Www.SalamUrumqi.Com - سالام ئۈرۈمچى ئونۋېرسال تور بېكىتى - 萨拉穆乌鲁木齐娱乐资讯门户网
مىقلاڭ ئەسەر يوللاڭ تىزىملىتىڭ
ساقلىۋىلىڭ ئۇچۇر يوللاڭ مەرھەمەت
 
 
 


ئىسىم قويۇشتىكى پەرھىزلەر

دەرۋەقە ،خەلقىمىزدە ئىسىم قويۇشتا بەزى دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك مەسلىلەر مەۋجۈت ،يېڭى پەرزەنىتلىك بولغان ئاتا-ئانىلار پەرزەنتىگە ئىسىم تاللىغاندا مانا بۇ نۇقتىلارغا چوقۇم دىققەت قىلىشى ،ئالدىراقسانلىقتىن ساقلىنىشى ،پەرزەنتىگە چوقۇم مۇناسىپ ،ماس كېلىدىغان ،مەنىسى چوڭقۇر ئىسىملارنى تاللاپ قويۇشى كېرەك .تۆۋەندە ئىسىم قويۇشتا دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك بىر قانچە نۇقتىلارنى شەرھىلەپ ئۆتىمىز.

1.بىر بۇغۇملۇق تاق ئىسىم قويماسلىق

خەلقىمىز ئارىسىدا ھازىر <ئاق> <تۇر> <نۇر> <نۇھ> <گۈل> <ئاي> دېگەندەك بىر بۇغۇمدىن تۈزۈلگەن تاق ئىسىملار مەۋجۈت بولۇپ ،ھەر قايسى رايۇنلاردا بۇ ئىسىملارنىڭ قويۇلۇش نىسبىتى ئوخشىمايدۇ.تاق ئىسىملارنىڭ ئالاھىدىلىكى شۇكى ،بىر قەدەر ئاددىي ،مەنىسى ئاشكارا،خەلقىمىزنىڭ ئاتاش -چاقرىش ئادەتلىرىگە تازا ماس كېلىپ كەتمەيدۇ.شۇنىڭ ئۈچۈن پەرزەنىتلەرگە بىر بۇغۇملۇق تاق ئىسىملارنى قويۇشتا ئەتراپلىق ئويلىشىش ،تەلەپپۇز ،ئاتاش -چاقىرىش ئادەتلىرىمىزگە ماس كەلگەن كەلمىگەنلىكىنى دەڭسەپ كۆرۈش كېرەك.

2.قارىغۇلارچە ئېقىمغا ئەگەشمەسلىك كېرەك

بەزى ئاتا-ئانىلار باركى،پەرزەنتى تۇغۇلغاندا ئۆزلىرىنىڭ ئارزۇ-ئارمانلىرى بويىچە ئىسىم تاللىماي پالانچى ئوغلىغا مۇنداق ئىسىم قويۇپتۇ بىزمۇ شۇنى قويايلى ، پۇستانچى قىزىغا مۇنداق ئىسىم قويۇپتۇ بىزمۇ شۇنى قويساق بولغۇدەك دەپلا قارىغۇلارچە ئېقىمغا ئەگىشىپ ئىسىم قويىدۇ.نەتىجىدە بىر مەھەللە ،بىر يۇرتتا تەكرار ئىسىملارنىڭ كۆپىيىشىگە ئالاھىدە <تۆھپە>قوشىدۇ بۇنىڭ بىلەن ئىسىمغا مۇناسىۋەتلىك ھەرقانداق ئىشتا بىر مۇنچە ئاۋارىچىلىق كېلىپ چىقىدۇ شۇنخڭ ئۈچۈن .ئاتا -ئانىلار پەرزەنىتلىرىگە ئىسىم تاللىغاندا ھەرگىز ئىقىمغا ئەگەشمەسلىكى ، ئۆز ئارزۇ-ئارمانلىرى بويىچە تاللا پ ئىسىم قويۇشى ،بىلەلمىگەندە ئوقۇمۇشلۇقلاردىن مەسلىھەت سورىشى كېرەك.

3.ئۆزى بىلگەنچە ئىسىم قۇراشتۇرماسلىق

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان شەھەرلەردە بەزى ئاتا-ئانىلارنىڭ پەرزەنىتلىرىگە ئۆزى بىلگەنچە قۇراشتۇرۇپ ئىسىم قويىۋالىدىغان ئەھۋاللىرى كۆپىيىپ قالدى.بۇ قانداقتۇر <يېڭى ئىسىم ئىجاد قىلىش بولماستىن بەلكى،بىلمەسلىكتىن ئېقىمغا ئەگىشىپ خالغانچە ئىسىم قۇراشتۇرۇشنىڭ ئاقىۋىتىدۇر.ئالايلۇق ، بۇنداق ئىسىم قۇراشتۇرغۇچىلار <پۇرقەت >دېگەن ئىسىمنىڭ چىرايلىق،مەنىسى چوڭقۇر ئىكەنلىكىنى ئاڭلاپلا <نۇرقەت > دېگەن ئىسىمنى <تۈركەنئاي >دېگەن ئىسىمنىڭ يېقىملىق ،چىرايلىق ئىكەنلىكىنى ئاڭلاپلا <نۇركەنئاي >دەپ ئىسىم قۇراشتۇرىدۇ.<پۇرقەت>(ئەسلى تەلەپپۇزى <فۇرقەت>نىڭ مەنىسى ھىجران،جۇدا بولۇش) دېگەنلىك بولىدۇ ،19-ئەسىرنىڭ ئاخىرى ۋە 20-ئەسىرنىڭ باشلىرى پەرغانە ۋە يەركەندە ياشاپ ئۆتكەن لېرىك شائىر زاكىرجان خالمۇراد ئوغىلىنىڭ تەخەللۇسىغا نىسبەت بېرىلىپ قويۇلغان ئىسىمدۇر .ئەمما <نۇرقەت>نىڭ مەنىسى زادى نېمە؟بۇنى بىلگىلى بولمايدۇ <تۈركەنئاي> دېگەن ئىسىمنىڭ تۈرگۈن ،چەبدەس ،ئايدەك گۈزەل دېگەن مەنىسى بار.لېكىن،<نۇركەنئاي>نىڭ مەنىسى نېمە؟دېمەك خەلقىمىز قوللانغان ھەرقانداق ئىسىمنىڭ ئۆزىگە خاس مەنىسى بارئەمما خالىغانچە قۇراشتۇرىۋالغان ئىسىملارنىڭ ھەرگىزمۇ مەنىسى بولمايدۇ.قايسىلا نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيىتساق ،بۇ خىل قارىغۇلارچە ئىسىم قۇراشتۇرۇشنى ئېتىراپ قىلىشقا بولمايدۇ.

4.چۈشىنىكسىز ئىسىم قويماسلىق

بەزى ئا تا-ئانىلار(بۇنىڭ ئىچىدە ساپاسى يوقىرى زىيالىىلارمۇ بار)پەرزەنتى دۇنياغا كۆز ئاچقاندىن كېيىن ئالەمچە خۇشاللىققا چۆمىدۇ شۇنداقلا پەرزەننتىگە ئەڭ چىرايلىق ،ئەڭ يېڭىچە ئىسىم قويماقچى بولىدۇ-دە،بىر نەچچە كۈن ماتىرىيال ئاختۇرۇپ بىر نەچچە مەنىسى چوڭقۇر سۆزنى بىرىكتۈرۈپ ئىسىم قۇراشتۇرۇپ چىقىدۇ ۋە پەرزەنىتلىرىگە ئىسىم قىلىپ قويىدۇ . بۇنداق مەجبۇرىي قۇراشتۇرۇلغان ئىسىملار ئاڭلىماققا ھەيۋەتلىك ،مەنىسى چوڭقۇردەك بىلىنگىنى بىلەن ئەمەلىيەتتە مۇستەقىل مەنىلىك بۇغۇملار مەجبۇرىي بىرىىكتۈرۈلگەن بولغاچقا مەنىسى تۇتۇق بولوۇپ قالغاننىڭ ئۈستىگە ئاتاش -چاقىرىشقىمۇ قولايسىز .بىز ئىسىمنىڭ بۇغۇم سانىغا چەك قويماقچى ئەمەسمىز. ئەمما،ئىسىمنىڭ بۇغۇم سانى كۆپ بولغان تەقدىردىمۇ تەبئىي بىرىككەن بولۇشى ،مەنىسى ماس كەلگەن بولۇشى ۋە ئاتاش -چاقىرىشقا ماس كەلگەن بولۇشى كېرەك.ئەنە شۇ ۋاقىتتىلا بىز قويغان ئىسىم ئاسان سىڭىدۇ.ئەگەر ھەقىقەتەن يېڭى ،يېقىملىق ئاڭلىنىدىغان ئىسىم بولسا تېز ئارىدىلا كەڭ تارقىلىش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشەلەيدۇ.

5.چەتئەلچە ئىسىم قويماسلىق

ئۇچۇر دەۋرىنىڭ يېتىپ كېلىشىگە ئەگىشىپ ،بىزنىڭ زامانىۋى دۇنيا بىلەن بولغان ئارىلىقىمىز چەكسىز يېقىنلاپ باردى،غەرىبنىڭ ئىلغار مەدەنىيىتى بىزگە سىڭىپ كىرىپ پەرزەنىتلىرىمىزگە قويۇلۇشقا باشلىدى .ئازادلىقنىڭ دەسلەپكى يىللىرىدا <تىلمان>،<ئاپرىل >،<ۋېنىرا > <مېردىئان> دېگەندەك ئىسىملار روسىيەدىن ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قېرىنداشلارتۈركىي تىللىق مىللەتلەر ۋە ئۇلاردىن بىزگە سىڭىپ كىر گەن بولسا ،بۈگۈنكى كۈندە بىۋاستە ھالدا <رومىئو > ،<رافائىل >،<ئافىت> دىگەندەك ئىسىملار كىرىپ كېلىپ ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرىدا غەلىتە ھادىسىلەرنىڭ پەيدا بولىشىغا سەۋەپچى بولماقتا .
ئەگەر بەزى ئاتا-ئانىلار چوڭلار قوشۇلمايدۇ دەپ تەپتارتمىغان ھالدا <ئېلزابىت>، <رامبو >،<جېكسون> ،<شىۋاشىنگىر> دېگەن ئىسىملارنىمۇ پەرزەنىتلىرىگە قويغان بولاتتى.ئىسىمنى چەتئەلچە قويغان بىلەنلا ئۇلارنىڭ تەرەققىياتىغا يىتىشىۋالغىلى بولمايدۇ مۇھىمى تېخنىكا ۋە بىلىمدە ئۇلاردىن ئۆگىنىش ھەتتا ئۇلاردىن ئېشىپ كېتىش كېرەك.


6.ئاتاشقا قولايسىز،تىلغا راۋان چۈشمەيدىغان ئىسىملاردىن ساقلىنىش

خەلقىمىزنىڭ ئىسىم قويۇش ئەنئەنىسىدە تەبىئىيلىك 1-ئورۇندا تۇرىدۇ .يەنى ، ئىسىم ئۇزۇن بولسۇن ياكى قىسقا بولسۇن ئاتاشقا ئەپچىل بولۇش ، تىلغا راۋان كېلىش،ئەستە تۇتۇشقا ئەپچىل بولۇش ئاساسىي ئورۇنغا قويۇلغان شۇنىڭ ئۈچۈن ئاتا-ئانىلار پەرزەنىتلىرىگە ئىسىم تاللىغاندا چۇقۇم تىلغا راۋان كېلىدىغان- كەلمەيدىغانلىقىغا ، ئاتاش -چاقىرىشقا قولاي بولۇش بولماسلىقىغا دىققەت قىلىش كېرەك.


7.گۆدەكلەرچە ئىسىم قويماسلىق

يېڭى تۇغۇلغان پەرزەنىتكە ئىسىم قويغاندا ئۇنى ھەرگىز كىچىك بالا ھېسابلاپ ئەمەس بەلكى يېتىلگەن ،كەلگۈسىدە چوڭ -چوڭ ئىشلارنى تەسەۋۋۇر قىلالايدىغان ئادەم دەپ تەسەۋۋۇر قىلىپ تۇرۇپ ئىسىم قويۇش كېرەك ھەرگىزمۇ گۆدەكلەرگە خاس ئەركىلەتمە ئىسىمدىن باشقا مەنە ئاڭلاتمايدىغان ئىسىملارنى قويۇشقا بولمايدۇ . چۈنكى بالا چوڭ بولغاندىن كېيىن ئاشۇ ئىسمىى تۈپەيلى تۇرمۇشتا نۇرغۇن قولايسىزلىقلارغا يولۇقىدۇ ،مەسخىرىگە كۈلكىگە قالىدۇ .شۇنىڭ ئۈچۈن ئاتا-ئانىلار بالىغا ئىسىم قويغاندا بۇ تەرەپكە ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەك.

8.ئاھاڭداش ئىسىم قويماسلىق
ئاھاڭداش ئىسىم دېگىنىمىز ،ئىككى بۇغۇمدىن تۈزۈلگەن ئىسىم بولسا ئالدىنقى بۇغۇمىدىكى سۆز بىلەن كىيىنكى بۇغۇمىدىكى سۆزنىڭ ئاھاڭداش يەنى(قاپىيداش بولۇپ قېلىشى)نى كۆرسىتىدۇ . بۇنداق ئىسىملارنى تەلەپپۇز قىلغىنىمىزدا قارىشى تەرەپكە بىر خىل ھەجىۋى تەسىر بېرىدۇ كۈنلەرنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئىسىم ئىگىسى ئۆز ئىسمىدىن نومۇس قىلىدىغان بولۇپ قالىدۇ .

9.ئىسىمنىڭ مەنىسىنى بىلمەسلىكتىن ساقلىنىش

ئىسسىم قويۇش مۇقەددەس ئىش ،بۇ ئىش ئاتا -ئانىلاردىن ئېغىر مەسئۇلىيەتنى تەلەپ قىلىدۇ .شۇنىڭ ئۈچۈن كۆز قارچۇقى بولغان پەرەنتىگە قارىغۇلارچە ئىسىم قويماسلىق ئىسىم قويۇشنى ئاددىي ئىش دەپ بىلمەسلىك چوقۇم ئوقۇمۇشلۇق كىشىلەردىن مەسلىھەت سوراپ ئاندىن قويۇش كېرەك .قىسقىسى، پەرزەنتىگە ئىسىم قويغاندا ئىسىمنىڭ مەنىسىنى بىلمەسلىكتىن ساقلىنىش كېرەك بولمىسا ئاتا-ئانىلار پەرزەنتى ئالدىدا ئۆتەشكە تېگىشلىك مەجبۇرىيەتتىن باش تارتقان ،مەسئۇلىيەتتىن قاچقان بولۇپ قالىدۇ . بۇنداق قىلىش كېيىنچە تېخىمۇ كۆپ باش ئاغرىقىغا سەۋەپچى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.

10ئىسىمنىىڭ تەللەپپۇزىنى ئۆزگەرتىپ قويۇشتىن ساقلىنىش
دىققەت قىلىدىغان بولساق ساپ ئۇيغۇرچە بولغان ئىسىملارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسىمى تەلەپپۇز قىلىش جەريانىدا ئۆزگىرىپ كەتمەيدۇ ئەمما يىلتىزى ئەرەبچە ، پارىسچە بولغان ئىسىملارنىڭ تەلەپپۇزى ئاساسەن ئۆزگىرىپ كېتىدۇ .بەزى ئىسىملارنىڭ تەلەپپۇزىغا قاراپ ئەسلىسىنى تەسەۋۋۇر قىلغىلىمۇ بولنايدۇ .شۇنىڭ ئۈچۈن ئاتا-ئانىلار پەرزەنتىگە ئىسىم قويغاندا چوقۇم ئىسىمنىڭ ئەسلى تەلەپپۇزىنى قويۇشقا دىققەت قىلىشى ، تىلغا كەلمەيدىغان،تەلەپپۇ ز قىلىشقا ئەپسىز ئىسىملارنى ئامال بار تاللىماسلىقى كېرەك

11.خەلىقىمىزنىڭ ئەنئەنىسىگە يات ئىسىملارنى قويماسلىق
خەلقىمىز ئۇزاق ئەسىرلىك تارىخىي تەرەققىيات جەريانىدا ئۆزىگە خاس ئىسىم قويۇش ئەنئەنىسىنى بارلىققا كەلتۈرگەن.ئۇيغۇر تىلىغا ئەرەپچە ،پارىسچە سۆزلەر قانچە كۆپ كىرىپ ئۆزلەشكەن تەقدىردىمۇ ، ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئۆزىگە خاس ئىچكى قانۇنىيتىنى ساقلاپ قالغانغا ئوخشاش ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرىمۇ ئەرەبچە ، پارىسچە ئىسىملارغا ئۇيغۇر چە تەركىبلەرنى ۋە سىلىقلاش رولىنى ئوينايدىغان قوشۇمچىلارنى قوشۇش ئارقىلىق ماسلاشتۇرۇلغان .شۇڭا ئاتا -ئانىلار پەرزەنىتلىرىگە ئىسىم تاللىغاندا ئاتا - بوۋىلىرىمىزنىڭ مۇشۇ ئەنئەنىسىگە تولۇق ۋارىسلىق قىلىشى كېرەك .

12.ھەددىدىن زىيادە مودىلىقنى قوغلاشماسلىق
بەزى ياش ئاتا -ئانىلار باركى ،ئۇلار پەرزەنتى تۇغۇلغاندا ھەددىدىن ئارتۇق خۇشاللىققا چۆمىدۇ ۋە پەرزەنىتلىرىگە ئەڭ ياخشى ، ئەڭ مەزمۇنلۇق ئىسىملاردىن تاللاپ قويۇشقا ئالدىرايدۇ . ھالبۇكى،بۇنداق ئاتا - ئانىلار پەرزەنىتلىرىگە قويۇلۋاتقان ئىسىملارنىڭ خەلقىمىز ئىچىدە تەكرارلىنىدسىغانلىقىنى باشقا ھەرقانداق تىلدىكى كىشى ئىسىملىرىنىڭ مەلۇم چەكلىمىدە ئىكەنلىكىنى يادىدىن چىقىرىپ قويۇپ ،پەرزەنتىگە <ئەڭ مودا ، ھېچكىم قويۇپ باقمىغان ئىسىملار>دىن تاللاپ قويماقچى بولىدۇ.<تاللاپ -تالا پ تازغا ئۇچىراپتۇ >دېگەندەك ،ئاىرىدا ئىنتايىن چۈشىنىكسىز، غەلىتە ،تىلغىمۇ كەلمەيدىغان <ئىسىم>دىن بىرنى قويىۋالىدۇ .كېيىنچە بالا چوڭ بولۇپ ئىسىمغا مۇناسىۋەتلىك تۈرلۈك ئىشلاردا قەدەمدە بىر پىشكەنلىككە ئۇچىرايدۇ .ئومۇمەن ،ياش ئاتا -ئانىلار پەرزەنتىگە ئىسىم قويۇشتا ھەددىدىن زىيادە مودىلىقنى قوغلاشماي يىراققا نەزەر تاشلىشى ، ئاقىللاردىن مەسلىھەت سورىشى ،ئۆزلىرىنىڭ ئارزۇ- ئارمانلىرىغا لايىقلاشقان ئىسىملارنى قويۇشى كېرەك .

ۋەلى كېرىم كۆكئالىپ

         كۆرۈلۈشى:776     قوشۇلغان ۋاقتى:2012/1/21 17:20:20يوللىغۇچى ئەزا:

 
   

   ئاۋات ئەسەرلەر

ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:گومۇش يىگىت ۋە چىچەن قىز
گومۇش يىگىت ۋە چىچەن قىز
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:سىز ئۆمرىڭىزدە مۇنداق گەپلەرنىمۇ قىلىپ باققانمۇ؟
سىز ئۆمرىڭىزدە مۇنداق گەپلەرنىمۇ قىلىپ ب
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:ئادەم بەدىنىدىكى ئېچىلمىغان ئون چوڭ سىر
ئادەم بەدىنىدىكى ئېچىلمىغان ئون چوڭ سىر
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:ئۈزۈك سېلىشنىڭ مەنىسى
ئۈزۈك سېلىشنىڭ مەنىسى
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:QQ دىكى«ئوۋچى»لار
QQ دىكى«ئوۋچى»لار
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:ئەرلەر بىلەن ئاياللارنىڭ قىزىقارلىق پەرىقلىرى
ئەرلەر بىلەن ئاياللارنىڭ قىزىقارلىق پەرى
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:مۇھەببەتكەشكەن چاغلىرىڭىزنى ئۇنتۇپ قالماڭ
مۇھەببەتكەشكەن چاغلىرىڭىزنى ئۇنتۇپ قالما
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:(مەي) ئىچمىدىم
(مەي) ئىچمىدىم

پىكىر ئالماشتۇرۇڭ   بىزنى قوللاڭ   بىزدىن پايدىلىنىڭ   بىزنى بىلۋىلىڭ
       
ئالاقىلىشڭ تەكلىپ-پىكىر ئېلان بىرىڭ بېكەت ھەققىدە
سەيناغا كىرىڭ ئەزا بولوڭ ھەمكارلىشىڭ سەھىپىلەر
  ئۇلىنىش قوشۇش ئۇچۇر يوللاڭ مۇلازىمەتلىرىمىز
  بىۋاستە ئۇچۇر يوللاڭ بىۋاستە ئۇچۇر يوللاڭ بىۋاستە ئۇچۇر يوللاڭ   بېكەت لوگوسى ئەسەر يوللاڭ بېكەت رەسمىيەتلىرى
 
 
 
 

 

   

工信部备案:新ICP备11000444号

乌鲁木齐市公安局网络支队备案号-6501201108002 Copyright© 2010-2014 SalamURUMQI.Com