Www.SalamUrumqi.Com - سالام ئۈرۈمچى ئونۋېرسال تور بېكىتى - 萨拉穆乌鲁木齐娱乐资讯门户网
مىقلاڭ ئەسەر يوللاڭ تىزىملىتىڭ
ساقلىۋىلىڭ ئۇچۇر يوللاڭ مەرھەمەت
 
 
 


كەچۈر ساڭا بەخت تىلىيەلمەيمەن

  سەن كەتتىڭ . يۈرۈكۈمنى يەنە بىر قېتېم ئاچچىق ئازاپ ، ئۈكۈنۈش ، ھەسرەت - پۇشايمان بىلەن ئۆرتەپ ، ماڭا ئۆمۈرلۈك ھىجراننى ئارتىپ ، مەغرۇرلارچە قەدىملىرىڭ بىلەن  خوشمۇ دىمەي كەتتىڭ . قېنى ماڭا بەرگەن ۋەدە - قەسەملىرىڭ ؟ قېنى مەن كۈتكەن شىرىن كۈنلەر ؟
  كىتىۋاتىمەن . ھارغىن ھالسىز قەدەملىرىم بىلەن  ئۈنسىز - ئۈمۈتسىز كىتىۋاتىمەن . چانىقىمغا سىغمىغان ئاچچىق ياش مەڭزىمنى يۇيۇپ ئاستا - ئاستا سىرغىماقتا !!!
  سىنى بارلىقىم بىلىپ پۈتۈن ۋۇجۇدۇم بىلەن سۆيگەن ئىدىم . سىنى ياخشى كۈرەتتىم . سىنىڭسىز ھاياتىمنى تەسەۋۋۇر قىلالمايتىم . سەن مىنىڭ ، بەخىتم ، شاتلىقىم ، ئارمىنىم  ئىدىڭ .
  ئايلىنىپ كونا جايغا كەلدىم . بىز تالاي كېچە ئايلانغان چىغىر يول ئاچچىق تولغانماقتا .  بىز سۇ چېچىشىپ ئوينىغان ئۆستەڭ سۈيى ئەلەم بىلەن ئۈكسىمەكتە . بىز سايىدىغان ، كەلگۈسىمىز توغرىسىدا تاتلىق خىياللارنى سۈرگەن مەجنۇنتال خۇرسىنماقتا . بىزنىڭ سۆيگۈمىزگە گۇۋا بولغان تۇلۇنئاي ، لەۋلىرى تاتارغان ھالدا باش چايقىماقتا . چاچلىرىڭنى لەرزان ئۇچۇرغان ، بىزنى شىرىن تۇيغۇلار قوينىدا ئەللەيلەتكەن ئەركە شامال ئاچچىق تىترىمەكتە . دوسلىرىمنىڭ ئۈنى چۈشۈپ ، دۈشمەنلىرىم مەغرۇر چۇقان سېلېشماقتا .
ئويلىماپتىمەن . سەندىن ئايرىلىپ قېلىشنى ، مىنى بۇنچىلا ئازاپ بىلەن تاشلاپ كىتىشىڭنى پەقەت ئويلىماپتىمەن . مىنىڭ غەمسىز كۈنلىرىمنى بەربات قىلىپ ، ئۈمۈت گۈللىرىمنى چەيلەپ  ، مەغرۇر قەددىمنى سۇلدۇرۇپ ، يۈرۈكۈمنى چۇل - چۇل قىلىپ كىتىپ قېلىشىڭنى  . سىنىڭ بۇنچىلا باغرى تاش ۋاپاسىزلىقىڭنى ئويلىماپتىمەن .
   ئاشۇ كۈن  سەن كۆز ئالدىمغا باشقا بىراۋنىڭ قوللىرىنى چىڭ تۇتقان ،  بېشىڭنى مۈرىسىگە قۇيۇپ ئالدىمدىن ئۆتكەن چېغىڭدا ، مەن بارلىقىمنى يوقاتتىم . يەر شارى گۇيا ئۆز ئۇقىدا توختاپ قالدى . كۆزلىرىم بۇلارنىڭ بىر قاباھەتلىك چۈش بۇلۇپ قېلىشىنى شۇنچىلىك ئۈمۈت قىلدىم . ئەمما بۇ بىر رىئاللىق ، مەن ئەڭ قورقىدىغان پەقەت ئۈمۈت قىلمايدىغان رىئاللىق ئىدى . چىدىمىدىم . كۆزلىرىمدىن  ئازاپ - ھەسرەت كەلكۈنى كۆز ياش بۇلۇپ تۈكۈلدى . پۈتۈن بەدىنىم ھالسىزلىنىپ تۇرغان ئورنۇمدا ئولتۇرۇپ قالدىم .
شۇندىن بۇيان  ھايات مەن ئۈچۈن مەنىسىنى يوقاتتى . ئۆزەمنى تاشلىۋەتتىم . نۇرىنى يوقاتقان كۆزلىرىم ، چۈشكۈنلۈككە تولغان چىرايىم ، ئۈسۈپ كەتكەن ، ئېلېنمىغىلى خېلى بولغان چاچ - ساقاللىرىم . كىر پۇرلاشقان  كىيىملىلىرىم ... ئاھ ... خۇدا !!! مەن ساڭا نىمە قىلغان بولغىيتىم ؟ نىمىشقا ماڭا بۇنداق قىلىسەن ؟ ئۇنىڭسىزمۇ يۈرۈكۈم  قان - قان ئىدىغۇ ؟
   سەن ئامراق ناخشىلارنى ئاڭلىدىم . سەن ياقتۇرىدىغان كىتاپلارنى ۋاراقلىدىم . سەن بىلەن چۈشكەن سۆرەتلەرنى ئۈكسۈپ - ئۈكسۈپ تۇرۇپ باغرىمغا باستىم . ھەسرەتلىرىم يەنە دۇلقۇنلىدى .
   ئاڭلىسام توي قىلماقچى بۇپسەن . بۇنى بىلگەن چېغىمدا ئارقامغا يىقىپ چۈشۈشىمدىن  ئۆزەمنى ئاران تۇتىۋالدىم . ئەمدى سەن ماڭا تەئەللۇق ئەمەسسەن . مەن تۇتقان قوللىرىڭنى ئەمدى باشقا بىراۋلار تۇتىدۇ . مەن پۇراپ قانمىغان چاچلىرىڭنى ئەمدى باشقا بىراۋلار سىلايدۇ . مىنى مۇھەببەت ئالىمىگە باشلاپ كىرگەن شەھلا كۆزلىرىڭ ئەمدى باشقا بىراۋلارنىڭ ئالىمدە ...مەن قۇچاغلىغان تەنلىرىڭ ئەمدى باشقا بىرىگە مەنسۇپ . يەنە چىدىمىدىم . باشقىلارنىڭ نەزىرىدە بىر يېغلاڭغۇ يىگىتكە ئايلاندىم . تاشلىۋەتكىلى ئۈچ يىل بولغان تاماكا ئۇزۇن تۈنلەردىكى بىردىنبىر ھەمرايىمغا ئايلاندى . ئاچچىق ئىسنى ھەر - بىر پۈۋلىگىنىمدە ، ۋۇجۇدۇم ئاشۇ ئىسقا ئوخشاش تولغاندى . دوسلىرىمنىڭ تەسەللىلىرى  ماڭا كار قىلمىدى . ئۆيگە يالغۇز بىكىنىۋېلىپ خىياللارغا غەرىق بولغىنىم بولغان ...
بۈگۈن ماڭا ئۇچۇر قىلىپ « بەخىتلىك بۇلۇڭ . تۇرمۇشىڭىزنى قايتىدىن باشلاڭ » دەپسەن . ئېيتقىنا قانداق باشلايمەن ؟ قانداق بەخىتلىك بۇلىمەن ؟ مىنىڭ بەخىتىم سەن ئەمەسمىدىڭ ...
   ئۇزاق ناھايىتى ئۇزاق ئويلاندىم . تاماكىنى ئەلەم بىلەن چىكىپ ئولتۇرۇپ ، دۈم يېتېۋېلىپ ، كومپىيوتىرىمنى ئېچىپ ، ياڭراتقۇنىڭ بار ئاۋازىنى ئېچېۋېتىپ ناخشا قۇيۇپ تۇرۇپ ئويلاندىم . سەن ئەسلى مىنى ئەزەلدىن ياخشى كۈرۈپ باقماپسەن . مىنى بۇرۇنتىنلا ئالداپ كەپتىكەنسەن . سەندە ۋاپا  - ساداقەت مەۋجۇت ئەمەسكەن . سەن مىنىڭ سۈيۈشۈمگە ، قەدىرلىشىمگە ، ياش تۈكۈشىمگە ئەرزىمەيدىكەنسەن .
   قاياقتىندۇر بىر سادا ئاڭلاندى : بولدى بەس بىپەرۋا! ئۈكسۈشلىرىڭنى قوي . ئاچچىق ياشلىرىنىڭنى سۈرتىۋەت . ھايات يەنىلا گۈزەل . دۇنياغا ئۈمۈت بىلەن قارا . ۋاپاسىزلار  ئازاپ چىكىشكە ئەرزىمەيدۇ .
   ئورنۇمدىن تۇردۇم . كومپىيوتىرىمدىكى بارلىق سۆرەتلەرىڭنى ،  تېلىفۇنۇمدىكى ئۇچۇرلىرىڭنى  پاك - پاكىز ئۈچۈرىۋەتتىم . ئەمدى سىنى ئويلاپ ئاۋارە بولمايمەن . سەن ئۈچۈن ئازاپ چەكمەيمەن . تەڭرىگە  ، سەندىن - سەندەك بىر ۋاپاسىزدىن بالدۇرراق قۇتۇلغانلىقىم ئۈچۈن ، ھەمدۇ - سانا ئېتىمەن . لىكىن كەچۈر ! ساڭا بەخىت تىلىيەلمەيمەن ...
         كۆرۈلۈشى:604     قوشۇلغان ۋاقتى:2012/1/18 16:48:09يوللىغۇچى ئەزا:

 
   

   ئاۋات ئەسەرلەر

ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:گومۇش يىگىت ۋە چىچەن قىز
گومۇش يىگىت ۋە چىچەن قىز
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:سىز ئۆمرىڭىزدە مۇنداق گەپلەرنىمۇ قىلىپ باققانمۇ؟
سىز ئۆمرىڭىزدە مۇنداق گەپلەرنىمۇ قىلىپ ب
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:ئادەم بەدىنىدىكى ئېچىلمىغان ئون چوڭ سىر
ئادەم بەدىنىدىكى ئېچىلمىغان ئون چوڭ سىر
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:ئۈزۈك سېلىشنىڭ مەنىسى
ئۈزۈك سېلىشنىڭ مەنىسى
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:QQ دىكى«ئوۋچى»لار
QQ دىكى«ئوۋچى»لار
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:ئەرلەر بىلەن ئاياللارنىڭ قىزىقارلىق پەرىقلىرى
ئەرلەر بىلەن ئاياللارنىڭ قىزىقارلىق پەرى
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:مۇھەببەتكەشكەن چاغلىرىڭىزنى ئۇنتۇپ قالماڭ
مۇھەببەتكەشكەن چاغلىرىڭىزنى ئۇنتۇپ قالما
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:(مەي) ئىچمىدىم
(مەي) ئىچمىدىم

پىكىر ئالماشتۇرۇڭ   بىزنى قوللاڭ   بىزدىن پايدىلىنىڭ   بىزنى بىلۋىلىڭ
       
ئالاقىلىشڭ تەكلىپ-پىكىر ئېلان بىرىڭ بېكەت ھەققىدە
سەيناغا كىرىڭ ئەزا بولوڭ ھەمكارلىشىڭ سەھىپىلەر
  ئۇلىنىش قوشۇش ئۇچۇر يوللاڭ مۇلازىمەتلىرىمىز
  بىۋاستە ئۇچۇر يوللاڭ بىۋاستە ئۇچۇر يوللاڭ بىۋاستە ئۇچۇر يوللاڭ   بېكەت لوگوسى ئەسەر يوللاڭ بېكەت رەسمىيەتلىرى
 
 
 
 

 

   

工信部备案:新ICP备11000444号

乌鲁木齐市公安局网络支队备案号-6501201108002 Copyright© 2010-2014 SalamURUMQI.Com