Www.SalamUrumqi.Com - سالام ئۈرۈمچى ئونۋېرسال تور بېكىتى - 萨拉穆乌鲁木齐娱乐资讯门户网
مىقلاڭ ئەسەر يوللاڭ تىزىملىتىڭ
ساقلىۋىلىڭ ئۇچۇر يوللاڭ مەرھەمەت
 
 
 


قىزىقارلىق تەتقىقات نەتىجىلىرى

1.ھەركۈنى پۈتۈن دۇنيادا تەخمىنەن 12 بوۋاق ئۇقۇشماسلىق سەۋەبىدىن ئاتا-ئانىلىرىغا خاتا تاپشۇرۇلۇپ قالىدۇ.

2.ئىتقا نىسبەتەن شاكىلات جان ئالىدىغان زەھەر ھېسابلىنىدۇ . پەقەت بىر نەچچە پارچە شاكىلاتمۇ ئىتنىڭ يۈرەك ۋە نېرۋا سېستىمىسىنى زەخمىگە ئۇچرىتىپ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.


3.  19-ئەسىرنىڭ 30-يىللىرىدا پەمىدۇر قىيامى دورا سۈپىتىدە سېتىلغان.


4. داۋىنچى ھايات ۋاقتىدا بىرلا ۋاقىتتا بىر قولىدا خەت يېزىپ، بىر قولىدا رەسىم سىزالايدىكەن.


5. مونالىزا رەسىمىدىكى مونالىزانىڭ ئېغىزىنى سىزىش ئۈچۈن داۋىنچى 10 يىل ۋاقىت سەرپ قىلغان.


6. لاسۋېگاسنىڭ قىمار مەيدانلىرىدا سائەت بولمايدۇ.


7. پاشا يوقىتىش سۇيۇقلىقىنىڭ پاشا ئۆلتۈرۈش رولى يوق، لېكىن پاشىنىڭ پۇراش سېزىمىنى قالايمىقان قىلىۋىتىپ ئادەم بار يەرنى تېپىشىغا پۇتلا–كاشاڭ بولۇش رولى بار .


8. ھەر قانداق بىر ۋاراق قەغەزنى ئۇدۇلمۇ ئۇدۇل كەلتۈرۈپ توققۇز قېتىم قاتلىغىلى بولمايدۇ .


9. چۈشكۈرگەن ۋاقىتتا كۆزنى ئاچقىلى بولمايدۇ.


10. قۇلۇلە ھېچنىمە يېمەي 3 يىل ئۇخلىيالايدۇ.


11. كولا دەسلەپتە يېشىل رەڭدە بازارغا سېلىنغان ئىكەن.


12. يەرشارىدا توخولارنىڭ سانى ئادەملەرنىڭكىدىنمۇ كۆپ.


13. پىياز توغرىغاندا سېغىز چاينىسا كۆزىدىن ياش ئاقمايدۇ.


14. بارماق ئىزىغا ئوخشاش ئادەملەرنىڭ تىلىنىڭ ئىزىمۇ ھېچكىمنىڭ ھېچكىمگە ئوخشىمايدۇ.


15. بوۋاقلار تۇغۇلغاندا پۈتۈن بەدىنىدە جەمئىي 300 پارچە سۆڭەك بولىدۇ . ياش قۇرامىغا يەتكەندە بولسا 206 پارچە سۆڭەك بولىدۇ.


16. ئەگەر سىز ئەتىگەن سائەت 7:00نىڭ ئايروپىلانىدا توكيودىن ھونولۇلۇغا قاراپ يولغا چىققان بولسىڭىز، ھونولۇلۇغا يېتىپ بارغان ۋاقتىڭىز تۈنۈگۈن چۈشتىن كېيىن سائەت 4:30بولغان بولىدۇ.


17. پىل سەكرىيەلمەيدۇ.


18. كېپىنەكنىڭ تەم سېزىمى ئۇنىڭ پۇتىدا بولىدۇ.


19. دۇنيادا ئەڭ كۆپ قوللىنىلىدىغان ئىسىم مۇھەممەت.


20. ئوڭ قولىنى ئىشلىتىشكە ئادەتلەنگەن كىشىلەرنىڭ ئۆمرى سول قولىنى ئىشلىتىشكە ئادەتلەنگەنلەرنىڭكىدىن 9 يىل ئۇزۇن بولىدۇ.


21.دۇنياغا داڭلىق مارىلبورو تاماكا شىركىتىنىڭ بىرىنچى قول باشلىقى ئۆپكە راكى بولۇپ ئۆلۈپ كەتكەن.


22. ۋاشىگىتوندىكى تېلېفوننىڭ سانى نوپوس سانىدىنمۇ كۆپ.


23. باش بارماقنىڭ تىرنىقىنىڭ ئۆسۈش سۈرئىتى ئەڭ تېز، ئوتتۇرا بارماق تىرنىقىنىڭ ئۆسۈش سۈرئىتى ئەڭ ئاستا بولىدۇ.


24.  ئادەم ئىزچىل ئۇخلىمىسا پەقەت ئون كۈن بەرداشلىق بېرەلەيدۇ
.

         كۆرۈلۈشى:702     قوشۇلغان ۋاقتى:2012/1/30 18:14:02يوللىغۇچى ئەزا:

 
   

   ئاۋات ئەسەرلەر

ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:گومۇش يىگىت ۋە چىچەن قىز
گومۇش يىگىت ۋە چىچەن قىز
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:سىز ئۆمرىڭىزدە مۇنداق گەپلەرنىمۇ قىلىپ باققانمۇ؟
سىز ئۆمرىڭىزدە مۇنداق گەپلەرنىمۇ قىلىپ ب
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:ئادەم بەدىنىدىكى ئېچىلمىغان ئون چوڭ سىر
ئادەم بەدىنىدىكى ئېچىلمىغان ئون چوڭ سىر
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:ئۈزۈك سېلىشنىڭ مەنىسى
ئۈزۈك سېلىشنىڭ مەنىسى
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:QQ دىكى«ئوۋچى»لار
QQ دىكى«ئوۋچى»لار
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:ئەرلەر بىلەن ئاياللارنىڭ قىزىقارلىق پەرىقلىرى
ئەرلەر بىلەن ئاياللارنىڭ قىزىقارلىق پەرى
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:مۇھەببەتكەشكەن چاغلىرىڭىزنى ئۇنتۇپ قالماڭ
مۇھەببەتكەشكەن چاغلىرىڭىزنى ئۇنتۇپ قالما
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:(مەي) ئىچمىدىم
(مەي) ئىچمىدىم

پىكىر ئالماشتۇرۇڭ   بىزنى قوللاڭ   بىزدىن پايدىلىنىڭ   بىزنى بىلۋىلىڭ
       
ئالاقىلىشڭ تەكلىپ-پىكىر ئېلان بىرىڭ بېكەت ھەققىدە
سەيناغا كىرىڭ ئەزا بولوڭ ھەمكارلىشىڭ سەھىپىلەر
  ئۇلىنىش قوشۇش ئۇچۇر يوللاڭ مۇلازىمەتلىرىمىز
  بىۋاستە ئۇچۇر يوللاڭ بىۋاستە ئۇچۇر يوللاڭ بىۋاستە ئۇچۇر يوللاڭ   بېكەت لوگوسى ئەسەر يوللاڭ بېكەت رەسمىيەتلىرى
 
 
 
 

 

   

工信部备案:新ICP备11000444号

乌鲁木齐市公安局网络支队备案号-6501201108002 Copyright© 2010-2014 SalamURUMQI.Com