غەربىي يۇرتنىڭ سىياسىي ۋە مەدەنىي ھاياتىدا ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەر يۈز بەرگەن، مەدەنىيەت ۋە ئىقتىساد جانلانغان، ئۇيغۇرلار مۇشۇ دەۋردە ئىلگىرىكى ئېتىقادلىرىدىن ۋاز كېچىپ، ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىشقا باشلىغان. `^ a/g-  
قاراخانىلار سۇلالىسى دەۋرىدە تۇنجى قېتىم ئىمان ئېيتقان كىشى ساتۇق بۇغراخان بولۇپ، بۇ، 10 - ئەسىرنىڭ دەسلەپكى يېرىمىدا بولغان ئىش ئىدى. بۇ مەزگىللەردە ئوتتۇرا ئاسىيا رايونى ئىسلاملاشقان بولۇپ، ئىسلام دىنى 200 نەچچە يىل داۋامىدا ھەر خىل يوللار بىلەن غەربىي يۇرتقا تەسىر قىلىشقا باشلىغانىدى. مۇسۇلمان ئەللىرىدىن كېلىدىغان ئەلچى ۋە سودىگەرلەرنىڭ ئايىقى ئۈزۈلمەيتتى. يەنە ماۋارائۇننەھرنىڭ شىمالىدا سامانىيلار سۇلالىسىنىڭ چېگرىسىنى بويلاپ يۈز بەرگەن تۈرلۈك ھەربىي ھەرىكەتلەر ۋە سودا ئالاقىلىرى، شۇ جايلاردىكى خەلقلەرنىڭ تەدرىجىي ھالدا ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلىشىغا سەۋەب بولغانىدى. eI~g#gt;  
«ئىلگىرى پايانسىز يايلاقتا قامچا ئوينىتىپ چەۋەندازلىق قىلغان، ھەرقايسى قەبىلىلەرنى باشلاپ تەرەپ - تەرەپتە جەڭ قىلغان ئۇيغۇر قاغانلىرى ئۈچۈن ئېيتقاندا، چەكسىز زېمىنى بار، جۈملىدىن ھەرقايسى تۈركىي تىللىق قەبىلىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان فېئودال خانىدانلىققا ھۆكۈمران بولۇش، مۇقىم ئولتۇراقلىشىپ يېزا ئىگىلىكى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان خەلقنى باشقۇرۇش، ئاۋات شەھەرلەرنى ئىدارە قىلىش ئۈچۈن، تەجرىبە كەم ئىدى. ئۇلار، تېرىقچىلىقنى ئاساس قىلغان فېئودال خانلىقنى  كۆپ ھاللاردا يايلاقتىكى كۆچمەن چارۋىچى مىللەتلەرنى باشقۇرغان ئۇسۇل بىلەن باشقۇراتتى. مۇشۇ سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، قاراخانىيلار سۇلالىسى قۇرۇلۇپلا، ئىچكى نىزا - جاڭجاللار بېسىقمىدى». «چەكسىز زېمىنغا ئىگە قاراخانىيلار سۇلالىسىنى قانداق ئىدارە قىلىش، دۆلەتنىڭ ھايات - ماماتىغا ، خەلقنىڭ تەقدىرىگە مۇناسىۋەتلىك زور بىر مەسىلە بولۇپ قالغانىدى. قاراخانىلار سۇلالىسىنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدە، چېگرا ئىچى - سىرتىدىكى ۋەزىيەت ۋە دىنىي ئېتىقادمۇ مۇرەككەپ ئىدى. ھۆكۈمران سىنىپلار گۇرۇھى ئىچىدىكى نەسەبچىلىك ئېغىر ئىدى. ئەنە شۇنداق شىددەتلىك ئوردا كۈرىشى جەريانىدا، ساتۇق بۇغراخان ئىمان ئېيتىپ مۇسۇلمان بولدى. شۇنىڭ بىلەن ساتۇق بۇغراخان ۋەكىللىكىدىكى ھۆكۈمرانلار گۇرۇھى ئىسلام دىنىدىن پايدىلىنىپ، ئۇنى خانىدانلىقتىكىلەرنىڭ ئىدىيىۋى تونۇشىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش، قارشى كۈچلەرگە زەربە بېرىش، سىرتتىكى ئىسلام كۈچلىرىنىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈپ خانلىق ھوقۇقنى مۇستەھكەملەش ۋە كۈچەيتىش جەھەتتە زور مۇۋەپپەقىيەت قازانغانىدى»(19). 7Efe"9C3:  
بۇ مەزگىلدە، غەربىي يۇرتتا قاراخانىلار سۇلالىسى، ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقى ۋە خوتەندىكى ئۇلۇغ ئاغىلىق ئۇدۇن دۆلىتىدىن ئىبارەت ئۈچ خانلىق مەۋجۇت ئىدى. D!sO95Z.  
قاراخانىلار سۇلالىسى ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ بۇددا دىنى ئېتىقادىدىكى بۇ خانلىقلار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى كۈندىن - كۈنگە جىددىيلەشتى. ئالدى بىلەن، ئۇلۇغ ئاغىلىق ئۇدۇن دۆلىتى بىلەن قاراخانىيلار ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت كەسكىنلەشتى، شۇنىڭ بىلەن قاراخانىلار بىلەن ئۇدۇن ئوتتۇرىسىدا 25 يىلغا سوزۇلغان دىنىي ئۇرۇش پارتلاپ، بۇ ئۇرۇش قاراخانىلار سۇلالىسىنىڭ غەلىبىسى بىلەن 1006 - يىلى ئاخىرلاشتى. 11 - ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن كېيىن، خوتەندىكى بۇددا دىنىنىڭ ئورنىنى ئىسلام دىنى تەدرىجىي ئىگىلەپ، تارىم ئويمانلىقىنىڭ غەربىي جەنۇبىي قىسمىدا، قەشقەرنى مەركەز قىلغان ئىسلام دىنى بازىسى قۇرۇلدى. دېمەك، بۇ مەزگىلدە، غەربىي يۇرتنىڭ شەرقىدە بۇددا دىنى، غەربىدە ئىسلام دىنى مەۋجۇت بولغاچقا، تارىم ئويمانلىقىنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدىكى كۇچا، چەرچەن، باينى چېگرا قىلغان ھالدا ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقى بىلەن قاراخانىيلار خانلىقى ئوتتۇرىسىدىكى ئۆزئارا تىركىشىپ تۇرۇش ۋەزىيىتى شەكىللەندى. Peg>O oG  
1124 - يىلىدىن 1218 – يىلغىچە بولغان ئارىلىقتا غەربىي يۇرت قاراقىتان (غەربىي لياۋ) سۇلالىسىنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدا بولدى. قاراقىتان خانلىقى ھۆكۈمرانلىق قىلغان بىر ئەسىرگە يېقىن مەزگىلدە، ئۇنىڭ تېررىتورىيىسى ئاساسەن بۇرۇنقى قاراخانىلار ۋە قوچۇ ئۇيغۇر خانلىقىغا تەۋە جايلار بولۇپ، شەرق تەرىپى تاڭغۇتلار ۋە موڭغۇللارنىڭ كېرەي، نايمان قەبىلىلىرى تۇرغان جايغا تۇتىشاتتى. شىمال تەرىپى ئىمىل دەرياسى بىلەن بالقاش كۆلىنى ئۆز ئىچىگە ئالاتتى، غەرب تەرىپى ئاساسەن ئامۇ دەرياسىغا تۇتىشاتتى، جەنۇب تەرىپى خوتەن رايونىنى ئۆز ئىچىگە ئالاتتى، پايتەختى بالاساغۇن ئىدى. !NQw~I 4  
قىتانلار ئارىسىدا ئەنئەنىۋى كوڭزىچىلىق ئىدىيىسى ۋە بۇددىزم ئىدىيىسى ھۆكۈمران ئورۇندا تۇراتتى. لېكىن، شىنجاڭ ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدىكى مىللەتلەر ئارىسىدا يەنە ئىسلام دىنى، خرىستىئان دىنى، مانى دىنى، زوروئاستېر دىنى، تويىن  دىنى، شامان دىنى قاتارلىق كۆپ خىل دىنىي ئېتىقاد تەڭ مەۋجۇت ئىدى. بولۇپمۇ، ئەسلىدىكى قاراخانىلار زېمىنىدا ئىسلام دىنى ھۆكۈمران ئورۇندا ئىدى. شۇڭا، قىتان ھۆكۈمرانلىرى دەسلەپتە ئىسلام دىنىغا قارىتا بىرقەدەر كەڭ ۋە مۆتىدىل سىياسەت قوللانغان. چۈنكى، ئىسلام دىنى بىر خىل ئېتىقاد بولۇپلا قالماي، يەنە بىر خىل ئىجتىمائىي تۈزۈم بولۇش سۈپىتى بىلەن، مۇسۇلمانلارنىڭ مەنىۋى ۋە ئىجتىمائىي تۇرمۇشىغا چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىپ، زور سىياسىي كۈچ پەيدا قىلغانىدى. لېكىن بۇ خىل ۋەزىيەت ئۇزۇنغا بارمىدى. 1212 - يىلى قاراقىتان خانلىقىنىڭ ھۆكۈمرانلىق ھوقۇقى كۈچلۈكنىڭ قولىغا ئۆتۈشى بىلەن، ئىسلام دىنى تارقىلىپ كىرگەندىن بۇيان ئەڭ چوڭ زەربىگە ئۇچرىدى. ئۇ مۇسۇلمانلارنى ئۆز ئېتىقادىدىن يېنىپ بۇددا دىنىغا كىرىشكە زورلىدى. خوتەندە ئىمام ئالائىدىن قاتارلىق 3000 دىن ئارتۇق ئالىم - ئۆلىمانى قىرغىن قىلدى. قەشقەر ، خوتەنلەردە قاراخانىيلار دەۋرىدە بىنا قىلىنغان «ساچىيە مەدرىسى» قاتارلىق مەسچىت، مەدرىسلەرنى ۋەيران قىلدى، كىتابلارنى كۆيدۈردى. كۈچلۈكنىڭ زوراۋانلىق قىلمىشلىرى قەشقەر ۋە خوتەن خەلقىنىڭ قاتتىق قارشىلىقىنى قوزغىدى. 1218 - يىلى چىڭگىزخان (1162-1227 - يىللار) غەربكە يۈرۈش قىلىپ باش سانغۇن جەبە نوياننى 20 مىڭ ئەسكەر بىلەن كۈچلۈككە جازا يۈرۈشى قىلىشقا ئەۋەتكەندە، قۇچۇ ئىدىقۇتى بارچۇق ئارت تېكىن (1208-1235) مۇ بۇ يۈرۈشكە ئاۋاز قوشۇپ كۈچلۈكنى ئۆلتۈردى. G':l.F  
1218 - يىلى چىڭگىزخان قىتان سۇلالىسىغا جازا يۈرۈشى قىلىپ كۈچلۈكنى ئۆلتۈرگەندىن كېيىن، ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ئېلىمىزنىڭ شىنجاڭ رايونى موڭغۇللار ھۆكۈمرانلىق دەۋرىگە كىردى. چىڭگىزخان ھەربىي كېڭەيمىچىلىك قىلىش ھەمدە زېمىنى كەڭ، مىللىي تەركىبى مۇرەككەپ، مەدەنىيىتى پەرقلىق بولغان بۇ رايونلاردا ھۆكۈمرانلىقنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن، دىنىي ئېتىقاد جەھەتتە ھەرقايسى دىنلارغا ئوخشاش مۇئامىلە قىلىش سىياسىتىنى قوللاندى. چىڭگىزخاننىڭ بۇ دىنىي سىياسىتى، ئۇنىڭ تەرەپ -تەرەپكە يۈرۈش قىلىپ زېمىن كېڭەيتىش ۋە موڭغۇل بۈيۈك ئىمپېرىيىسىنى قۇرۇش ئىشىدا مۇھىم رول ئوينىدى. ئۇنىڭ ھەممە دىنلارغا ئوخشاش مۇئامىلە قىلىش سىياسىتى – بويسۇندۇرۇلغان رايونلاردىكى ھەر خىل دىنىي ئېتىقادتىكى مىللەتلەرنىڭ سەردارلىرى ۋە پۇقرالىرىنى جەلپ قىلغاچقا، ھەر قايسى مىللەتلەر ئىچىدىكى نۇرغۇن ئۇقۇمۇشلۇق كىشىلەر ۋە ئىختىساسلىق خادىملار چىڭگىزخان ئوردىسىدا خىزمەت قىلغان. مەسىلەن، قىتان مىللىتىدىن بۇددىست زاھىد يوللىغ چۇساي، ئۇيغۇرلاردىن نېستورىيان مۇرىتى تاتاتۇڭا، يەنە مۇسۇلمان ئۇيغۇر مەخمۇت يالۋاچ بىلەن ئۇنىڭ ئوغلى مەسئۇد، شەندۇڭلۇق ئەۋلىيا چيۇ چۇجى (بۇ كىشى تويىن دىنى داھىسى ئىدى) قاتارلىقلار چىڭگىزخان ھوزۇرىدا ناھايىتى ئەتىۋارلىنىپ ئىشلىتىلگەندى. F{{/zr  
شىنجاڭ تارىخىدا، ئىسلام دىنىنىڭ 2 - قېتىم گۈللەنگەن دەۋرى، شەرقىي چاغاتاي خانلىقى دەۋرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. 1346 - يىلى چاغاتاي ئۇلۇسىنىڭ خانى غازانخان ۋاپات بولغاندىن كېيىن، چاغاتاي خانلىقى ئىككى قىسىمغا رەسمىي بۆلۈندى. 1348- يىلى تۇغلۇق تۆمۈر شەرقىي قىسىمدا خانلىق تەختىگە ئولتۇردى. سوفىزم تەرغىباتچىسى شەيخ جامالىددىن بىلەن ئۇنىڭ ئوغلى مەۋلانە ئەرشىدىننىڭ ۋاسىتىسى بىلەن تۇغلۇق تۆمۈرخان باشچىلىقىدىكى موڭغۇل ھۆكۈمرانلىرى ئىمان ئېيتىپ مۇسۇلمان بولدى. ئۇلارنىڭ ئىسلام دىنىغا كىرىشى،  شۇ جايلاردىكى مۇسۇلمانلار جەمئىيىتىنىڭ مۇھىتىغا ماسلىشىپ خانلىقنى مۇستەھكەملەشكە پايدىلىق ئىدى. كېيىن ئۇنىڭ ئوغلى خىزىر خوجا (1368-1400- يىللاردا تەختتە ئولتۇرغان) غازات قىلىش تۇغى ئاستىدا، ئىسلام دىنىنى شەرقىي شىنجاڭغا كېڭەيتتى. شۇنىڭ بىلەن شىنجاڭ تارىخىدا قاراخانىيلار سۇلالىسىدىن كېيىن ئىسلام دىنىنىڭ 2 - قېتىم گۈللىنىش دەۋرى باشلىنىپ، ئىسلام دىنى شىنجاڭنىڭ ھەممە يېرىگە قەدەر تارقالدى. بەزى مەلۇماتلاردا، مۇشۇ مەزگىلدە موڭغۇللاردىن 160 مىڭ كىشى ئىسلام دىنىغا كىرگەن، دېيىلىدۇ. ZDtUcUu"c  
بۇ دەۋردە، مىللەتلەرنىڭ قوشۇلۇش ھادىسىسى كۈچىيىپ،  قىتانلار ۋە موڭغۇللارنىڭ بىر قىسمى ئۆزلىرىدىن مەدەنىيەت جەھەتتە ئۈستۈن بولغان  بويسۇندۇرۇلغۇچى مىللەت – ئۇيغۇرلارغا قوشۇلۇپ كەتكەن. بۇ جەرياندا ئىسلام دىنى ۋاسىتىلىق رول ئوينىغان، دېيىشكە بولىدۇ. *(95jwi3  
مەلۇم دەۋر ۋە ماكان كاتېگورىيىسىدىكى ھەرقانداق بىر دىن، پەلسەپە، ئەدەبىيات - سەنئەت باشقا بىر زامان ۋە ماكان ئىچىگە ئېلىپ كىرىلگەندە، مۇقەررەركى شۇ زامان ۋە ماكاننىڭ تەسىرىدىن مۇستەسنا بولالمايدۇ، ئەلۋەتتە. شۇ سەۋەبلىك، ئەقىل - پاراسەتلىك ئەجدادلىرىمىز قەدىمكى دۇنيا مەدەنىيىتىنىڭ ئېسىل نەمۇنىلىرىنى  دادىللىق بىلەن قوبۇل قىلغان. ئۇلار كەڭ قورساقلىق پسىخىكىسى بىلەن ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك، ھىندىستان، ئەرەب - پارس مەدەنىيەتلىرىنى ۋە قەدىمكى يۇنان - رىم مەدەنىيەتلىرىنى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى ئىچىگە سىڭدۈرۈپ، مىللىي خاسلىققا ئىگە بولغان  ئارىلاشما مەدەنىيەتنى شەكىللەندۈرگەن. ئۇيغۇرلار چەت ئەلنىڭ مەدەنىيىتىنى ئۆگىنىشتە، ئەلۋەتتە ئۆزلىرىنىڭ ئەنئەنىۋى دۇنيا قارىشى ۋە قىممەت قارىشى ئاساسىدا ئىجادىي ئۆزلەشتۈرگەن. @M`AU+Fc[  
ئىسلام دىنىنىڭ ئۇيغۇرلار ئارىسىدا تارقىلىشى ئۈچۈن 500 يىلدىن  ئوشۇق ۋاقىت كەتكەن. بۇ جەرياندا، ئىسلام دىنى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجتىمائىي، سىياسىي، ئىقتىساد ۋە مەدەنىيەت ساھەلىرىگە چوڭقۇر تەسىر قىلغان. يېقىنقى ۋە ھازىرقى زامان ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ شەكىللىنىشى ۋە تەرەققىياتىدا چوڭ رول ئوينىغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بۇ جەرياندا ئىسلام دىنى ئۇيغۇر جەمئىيىتىگە ماسلاشقان ۋە قوشۇلغان. بولۇپمۇ سوپىزمنىڭ كەڭ كۆلەمدە تارقىلىشى بىلەن، جەنۇبىي شىنجاڭدا ئەزەلدىن بار بولغان بەزى ئەنئەنىلەر، مەسىلەن، ئەجدادلار روھىغا چوقۇنۇش، قەبرىلەرگە تېۋىنىش، ئانىمىزملىق ئېتىقاد قارىشى، زوروئاستېر دىنىنىڭ ئوتقا تېۋىنىش ئادىتى، شامان دىنى ئېتىقاد- ئادەتلىرى قاتارلىقلار ئىسلام دىنىنىڭ ئەقىدىلىرى بىلەن  ئۆزئارا يۇغۇرۇلۇپ، ئۇيغۇرلارغا خاس بولغان ئىسلام دىنى ئېتىقادى ئالاھىدىلىكى شەكىللەنگەن. بۇ خىل ئالاھىدىلىكلەر، ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ھازىرغا قەدەر ساقلىنىۋاتقان «خاسىيەتلىك» تېرەكلەرگە چوقۇنۇش ۋە ھەر يىللىق ھوشۇر، بارات ئايلىرىدا ئېلىپ بېرىلىدىغان «مازار» لارغا تاۋاپ قىلىش ئادەتلىرىدا تولۇق ئىپادىلەنمەكتە. بۇ خىل ئالاھىدىلىكلەردىن، سىرتتىن كىرگەن دىنلارنىڭ شىنجاڭدا تارقىلىش جەريانىدا يەرلىكلىشىش، مىللىيلىشىشتىن خالىي بولاليمىغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. شۇنداق بولغانلىقتىن، ئىسلام دىنى ئوخشىمىغان مەدەنىيەت ئارقا كۆرۈنۈشىدىكى تۇپراقتا يىلتىز تارتالىغان ۋە كەڭ كۆلەمدە تارقالغان. !-rd]L[ 
كۆپ خىل دىنىي ئېتىقادنىڭ بىللە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى ۋە تارقىلىشى، ئوخشىمايدىغان دىنلار ئوتتۇرىسىدىكى ئۆزئارا تەسىر ۋە ئۆزئارا سىڭىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. جەنۇبىي شىنجاڭدىكى مەسچىتلەرنىڭ قۇرۇلۇشىدىكى ئويما نەقىشلەردىن، قەدىمكى بۇددىزم سەنئىتىنىڭ كونا ئىزلىرىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. مەسىلەن، ئاتۇشتىكى سۇلتان ساتۇق بۇغراخان مەقبەرىسى ئالدىدىكى مەسچىت تورۇسىنىڭ گۈل نەقىشلىرى ئوتتۇرىسىدا "' بەلگىسى بار، بايىنغۇلىن ئاپتونوم ئوبلاستىغا جايلاشقان قورۇقتاغدىكى شىڭدى (兴地)  قىيالىرىغا سىزىلغان قىياتاش سىزمىلىرىدا بۇ تامغا  روشەن كۆزگە چېلىقىپ تۇرىدۇ. ئالىملارنىڭ تەتقىقاتىغا ئاساسلانغاندا، «بۇ بەلگە برونزا دەۋرىدىكى ئاندورونوپلار مەدەنىيىتى قاتلىمىدىن تېپىلغان، ئارىئانلار ئىشلەتكەن يورۇقلۇق ۋە ئوت (ئاگنى) بەلگىسى» ئىكەن. شۇڭا، قاراشەھەر قەدىمدە «ئاگنى» دەپ ئاتالغان. ساكلارمۇ بۇ بەلگىنى ئىشلەتكەن. بۇددىزم ئۇنى مېھرىبانلىق، ئىللىقلىقنىڭ سىمۋولى قىلغان. جەنۇبىي شىنجاڭدىكى سوپىزمچىلار ئىچىدە بىر خىل ئالاھىدە دىۋانىلار گۇرۇھى بار، ئۇلار چېچىنى قويۇۋېتىپ يۈرىدۇ، پاني ئالەمگە نىسبەتەن ئۇچچىغا چىققان تەركىدۇنياچىل، ئۆيلۈك - ئوچاقلىق بولۇشنى خالىمايدۇ، دۇنيا تۇتمايدۇ، ھەر تەرەپكە لاغايلاپ يۈرۈپ قەلەندەرچىلىك قىلىدۇ. بۇنىڭ مەنبەسىنى ئەينى دەۋردە شۇ يەردە تارقالغان بۇددىزمنىڭ «قەلەندەر راھىب» گۇرۇھى بىلەن باغلاشقا بولىدۇ. ھازىرغىچە ساقلىنىپ كېلىۋاتقان «باخشى»، «داخان»، «پېرىخۇن» قاتارلىقلار بولسا، قەدىمدە ئۇيغۇرلار ئېتىقاد قىلغان شامان دىنىدىن قېلىپ قالغان نەرسىلەردۇر. نورۇز ئۆتكۈزۈش، ئوتتا ئۇچۇغداش ۋە ئوتنى ئۇلۇغلاش قاتارلىقلار زوروئاستېر دىنىنىڭ قالدۇق ئىزناسىدۇر. xDM:Xf}  
  قىسقىسى، شىنجاڭ تارىخىدا ئىسلام دىنى تارقىلىشتىن ئىلگىرى، زوروئاستېردىنى، بۇددا دىنى، تويىن دىنى، مانى دىنى، نېستورى دىنى قاتارلىق دىنلار يىپەك يولى ئارقىلىق شىنجاڭغا تارقىلىپ، يەرلىكتىكى ئىپتىدائىي دىنلار بىلەن بىللە جاي-جايلارغا تارقالغان ھەم ئۆز ئارا بىر –بىرسىگە تەسىر كۆرسەتكەن. ئىسلام دىنى ئومۇملاشقاندىن كېيىنمۇ، شىنجاڭدا كۆپ خىل دىن تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشتەك ۋەزىيەت داۋاملىق ساقلاپ قېلىنغان. كېيىن يەنە خرىستىئان دىنى، كاتولىك دىنى قاتارلىقلارمۇ تارقالغان. ھازىر شىنجاڭدا ھەر خىل دىنلارنىڭ دىنىي پائالىيەت سورۇنلىرى 24 مىڭدىن ئاشىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە، ئىسلام دىنىنىڭ دىنىي پائالىيەت سورۇنى 22 مىڭدىن ئاشىدۇ. لاما دىنى بۇدخانىسىدىن 34ى بار، بۇددا دىنى ئىبادەتخانىسىدىن 11ى بار. خرىستىئان دىنى چېركاۋى(پائالىيەت سورۇنلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) 100 گە يېتىدۇ. كاتولىك دىنى چېركاۋىدىن 17 سى،  پراۋسلاۋىيان دىنى چېركاۋىدىن 2 سى، يەنە تەرىقەت دىنىنىڭ ئېتىكاپخانىسىدىن بىرى بار. $e3;9`Q  
U`:CcmH"V  
    ئىزاھلار: vgK%Xj3y  
    l-n}E@5  
    (1) ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر: «ئەرەب مۇزىكا مەدەنىيىتىنىڭ ئون ئىككى مۇقامغا بولغان تەسىرى مەسىلىسى» ، «شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقاتى» ژۇرنىلى1991 - يىل 4 - سان. u{ f OL|L  
    (2) «ئوغۇزنامە» 1980 - يىل مىللەتلەر نەشرىياتى نەشرى، مۇقەددىمە قىسمىدىكى «قوچۇ ئىدىقۇتلىرىنىڭ تۆھپە مەڭگۈ تېشى» دىن  ئېلىنغان رىۋايەتكە قاراڭ. <(MtzvM  
    (3) ئىبراھىم مۇتىئى: «ئالتاي مىفلىرى توغرىسىدا» يەنى «ئىرىق پۈتۈك» 17 - قۇردا مۇنداق بىر چۈش تەبىرى بار: «ئەر ئۆمىلەپ بېرىپ تەڭرىگە دۇچ كېلىپ بەخت - سائادەت سوراپتۇدەك. (تەڭرى) قۇت - بەخت بېرىپ ئېغىلىڭدا يىلقاڭ بولسۇن، ئۆزۈڭ ئۇزۇن ئۆمۈرلۈك بول دەپتۇدەك. بىلىڭلاركى بۇ ئەزگۈ». بۇنى يىلقا (ئات) ئەقىدىسىدىن، دەپ قاراش مۇمكىن. يەنە رۇسىيىلىك و.گ. ياننىڭ«چىڭگىزخان» ناملىق ئەسىرىگە قاراڭ. pGf~ H9k  
    (4) خۇي لى: «شاپائەت ئىبادەتخانىسى ئۈچ ئاغىلىق نوم ئۇستازلىرىنىڭ تەرجىمىھالى» 2- جىلد. b:K{<  
    (5) بارتولد : «موڭغۇل ئىستېلاسى دەۋرىدىكى تۈركىستان» 1928 - يىل، لوندون، 204-، 205-، 180 - بەتلەر. 7p$cx+yI  
    (6) خۇيچاۋ: «بەش ئەنەتكەك ئېلىگە زىيارەت خاتىرىسى». 7\XhfP   
  (8) (7) ھاجى نۇر ھاجى: «شىنجاڭ ئىسلام تارىخى» 1995 - يىل مىللەتلەر نەشرىياتى نەشرى،  - بەت ۋە 174 - بەت. c]z",ck"S$  
  (10) (9) لۈي جىن: «ھىندىستان بۇددىزمىنىڭ مەنبەلىرى ۋە تارماقلىرى»، شاڭخەي خەلق نەشرىياتى 1979 - يىل نەشرى، 12 - بەت. يەنە ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەد ئىمىن: «ئۇيغۇر پەلسەپە تارىخى»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1997 - يىل نەشرى، 7 - بەت. Fv2jyzLn  
  (18) (11)يۈيتيەنخېڭ: «غەربىي يۇرت مەدەنىيەت تارىخى»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1981 - يىل خەنزۇ نەشرى، 65 - بەت ۋە 106 -، 108 - بەتلەر. Z.y(wP{}!  
  (12) ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەد ئىمىن: «غەربىي يۇرت تاشكېمىر سەنئىتى»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1998 - يىل نەشرى، 149-، 150 - بەتلەر ۋە 347-، 348 - بەتلەر. 74Z9R/  
  (13) «بۇلاق» مەجمۇئەسىنىڭ 1983 - يىللىق 10 - سانى، 6 - بەت. %NkCy|\\8J  
  (14)ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەد ئىمىن: «ئۇيغۇر پەلسەپە تارىخى»، 1997 - يىل شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى نەشرى، 46 - بەتتە كەلتۈرۈلگەن نەقىل. <3d/2G1  
(15) فېڭ جياشېڭ قاتارلىقلار تۈزگەن:«ئۇيغۇر تارىخىغا دائىر ماتېرىياللاردىن قىسقىچە توپلام»، مىللەتلەر نەشرىياتى 1981 - يىل نەشرى، 1 - قىسىم، 98-، 99 - بەتلەر. `ua@f `M  
  (16) ھ . ج كلىمكېت: «قەدىمكى يىپەك يولىدىكى مەدەنىيەت»، شىنجاڭ فوتو سۈرەت - گۈزەل سەنئەت نەشرىياتى 1994 - يىل نەشرى، 84 - بەت. (@,j:_\R3G  
  (17) جاڭ ۋېنخەن: «جۇڭگونىڭ قەدىمكى خرىستىئان دىنى ۋە كەيفېڭ يەھۇدىلىرى»، 469 - بەت.  HXU:\-G  
  (19) لاڭ يىڭ: «‹قۇتادغۇبىلىك› ۋە شەرق - غەرب مەدەنىيىتى»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1994 - يىل نەشرى، 83- ، 84 - بەتلەر. "aH!DGFKQ  
tzhV&R;gH  
ئاپتورنىڭ خىزمەت ئورنى: شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى دىن تەتقىقات ئورنى oE0a q6z  
جاۋابكار مۇھەررىر: مۇھەممەدجان مۆمىن  ,r%E5N:J4  
ئەسلى ئادىرسى:  http://www.xjass.com:81/shownews2.asp?news_id=71
باشقۇرغۇچى فىروزە تېمىنى تەستىقلىدى .
بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى :
  • پۇل:+20(تېنچىلىق قۇشى) دانالىق !
  • person needs to be physically active to keep his or her mind active!
    | ۋاقتى : 2007-12-05 23:57 [باش يازما]
    ئۇچارتەخسە
    دەرىجىسى : يېڭى يۇلتۇز


    UID نۇمۇرى : 7442
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 44
    ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە44دانە
    شۆھرەت: 119 نۇمۇر
    پۇل: 620 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 101 نۇمۇر
    قوللاش: 72 نومۇر
    ئالقىش: 175 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى :2(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-11-28
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-01-01
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

                                       
    | ۋاقتى : 2007-12-06 02:07 1 -قەۋەت
    ئۇيغۇر
    دەرىجىسى : قىزىققۇچى


    UID نۇمۇرى : 2097
    نادىر تېما : 2
    يازما سانى : 212
    ئۇنۋان:4 دەرىجە ھازىرغىچە212دانە
    شۆھرەت: 239 نۇمۇر
    پۇل: 2290 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 293 نۇمۇر
    قوللاش: 240 نومۇر
    ئالقىش: 267 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى :83(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-07-02
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-02-28
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    نىمانداق كۆپ بۇ؟
    person needs to be physically active to keep his or her mind active!
    | ۋاقتى : 2007-12-06 04:37 2 -قەۋەت
    نۇزۇگۇم
    دەرىجىسى : ئالاھىدە تەكلىپ


    UID نۇمۇرى : 2091
    نادىر تېما : 3
    يازما سانى : 306
    ئۇنۋان:5 دەرىجە ھازىرغىچە306دانە
    شۆھرەت: 6509 نۇمۇر
    پۇل: 3883 سوم
    تۆھپە: 15 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 352 نۇمۇر
    قوللاش: 321 نومۇر
    ئالقىش: 318 كىشلىك
    دوستلۇق توپى: ئەدىبلەر
    توردىكى ۋاقتى :131(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-07-02
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-02-23
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    تاكى  ھازىرغا  قەدەر  شۇ  ئاتا  -بوۋىلىرىمىز ئىتىقاد  قىلغان  دىنلارنىڭ  ئۆرىپ -ئادەتلىرى ساقلىنىپ  كەلمەكتە . VsjgY>A  
    مەن  ئۇيغۇرلار  شامان دىنىدىن  كېيىنلا  بۇددا  دىنىنى  قوبۇل  قىلغان  دەپ  ئويلاپتىمەن .
    ئۆزۈڭ  يىغلا  ، ئۆزۈڭ  قايغۇر ،ئۆزۈڭ  كۈل .
    | ۋاقتى : 2007-12-06 11:59 3 -قەۋەت
    دولقۇن
    دەرىجىسى : يېڭى يۇلتۇز


    UID نۇمۇرى : 3471
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 4
    ئۇنۋان:1 دەرىجە ھازىرغىچە4دانە
    شۆھرەت: 4 نۇمۇر
    پۇل: 1112 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 4 نۇمۇر
    قوللاش: 4 نومۇر
    ئالقىش: 4 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى :2(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-07-20
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-01-29
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    بۇددا دىنى؟ قۇرۇپ كەتسۇن WN;aTN_*l  
    مەن مللتمزنڭ ئسلام دىنىدن بۇرۇن  ئاتەش دنىغا ئتائەت قلغانلىغنى بلدىكەنمەن.
    | ۋاقتى : 2007-12-06 17:59 4 -قەۋەت
    ئابدۇقادىر
    كۈلكەڭ ئۈچۈن
    ئالاھىدە باشقۇرغۇچى ئالاھىدە ئىلگىرلەش
    دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


    UID نۇمۇرى : 1198
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 3424
    ئۇنۋان:16 دەرىجە ھازىرغىچە3424دانە
    شۆھرەت: 4154 نۇمۇر
    پۇل: 22417 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 3407 نۇمۇر
    قوللاش: 3306 نومۇر
    ئالقىش: 2688 كىشلىك
    دوستلۇق توپى: تەبەسسۇم
    توردىكى ۋاقتى :139(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-06-19
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-02-29
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    ئىنكاس يازمىساق ژورنالغا چىقىرامدا~~~!! VB?xTP_  
    }N+ 
    ئاللاھغا شېرىك كەلتۈرۈشتىن ئەمدى ئاللاھ ساقلىسۇن~~~بۇرۇنقىلاردەك ئىزىشقا بولمايدۇ!!
    كىم دادېسىدىن چوڭ؟ ھا ھا ھا ھا
    يىشۇنىڭ چىچى يوق دېسە كىم ئىشىنىدۇ؟ھې ھې ھې ھې
    | ۋاقتى : 2007-12-06 18:01 5 -قەۋەت
    ئىدىرىسجان
    ھە؟ قارايمىزغۇ؟چىرايلىقمىكەنمە
    مۇنبەر قىززىقچىسى
    دەرىجىسى : ئوت يۈرەك


    UID نۇمۇرى : 2095
    نادىر تېما : 2
    يازما سانى : 2014
    ئۇنۋان:14 دەرىجە ھازىرغىچە2014دانە
    شۆھرەت: 1095 نۇمۇر
    پۇل: 80 سوم
    تۆھپە: 100 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 1363 نۇمۇر
    قوللاش: 1481 نومۇر
    ئالقىش: 2108 كىشلىك
    دوستلۇق توپى: دۇستلۇق
    توردىكى ۋاقتى :36(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-07-02
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-02-26
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    ئىشنىقىلىپ مەن ئەمدى سەلكىندىكى 2000يىل بۇرۇنقى ھەرقانداق ئالىمنى تۇنۇشتۇرىدىغان تىما بولسا ئىنكاسنى 10غا ئاپىرىشنى تەشەببۇس قىلىمەن،
    ئەتىلا ئۆلىدىغاندەك ئىبادەت قىل،
    پەقەت ئۆلمەيدىغاندەك تىجارەت قىل.
    | ۋاقتى : 2007-12-06 18:04 6 -قەۋەت
    ئۇيغۇر
    دەرىجىسى : قىزىققۇچى


    UID نۇمۇرى : 2097
    نادىر تېما : 2
    يازما سانى : 212
    ئۇنۋان:4 دەرىجە ھازىرغىچە212دانە
    شۆھرەت: 239 نۇمۇر
    پۇل: 2290 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 293 نۇمۇر
    قوللاش: 240 نومۇر
    ئالقىش: 267 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى :83(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-07-02
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-02-28
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    2000يىل بۇرۇنقى؟؟
    person needs to be physically active to keep his or her mind active!
    | ۋاقتى : 2007-12-07 16:57 7 -قەۋەت
    ئازغـۇن
    سىرلىق ئادەم
    يازما يوللاش ئۇستىسى
    دەرىجىسى : كۆنگەن ئەزا


    UID نۇمۇرى : 1610
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 758
    ئۇنۋان:9 دەرىجە ھازىرغىچە758دانە
    شۆھرەت: 795 نۇمۇر
    پۇل: 751 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 887 نۇمۇر
    قوللاش: 823 نومۇر
    ئالقىش: 739 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى :20(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-06-25
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-01-04
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    ئەمىسە جىق جىق يازمايلىما خالايىق ؟
    شۇنداق بىر كۈنلەر كېلىپ ، ھاياتىم ئاخىرلىشىپ ، ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىن ئورۇن ئالغان چېغىمدا ، بۇ تەڭسىز جاھاندىن كەتكەن چېغىمدا .......... نېمە دەپ جاۋاپ بېرەرمەن؟؟؟؟؟؟؟؟
    | ۋاقتى : 2007-12-07 17:05 8 -قەۋەت
    كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
    سەلكىن مۇنبىرى » ئۇيغۇرلار

    Time now is:02-29 12:31, Gzip disabled
    Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2008-01 Uypw.cn Corporation