Www.SalamUrumqi.Com - سالام ئۈرۈمچى ئونۋېرسال تور بېكىتى - 萨拉穆乌鲁木齐娱乐资讯门户网
مىقلاڭ ئەسەر يوللاڭ تىزىملىتىڭ
ساقلىۋىلىڭ ئۇچۇر يوللاڭ مەرھەمەت
 
 
 


سەككىز ئەسكەر


   سەككىز ئەسكەر بىر كۈن رۇخسەت سوراپ شەھەرگە ئوينىغىلى كىرىپتۇ. بىراق ئەتىسى ئەتىگەندىمۇ قايتىپ چىقماپتۇ. سىرژانتنىڭ بەكلا ئاچچىقى كېلىپتۇ.
   سائەت يەتتىدىن ئازراقلا ئۆتكەندە بىرىنچى ئەسكەر قايتىپ كەپتۇ:
   — بەكلا ئەپسۇس كوماندىر، — دەپتۇ ئۇ سىرژانتقا ئەھۋالنى چۈشەندۈرۈپ، — سائىتىم كېيىن قاپتىكەن، پويىزغا ئۈلگۈرەلمەي بىر كىرا ماشىنىسىغا چىققانىدىم. بىراق، يېرىم يولدا ماشىنا بۇزۇلۇپ قالدى. بىر كەنتتىن بىر ئات سېتىۋالغانتىم، كىم بىلسۇن، ئۇ ئات ئۆلۈپ قالدى. ئاخىرى ئون چاقىرىمدىن كۆپرەك يولنى پىيادە بېسىپ قايتىپ كەلدىم.
   سىرژانت ئۇنىڭ گەپلىرىدىن ناھايىتى تەسىرلىنىپ كېتىپتۇ. ھايالشىمايلا قالغان ئالتە ئەسكەر ئارقا-ئارقىدىن كېلىشكە باشلاپتۇ. ھەممىسىلا ئوخشاشلا پويىزغا خاتا چىقىپ قالغانلىقى، ماشىنا كىرا قىلغانلىقى، ئات سېتىۋالغانلىقىنى دەپتۇ. سىرژانتنىڭ قاتتىق ئاچچىقى كېلىپ تۇرۇشىغا، ئەڭ ئاخىرقى بىر ئەسكەرمۇ يېتىپ كەپتۇ.
   — مەن پويىزغا خاتا چىقىپ قېلىپ، ئاندىن ماشىنا كىرا قىلىپ...
   — ئاغزىڭنى يۇم! — سىرژانت غەزەپ بىلەن ۋارقىراپتۇ، — سەنمۇ ماشىنا بۇزۇلدى، دېمەكچىما؟
   — ياق، كوماندىر، — دەپتۇ ئەسكەر، — ماشىنا بۇزۇلمىدى، بىراق، نۇرغۇنلىغان بۇزۇلۇپ قالغان ماشىنا ۋە ئۆلۈپ قالغان ئاتلار يولنى توسۇۋېلىپ، ماشىنا ئۆتەلمەي قالدى.
         كۆرۈلۈشى:2977     قوشۇلغان ۋاقتى:2011/9/7 16:45:40يوللىغۇچى ئەزا:

 
   

   ئاۋات ئەسەرلەر

ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:قىزىقارلىق سېلىشتۇرۇش: شەھەر ۋە يېزا
قىزىقارلىق سېلىشتۇرۇش: شەھەر ۋە يېزا
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:تىك ئۇچارنى كۆرگەندە
تىك ئۇچارنى كۆرگەندە
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:بىر خىزمەتچىنىڭ خوجايىندىن رۇخسەت سورىشى
بىر خىزمەتچىنىڭ خوجايىندىن رۇخسەت سورىشى
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:دارازا ۋە سېھرىگەر پاقا
دارازا ۋە سېھرىگەر پاقا
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:قىزىقارلىق يۇمۇرلار كۈلىۋىلىڭ!
قىزىقارلىق يۇمۇرلار كۈلىۋىلىڭ!
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:ئۈچ چىۋىننىڭ سۆھبىتى (ئالامەت يۇمۇر، ئۈچىيىڭىز ئۈزۈلۈپ كېتىدۇ)
ئۈچ چىۋىننىڭ سۆھبىتى (ئالامەت يۇمۇر، ئۈچ
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:قەشقەردىكى سېسىق پاراڭلار
قەشقەردىكى سېسىق پاراڭلار
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:قايسى توي قىلمىغان قىز؟
قايسى توي قىلمىغان قىز؟

پىكىر ئالماشتۇرۇڭ   بىزنى قوللاڭ   بىزدىن پايدىلىنىڭ   بىزنى بىلۋىلىڭ
       
ئالاقىلىشڭ تەكلىپ-پىكىر ئېلان بىرىڭ بېكەت ھەققىدە
سەيناغا كىرىڭ ئەزا بولوڭ ھەمكارلىشىڭ سەھىپىلەر
  ئۇلىنىش قوشۇش ئۇچۇر يوللاڭ مۇلازىمەتلىرىمىز
  بىۋاستە ئۇچۇر يوللاڭ بىۋاستە ئۇچۇر يوللاڭ بىۋاستە ئۇچۇر يوللاڭ   بېكەت لوگوسى ئەسەر يوللاڭ بېكەت رەسمىيەتلىرى
 
 
 
 

 

   

工信部备案:新ICP备11000444号

乌鲁木齐市公安局网络支队备案号-6501201108002 Copyright© 2010-2014 SalamURUMQI.Com