Www.SalamUrumqi.Com - سالام ئۈرۈمچى ئونۋېرسال تور بېكىتى - 萨拉穆乌鲁木齐娱乐资讯门户网
مىقلاڭ ئەسەر يوللاڭ تىزىملىتىڭ
ساقلىۋىلىڭ ئۇچۇر يوللاڭ مەرھەمەت
 
 
 


قىزىقارلىق يۇمۇرلار كۈلىۋىلىڭ!

سەلەي چاققان بىر كۇنى پادىشاھنىڭ ئوردىسىدا پادىشاھنى كۇلدۇرۇپ ئولتۇرسا كۇلكە ئىغىر كەلدىمۇ پادىشاھ يەل  قويۋىتىپتۇ....  
پادىشاھ گەپنى باشقا ياققا بۇراپ دەپتۇدە:سەلەي سەن نەدىن،  
مەن ئوپالدىن  
سەن نەچچە بالا  
بىز ئۈچ بالا،مەن كەنجىسى  
ئەمسە قالغان ئاكىلىرىڭ قىنى...  
بىرسى ئوردىنىڭ ئالۋان ياسىقىغا چىدىماي ئىسسىققا پالىنىپ ئۆلگەن يەنە بىرسى ئوردىنىڭ زۇلۇمىغا چىدىماي دارغا ئېسىلىپ ئۆلگەن،مەن ئەمدى ئوردىدا پاراڭ تۈگمەي سىسىقچىلىقتا ئۆلدىغان ئوخشايمەن دەپتۇ........

2.

بىر كۈنى لەغمەن سەۋزىنى بوزەك قىلىپتىدە شۇنىڭ بىلەن سەۋزە تاۋۇزغا لەغمەننى ئۇرۇپ بەر دەپ يالۋۇرۇپتۇ..ئۇ ماقۇل بولۇپ لەغمەننى ھەممە يەردىن ئىزدەپتۇ.....تۇيۇقسىز سەۋزە تەييار چۆپنى كۆرۈپ قاپتۇدە تاۋۇزغا ئاكا ئاكا ئەنە ئۇ بىزنى تونۇپ قالمىسۇن دەپ چىچىنى بۇدرە قىلىۋاپتۇ.دەپتۇ....  

3.
سەلەي چاققان ئامبالنىڭ چاكارلىقىنى قىلىپ يۇرگەن چاغلاردا بىرى ئۇنىڭدىن سوراپ قاپتۇ...سەلەيكا مەن ئامبالنى بەك ئەقىللىق ئادەم دەپ ئاڭلىدىم ئۇ زادى قانداق ئادەم دەپتۇ....سەلەي چاققان:كۆرمىدىڭىزمۇ ئامبالنىڭ ئەقىللىقلىقىدىن ئەقلى بىشىغا پاتماي قورسىقىغا چۇشۇپ قالغان....   
4.

بىر كۈنى a,b,c ئۇچ ئادەم ساياھەتكە چىقىپتۇ ئۇلار بىر ئورمانلىققا ساياھەتكە چىقىپتۇ . قانداق بولۇپ كەتتى،بۇلارنى ئىندىيانلار قوغلاپ كىتىپتۇ.....aئادەم قاچانلاردىندۇ بىر يول بىلەن يوقاپ كىتىپتۇ،b بىلەن cبىريەرگە كەلگەندە بىر دەرەخ بارئىكەن.b ئىتتىك چىقىۋاپتۇ،ئىندىيانلار c تۇتىۋىلىپ تازا ئۇرۇپتۇ..
ئىككىنجى قىتىم بۇلارنى يەنە شۇ يەردە يەنە شۇ ئىندىيانلار قوغلاپ كىتىپتۇ.aبۇرۇنقىدەك بىر يول بىلەن قىچىپ كىتىپتۇ،b بىلەن c ھىلىقى يەرگە كەلگەندە يەنە bئىتتىك چىقىۋاپتۇ....ئىندىيانلار يەنە c تازا قويۇپتۇ.....
ئۇچىنجى قىتىم بۇلار يەنە شۇ ئورمانلىقتا يەنە شۇ ئىندىيانلار قوغلاپ كىتىپتۇ.....aيەنە قىچىپ كىتىپتۇ....b بىلەن c ھىلىقى يەرگە كەلگەندە c مەن تاياق يەرىۋىرەمدىم دەپ b بۇرۇن دەرەخكە چىقىۋاپتۇ...ئىندىيانلار كەپتۇ..b تىتىرەپ تۇرسا ئىندىيانلاردىن بىرى:ئاغىنىلەر ماۋۇ ئاستىدىكىنى بەك ئۇرۇپ كەتتۇق ئەمدى ئۈستىدىكىنى ئۇرايلى دەپتۇ..  

5.
ئايالى ئەينەككە قارىغىنىچە ئۆزىنى تۇتالماي يىغلاپ كېتىپتۇ :
- ، مەن نىمانچىلا سەتلىشىپ كەتتىم ھە  ، ھۈ ھۈ ھۈ  
- ، جېنىم ، سەنغۇ ئەينەككە نەچچە كۈندە بىر قاراپ قويىسەن ، مەن كۈندىلا  ساڭا قاراپ
ياشاۋاتىمەنغۇ ، ماڭا ئىچىڭ ئاغرىمىدىما ؟

6.
بىر ئادەم يەيدىغان مەملىكەتنىڭ شاھزادىسى ئالىي دەرىجىلىك يولۇچىلار ئايروپىلانىدا  
ساياھەتكە چىقىپتۇ ،  چۈشلۈك تاماق ۋاقتىدا ھاۋاقىز :  
ئەپەندىم ، نېمە تاماق يېيىشنى خالايسىز؟
شاھزادە : .........
ھاۋاقىز : پىشۇرۇلغان كالا گۆشى يەمسىز؟  شاھزادە "ياق" دېگەن مەنىدە بېشىنى چايقاپتۇ.
ھاۋاقىز : توخۇ پاچىقى ياكى  قانىتىچۇ ؟   ئۇ يەنىلا بېشىنى چايقاپتۇ  
ھاۋاقىز : ئەپەندىم ، سىز زادى نېمە تاماق يەيسىز ؟  
شاھزادە : يولۇچىلار تىزىملىكىنى ئەكىلىپ بېرىڭ ، كۆرۈپ باقاي
7.
قىز: بىز تونۇشقاندىن بۇيان نېمىلەرنى ھېس قىلىۋاتىسىز؟  
يىگىت : ھەر ئايلىق مائاشىمنىڭ يەتمەيۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىۋاتىمەن .

8.

ساراڭلار دوختورخانىسدا ساراڭلارنىڭ ھەممىسىگە كېسەك قۇيغۇزدىكەن،ئارقىدىنلا كېسەكنى بۇزىۋېتپ يەنە قايتا قۇيغۇزدىكەن.ئۇلارنىڭ قارشىچە ئەگەر ساراڭلار ساقايسا قۇيغان كېسەكنى بۇزىۋەتسەك ئۇلار چوقوم قايتا قۇيۇشقا ئۇنىمايدۇ ،شۇ چاغدا ئۇلارنى دوختوخانىدىن چىقىرۋېتىمىز دەپ قارايدىكەن.
  بىر كۈنى بىر باشلىق كېلىپ بىر ساراڭ قۇيغان كېسەكنى بۇزىۋېتىپتۇ ،ساراڭ -نېمىشقا مەن قۇيغان كېسەكنى بۇزىۋېتسەن؟دەپ باشلىقنىڭ ياقىسىنى سىقىپتۇ،باشلىق ساراڭنى ساقايغان ئوخشايدۇ دەپ ئويلاپ -بۇزىۋەتسەم نىمە بۇپتۇ،دىگەنكەن،ساراڭ-ئۆزۆم قۇيغان كېسەكنى ئۆزۆم بۇزاتتىم،دەپتۇ.  

9.
تىببى ئىنىستىتوت مەكتىۋىنىڭ مۇئەللىمى بىر كۈنى دەرس سۆزلەۋېتىپ، بىر ئوقۇغۇچىنى تۇرغۇزۇپ دەرس سوراپتۇ.:  
مۇئەللىم: سەن بوۋاق بالىلارنى كالا سۈتى بىلەن بېقىشقا قارىغاندا ئانا سۈتى بىلەن بېقىشنىڭ پايدىلىق ئىكەنلىگىنىڭ بەش خىل ئالاھىدىلىگىنى دەپ باققىنە! ئوقۇغۇچى: 1-ئانا سۈتى ساپ؛ 2-ئۇ پاكىز؛ 3-تېمپۇراتۇرىسى تۇراقلىق؛ 4- بۇلغىنىشقا ئۇچرىمىغان.....!  
مۇئەللىم: يەنىچۇ؟  
ئوقۇغۇچى بىر پەس ئويلۇنۇپ تۇرۇپ كېتىپ، جاۋاپ بېرىپتۇ: «يەنە.... ئانا سۈتىنى ئېلىپ يۈرۈشكە ئەپلىك،

10.

بىر ئالىم بىر ماشىنا ياساپتۇ،دە- ئۇنىڭغا ئادەم بىشىنى كىرگۈزسە قانچە پىرسەنت ئەقلى بارلىقىنى دەپ بىرىدىكەن...  
شۇنىڭ بىلەن بىزنىڭ مەھەللىدىكى ئۈچ ئاغىنەم بىشىنى تىقىپ قاپتىغۇ بۇنىڭغا....  
ئەكرەم دەپ ئاغىنەم تىقىپتىكەن ئەقلى90%دەپتۇ،ئىليار دەپ بىر ئاغىنەم تىقسا ئەقلى85%دەپتۇ،مەھەللىمىزدىكى  
بىر ئەڭ ھورون بىر ئادەم بولىدىغان ئۇ تىقىپتۇ....ماشىنا قىززىپ،پارتىلاي دەپتۇ..ماشىنا مەن تاش قۇبۇل قىلمايمەن دەپتۇ.....  

         كۆرۈلۈشى:4441     قوشۇلغان ۋاقتى:2012/5/15 17:48:14يوللىغۇچى ئەزا:

 
   

   ئاۋات ئەسەرلەر

ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:قىزىقارلىق سېلىشتۇرۇش: شەھەر ۋە يېزا
قىزىقارلىق سېلىشتۇرۇش: شەھەر ۋە يېزا
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:تىك ئۇچارنى كۆرگەندە
تىك ئۇچارنى كۆرگەندە
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:بىر خىزمەتچىنىڭ خوجايىندىن رۇخسەت سورىشى
بىر خىزمەتچىنىڭ خوجايىندىن رۇخسەت سورىشى
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:دارازا ۋە سېھرىگەر پاقا
دارازا ۋە سېھرىگەر پاقا
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:قىزىقارلىق يۇمۇرلار كۈلىۋىلىڭ!
قىزىقارلىق يۇمۇرلار كۈلىۋىلىڭ!
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:ئۈچ چىۋىننىڭ سۆھبىتى (ئالامەت يۇمۇر، ئۈچىيىڭىز ئۈزۈلۈپ كېتىدۇ)
ئۈچ چىۋىننىڭ سۆھبىتى (ئالامەت يۇمۇر، ئۈچ
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:قەشقەردىكى سېسىق پاراڭلار
قەشقەردىكى سېسىق پاراڭلار
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:قايسى توي قىلمىغان قىز؟
قايسى توي قىلمىغان قىز؟

پىكىر ئالماشتۇرۇڭ   بىزنى قوللاڭ   بىزدىن پايدىلىنىڭ   بىزنى بىلۋىلىڭ
       
ئالاقىلىشڭ تەكلىپ-پىكىر ئېلان بىرىڭ بېكەت ھەققىدە
سەيناغا كىرىڭ ئەزا بولوڭ ھەمكارلىشىڭ سەھىپىلەر
  ئۇلىنىش قوشۇش ئۇچۇر يوللاڭ مۇلازىمەتلىرىمىز
  بىۋاستە ئۇچۇر يوللاڭ بىۋاستە ئۇچۇر يوللاڭ بىۋاستە ئۇچۇر يوللاڭ   بېكەت لوگوسى ئەسەر يوللاڭ بېكەت رەسمىيەتلىرى
 
 
 
 

 

   

工信部备案:新ICP备11000444号

乌鲁木齐市公安局网络支队备案号-6501201108002 Copyright© 2010-2014 SalamURUMQI.Com