Www.SalamUrumqi.Com - سالام ئۈرۈمچى ئونۋېرسال تور بېكىتى - 萨拉穆乌鲁木齐娱乐资讯门户网
مىقلاڭ ئەسەر يوللاڭ تىزىملىتىڭ
ساقلىۋىلىڭ ئۇچۇر يوللاڭ مەرھەمەت
 
 
 


توققۇز يېرىم

     , «توققۇز يېرىم» مۇئاممار ئۇلۇغيار (2012-يىلى، 6-فېۋرال) 1. ئويۇن-تاماشا، كىنو-تېلېۋىزىيە كۆرۈش قېتىم سانىمىزنىڭ ۋە شۇنىڭغا سەرپ قىلىدىغان ۋاقتىمىزنىڭ يېرىمىنى قىسقارتىپ، شۇنىڭدىن تېجىگەن ۋاقتنى كىتاپ ئوقۇش ۋە ئائىلە ئىچى-سىرتىدىكى ئەمەلىي بېجىرىشكە تېگىشلىك ئىشلارغا ئاجرىتايلى؛ 2. يەپ-ئىچىش، بۇزۇپ-چېچىشتىن باشقا ھىچبىر چوڭ ئەھمىيىتى ۋە ھاسىلاتى يوق ئولتۇرۇش-چايلىرىمىزنىڭ تۈرلىرى، چاقىرىدىغان ئادەم سانى ۋە ئۇلارغا سەرپ قىلىدىغان پۇل سانىنىڭ يېرىمىنى قىسقارتىپ، ئۆزئارا تېجىگەن ۋاقتىمىز ۋە پۇلىمىز بىلەن ئاتا-ئانىلىرىمىز ۋە ئائىلە ئەزالىرىمىزنىڭ ھالىدىن تېخىمۇ ياخشى خەۋەر ئالايلى؛ 3. كۈنسېرى ئاينىپ كېتىۋاتقان ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر قوشۇنىمىزنىڭ ۋە «ئىشى يوق» تاماشىبىن قېرىنداشلىرىمىزنىڭ يېرىمىنى قىسقارتىپ، ئۇلارنى ئىشلەپچىقىرىش، تەبىئىي پەن ۋە ئائىلە مەدەنىيىتىمىزنى قۇتقۇزۇش سېپىگە قوشايلى؛ 4. تويلۇق يىمەك-ئىچمەك، كىيىم كېچەك ۋە زىبۇ-زىننەت چىقىمىنىڭ يېرىمىنى قىسقارتىپ، تېجىگەن پۇلنى توي قىلغۇچىلارنىڭ ئۆي سېتىۋېلىشى ۋە تويدىن كېيىن ئىگىلىك تىكلەپ جاھاندارچىلىق قىلىشى ئۈچۈن بانكىغا قويۇپ بېرەيلى؛ 5. تۇرمۇشىمىزدا ئاچكۆزلۈك قىلىپ كىيىم-كېچەك، يىمەك-ئىچمەك ۋە زىبۇ-زىننەتكە بەس-بەستە سەرپ قىلىۋاتقان پۇلنىڭ يېرىمىنى قىسقارتىپ، پەرزەنتلىرىمىزنى يەنە بىر دەرىجە يۇقۇرى ئوقۇش تارىخى بويىچە ئوقۇتۇشقا پۇل غەملەيلى؛ 6. ھاراق-شاراپ ۋە چېكىملىككە سەرپ قىلىۋاتقان پۇللىرىمىزنىڭ يېرىمىنى قىسقارتىپ، تېجىگەن پۇلغا يىمەكلىك ۋە دورا-دەرمەك سېتىۋېلىپ ئاتا-ئانىلىرىمىزنى ۋە ئۇرۇق-تۇققانلىرىمىزنى يوقلايلى؛ 7. قۇرۇق پاراڭ ۋە بىكار يۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋاتقان ۋاقتىمىزنىڭ يېرىمىنى قىسقارتىپ، تېجىگەن ۋاقتىمىزدا ئاتا-ئانىلىرىمىزغا، بالا-چاقىلىرىمىزغا، خۇلۇم-خوشنىلىرىمىزغا، ئۇرۇق-تۇققانلىرىمىزغا ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز بىلەن ياردەم بېرەيلى؛ 8. خىيال سۈرۈشكە، مەسلىھەت كۆرسىتىشكە سەرپ قىلىۋاتقان ۋاقتىمىزنىڭ يېرىمىنى قىسقارتىپ، ئويلىغانلىرىمىزنى يازايلى، يازغانلىرىمىزنى ئەمەلىي ھەرىكىتىمىزدە سىناق قىلايلى؛ 9. بازار ئايلىنىدىغان ۋاقتىمىزنىڭ يېرىمىنى قىسقارتىپ، تېجىگەن ۋاقتىمىزدا ئېتىز-قىرلارنى، زاۋۇت-كارخانىلارنى ئارىلاپ كۆرەيلى؛ ئومۇمەن، ئاشۇ كۈنساناپ چىقىم بولۇۋاتقان ھەر بىر مىنۇت ۋاقتىمىز، ھەر بىر سوملۇق پۇل-ماللىرىمىزنىڭ ھىساۋى ۋە جاۋابىنى ۋىجدان دەپتىرىمىزگە خاتېرىلەپ، تەقدىر غەلۋىرىدە تاسقاپ ماڭايلى! ھەقىقىي خوشاللىق ئۆز تۆھپە-نەتىجىلىرىدىن قانائەت تېپىشتا، توغرىلىقتىن ھوزۇر ئېلىشتا! پۈتۈن قەۋمىمىزنىڭ ھازىرقى ئومۇمىي ھال-ئەھۋالىدىن قارىغاندا، تېخى ۋاقتىمىز ۋە تاپقان تەرگىنىمىزنى شۇقەدەر مەرتلەرچە سورۇۋەتكىدەك دەرىجىدە «گۈللىنىپ» كەتكىنىمىز يوق(!). مەدەنىيەت جەھەتتىكى شىددەتلىك چۆكۈشىمىز، ئىقتىسادىي جەھەتتىكى تۈگىمەس تەڭقىسلىقلىرىمىز ۋە ئىجتىمائىي تۇرمۇشتا كۈنسېرى ئۇلغۇيۇپ بېرىۋاتقان خارۇ-زارلىقلىرىمىز ئالدىدا، ساختا خۇشاللىق نىقاۋىغا ئورىنىپ، ئەيش-ئىشرەت ۋە ئىسراپخورلۇق قىلىشىمىز زادىلا ياراشمىغان شەرمەندە قىلمىشتۇر...بىلسەك، دەل ئۇنىڭ ئەكسىچە، ھەتتا نەچچە ئون يىل دەريا-دەريا تۆكۈلۈپ ھازا ئاچقۇدەك ئار-نومۇس ۋە دەرت-ھەسرەتلىرىمىز يەتكۈچە تۇرۇپتۇ... ئەمدى تىزگىنىمىزنى تارتمىساق، ئەشۇ ئەيش-ئىشرەت ۋە ئۇلارغا يۆگىشىپ ئۆسۈۋاتقان بۇزۇقچىلىقلارنىڭ نەسلىكلىرىدە قاتمۇ-قات قارغىش-پالاكەتلەر بېسىپ، تېخىمۇ تېز زاۋاللىققا يۈز تۇتىشىمىز دەرھەقىقەتتۇر... ھەركىم ئۆز قىلمىشلىرىنىڭ جاۋاپكارى. شۇقەدەر شەرەپسىز ئىللەتلەرنى ھىچكىم بىزگە بېسىم قىلىپ تاڭغان ئەمەس!... ئۇنى «كەشپ قىلغان»مۇ ئۆزىمىز، يوقىتالايدىغانمۇ دەل ئۆزىمىز. شۇڭا، يىغىلىش ۋە تەبرىكلىرىمىزنى ـــ ئەجداتلىرىمىزدىن قالغان ھېيت-بايراملارغا، تەنتەنىلىرىمىزنى ـــ ئۆزىمىز ياراتقان ئالەمشۇمۇل نەتىجە-ئۇتۇقلىرىمىزغا يىغىنچاقلايلى... ھەر-بىر قېرىندىشىمىزنىڭ ھەر ھەپتىدە سىرتتا خىزمەت ۋە تىرىكچىلىك قىلىدىغان، ئائىلىدە ئىشلەيدىغان، كىنو-تېلېۋىزۇر كۆرىدىغان، ئويۇن-تاماشا ئوينايدىغان، كىتاپ ئوقۇيدىغان، ئۇرۇق-تۇققان ۋە دوست-بۇرادەرلەرنى يوقلايدىغان، تۈنۈگۈننىڭ خاتىرىسى ۋە ئەتىنىڭ ئىش پۈتۈكلىرىنى يازىدىغان ۋاقتلارنى، ھەمدە شۇ جەرياندا سەرپ بولىدىغان خىراجەتلەرنى تەمكىن ۋە سەگەك ئەقلى بىلەن دەڭسەپ ۋە تەڭشەپ مېڭىشىنى جىددى تەۋسىيە قىلىمەن. ھەممە سەۋەپنى باشقىلاردىنلا كۆرمەي، ئالدى بىلەن ئۆزىمىزدىن ئىزدەيلى، ھەم تاپقان سەۋەپلەرنى شۇ كۈن، شۇ سائەتتە، ئۆزىمىزدىن باشلاپ تۈزىتەيلى. بۈگۈن ئۆزىمىزنىڭ ئۆتكۈنچى ھوزۇر-ھالاۋىتىنى قوغلىشىپ، مەسئۇلىيەتسىزلىك بىلەن سورۇۋەتكەن ۋاقت ۋە دۇنيالىرىمىزنىڭ بەدىلى ئۈچۈن، ئەتە ئىزباسار پەرزەنت-پۇشتىلىرىمىز تېخىمۇ تەڭقىسلىق ۋە شەرمەندىلەرچە توزۇشنىڭ كۈللىرىگە ئايلىنىپ كەتمىسۇن! بۈگۈن بالىلىرىمىزغا قانچىلىك ۋاقتىمىزنى ئاجراتساق، قېرىپ ھالىمىزدىن كەتكەندە ئۇلاردىنمۇ شۇنچىلىك ۋاقت كۈتۈنۈشكە ئېرىشەلىشىمىز مۈمكىن. ھەركىمنىڭ تىزگىنى ئۆز قولىدا. ھەر بىرىمىز باشقىلارنى ئۆزگەرتەلمەيمىز، ئەمما ئۆزگەرتىشكە تېگىشلىك ئىشلىرىنى سەمىگە سالالايمىز، ھەم ئۆز-ئۆزىمىزنى ئۆزگەرتەلەيمىز. ئەزىز قېرىندىشىم، ناۋادا سىز قوشۇلسىڭىز، ئاشۇ ئىسراپخورلۇق ۋە مەسئۇلىيەتسىزلىك ئىللەتلىرىنىڭ يۇندىسىغا مىلەنگەن يۈزلىرىمىزنى يۇيايلى! مەنمۇ ئاۋۋال ئۆزۈمدىن باشلايمەن. يۇقارقى شەرمەندىلەرچە ئىسراپخورلۇقنىڭ يېرىمىنى قىسقارتسام مېنى «چۆپەيلىك قىلدى» دەپ، ئەيپكە بۇيرۇماسسىز(؟) ئاشۇ «توققۇز يېرىم»نى قىسقارتىۋەتسەك سىز ۋە مېنىڭ بىرنىمىمىز قىسقىراپ كەتمەس؟(!)

         كۆرۈلۈشى:641     قوشۇلغان ۋاقتى:2012/3/14 22:50:21يوللىغۇچى ئەزا:

 
   

   ئاۋات ئەسەرلەر

ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:گومۇش يىگىت ۋە چىچەن قىز
گومۇش يىگىت ۋە چىچەن قىز
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:سىز ئۆمرىڭىزدە مۇنداق گەپلەرنىمۇ قىلىپ باققانمۇ؟
سىز ئۆمرىڭىزدە مۇنداق گەپلەرنىمۇ قىلىپ ب
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:ئادەم بەدىنىدىكى ئېچىلمىغان ئون چوڭ سىر
ئادەم بەدىنىدىكى ئېچىلمىغان ئون چوڭ سىر
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:ئۈزۈك سېلىشنىڭ مەنىسى
ئۈزۈك سېلىشنىڭ مەنىسى
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:QQ دىكى«ئوۋچى»لار
QQ دىكى«ئوۋچى»لار
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:ئەرلەر بىلەن ئاياللارنىڭ قىزىقارلىق پەرىقلىرى
ئەرلەر بىلەن ئاياللارنىڭ قىزىقارلىق پەرى
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:مۇھەببەتكەشكەن چاغلىرىڭىزنى ئۇنتۇپ قالماڭ
مۇھەببەتكەشكەن چاغلىرىڭىزنى ئۇنتۇپ قالما
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:(مەي) ئىچمىدىم
(مەي) ئىچمىدىم

پىكىر ئالماشتۇرۇڭ   بىزنى قوللاڭ   بىزدىن پايدىلىنىڭ   بىزنى بىلۋىلىڭ
       
ئالاقىلىشڭ تەكلىپ-پىكىر ئېلان بىرىڭ بېكەت ھەققىدە
سەيناغا كىرىڭ ئەزا بولوڭ ھەمكارلىشىڭ سەھىپىلەر
  ئۇلىنىش قوشۇش ئۇچۇر يوللاڭ مۇلازىمەتلىرىمىز
  بىۋاستە ئۇچۇر يوللاڭ بىۋاستە ئۇچۇر يوللاڭ بىۋاستە ئۇچۇر يوللاڭ   بېكەت لوگوسى ئەسەر يوللاڭ بېكەت رەسمىيەتلىرى
 
 
 
 

 

   

工信部备案:新ICP备11000444号

乌鲁木齐市公安局网络支队备案号-6501201108002 Copyright© 2010-2014 SalamURUMQI.Com