Www.SalamUrumqi.Com - سالام ئۈرۈمچى ئونۋېرسال تور بېكىتى - 萨拉穆乌鲁木齐娱乐资讯门户网
مىقلاڭ ئەسەر يوللاڭ تىزىملىتىڭ
ساقلىۋىلىڭ ئۇچۇر يوللاڭ مەرھەمەت
 
 
 


تۈركۈم يۇمۇرلار

پادىشاھ كۆلچەككە بىر شىرنى تاشلاشقا بۇيرۇپتۇ ، ھەش پەش دىىگىچە كۆلچەكتىكى تىمساقلار شىرنى پارچىلاپ يەپ سۆڭگىنى قالدۇرۇپتۇ . بۇ چاغدا پادشاھ  تاماششا كۆرۈشكە كەلگەن پوقىرالارغا قاراپ كۆرەڭلىگەن ھالدا " قايسڭلار مۇشۇ كۆلچەكتىن ئۆزۈپ ساق سالامەت چىقالىساڭلار قىزىمنى شۇنڭىغا ياتىلىق قىلىمەن ... يەنە پادىشالىقىمنىڭ يېرىمىنى بېرىمەن.

  پادىشاھنىڭ گېپى تۈگىمەيلا  "چۇلدۇڭ" قىلغان بىر ئاۋاز ئاڭلىنىپتۇ ،  قارسا بىر يىگىت كۆلچەككە سەكىرەپ چۆشۈپ جېننىڭ بارىچە  سۇ ئۆزۈۋاتقادەك ... يىگىت سۇنى ئۇچقاندەك ئۆزۈپ بىردەمدە قىرغاققا چقپتۇ .

پادشاھ خۇشاللقىدا ھېلقى يىگتنىڭ ئالىدىغا كىلىپ " يارايسەن يىگىت ھەققەتەن باتۇر ئىكەنسەن "

يىگىت نىمە قىلارنى بىلەلمەي جىددىيلىشپ  ئارانلا :"ياقەي  ئۇنچە ئەمەس" دەپتۇ. ئارقىدىن

يىگىت  ناھايتى ئاچچغى كەلگەن يېرلىپ كەتكىدەك چىراي تاتارغان ھالدا  بايامقى تىمساق بار كۆلچەككە ئەتىراپىغا  توپلىشىپ تاماششا كۆرۈۋاتقان  كىشلەرگە قاراپ :" ھەي ! قايسىڭ بايام مىنى سۇغا ئىتتىرۋەتگەن؟ !" 

 

 

بىر قىزنىڭ ئوغۇل دۇستى پۇتبۇل كۇماندىسنىڭ تەنھەركەتچىسى ئىكەن .

بىر كۈنى قىز ئوغۇل دوستىدىن سۇراپتۇ  :  سىز پۇتبۇل مەيدانىدا زادى نىمىش قىلىسىز  ؟

ئوغۇل دوستى مۇنداق دەپتۇ  : مەن سىزنى قۇغلاشقاندا ئالدى ھۇجۇمچى بۇلىمەن ،  سىزنىڭ ئەتىراپىڭىزدا پەرۋانىدەك يۈرگەندەك ئوتتۇرا مەيدان ھۇجۇمچىسى بۇلىمەن ، سىزنى ئىندەككە كەلتۈرۋالغان ۋارتا قۇغدۇغۇچىسى بۇلىمەن ، ئىككىمىز گەپ تالىشىپ ئۇرۇشىپ قالغاندا ۋارتار بولىمەن شۇ ....

 

بىر ئادەم قۇملۇقتا ھەدەپ بىر نەرسە كولىغىلى تۇرۇپتۇ ، يۇلدىن ئۆتكەن بىرسى ئۇنڭىدىن ھەي نىمە ئىزدەۋاتسىز؟ دېسە

مەن نەچچە كۈننىڭ ئالددا مۇشۇ يەرگە نۇرغۇن پۇل كۆمۈپ قويغانتىم ھازىر ئىزدەپ تاپالمايۋاتىمەن دەپتۇ .

" بەلگە قىلمىغانتىڭىز پۇلنى كۆمگەندە ؟"

 بەلگە قىلغانتىم  بولمىسا ...

ھېلقى ئادەم سۇراپتۇ : نېمە بەلگە قىلغانتىڭز ؟

شۇ كۈنى بۇلۇتنىڭ سايسى دەل مەن پۇل كۆمگەن يەرگە چۆشۈپتكەن

 

سوتچى قاتىللىق قۇرالىنى كۆرستىپ تۇرۇپ ئەيپلەنگۈچىدىن سۇراپتۇ : دىگىنە سەن بۇ قۇرالنى كۆرۈپ باققانمۇ ؟ بۇ سىنڭىمۇ   ئەمەس ؟

" مەن كۆرۈپ باقمىغان "دەپلا جاۋاپ بىرپتۇ ئەيپلەنگۈچى ،  سوتچى نەچچە قېتىم سورغان بۇلسىمۇ  ئۇ كۆرۈپ باقمىغان دەپلا جاۋاپ قايتۇرۇپتۇ ، سوتچى ئامال قىلالماي سوتنى ۋاقتىچە توختىپتۇ .

ئىككىنچى كۈنى سوتچى ئۇنڭىدىن يەنە سوراپتۇ : " دىگىنە سەن  بۇ قۇرالنى زادى كۆرگەنمۇ يۇق ؟

ئەيپكار " شۇنداق ، مەن كۆرگەن " دەپ جاۋاپ بىرپتۇ .

سوتچى كۆڭلىدە خۇش بۇلۇپ  ئەمدى ئىقىرار قىلدىغان بۇلدى دەپ ئۇيلاپ  " دىگىنە قاچان كۆرگەنتىڭ ؟"

ئەيپكار : " تۆنۈگۈن شۇ مۇشۇ سوتتا كۆرگەن "

 

بىر ئايال  قىزىل چىراغدا توختىماي بېسىپ ئۆتۈپ قاتناش قائىدىسگە ئېغىر دەرجىدە خلاپلىق قىلنغانلىقى ئۆچۈن سۇتقا تاپشۇرۇپ بىرلىپتۇ .

بۇ ئايال سوتچىغا چۆشەندۈرۈپ : مەن بىر ئۇقۇتقۇچى ، دەرسىم بار ئىدى ، ئىشقا ئالدىرايتىم ، مېنى بىر قويۇپ بەرگەن بولسىڭىز دپتۇ .

سوتچى بۇ ئايالنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ ناھايتى خۇش بولۇپ كېتىپتۇ، ھەمدە ئۇ ئايالغا :

" خانىم ، مەن ئۇزۇن يىل ئارزۇ قىلىپ كەلگەن تىلىگىمنى بۆگۈن ئەمەلگە ئاشۇرالايدىغان بولدۇم ، مەن ئۇزۇندىن بۇيان  سىزگە ئۇخشاش بىر ئۇقۇتقۇچى داۋاغا تارتىلىپ مېنىڭ ئالدىمغا كەلسە دەپ تۇراتتىم ،  ھازىر سىز ئاۋۇ ئۆستەلدە ئولتۇرۇپ  ' مەن قىزىل چىراغنى بېسىپ ئۆتتۈم ' مەن قىزىل چىراغنى بېسىپ ئۆتتۈم' دىگەن بۇ بىر جۈملە خەتنى 500 قېتىم يېزىڭ ...

 

بىر بەڭۋاش ئادەمنىڭ ئۆيىگە ئوت كېتپتۇ  ئۇ تىزدىن 119 غا تېلفۇن قىلىپ ئەھۋال مەلۇم قىلپتۇ

---" ئوت كەتتى ! ۋاي ئوت كەتتى "

119: "  جىدىيلەشمەڭ ، قېنى ئېيتىڭ زادى نەگە ئوت كەتتى ؟"

----" ۋاي شۇ مېنىڭ ئۆيۈمگە ئوت كەتتى "

 -- 119  تىركىپ جىلە بۇلشقا باشلدى :" مەن سىزدىن قەيەرگە ئوت كەتتى دەۋاتىمەن ؟"

--" ۋاي شۇ ياتاق ئۆيۈمگە ئوت كەتتى دەيمەن"

--- 119 نىڭ بۇ چاغدا ئاچچقىغى 99.9 گىرادۇسقا چىقىپتۇ،-:" ھەي ئادەم ئوت كەتكەنلىگىنى بىلدىم ، شۇ سىزنىڭ ئۆيگە قانداق بارىمىز دەۋاتىمەن ..."

---" بىزنىڭ ئۆيگە قانداق باراتتىڭلار ،، قىزىق گەپ بۇلدى دە بۇ ،  ئوت ئۆچۈرۈش ماشناڭلار بىلەن بارمامسلەر !.."

 

بىر كىلشكەن يىگىت بىلەن بىر ساھپجامال بىر پويىزغا چقىپ قاپتۇ ، ئادەم ئاز بولغاچقا  بىرۋاگۇندا ئىىككىسىدىن باشقا ئادەم يوقكەن . ساھپجامال بىر كۆرۈپلا يىگتكە ئاشىق بولۇپ قاپتۇ ھەمدە يىگىتنىڭ دىققتىنى تارتىش ئۆچۈن  قاتتىق سوغۇققا قارىماي پەلتۇ چاپانلىرىنى سېلىۋېتىپ  بەك توڭلاپ  كەتتىم دەپ  گىجڭلاشقا باشلاپتۇ ، يگىت ئۇنڭىغا ئىچى ئاغىرىپ چاپننى سېلىپ بېرىپ يېپىنچە قىلىڭ دەپتۇ .

ساھپجامال يەنە بىردەمدىن كېيىن : توڭلاپ كەتتىم  دەۋېرپتۇ ..

يگىت :  يەنە سىزگە نىمە قىلىپ بەرسەم بولىدۇ ؟

ساھپجامال :  كىچىك ۋاقتىمدا ئاپام دائىم مېنى قۇچاقلاپ تېنى بىلەن ئىسىتىپ قوياتتى ؟

يىگىت : " ۋاي خېنىم  مەن بۇ يېرىم كېچىدە پويىزدىن سەكرەپ ئاپىڭىزنى قېشىڭىزىغا تېپىپ ئەكىلىپ بىرەلمەيمەن !"

 

      شۇنداق ئاجايىپ ئۇنداق مۇنداق سەتلەردىنمۇ ئەمەس راسمى سەت بولغاندىمۇ شۇنداق بىر سەت قىز بار ئىكەن ، ئۇ قېرىپ 30 ياشقا كىرسىمۇ ئەرگە تىگەلمەپتۇ ، ئۇ ئاخرى  بىر تىلەك تىلەپتۇ ، مېنى سەت دەپ ھېچكىم ئالمايدۇ ، ئەگەر  ئادەم سودىگەرلىرى مىنى بۇلاپ   بىرسىگە سېتىۋەتسە شۇنڭىغا چاپلىشىپ ياشارمەن  .... دەپ ئويلاپ كۈندە يېرىم كەچتە ئوغىرى قاراقچىلار يېغىپ كەتكەن ئورۇنلاردا چۆگلەپ يۈردىغان بوپتۇ .  ئىككى قاراقچى ئۇقمايلا كېچىدە ئۇنى تاغارغا سۇلاپ ئەپ  قېچىپ تاغغا ئېچقىپ خوجاينىڭ ئالددا تاغارنى ئېچىپتۇ  ..

بۇ چاغدا قاراقچىلارنىڭ خوجاينى  گەپ قىلالماي قاپتۇ ئاخىر : " سەن نان قېپلارنى بىكارغا بېقشتىمما ، ماڭا خوتۇنلۇققا  قىز بۇلاپ كەل دېسەم مۇشۇنداق  بىر نىمىنى ئەكىلىپ  كىمىڭنى زاڭلىق قىلشسەن ، بۇ قىزنى نەدىن ئەكەلگەن بولساڭ شۇ يەرگە ئاپىرۋەت دەپتۇ ..

قىزنى راس دىگەندەك تۇتۇپ ئەكەلگەن يەرگە ماشندا ھېلىقى قاراقچىلارنڭ باشلقىمۇ بىرگە ھەمرا بۇلۇپ ئاپىرپتۇ ، ھەر قانداق قىلسمۇ ، ھەر قانداق گەپلەرنى دەپ قوقاق سالسمۇ  بۇ سەت قىز ماشنىدىن چۆشكىلى ئۇنىماي " مەن ئەرگە تىگىمەن ، ياتىلىق بولىمەن " دەپ ئۆچكىدەك مەرەپ توۋلاپتۇ .

قاراقچىلارنىڭ باشلقى ئاخرىدا لېۋىنى قاتتىق چىشلەپ تۇرۇپ   "  ماشنامدىن ۋاز كەچىتىم بولدى كېتەيلى "

 

بانكىنىڭ ئاپتۇماتىك پۇل ئېلىش ماشىنسى بۇزۇلۇپ قالغاچقا  مۇلازىمەت سۇپىسغا بىېرىپ  پۇل ئېلشقا مەجبۇر بۇلدۇم ..  مىڭ تەسكلكتە ئۆچىرەت كىلىپ 10 مىنۇتقىچە ساقلىساممۇ ئىش بىجىرگۈچى ھېچ پۇلنى بىرەي دىمەيدۇ ، ئىچىم سىقىلىپ ئاچچغمىدا مۇلازمەتچىگە سۆزلدىم :

---"خېنىم  ماۋۇ  دېرىزەڭلارنىڭ سىرتىدا  ساقلاۋاتقىلى  10 مىنۇت بولدى دەيمەن "

-- :" خۇجام ، مەن ماۋۇ دېرىزنىڭ ئىچىدە  تورىۋاتقىلى 20 يىل بولدى  ..."

 

         كۆرۈلۈشى:1955     قوشۇلغان ۋاقتى:2011/7/19 12:26:52يوللىغۇچى ئەزا:

 
   

   ئاۋات ئەسەرلەر

ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:قىزىقارلىق سېلىشتۇرۇش: شەھەر ۋە يېزا
قىزىقارلىق سېلىشتۇرۇش: شەھەر ۋە يېزا
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:تىك ئۇچارنى كۆرگەندە
تىك ئۇچارنى كۆرگەندە
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:بىر خىزمەتچىنىڭ خوجايىندىن رۇخسەت سورىشى
بىر خىزمەتچىنىڭ خوجايىندىن رۇخسەت سورىشى
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:دارازا ۋە سېھرىگەر پاقا
دارازا ۋە سېھرىگەر پاقا
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:قىزىقارلىق يۇمۇرلار كۈلىۋىلىڭ!
قىزىقارلىق يۇمۇرلار كۈلىۋىلىڭ!
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:ئۈچ چىۋىننىڭ سۆھبىتى (ئالامەت يۇمۇر، ئۈچىيىڭىز ئۈزۈلۈپ كېتىدۇ)
ئۈچ چىۋىننىڭ سۆھبىتى (ئالامەت يۇمۇر، ئۈچ
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:قەشقەردىكى سېسىق پاراڭلار
قەشقەردىكى سېسىق پاراڭلار
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:قايسى توي قىلمىغان قىز؟
قايسى توي قىلمىغان قىز؟

پىكىر ئالماشتۇرۇڭ   بىزنى قوللاڭ   بىزدىن پايدىلىنىڭ   بىزنى بىلۋىلىڭ
       
ئالاقىلىشڭ تەكلىپ-پىكىر ئېلان بىرىڭ بېكەت ھەققىدە
سەيناغا كىرىڭ ئەزا بولوڭ ھەمكارلىشىڭ سەھىپىلەر
  ئۇلىنىش قوشۇش ئۇچۇر يوللاڭ مۇلازىمەتلىرىمىز
  بىۋاستە ئۇچۇر يوللاڭ بىۋاستە ئۇچۇر يوللاڭ بىۋاستە ئۇچۇر يوللاڭ   بېكەت لوگوسى ئەسەر يوللاڭ بېكەت رەسمىيەتلىرى
 
 
 
 

 

   

工信部备案:新ICP备11000444号

乌鲁木齐市公安局网络支队备案号-6501201108002 Copyright© 2010-2014 SalamURUMQI.Com