Www.SalamUrumqi.Com - سالام ئۈرۈمچى ئونۋېرسال تور بېكىتى - 萨拉穆乌鲁木齐娱乐资讯门户网
مىقلاڭ ئەسەر يوللاڭ تىزىملىتىڭ
ساقلىۋىلىڭ ئۇچۇر يوللاڭ مەرھەمەت
 
 
 


نەسىردىن ئەپەندىم لەتىپىلىرى

(1) لاپقا لاپ ....

ئۇرۇشتىن قايتقان سەركەردىلەر پاراڭلىشىپ ئولتۇرۇپ ھەر كىم ئۆزىنىڭ باتۇرلۇقى ھەققىدە لاپ ئۇرۇشۇپتۇ ، بىر ماختانچاق سەركەردە :

 - ئۇرۇش شۇنداق قاتتىق بولدىكى ، ئوق خۇددى يامغۇردەك يېغۋاتاتتى . مەن دۈشمەن بىلەن ئارىلىشىپ كېتىپ قىلچ ئاستىدا قالدىم . كاللام ئۈزۇلۇپ بوينۇمنىڭ تېرىسىگە ئىلىنىپ قاپتۇ ...- دەپتۇ .

 پاراڭدا ئەپەندىممۇ بار ئىكەن . ئەپەندىممۇ قاتاردىن قالغۇسى كەلمەي :

 - راسىت ئېتىسىز ، ئۇرۇشتا ئادەم قىزىپ كەتكەندىن كېيىن ھېچنىمىنى تۇيماس ، بىلمەس بولۇپ قالدىكەن ، سىزنىڭ بېشىڭز بوينىڭىزنىڭ تېرىسىگە ئىلىنىپ قاپتۇ ، مېنىڭ بىشىم يەلكەمدىن چۈشۈپ ئۈچ – تۆت قېتىم دومىلاپ كەتكىنىنىمۇ سەزمەي ئۇرۇشىۋەردىم ، - دەپتۇ.

 

(2) كالاچنىڭ مىجەزى

 

ئەپەندىم بىر تويغا بارغاندا كالىچىنى يېشىپتۇ – دە ، قولتۇقىغا قىسىپ تۆرگە چىقىپتۇ ، مېھمانلاردىن بىرى :

- ئەپەندىم ، كالاچنى تالاغا قويسىڭىزمۇ بولاتتى ، - دەپتۇ .

- بۇرادەر ، كالىچىمنىڭ مىجەزى يامان ، كىم يۈر دېسە ، ئىگىسىنى تاشلاپ كېتىۋىرىدۇ ، - دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ ئەپەندىم .

 

(3) قوي يېمەيدىغان بۆرە

 

 بىر قويچى ئەپەندىمدىن سوراپتۇ :

 - ئەپەندىم ، ئۇزۇن يىلدىن بېرى قوي باقىمەن ، لېكىن دائىم قويلىرىمنى بۆرە يەپ كېتىدۇ ، بۆرىنىڭ دەستىدىن جاق تويدۇم ، دۇنيادا قوي يېمەيدىغان بۆرە بارمىدۇ ؟

 - بار ، - دەپتۇ ئەپەندىم .

 -قانداق بۆرە ؟ - دەپتۇ قويچى ئالدىراپ .

 -ئۆلۇك بۆرە ، - دەپ جاۋاب بىرىپتۇ ئەپەندىم .

مەنبە : جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىئو تورى
         كۆرۈلۈشى:1049     قوشۇلغان ۋاقتى:2011/7/15 17:23:02يوللىغۇچى ئەزا:

 
   

   ئاۋات ئەسەرلەر

ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:قىزىقارلىق سېلىشتۇرۇش: شەھەر ۋە يېزا
قىزىقارلىق سېلىشتۇرۇش: شەھەر ۋە يېزا
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:تىك ئۇچارنى كۆرگەندە
تىك ئۇچارنى كۆرگەندە
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:بىر خىزمەتچىنىڭ خوجايىندىن رۇخسەت سورىشى
بىر خىزمەتچىنىڭ خوجايىندىن رۇخسەت سورىشى
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:دارازا ۋە سېھرىگەر پاقا
دارازا ۋە سېھرىگەر پاقا
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:قىزىقارلىق يۇمۇرلار كۈلىۋىلىڭ!
قىزىقارلىق يۇمۇرلار كۈلىۋىلىڭ!
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:ئۈچ چىۋىننىڭ سۆھبىتى (ئالامەت يۇمۇر، ئۈچىيىڭىز ئۈزۈلۈپ كېتىدۇ)
ئۈچ چىۋىننىڭ سۆھبىتى (ئالامەت يۇمۇر، ئۈچ
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:قەشقەردىكى سېسىق پاراڭلار
قەشقەردىكى سېسىق پاراڭلار
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:قايسى توي قىلمىغان قىز؟
قايسى توي قىلمىغان قىز؟

پىكىر ئالماشتۇرۇڭ   بىزنى قوللاڭ   بىزدىن پايدىلىنىڭ   بىزنى بىلۋىلىڭ
       
ئالاقىلىشڭ تەكلىپ-پىكىر ئېلان بىرىڭ بېكەت ھەققىدە
سەيناغا كىرىڭ ئەزا بولوڭ ھەمكارلىشىڭ سەھىپىلەر
  ئۇلىنىش قوشۇش ئۇچۇر يوللاڭ مۇلازىمەتلىرىمىز
  بىۋاستە ئۇچۇر يوللاڭ بىۋاستە ئۇچۇر يوللاڭ بىۋاستە ئۇچۇر يوللاڭ   بېكەت لوگوسى ئەسەر يوللاڭ بېكەت رەسمىيەتلىرى
 
 
 
 

 

   

工信部备案:新ICP备11000444号

乌鲁木齐市公安局网络支队备案号-6501201108002 Copyright© 2010-2014 SalamURUMQI.Com