Www.SalamUrumqi.Com - سالام ئۈرۈمچى ئونۋېرسال تور بېكىتى - 萨拉穆乌鲁木齐娱乐资讯门户网
مىقلاڭ ئەسەر يوللاڭ تىزىملىتىڭ
ساقلىۋىلىڭ ئۇچۇر يوللاڭ مەرھەمەت
 
 
 


شاش يۇمۇرلار

 

دوختۇر :  سىزنىڭ بۇ چىشڭىزنى تارتىۋەتمىسەك  بۇلمىغدەك يۇقۇملىنىپ قاپتۇ ، لىكىن بۇ چىشڭىز بەك چىڭ ھەم مۇستەھكەمكەن  بۇنى تارتىش ئۆچۈن  پۇيزىغا باغلاپ تۇرۇپ تارتساق بۇلغىدەك دەپ چاقچاق قىلىپتۇ  .

بىر نەچچە كۈن ئۆتكەندىن كېين دوختۇر ھېلىقى بىمارنى ئوچىرتىپ قاپتۇ، قاراسا ئۇنىڭ ھېلقى تارتقۇزماقچى بۇلغان چىش يۇق تۇرغىدەك . دوختۇر قىزقىپ ئۇنڭىدىن سوراپتۇ : چىشڭزنى قانداق تارتقۇزدىڭىز ؟

سىزنىڭ مەسلھەتىڭىز بۇيىچە پۇيىز ئىستانسىغا بېرىپ چىشمنى باغلاپ پۇيزىغا باغلىغاندىم ؟ نەتىجىدە  ...

دوختۇر : چىشڭىزنى تارتىپ چقىرپسىزدە ؟

بىمار : ۋاي ياق ،ئىككى تال ۋاگۇن چىشمىنى تارتالماي رېلستىن چقىپ ئۆڭتۈرلۈپ كەتتى ..

ئەمسە چشىڭىزنى قانداق تارتىپ چقاردىڭىز ؟

پۇيىز ئىستاندىسكى تۆمۈر يۇل ئشىچىلىرى مىنى ئۇرۇپ چۆشۈرۈۋەتتى ...

 

 

ئىككى ساراڭ ساراڭلار دۇختۇرخانىسىدىن قېچىپ چقىپ بىر باغقا كىرۋاپتۇ .

بىر ساراڭ  يۇغان بىر ئالما دەرەخنىڭ ئۆستىگە چقىپ ئۇيناپتۇ ، يەنە بىرسى ئالما دەرەخى ئاستىدا ئۇياقتىن بۇياققا چېپىپ ئۇيناپتۇ .

بىر ۋاقىت ئۆتكەندە  ئالما دەرەخى ئاستىدىكى ساراڭنىڭ ئىچى پۇشۇپ  ئۆستىدىكى ساراڭغا دەپتۇ : ھەي چۆشمەمسە ، نىمانداق دەرەخنىڭ ئۆستىدە ئۇيناپ چۆشمەيسەن دەيمەن ؟

ئالما دەرەخىنىڭ  ئۇچىغا چىقىۋالغان ساراڭ پەسكە قاراپ  :   ماڭاۋە ساراڭ ، ئىشڭنى قىلە  ..مەن تېخى پىشمىغان تۇرسام

 

 

نېرۋا كېسەلكلەر دۇختۇرخانسنىڭ باشلىقى 3 نەپەر ساراڭ ئۆستىدە داۋالاش سىنىقى ئېلىپ بېرىپتۇ .

دوختۇر بىرنجى ساراڭدىن سۇراپتۇ : ھەي دىگىنە  3 كە 3نى  كۆپەيتسە قانچە بۇلىدۇ ؟

بىرىنجى ساراڭ  :   274 بۇلىدۇ دەپتۇ .

دوختۇر ئىككىنجى ساراڭدىن سۇراپتۇ : ھە ئەمدى نۆۋەت ساڭغا كەلدى ، دىگىنە 3 كە 3 نى كۆپەيتسە زادى قانچە بۇلدۇ ؟

ئىككىنچى ساراڭ : سەيشەنبە بۇلدۇ دەپتۇ .

دوختۇر تىرىكىپ ئۈچىنجى ساراڭدىن سۇراپتۇ : نەچچە بۇلىدۇ . سەن دىگىنە ؟

ئۈچىنچى ساراڭ ئۇيلنىپ تۇرۇپ كېتىپ    9 بۇلىدۇ دەپ جاۋاپ بىرپتۇ .

دوختۇر خۇشال بۇلۇپ كېتىپ :  تۇغىرا جاۋاپ بەردىڭ ، دېگىنە قانداق ھېساپلاپ چىقدىڭ ؟

ساراڭ : بۇ ناھايتى ئاسانغۇ  بىرنجى ساراڭ دىگەن 274 دىن  ئاۋۇ ساراڭ دىگەن سەيشەنبىنى ئېلىۋەتسەك 9 بۇلمامدۇ ؟

 

 

ئۇپىراتسىيە قىلنماقچى بۇلغان  بىمار بىھۇش قىلىش ئۇكۇلى ئۇرۇلۇپ ئوپىراتسىيەخانىغا ئەكرىپ كىىتىۋاتقاندا  خاتىرجەم بۇلالماي مەسئۇل دوختۇردىن سۇراپتۇ :  دوختۇر ، ئەگەر ئۇپىراتسىيە مەغلۇپ بۇلسا سىزگە قانداق جازا كىلىدۇ ؟

دوختۇر : كۆپ بۇلغاندا بىر ئايلىق مۇئاشمنى تۇتۇپ قالىدۇ ، لىكىن خاتىرجەم بۇلۇڭ مەن  تۆنۈگۈن پايچەك ئۇيناپ 4000 يىۋەندىن ئارتۇق ئۇتىۋالدىم ...

 

ئا :ھە ئاداش كەپقاپسەن ، بەكلا يۇقاپ كەتتڭغۇ ؟

 بى : ئاغىرىپ قېلىپ كسلمنى ساڭا كۆرستىپ باقاي دەپ كەلگەن .

ئا : ئىككىمز بىر مەكتەپتە ئۇقۇغان، سەن ھازىر نىمىش قىلۋاتىسەن ؟

بى : چارۋا- مال دۇختۇرى بۇلدىم ئاداش .

ئا: (زاڭلىق قلغان تەلەپپۇزدا) ھايۋان دۇختۇرى بۇلدىڭما ؟ ھا ھا قارا مەن مانا رەسىمى ئادەم داۋالايدىغان چۇڭ دۇختۇر بۇلدۇم ... ھە دىگىنە ئاداش نەرىڭ ئاغىريدۇ ؟ مەن تەكشۈرۈپ باقاي .

بى :  ئىم ئىم قىلىپ ئىككىنى قېقىلىپ قۇيۇپ گەپ قىلماي ئۇلتۇرۇپتۇ.

ئا : ئاداش دىمەمسەن ، نەرىڭ ئاغىريدۇ ، نىمە كسەل بۇپ قالدىڭ دەيمەن ؟

 بى: يەنىلا قېقىلىپ قۇيۇپ گەپ قىلماپتۇ

ئا : (تىركىپ ئاچچقىغى كىلىپ)  نەرىڭ ئاغىريدىغانلقنى دېمسەڭ مەن سىنى قانداق داۋالايمەن .

بى :  قارا ئاداش ھايۋان دۇختۇرى دەپ كەتتىڭ ، مال دوختۇرى بۇلۇش  ئاسانمكەن . مېنىڭ بىمارلىرىم  ئەزەلدىن ماڭا نەرنىڭ ئاغىريدىغانلقنى دەپ بەرمەيدۇ

 

بىر پىخسىق قاسساپ  دوختۇرخاننىڭ داۋالاش ھەققنىڭ يۇققىرلىقغا ئاچچقتىن يىرلىغۇدەك بۇلۇپ دۇختۇرلارغا قاقشاپ مۇنداق دەپتۇ :

" نىمىدىگەن ئۇچىغا چىققان ساراڭلىق بۇ  !  تۇغۇت بۆلۈمدىكى دۇختۇرلاغا تۆلىگەن پۇل ، ئايالمنىڭ دۇختۇرخاندا ياتقان  پۇلى ، داۋالىنىش ھەققى ، كۆتۈنۈش پۇلى ، ئۇ پۇل بۇ پۇل بۇلاپ  ھەممنى قوشقاندا جىڭلاپ باقساق  بىر كىلۇگىراممۇ كەلمەيدىغان  بۇ بالام 5000 يۆەنگە تۇختدىمۇ ؟

 

بىر چالا دوختۇر باركەن ، دائىم كسەل داۋالاسا  بىر ئىككى بىمارنى داۋالاپ ساقايتسمۇ لىكىن ئېغىر كېسەللەر كەلگەندە خاتا دىئاگونىز قۇيۇپ خاتا داۋالاپ جېنىغا زامىن بۇلىدىكەن .

ئالدىنقى قېتىم بىر ئادەمنىڭ ئۇغلىنى خاتا داۋالاپ قۇيۇپ جېنىغا زامىن بۇلۇپتۇ ، ئەرىز قلىشتىن قۇرقۇپ ئۆزنىڭ ئۇغلىنى  ئاشۇ خاتا داۋالاپ ئۆلتۈرۈپ قۇيغان بالنىڭ ئاتا ئانىسغا  تۆلەم قىلىپ بىرۋېتىپتۇ .

بۇ قېتىم  بىرسىنڭ قىزنى داۋالايمەن دەپ ئۆلتۈرۈپ قۇيۇپ ئاقۋەتتە يەنىلا قىزنى تۆلەم قىلىپ تۆلەش شەكلدە بىرۋېتىپتۇ .

بىر كۈنى ئاخشمى ئىشىكنى بىرسى قاتتق چىكپتۇ ،  دۇختۇر نىمىش بۇلدىكەن دەپ ئشكنى ئاچسا " دۇختۇر ، ئايالىم  قاتتىق ئاغىرىپ قالغانتى ، بۇلالماي قالدى ، خاپا بۇلماي بىېرىپ كۆرۈپ باقسىڭىز بۇپتكەن " دەپ بىر ئەر چىرايى سۇلغان ھالدا دۇختۇر يالۋۇرۇپ تۇرغان . بۇ چاغدا دۇختۇرنىڭ ئايالىمۇ ئۇيغۇنۇپ كېتىپ سىرتقا چقىپتۇ ھەمدە ئېرىدىن : ھە نىمىش بۇلدى دەپ سۇراپتۇ ؟  دۇختۇر  بۇ چاغدا قاپىقىنى تۈرۈپ ئايالىغا ھومىيىپ قاراپ تۇرۇپ : " نىمىش بۇلاتتى ،  ئەمدى بۇ قېتىم باشقىلارنىڭ كۆزى ساڭغا چۆشۈپتۇ ..."

         كۆرۈلۈشى:2035     قوشۇلغان ۋاقتى:2011/7/19 11:57:14يوللىغۇچى ئەزا:

 
   

   ئاۋات ئەسەرلەر

ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:قىزىقارلىق سېلىشتۇرۇش: شەھەر ۋە يېزا
قىزىقارلىق سېلىشتۇرۇش: شەھەر ۋە يېزا
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:تىك ئۇچارنى كۆرگەندە
تىك ئۇچارنى كۆرگەندە
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:بىر خىزمەتچىنىڭ خوجايىندىن رۇخسەت سورىشى
بىر خىزمەتچىنىڭ خوجايىندىن رۇخسەت سورىشى
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:دارازا ۋە سېھرىگەر پاقا
دارازا ۋە سېھرىگەر پاقا
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:قىزىقارلىق يۇمۇرلار كۈلىۋىلىڭ!
قىزىقارلىق يۇمۇرلار كۈلىۋىلىڭ!
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:ئۈچ چىۋىننىڭ سۆھبىتى (ئالامەت يۇمۇر، ئۈچىيىڭىز ئۈزۈلۈپ كېتىدۇ)
ئۈچ چىۋىننىڭ سۆھبىتى (ئالامەت يۇمۇر، ئۈچ
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:قەشقەردىكى سېسىق پاراڭلار
قەشقەردىكى سېسىق پاراڭلار
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:قايسى توي قىلمىغان قىز؟
قايسى توي قىلمىغان قىز؟

پىكىر ئالماشتۇرۇڭ   بىزنى قوللاڭ   بىزدىن پايدىلىنىڭ   بىزنى بىلۋىلىڭ
       
ئالاقىلىشڭ تەكلىپ-پىكىر ئېلان بىرىڭ بېكەت ھەققىدە
سەيناغا كىرىڭ ئەزا بولوڭ ھەمكارلىشىڭ سەھىپىلەر
  ئۇلىنىش قوشۇش ئۇچۇر يوللاڭ مۇلازىمەتلىرىمىز
  بىۋاستە ئۇچۇر يوللاڭ بىۋاستە ئۇچۇر يوللاڭ بىۋاستە ئۇچۇر يوللاڭ   بېكەت لوگوسى ئەسەر يوللاڭ بېكەت رەسمىيەتلىرى
 
 
 
 

 

   

工信部备案:新ICP备11000444号

乌鲁木齐市公安局网络支队备案号-6501201108002 Copyright© 2010-2014 SalamURUMQI.Com