Www.SalamUrumqi.Com - سالام ئۈرۈمچى ئونۋېرسال تور بېكىتى - 萨拉穆乌鲁木齐娱乐资讯门户网
مىقلاڭ ئەسەر يوللاڭ تىزىملىتىڭ
ساقلىۋىلىڭ ئۇچۇر يوللاڭ مەرھەمەت
 
 
 


(مەي) ئىچمىدىم

مۇساجان يۇنۇس


زورلىما ساقىي بۇرادەر، تاشلىدىم مەي ئىچمىدىم،


      قىلما سۈلھىي قىلما كاجلىق يەنە بىر دەي ئىچمىدىم.



     پەش قىلىپ دوسلۇق ۋاپانى ئۇرما گەجگەمگە يېنىك،


            باپلىما دوستۇڭنى پۈۋلەپ، مەن مەي ئەمەس، ئىچمىدىم.




     ئىچمىدى دەپ رەنجىسەڭمۇ رەنجىگىن مەيلى ئاداش،


        ياكى ئاچچىقلاپ جاھاننى بۆك قىلىپ كەي، ئىچمىدىم.




 نەسچىلىكنىڭ پاتقىقىغا مەي مېنى كىردى ئېلىپ،


        كۆپ ئىچىپ ئۆمرۈم ئۇلىغا يەتتى نەم-زەي ئىچمىدىم.




        مەي بىلەن ئەخلاق يولىدىن چەتنىدىم( بولدۇم ساياق)


     خىسلىتىمنى، قىممىتىمنى قىلدىما قەي، ئىچمىدىم.




مەي ئىچىپ تارتقان ئازاپتا جەملىسەم ئالەمچە بار،


              (سۆزلىمەي دىشۋارچىلىقنى بولدى ھەي-ھەي، ئىچمىدىم)




    ئىزدىسەڭ سورۇندا شادلىق گەر ماڭا چىن دىل بىلەن،


           چال دۇتتار، تەمبۇر، راۋاپ، قالۇن، غېجەك، نەي، ئىچمىدىم.


------------------------------------------------------------


ئاخىرىغا ئازراق قۇرۇق پاراڭ قىستۇرغۇم كېپ قالدى، دەبدەبىلىك سۆزلەرنى تازا بىلىپ كەتمەيمەن، تىلىم چاغلىق...


      بەزى دوست-بۇرادەرلىرىمدىن ئاڭلاپ قالىمەن، مۇشۇ سورۇندا ئاۋۇگۇي بىزنىڭ يۈزىمىزنى قىمماي ئىچمەيۋىدى تازا بىر ئادەم قىپ قويدۇق، دەپ . ھەيران قالىمەندە، زادى كىم ئادەم ئىدى يەنە كىملەر ئەمەس.   يەنە يېقىندا بىر گەپ ئاڭلاپ قالدىم ، زەھەرنى زەھەر بىلەن قايتۇرۇش دىگەنلىك: دەرد-ئازاپ ئاچچىق چىدىغۇسىز بولىدۇ، ھاراق(مۇشۇ نەرسىدىن يىراق قىلسۇن) ئاچچىق بۇلىدۇ، ئىككىسى بىرلەشسە دەرد يوقايدۇ. مۇشۇنداق ئۆتكۈر پىكىرلىك كىشىلىرىمىزمۇ باركەن.


      قۇرۇق پاراڭ جېق كەتتى ، لېكىن گەپ شۇ ، ئاشۇ نەرسىدىن يىراق تۇرساڭلا ، نى-نى ئېسىل شەربەتلىرىمىز بار ئىچىلمەيدۇ،ئۇنتۇلۇپ كېتىۋاتىدۇ. ئەمما مۇشۇ شەيتاننىڭ ئەشەددىي قىلمىشلىرىدىن بولغان بۇ قىلىق زادى نىمىشقا تۈزەلمەيدۇ؟! يەنە بەزىلەر بار ھاراق بوتۇلكۇسىدىن بېرى كىلەلمەيدۇ يەنە ئۆزىنى مەن مۇسۇلمان دەپ يۈرىدۇ. مۇشۇ مەۋسۇمنىڭ بېشىدا ئايرىدۇرۇمغا چىقىدىغان ئىش بوپ قېلىپ تاكسىغا چىقتىم. خەن شوپۇر ئۇيغۇرلار توغرىسىدا سوراپ، سىلەر ئۇيغۇرلار ھاراق-تاماكىنى چەكلەيسىلەرغۇ، لېكىن يەنە شۇنى قىلىدىغانلار باركەن، نىمىشقا؟ دەپ سوراپ قالدى، ئەمدى مەن نىمە دەپ جاۋاپ بېرەي، ئۇلار ئۇيغۇر ئەمەس دەيمۇ ياكى مۇسۇلمان ئەمەس دەيمۇ؟!  ئامال يوق ...گەپنى باشقا يەگە بۇراپ كەتتىم، مەندە ئۇنداق ھۆكۈم ھوقۇقى يوقدە. لېكىن شۇنداق خىجىل بوپ كەتتىم. مانا خەق بىزنى مۇشۇنداق تونۇيدىكەن. ئۆزىمىزنىڭ ئىززەت،قىممىتىنى ساقلاپ ياشىساق. تامام.


         كۆرۈلۈشى:1769     قوشۇلغان ۋاقتى:2012/5/11 13:50:22يوللىغۇچى ئەزا:

 
   

   ئاۋات ئەسەرلەر

ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:گومۇش يىگىت ۋە چىچەن قىز
گومۇش يىگىت ۋە چىچەن قىز
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:سىز ئۆمرىڭىزدە مۇنداق گەپلەرنىمۇ قىلىپ باققانمۇ؟
سىز ئۆمرىڭىزدە مۇنداق گەپلەرنىمۇ قىلىپ ب
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:ئادەم بەدىنىدىكى ئېچىلمىغان ئون چوڭ سىر
ئادەم بەدىنىدىكى ئېچىلمىغان ئون چوڭ سىر
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:ئۈزۈك سېلىشنىڭ مەنىسى
ئۈزۈك سېلىشنىڭ مەنىسى
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:QQ دىكى«ئوۋچى»لار
QQ دىكى«ئوۋچى»لار
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:ئەرلەر بىلەن ئاياللارنىڭ قىزىقارلىق پەرىقلىرى
ئەرلەر بىلەن ئاياللارنىڭ قىزىقارلىق پەرى
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:مۇھەببەتكەشكەن چاغلىرىڭىزنى ئۇنتۇپ قالماڭ
مۇھەببەتكەشكەن چاغلىرىڭىزنى ئۇنتۇپ قالما
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:(مەي) ئىچمىدىم
(مەي) ئىچمىدىم

پىكىر ئالماشتۇرۇڭ   بىزنى قوللاڭ   بىزدىن پايدىلىنىڭ   بىزنى بىلۋىلىڭ
       
ئالاقىلىشڭ تەكلىپ-پىكىر ئېلان بىرىڭ بېكەت ھەققىدە
سەيناغا كىرىڭ ئەزا بولوڭ ھەمكارلىشىڭ سەھىپىلەر
  ئۇلىنىش قوشۇش ئۇچۇر يوللاڭ مۇلازىمەتلىرىمىز
  بىۋاستە ئۇچۇر يوللاڭ بىۋاستە ئۇچۇر يوللاڭ بىۋاستە ئۇچۇر يوللاڭ   بېكەت لوگوسى ئەسەر يوللاڭ بېكەت رەسمىيەتلىرى
 
 
 
 

 

   

工信部备案:新ICP备11000444号

乌鲁木齐市公安局网络支队备案号-6501201108002 Copyright© 2010-2014 SalamURUMQI.Com