Www.SalamUrumqi.Com - سالام ئۈرۈمچى ئونۋېرسال تور بېكىتى - 萨拉穆乌鲁木齐娱乐资讯门户网
مىقلاڭ ئەسەر يوللاڭ تىزىملىتىڭ
ساقلىۋىلىڭ ئۇچۇر يوللاڭ مەرھەمەت
 
 
 


خاپا بولماسلىقمۇ بىر خىل پاراسەت

خەلق ئارسىدا ، دەردى يوق ئۆي بولمايدۇ ، دېگەن بىر گەپ بار . بەزى پەرزەتلەر ئۇنداق ياكى بۇنداق سەۋەبلەر ، ئۇنداق ياكى مۇنداق ئىشلارتۈپەيلىدىن ئۆيدىكى چوڭلار بىلەن دەتالاش قىلشىپ ، ئاتا-ئانىسىنى خاپا قىلىپ قويىدۇ . ئائىلىنىڭ ئىناقلىقىغا ، ياشانغانلارنىڭ روھىي ۋە جىسمانىي ساغلاملىقىغا پايدىسىز بولغان بۇنداق ئەھۋالغا دۇچ كەلگەندە ، مېنىڭچە ياشانغانلار ئۈچۈن ئەڭ ئاقىلانە تاللاش خاپا بولماسلىقنى ئۆگىنىۋېلىشتىن ئىبارەت .
    1 . ئۆزىنى ئىلمىي ، سالامەتلىككە پايدىلىق بولغان ئۇسۇلدا پىسخىك جەھەتتىن تەڭشەپ تۇرۇشنى ئۆگىنىۋېلىش لازىم .
    «ئاچچىق ئەقىلنى كىسىدۇ» ،«ھەممە كىسەل ئاچچىق يۈتۈشتىن باشلىندۇ » دېگەن قايىدىنى تولۇق بىلىش كېرەك . شۇڭا ، ياشانغانلارنىڭ بىرىنچى ۋەزىيپىسى جىسمانىي ۋە مەنىۋى جەھەتتە ساغلام بولۇپ ، ئاخىرقى ئۆمۈرنى ئارامخۇدا ئۆتكۈزۈشتىن ئىبارەت . بۇنى ھەرگىز ئەستىن چىقارماسلىق كېرەك .
    2 . خاپىلىق يەتكەندە باشقىلارنىڭ سەۋەنلىكى بىلەن ئۆزىنىڭ ئەخمىقانە قىلمىشىنى جازالاش لازىم .
    ھازىر تۇرمۇش ياخشىلنىپ ، يېمەك -ئىچمەك ، كىيىم كىچەكتىن غېمىمىز قالمىدى . كىشلىك تۇرمۇشنىڭ بەخىت-سائادىتى ۋە خوشاللىقىنىڭ  جىقلىقىدا خاپىلىق تارتىپ ئولتۇرۇشقا نەدە ئۇنچىۋالا بىكار ۋاقىت بولسۇن ؟ شۇڭا ، ياشانغانلار ھەرگىز ئۆزىگە ئىش تېپىۋالماي خوشاللىقنىڭ پەيزىنى سۈرىشى لازىم .
     3 . پەرزەتلەرنى كۆپرەك چۈشىنىش ، كۆپرەك ئەپۇ قىلىش ، ھاماقەترەك بولىۋېلىش لازىم .
     بەزى ئۇششاق- چۈشەك ئىشلاردا ھەدەپ پەرزەتلەر بىلەن دەتالاش قىلىشىۋەرمەي ،ئۇلارنىڭ دېگىنىگە بويسۇنۇپ ، ئىشلارنى كۈلۈپ قويۇپلا ئۆتكۈزىۋىتىش  ، سۈكۈت ئىچىدە ئولتۇرۇپ بىر ياقىلىق قىلىش كېرەك .
    4 . خاپا بولماسلىقنى تىرشىپ ئورۇنلاش لازىم .
   مەن ھەمىشە «باشقىلار ئاچچىقىمنى كەلتۇرسە خاپا بولماي. خاپىلىق يۈتۈپ كېسەل بولىدىغان ئىشنى ھەگىز قىلمايمەن » دېگەن سۆزلەر
بىلەن ئۆزۈمنى ئاگاھلاندۇرۇپ تۇرىمەن .خاپا بولغاندا مۇنداق ئۈچ ئىشتىن ، يەنە باتناش ، قېيداش چالۋاقاشتىن قاتتىق ھەزەر ئەيلەش لازىم  . چۈنكى قېيداش ئادەمنىڭ ئۆزىنى تېخىمۇ خاپا قىلىپ قويىدۇ . باتناش ئادەملەرنى بىر-بىرگە تېخىمۇ قارشى قىلۋىتىدۇ  . شۇڭا ئۆزىنى -ئۆزى ئايىغىنى ياخشى .

         كۆرۈلۈشى:836     قوشۇلغان ۋاقتى:2012/5/4 18:49:49يوللىغۇچى ئەزا:

 
   

   ئاۋات ئەسەرلەر

ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:گومۇش يىگىت ۋە چىچەن قىز
گومۇش يىگىت ۋە چىچەن قىز
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:سىز ئۆمرىڭىزدە مۇنداق گەپلەرنىمۇ قىلىپ باققانمۇ؟
سىز ئۆمرىڭىزدە مۇنداق گەپلەرنىمۇ قىلىپ ب
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:ئادەم بەدىنىدىكى ئېچىلمىغان ئون چوڭ سىر
ئادەم بەدىنىدىكى ئېچىلمىغان ئون چوڭ سىر
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:ئۈزۈك سېلىشنىڭ مەنىسى
ئۈزۈك سېلىشنىڭ مەنىسى
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:QQ دىكى«ئوۋچى»لار
QQ دىكى«ئوۋچى»لار
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:ئەرلەر بىلەن ئاياللارنىڭ قىزىقارلىق پەرىقلىرى
ئەرلەر بىلەن ئاياللارنىڭ قىزىقارلىق پەرى
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:مۇھەببەتكەشكەن چاغلىرىڭىزنى ئۇنتۇپ قالماڭ
مۇھەببەتكەشكەن چاغلىرىڭىزنى ئۇنتۇپ قالما
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:(مەي) ئىچمىدىم
(مەي) ئىچمىدىم

پىكىر ئالماشتۇرۇڭ   بىزنى قوللاڭ   بىزدىن پايدىلىنىڭ   بىزنى بىلۋىلىڭ
       
ئالاقىلىشڭ تەكلىپ-پىكىر ئېلان بىرىڭ بېكەت ھەققىدە
سەيناغا كىرىڭ ئەزا بولوڭ ھەمكارلىشىڭ سەھىپىلەر
  ئۇلىنىش قوشۇش ئۇچۇر يوللاڭ مۇلازىمەتلىرىمىز
  بىۋاستە ئۇچۇر يوللاڭ بىۋاستە ئۇچۇر يوللاڭ بىۋاستە ئۇچۇر يوللاڭ   بېكەت لوگوسى ئەسەر يوللاڭ بېكەت رەسمىيەتلىرى
 
 
 
 

 

   

工信部备案:新ICP备11000444号

乌鲁木齐市公安局网络支队备案号-6501201108002 Copyright© 2010-2014 SalamURUMQI.Com