Www.SalamUrumqi.Com - سالام ئۈرۈمچى ئونۋېرسال تور بېكىتى - 萨拉穆乌鲁木齐娱乐资讯门户网
مىقلاڭ ئەسەر يوللاڭ تىزىملىتىڭ
ساقلىۋىلىڭ ئۇچۇر يوللاڭ مەرھەمەت
 
 
 


بىر كۈلۈڭ

ئاشخانىدىكى جىدەل

لەڭمەن بىلەن چۆچۈرە گەپ تەگىشىپ سوقۇشۇپ قاپتۇ.
لەڭمەن چۆچۈرىنى تاراسلىتىپ ئۇرۇپ ھېچ ھالىنى قويماپتۇ.بۇ ئەلەمگە چىدىمىغان چۆچۈرە دۆڭكۆۋرۈكتىن يڭغلىغان پېتى كونسۇل كوچىسىدىكى سامسىخانىغا بېرىپ ھالىنى ئېيتىپتۇ.سامسا غەزەپكە كېلىپ،چۆچۈرىنى ئالدىغا سېلىپ مېڭىپتۇ.يولدا تەييار چۆپ ئۇچراپ قالغانىكەن،سامسا ئۇنى ئۇرۇپ كېتىپتۇ.
-ئۇكاڭنى ئۇرغان مەن ئەمەس،__دەپتۇ تەييار چۆپ،خاتا تونۇپ قاپسەن.
سامسا تېخىمۇ غەزەپلىنىپ:
-مەن سەنلەرنى بىلمەمدىم،چېچىڭنى بۈدۈر قىلىۋالساڭمۇ تونۇيمەن 

 

 

 بىر قىز ئىشتىن چۈشكۈچە كەچ بولۇپ كىتىپتۇ ، قاراڭغۇدا قورقۇپ مىڭىۋاتسا ،كەينىگە بىرسى ئەگىشىۋاپتۇ ،شۇنىڭ بىلەن قىز نەق زاراتگاھلىق تەرەپكە قاراپ يۈگۈرۈپتۇ ، ھىلىقى كىشىمۇ كەينىدىن تەڭ يۈگۈرەپتۇ . قىز بىر قەبرىنىڭ ئالدىغان كىلىپ توختاپتۇ -دە – دادا قەبرە ئىشىكىنى ئاچە ، ئاچقۇچ ئىلىۋىلىشنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن . دىيىشىگە ھىلىقى كەينىدىكى ئەگىشىپ كىلۋاتقان كىشى بەدەر قىچىپ كىتىپتۇ . قىز ئۇھ دەپ تۇرشىغا ،قەبرىدىن :
-يەنە ئاچقۇچنى ئۇنتۇپ قاپسەن -دە ، كىرە ئۆيگە ”دىگەن ئاۋاز كەپتۇ ، قىز ئالدى كەينىگە قارىماي قىچىپتۇ .
ئەسلىدە قەبرىگە مۆكۈۋالغىنى جەسەت ئوغىرىسى ئىكەن . ئۇ قولىغا گۈرجىكىنى ئىلىپ قەبرىنى قازاي دەپ تۇرىشىغا ،ياندىكى قەبرىدىن:
-كىچىك قىز بالىنى قورقۇتقۇچە تېزىراق ئىشىڭنى قىلە ،گۇي . ما قەبرىدە ياتقىلى 80 يىل بولاي دىدى ،سىنى ساقلاپ كۆزۈم تۆت بولدى . دىگەن ئاۋاز كەپتۇ ، قەبرە قازغۇچى قورققۇنىدىن ھوشىدىن كىتىپتۇ . قەبرىدىن بىرى كىيىملىردىكى توپا -چاڭلارنى قىقىشتۇرغىنىچە چىقىپ “ مەندىن ئىش تالاشقانغا توي ”دەپ ئالدىدىكى قەبرىنى كولاي دەۋاتسا ، يىراقتىن دوڭ ،دوڭ ،دوڭ… … قىلغان ئاۋاز كەپتۇ ، قورققۇنىچە بېرىپ قارىسا بىر قېرى بوۋاي قەبرە تىشىدىكى خەتلەرنى قايتىدىن يازغىلى تۇرۇپتۇ .ھىلىقى جەسەت ئوغىرىسى لاغىلداپ تىتىرەپ تۇرۇپ :
_ بوۋا ، نىمە ئىش قىلىۋاتىدىلا ؟ دەپ سوراپتۇ .
بوۋاي ئارقىسىغا قاراپمۇ قويماي :
_ ماۋۇ بەغىرەزلەرنى يىمەي -ئىچمەي باقساممۇ ، قەبرە تاشقا ئىسمىمنى خاتا يېزىپ قويۇپتۇ . شۇنچە يىل ساقلىسام بىرسى كىلىپ تۈزىتىپ قويمىدى ،بۈگۈن ئاچچىقىمدا ئۆزۈم تۈزىتىۋىتەي دەپ قەبرىدىن چىقىشىم .
ھىلىقى جەسەت ئوغىرىسى تىكلا چۈشۈپتۇ . 

 


ناخشا ئېيتقۇم كېلىۋاتىدۇ

بىر ئوغۇل بالىنىڭ ئانىسى بەكلا تەلەپچان بولۇپ، ھەمىشە ئۇنى قائىدە- يۇسۇنلۇق بولۇشقا ئۈندەيدىكەن، ئەمما بالا تېخى  3يېرىم ياشتا ئىكەن.
بىر كۈنى بۇ ئائىلىدىكىلەر بىر كەچلىك زىياپەتكە قاتنىشىپتۇ. بىر چاغدا ھېلىقى بالا:« ئانا سىيگۈم كەپ كەتتى» دەپ ۋارقىراپ، ھەممەيلەننىڭ دىققىتىنى تارتىپتۇ. ئانىسى بالىنىڭ بۇ قىلىقىدىن بەكلا ئۇڭايسىزلىنىپتۇ. ئۆيگە قايتقاندىن كېيىن، ئانىسى بالىنىڭ ھەر قانداق چاغدا سىيگۈسى كەلسە «ناخشا ئېيتقۇم كېلىۋاتىدۇ» دېيىش لازىملىقىن تاپىلاپتۇ.
بىر نەچچە كۈن ئۆتكەندىن كېيىن، بالىنىڭ چوڭ دادىسى ئۇلارنى يوقلاپ كەپتۇ. بالا چوڭ دادىسىغا بەكلا ئامراق ئىكەن. كەچتە بالا بوۋىسىدىن چۆچەك ئاڭلاپ ئۇخلاپ قاپتۇ. بىر نەچچە سائەتتىن كېيىن ئويغىنىپ :«بوۋا، ناخشا ئېيتقۇم كېلىۋاتىدۇ» دەپتۇ. بوۋاي بۇ يېرىم كېچىدە باشقىلارنى ئويغىتىۋەتمىسۇن دەپ، نەۋرىسىگە :«ئوبدان بالام، ناخشا ئېيتقۇڭ كەلگەن بولسا مېنىڭ قۇلىقىمغا ئېيتقىن» دەپ پىچىرلاپتۇ. 

 

 


                                       مەست شوپۇر 
     روسسىيەنىڭ مەلۇم بىر شەھىرىدە ھاراق ئىچىپ ماشىنا ھەيدەيدىغانلار پەيدا قىلغان ۋەقە كۆپىيىپ كېتىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن قاتناش ساقچىللىرى يىغىن ئېچىپتۇ،يىغىندا قاتناش ساقچى باشلىقى بۈگۈندىن باشلاپ ھاراق ئىچكەننى قاتتىق تەرتىپكە سالىمىز،ھاراق ئىچكەنلەرنى تۇتقانلارنى مۇكاپاتلايمىز،كىم بوشاڭلىق قىلسا شۇنى ئىشتىن بوشىتىمىز دەپ قاتتىق سۆزلەپتۇ.  بىر قاتناش ساقچىسى يىغىندىن كېيىن  ئۆزىنىڭ باشقۇرۇش دائىرىسىدىكى تۆت كوچا ئېغىزىدا نۆۋەتچىلىك قىلىۋاتسا شۇنداقمۇ يوغان ، كوزۇپى ئۇزۇندىن ئۇزۇن بىر يۈك ماشىنىسى پۈتۈن يولنى ئىگەللەپ لەپەڭ-لەپەڭ قىلىپ كېلىۋاتقىدەك.قارىماققىلا شوپۇر غىق مەس.قاتناش ساقچىسى خىزمەت كۆرسىتىدىغان بولدۇم دەپ ئويلاپ ماشىنىنى توسۇپتۇ. ئۇ يۈك ماشىنىسى بىر كىلومېتىر يىراقلىقتا ئاران توختاپتۇ-دە ،شوپۇر ماشىنىدىن چۈشۈپتۇ .قارىسا ئۆرە تۇرالمىغىدەك مەس.قاتناش ساقچىسى شوپۇرنى سوراققا تارتىپتۇ.:ئوھۇي نوچى ھاراقنى قۇلاق مىدىرلىغۇچە ئىچىپسەندە،ھاراق ئىچىپ ماشىنا ھەيدەشنىڭ قانۇنغا خىلاپلىقىنى بىلەمسەن بىلمەمسەن.
       شوپۇر كىكەچلەپ ئاران جاۋاپ بېرىپتۇ: ھاراق ئى..چمى..دىم مەن باشلىق.
      ساقچى:ماۋۇ يالغانچىنى،غىق مەس تۇرۇپ يالغان سۆزلەيسىنا نۇمۇس قىلماي،ئاغزىڭنى ئېچىپ ھا... قىلە تەكشۈرەيمەن.
       شوپۇر ئاغزىنى ئېچىپ :ھا.........
      ساقچى:....قىززىق ئىش،سەن مەس تۇرۇپ ھاراق پۇرىمايسەنغۇ ،قانداق گەپ بۇ،سەن زادى نىمە ئىچتىڭ. 
      شوپۇر ئۈندىمەپتۇ.
      گاڭگىراپ قالغان ساقچى دەپتۇ:مېنىڭ بىشىمنى قاتۇرۇپ قويدۇڭ ،بولدى ساڭا جازا بەرمەيمەن، سەن شۇنچىۋالا مەس تۇرۇپ پۇرىمايدىغان نىمە ئىچكەنلىگىڭنى دەپ بەرسەڭ سېنى قويۇپ بېرىمەن-دەپتۇ.
      شوپۇر:مەن ئاق ھاراق(ۋوتكا) ئىچكەن.
      ساقچى:يالغان سۆزلىمە،ئەمىسە نېمىشقا ھاراق پۇرىمايسەن.
      شوپۇر: بۈگۈن قاتناش ساقچىللىرى ھاراق ئىچكەنلەرنى تەكشۈرىدىكەن دەپ ئاڭلاپ ،ھاراقنى ئىچەلمەي ئوكۇل قىلىپ يانپاشقا ئۇرۇۋالغان.
     ساقچى بۇ گەپنى ئاڭلاپ ئالاقزادىلىك بىلەن ئەتراپقا بىر قارىۋەتكەندىن بېگىز بارمىقىنى لېۋىگە تەڭلەپ دەپتۇ: ئۈ..ش... بۇ گەپنى ھىچكىمگە تىنماي جىممىدە كېتىۋالە . بىكار بىزنىڭ باشلىق بىلىپ قالسا  پۈتۈن شوپۇرنىڭ قوڭىنى پۇرىتىدۇ!  

 

 

ھاراق دىگەننى بولىشىغا ئىچىدىغان بىرىنىڭ ئايالى ئۇنى بىر قورقۇتۇپ تۈزىتەي دەپ ، ئالۋاستىدەك ياسىنىپ ، ئېرىنىڭ كېلىشىگە ساقلاپ تۇرۇپتۇ . بىر چاغدا ئېرى دەلدەڭشىپ غىڭشىپ كېلىۋاتقىدەك ، ئايال يۈگرەپ بېرىپلا ئارقىسىغا ئۆتۈپ ، قورقۇنچلۇق ئاۋاز چىقىرىپ :
-مەن دىگەن ئالۋاستى ، ئەمدى يەنە ھاراق ئىچسەڭ جېنىڭنى ئالىمەن ،-دەپتۇ . مەس ئېرى :
-ۋاي ۋاي قۇلاقنى ئاغرىتمىغىنا ، مەن سىنىڭ ئاچاڭنى ئېلىپ ھايات يۈرۋاتىمەنغۇ مانا ….  

 


بىر ئادەمنىڭ ئايالى يەڭگىپتۇ،ئۈچ كۈندە ئايىقى،تۆت كۈندە تىلى چىقىپتۇ بىراق كىمنى چاقىرىسا شۇ ئۆلىدىكەن.بىر كۈنى مۇما دەپتىكەن مۇمىسى ئۆلۈپتۇ،يەنە بىر كۈنى بۇۋا دەپتىكەن بۇۋىسى ئۆلۈپتۇ.دادىسى:ماۋۇ گۇي كىمنى چاقىرىسا شۇ ئۆلىۋاتىدۇ دادا دەپ سالمىغېيتى دەپ تۇرىشىغا دادا دەپ چاقىرىپتىكەن،دادىسى ئاپلا مەن ئۆلدۈم دەپ ئۆزىنى يەرگە تاشلىۋېتىپتۇ.بىر چاغدا كۆزىنى ئاچسا ساق ئۆلمىگەن بۇ نىمە ئىش ئەمدى دەپ تۇرىشىغا خوشنىسىنىڭ بالىسى يىغلاپ كىرىپتۇ.نىمە بولدۇڭ دەپ سورىشىغا ئۇ بالا يىغلاپ تۇرۇپ:دادام تۇيۇقسىز ئۆلەپ قالدى دىگۈدەك.  


 

         كۆرۈلۈشى:3698     قوشۇلغان ۋاقتى:2011/8/24 17:03:17يوللىغۇچى ئەزا:

 
   

   ئاۋات ئەسەرلەر

ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:قىزىقارلىق سېلىشتۇرۇش: شەھەر ۋە يېزا
قىزىقارلىق سېلىشتۇرۇش: شەھەر ۋە يېزا
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:تىك ئۇچارنى كۆرگەندە
تىك ئۇچارنى كۆرگەندە
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:بىر خىزمەتچىنىڭ خوجايىندىن رۇخسەت سورىشى
بىر خىزمەتچىنىڭ خوجايىندىن رۇخسەت سورىشى
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:دارازا ۋە سېھرىگەر پاقا
دارازا ۋە سېھرىگەر پاقا
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:قىزىقارلىق يۇمۇرلار كۈلىۋىلىڭ!
قىزىقارلىق يۇمۇرلار كۈلىۋىلىڭ!
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:ئۈچ چىۋىننىڭ سۆھبىتى (ئالامەت يۇمۇر، ئۈچىيىڭىز ئۈزۈلۈپ كېتىدۇ)
ئۈچ چىۋىننىڭ سۆھبىتى (ئالامەت يۇمۇر، ئۈچ
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:قەشقەردىكى سېسىق پاراڭلار
قەشقەردىكى سېسىق پاراڭلار
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:قايسى توي قىلمىغان قىز؟
قايسى توي قىلمىغان قىز؟

پىكىر ئالماشتۇرۇڭ   بىزنى قوللاڭ   بىزدىن پايدىلىنىڭ   بىزنى بىلۋىلىڭ
       
ئالاقىلىشڭ تەكلىپ-پىكىر ئېلان بىرىڭ بېكەت ھەققىدە
سەيناغا كىرىڭ ئەزا بولوڭ ھەمكارلىشىڭ سەھىپىلەر
  ئۇلىنىش قوشۇش ئۇچۇر يوللاڭ مۇلازىمەتلىرىمىز
  بىۋاستە ئۇچۇر يوللاڭ بىۋاستە ئۇچۇر يوللاڭ بىۋاستە ئۇچۇر يوللاڭ   بېكەت لوگوسى ئەسەر يوللاڭ بېكەت رەسمىيەتلىرى
 
 
 
 

 

   

工信部备案:新ICP备11000444号

乌鲁木齐市公安局网络支队备案号-6501201108002 Copyright© 2010-2014 SalamURUMQI.Com