Www.SalamUrumqi.Com - سالام ئۈرۈمچى ئونۋېرسال تور بېكىتى - 萨拉穆乌鲁木齐娱乐资讯门户网
مىقلاڭ ئەسەر يوللاڭ تىزىملىتىڭ
ساقلىۋىلىڭ ئۇچۇر يوللاڭ مەرھەمەت
 
 
 


قىززىق يۇمۇرلار

نەسىردىن ئەپەندىنىڭ بىر قوشنىسى بولۇپ،ئىنتايىن پىخسىق ئىكەن ،پۇلنى ئاياپ، تاماق يىيىشكىمۇ كۆزى قىيمايدىكەن .
بىر كۈنى ئۇ ئەپەندىمدىن سوراپتۇ؛
--ئادەمنى ئۆمۈرۋايەت تاماق يىمەس قىلالايدىغان بىرەر شىپالىق دورا بارمۇ ئەپەندىم؟
--بار دەپتۇ ئەپەندىم تەنتىرىمەي --زەھەر ئىچسىڭىز مۇرادىڭىز ھاسىل بولىدۇ.
 
 
 ساقچى؛ئەپەندىم ،قاتناش قاىئدىسىگە خىلاپلىق قىلىپ قالايمىقان يول يۈرمەڭ.
  يولۇچى؛بىراق مەن سىزگە ئەگىشىپ كېلىۋاتىمەنغۇ؟
 
 
   ئوقۇتقۇچى ؛نىكولاي  نىمىشقا كېچىكتىڭ؟
  نىكۇلاي؛ ئاپام ئاغىرىپ قېلىۋىدى ،دورىخانىغا باردىم.
  ئوقۇتقۇچى ؛سەنچۇ رەيىن ،نىمىشقا كېچىكتىڭ؟
  رەيىن؛سائىتىم توختاپ قاپتۇ. 
  ئوقۇتقۇچى؛ئۇنداقتا سەنچۇ سەيرۇي؟ 
  سەيرۇي؛بېشىم ئاغىرىپ قالدى.   ئوقۇتقۇچى؛ئانتونى ،نىمىشقا يىغلايسەن؟  
  ئانتونى؛ئۇلار ھەممىنى دەپ بولدى ،ماڭا سۆزلىگۈدەك سەۋەپ قالمىدى.
 
 
    باغ ئارىلاپ كېلىۋاتقان كۆزەتچى ئالما تېرىۋاتقان بىر بالىنى كۆرۈپ كايىپ كەتتى.
--ھىم خۇمپەر ،ئالما ئوغىرلىغىلى تۇردىڭمۇ؟خەپ توختاپتۇر ،داداڭغا ئېيتمايدىغان بولسام...  
  ئەندىكىپ كەتكەن بالا ئالما شېخىغا  قاراپ ۋاقىرىدى ؛
---دادا ما يەردە بىر ئادەم سىزنى  ئىزدەيدىكەن
 
 
ساراڭلار دوختۇرخانىسىدا ئىككى ساراڭ پاراڭلىشىپ ئولتۇرۇپتۇ.
_ يازغان ھېكايەم قانداق چىقىپتۇ؟
_ يامان ئەمەسكەن، پەقەت پېرسۇناژلار كۆپرەك بولۇپ كېتىپتۇ. بۇ ۋاقىتتا سېستىرا ئۇلارغا ۋاقىراپتۇ:  
_ ھەي، تېلېفون دەپتىرىنى جايىغا قويۇپ قويۇڭلار
 
 
چاچلىرىنى پاقپايتىپ ،غەلىتە كىيىنىپ يۈرۈيدىغان ياسانچۇق بىر ئايال،كەچكى يىغىندىن قايتقاندا،ھىسامغا دەپتۇ
    _ھىسامكا،ئاپىرىپ قويىڭە يولدا قورقىمەن. 
    _نىمىدىن قورقىسىز؟   
   _جىندىن.   ھىسام جاۋاب بېرىپتۇ:     _ھىچ ۋەقەسى يوق،ئۇكام ،كېتېۋېرىڭ،مۇشۇ ئەپتىڭىزدىن جىنلارمۇ قورقۇپ قېچىپ كېتىشىدۇ.
 
 
بالىسى: دادا ، مەن ھازىر بار نەرسىنى يوق قىلىۋىتىدىغان بىر خىل ئۇسۇلنى ئۇگۇنىۋالدىم.
دادىسى: بۇ قانداق ئۇسۇل؟
بالىسى: ئەگەر سەن ئاغزىمغا كەمپۇت سېلىپ قويساڭ بىر دەمدىلا يوق قىلىۋىتەلەيمەن
 
 
.بىر مەھەلىدە ئېرى يوق ئىككى بالىسى بار بىر ئايال بىلەن،ئايالى يوق ئۈچ بالىسى بار بىر ئەر باركەندە،يۇرت ئاقساقاللىرى مەسلىھەتلىشىپ بۇ ئىككىسىنىڭ بىشىنى بىر قىپ قۇيۇپتۇ،شۇنىڭ بىلەن بۇ ئىككىسى يەنە بىر بالىلىق بوپتۇ.بىر كۈنى ئىككىسى تازا پاراڭلىشىپ ئولتارسا تالادا ۋاڭ-چۇڭ چىقىپ كىتىپتۇ.ئايالى ئېرىگە قاراپ باقسىلا نىمىش بولغاندۇ دەپتۇ.ئېرى چىقىپ كىتىپ بىر ھازادىن كىيىن ھاسىراپ ھۆمىدەپ كىرىپ كەپتۇدە-سىلىنىڭ بالىلىرى بىلەن مىنىڭ بالىلىرىم بىر بولۇپ ئىككىمزنىڭ بالىسىنى ئۇرۇپتۇ دىگۈدەك.
         كۆرۈلۈشى:2589     قوشۇلغان ۋاقتى:2011/7/25 10:46:49يوللىغۇچى ئەزا:

 
   

   ئاۋات ئەسەرلەر

ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:قىزىقارلىق سېلىشتۇرۇش: شەھەر ۋە يېزا
قىزىقارلىق سېلىشتۇرۇش: شەھەر ۋە يېزا
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:تىك ئۇچارنى كۆرگەندە
تىك ئۇچارنى كۆرگەندە
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:بىر خىزمەتچىنىڭ خوجايىندىن رۇخسەت سورىشى
بىر خىزمەتچىنىڭ خوجايىندىن رۇخسەت سورىشى
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:دارازا ۋە سېھرىگەر پاقا
دارازا ۋە سېھرىگەر پاقا
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:قىزىقارلىق يۇمۇرلار كۈلىۋىلىڭ!
قىزىقارلىق يۇمۇرلار كۈلىۋىلىڭ!
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:ئۈچ چىۋىننىڭ سۆھبىتى (ئالامەت يۇمۇر، ئۈچىيىڭىز ئۈزۈلۈپ كېتىدۇ)
ئۈچ چىۋىننىڭ سۆھبىتى (ئالامەت يۇمۇر، ئۈچ
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:قەشقەردىكى سېسىق پاراڭلار
قەشقەردىكى سېسىق پاراڭلار
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:قايسى توي قىلمىغان قىز؟
قايسى توي قىلمىغان قىز؟

پىكىر ئالماشتۇرۇڭ   بىزنى قوللاڭ   بىزدىن پايدىلىنىڭ   بىزنى بىلۋىلىڭ
       
ئالاقىلىشڭ تەكلىپ-پىكىر ئېلان بىرىڭ بېكەت ھەققىدە
سەيناغا كىرىڭ ئەزا بولوڭ ھەمكارلىشىڭ سەھىپىلەر
  ئۇلىنىش قوشۇش ئۇچۇر يوللاڭ مۇلازىمەتلىرىمىز
  بىۋاستە ئۇچۇر يوللاڭ بىۋاستە ئۇچۇر يوللاڭ بىۋاستە ئۇچۇر يوللاڭ   بېكەت لوگوسى ئەسەر يوللاڭ بېكەت رەسمىيەتلىرى
 
 
 
 

 

   

工信部备案:新ICP备11000444号

乌鲁木齐市公安局网络支队备案号-6501201108002 Copyright© 2010-2014 SalamURUMQI.Com