Www.SalamUrumqi.Com - سالام ئۈرۈمچى ئونۋېرسال تور بېكىتى - 萨拉穆乌鲁木齐娱乐资讯门户网
مىقلاڭ ئەسەر يوللاڭ تىزىملىتىڭ
ساقلىۋىلىڭ ئۇچۇر يوللاڭ مەرھەمەت
 
 
 


ئايالىمنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىر پارچە قىسقا ئۇچۇرى

ئايالىمنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىر پارچە قىسقا ئۇچۇرى
خوتۇن دىگەن ئاپشاركا، مەن نەگە بارسام شۇ يەرنى سوراپ تېپىۋالىدۇ، مەن ئۇنىڭدىن بىزار بولسام ئۇ شۇنىڭدىن خوشال بولۇپ ھېرىپ قالمايدۇ.بىراق بۇ ئاپشاركا يامغۇر ياققان يېرىم كېچىدە مەڭگۈلۈككە غايىپ بولدى.
nمەن قاتتىق ئازاپلاندىم، كۆڭلۈم بىر قىسما بولۇپ، ئۆزەمدىن ئۆتكەن سەھۋەنلىكنى كەچۈرۈۋېتەلمىدىم.  توي كۈنى، ئايالىم ئۈزۈك ئالىدىغان پۇلغا ماڭا بىر يانفۇن ئېلىپ بەرگەن ئىدى. شۇ كۈنى كېچىدە، بىز ئىككىمىز يوتقان ئىچىدە يانفۇننىڭ مۇزىكا قوڭغۇرىقىنى تەكرار تەڭشەپ چىققان ئىدۇق.بىز تۇرمۇشنى خۇددى مۇشۇ يانفۇن قوڭغۇرىقىدەك جاراڭلىق، يېقىملىق ھېس قىلىپ، ئارزۇ ۋە ئۈمىتكە تولغان ئىدۇق. شۇنىڭدىن باشلاپ مەن دائىم ئۇنىڭ تېلېفۇنىنى ئاڭلاپ تۇردۇم. «ئەر كىشى، ئىشتىن يانغاندا كۆكتات ئالغاچ كېلىڭ»، «ئەر كىشى، سىزنى سېغىندىم، سىزنى سۆيىمەن»، «ئەر كىشى كەچتە ئاپامىنىڭ ئۆيىگە بېرىپ تاماق يەيلى». كۆڭلۈمدە شۇنداق ئىللىقلىق ھېس قىلاتتىم. بىر قېتىم تېلېفۇن مېيىغا توك قاچىلاپ قويۇشنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن، دەل شۇنى كۈنى باشلىق بىلەن يېزىغا چۈشۈشكە توغرا كېلىپ قالسا بولىدۇ. تېخى يېرىم كېچە بولغاندا قايتىپ كەلگىنىمچۇ. ئىشىكنى ئېچىپ ئۆيگە كىرىشىمگىلا ئايالىمنىڭ يىغلاپ كۆزلىرىنىڭ قىزىرىپ كەتكەنلىكىنى كۆردۈم. ئەسلىدە، ئۇ مەن ئىشتىن چۈشىدىغان چاغدىن باشلاپ ماڭا ھەر ئون بەش مىنۇتتا بىر قېتىم تېلېفۇن قىلىپ تۇرۇپتۇ. ئەمما ئىزچىل مېنى مۇلازىمەت رايۇنىدا ئەمەس دەپ ئۇچۇر چىقىپ تۇرغان ئىكەن. خوتۇنۇم تېخىمۇ جىددىلىشىپ، بىرەر كىلىشمەسلىك چىققان ئوخشايدۇ دەپ كېيىن ھەر ئون مىنۇتتا تاكى مەن ئىشىكنى ئېچىپ كىرگۈچە بولغان ئارىلىقتا بىر قىتىمدىن تېلېفۇن قىلىپ تۇرۇپتۇ.ئۆيگە كىرگەن چاغدا ئۇ تېلېفۇن تۇرۇپكىسىنى ئەمدىلا قويۇپ تۇرغان ئىكەن. مەن ئايالىمنىڭ كىچىك ئىشنى يوغۇنىۋەتكەنلىكىنى تازا مۇۋاپىق كۆرمەي:
مەنمۇ كىچىك بالا ئەمەس، نىمە ئىش چىقاتتى،-دىدىم.
ئايالىم مېنىڭ تېلېفۇننى ئالماسلىقىمدىن بىر خىل تۇيغۇنىڭ پەيدا بولغانلىقىنى مېنى ئەمدى قايتىپ كەلمەيدۇ دەپ ھېس قىلغانلىقنى ئېيتىپ بەردى. مەن ئايالىمنىڭ بېشىغا پەپىلەپ كۈلۈپ تۇرۇپ:
-ئەخمەق،- دىدىم. بىراق شۇنىڭدىن كېيىن تېلېفۇن باتارىيىسىگە توك قاچىلاشنى زادىلا ئۇنتۇپ قالمىدىم. . كېيىنچە مېنىڭ ئەمىلىممۇ ئۆستى. پۇلىمىزمۇ بولدى، يانفۇنىمنىمۇ نەچچە قېتىم ئالماشتۇردۇم. بىر كۈنى تۇيۇقسىز ئايالىمغا ئاشۇ ئۈزۈككە قەرزى ئىكەنلىكىم ئېسىمگە كەچتى-دە ئۇنىڭ قولىدىن تۇتۇپ سۆرىگىنمچە سودا سارىيىغا ئېلىپ كەلدىم. لېكىن ئۇ ئارىسالدا بولۇپ:
-ئاق ئالتۇن، ئالماس ئۈزۈك دىگەنلەرنى بارماققا سېلىۋالغاننىڭ نىمىگە پايدىسى بار، ماڭا بىر يانفۇن ئېلىپ بېرىڭ، مەن سىز بىلەن دائىم ئالاقىلىشىپ تۇرالايمەن-دېدى. شۇنداق قىلىپ مەن ئۇنىڭغا بىر يانفۇن ئېلىپ بەردىم.
شۇ كۈنى بىرىمىز ياتاق ئۆيدە ، بىرىمىز مېھمانخانىدا تۇرۇپ ئۆز-ئارا ئۇچۇر يوللىشىپ، ئىنتايىن خوشال ئوينىدۇق.
بىر كۈنى كېچىدە، مەن خىزمەتداشلىرىم بىلەن دوستلارنىڭ ئۆيىگە قەرت ئوينىغىلى باردىم. ئويناپ تازا قىزىغان چاغدا ئايالىمدىن تېلېفۇن كەلدى.
- سىز نەدە؟ نىمىشقا تېخىغىچە ئۆيگە قايتىمايسىز؟
مەن خىزمەتدىشىمنىڭ ئۆيىدە قەرت ئوينىۋاتىمەن
قاچان قايتىپ كېلىسىز؟
بىردەمدىن كېيىن
ئۇتتۇرۇپ، ئۇتۇپ، ئۇتۇپ ئۇتتۇرېۋىتىپ تۇرغىنىمدا ئايالىمنىڭ تېلېفۇنى يەنە ئارقا-ئارقىدىن كېلىشكە باشلىدى. سىرتتا قاتتىق يامغۇر يېغىۋاتاتتى. ئايالىمدىن يەنە تېلېفۇن كەلدى.
سىز زادى نەدە، نىمە ئىش قىلىۋاتىسىز، تېز قايتىپ كېلىڭ.
سىزگە دىدىمغۇ، مەن خىزمەتدىشىمنىڭ ئۆيىدە قەرت ئوينىۋاتىمەن. قاتتىق يامغۇر يېغىۋاتقان تۇرسا مەن قانداق قايتىپ كېتىمەن!
ئۇنداقتا سىز ئۆزىڭىزنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكىڭىزنى دەپ بېرىڭ، مەن ئالغىلى باراي!
-ئۇنداق قىلماڭ!
بىرگە قەرت ئوينىۋاتقان دوستلىرىم مېنى زاڭلىق قىلىشىپ، «سايىماخۇن»دىيىشتى، شۇنىڭ بىلەن مەن تېلېفۇنۇمنى ئېتىۋەتتىم.
تاڭ يورىدى، مەن ئوتتۇرۇپ ھېچنىمەم قالمىدى، دوستۇم مىنى ماشىنا بىلەن ئۆيگە ئاپىرىپ قويدى. ئەمما ئىشىك قۇلۇپلانغان بولۇپ، ئايالىم كۆرۈنمەيتى. شۇ چاغدا تېلېفۇن جىرىڭلاپ قالدى، تېلېفۇننى قېينىئانام بەرگە ئىدى. قەينىئانام يىغلامسىراپ دىيىشىچە«ئۇ يېرىم كېچىدە يامغۇرغا قارىماي، ۋېلىسىپىت مىنىپ، كۈنلۈك ئېلىپ خىزمەتداشىلىرىمنىڭ ئۆيىگە مېنى ئىزدەپ ، ھەممە ئۆيلەرگە بارغان، يولدا ماشىنا ھادىسىگە ئۇچراپ، قايتا ھۇشىغا كېلەلمىگەن ئىكەن.
مەن تېلېفۇنىمنى ئېچىپلا مەن تېخى ئۇقۇمىغان بىر قالدۇرۇلغان سۆزگە كۆزۈم چۈشتى«ئۇنتۇپ قالدىڭىزمۇ، بۇگۇن بىزنىڭ توي خاتىرە كۈنىمىز، مەن سىزنى ئىزدەپ ماڭدىم، قالايمىقان چېپىپ يۈرمەڭ، مەن كۈنلۈك ئالغاچ ماڭدىم».
ئۇ مېنى ئىزدەش يولىدا مەڭگۇلۇككە ئۇيقۇغا كەتكەن ئىدى. مەن كۆزلىرىمدىن تاراملاپ ياش ئاققۇزۇپ، بۇ قىسقا ئۇچۇرنى تەكرار ئوقۇدۇم، شۇ كۈنى كەچتە ئۆزەمنىڭ پۈتۈن دۇنيانى ئۇتتۇرىۋەتكەنلىكىمنى ھېس قىلدىم.
ئايالىم ئالەمدىن ئۆتكىلى ئۈچ ئاي بولغان بولسىمۇ، مەن يەنىلا قورقۇنۇچلۇق چۈش ئىچىدىن قايتىپ كېلەلمەيۋاتاتتىم. خىزمەتكە كۆڭلۈم تارتىمايتى، كۈنبويى خامۇش يۈرەتتىم، ھەمدە نەچچە قېتىم ئۇ ئالەمگە بېرىپ ئۇنىڭغا ھەمرا بولۇشنى ئويلاپمۇ باقتىم....
ئۆزىمىزنى ياخشى كۆرگەن ئادەملەرنى ھەرگىز ئازاپلىمايلى!
باردا قەدرىگە يەتمەي ئايرىلغاندا قەدرىگە يەتمەيلى !

         كۆرۈلۈشى:753     قوشۇلغان ۋاقتى:2012/1/21 17:08:46يوللىغۇچى ئەزا:

 
   

   ئاۋات ئەسەرلەر

ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:گومۇش يىگىت ۋە چىچەن قىز
گومۇش يىگىت ۋە چىچەن قىز
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:سىز ئۆمرىڭىزدە مۇنداق گەپلەرنىمۇ قىلىپ باققانمۇ؟
سىز ئۆمرىڭىزدە مۇنداق گەپلەرنىمۇ قىلىپ ب
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:ئادەم بەدىنىدىكى ئېچىلمىغان ئون چوڭ سىر
ئادەم بەدىنىدىكى ئېچىلمىغان ئون چوڭ سىر
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:ئۈزۈك سېلىشنىڭ مەنىسى
ئۈزۈك سېلىشنىڭ مەنىسى
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:QQ دىكى«ئوۋچى»لار
QQ دىكى«ئوۋچى»لار
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:ئەرلەر بىلەن ئاياللارنىڭ قىزىقارلىق پەرىقلىرى
ئەرلەر بىلەن ئاياللارنىڭ قىزىقارلىق پەرى
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:مۇھەببەتكەشكەن چاغلىرىڭىزنى ئۇنتۇپ قالماڭ
مۇھەببەتكەشكەن چاغلىرىڭىزنى ئۇنتۇپ قالما
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:(مەي) ئىچمىدىم
(مەي) ئىچمىدىم

پىكىر ئالماشتۇرۇڭ   بىزنى قوللاڭ   بىزدىن پايدىلىنىڭ   بىزنى بىلۋىلىڭ
       
ئالاقىلىشڭ تەكلىپ-پىكىر ئېلان بىرىڭ بېكەت ھەققىدە
سەيناغا كىرىڭ ئەزا بولوڭ ھەمكارلىشىڭ سەھىپىلەر
  ئۇلىنىش قوشۇش ئۇچۇر يوللاڭ مۇلازىمەتلىرىمىز
  بىۋاستە ئۇچۇر يوللاڭ بىۋاستە ئۇچۇر يوللاڭ بىۋاستە ئۇچۇر يوللاڭ   بېكەت لوگوسى ئەسەر يوللاڭ بېكەت رەسمىيەتلىرى
 
 
 
 

 

   

工信部备案:新ICP备11000444号

乌鲁木齐市公安局网络支队备案号-6501201108002 Copyright© 2010-2014 SalamURUMQI.Com