Www.SalamUrumqi.Com - سالام ئۈرۈمچى ئونۋېرسال تور بېكىتى - 萨拉穆乌鲁木齐娱乐资讯门户网
مىقلاڭ ئەسەر يوللاڭ تىزىملىتىڭ
ساقلىۋىلىڭ ئۇچۇر يوللاڭ مەرھەمەت
 
 
 


يۈرىكىم ئاغرىيدۇ ئاپا ...

مەرھابا ئاپا، مەن يەنە كەلدىم. ئەنسىرمە، مەكتەپتىن چىقىپلا كەلدىم.

ئانىلار دادىلاردەك ئەنسىرەمدۇ، مەن بۇنى بىلمەيمەن. ئەمما ئەلى«مەكتەپكە بارمىسام ئانام بەك ئاچچىقلايدۇ،بەك ئەنسىرەيدۇ»دېگەن ئېدى. شۇنىڭ ئۈچۈن دەۋاتىمەن ئاپا.

ئۆتكەن ھەپتە ئوقۇتقۇچۇم، سول قولىمىزدا سامساق، ئوڭ قۇلىمىزدا پىيازنى تۇتقۇزۇپ، ئوڭ بىلەن سولنى ئۆگەتتى. مەن ئەمدى ئوڭ تەرىپىم قايسى، سول تەرىپىم قايسى، بۇنى بىلىۋاتىمەن ئاپا.

ئاغىرىغان تەرىپىمنىڭ قەيەر ئىكەنلىكىنى ياخشى بىلىۋاتىمەن ئاپا.

ئۆتكەندە كەلگىنىمدە مۇشۇ يىرىم ئاغىرىيدۇ، مانا مۇشۇ يىرىم دىگەن ئىدىمغۇ، زادىلا دەپ بىرەلمىگەن ئىدىمغۇ ئاغىرىغان يىرىمنى ئاپا. قارا،ھازىر مۇشۇ يىرىم شۇ دەۋاتىمەن.

يۈرۈگۈم بەك ئاغرىۋاتىدۇ ئاپا. ھەم ھەركۈنى شۇنداق ئاغرىيدۇ ئاپا، ھەركۈن.

تۈنۈگۈن ئەتتىگەن ئائىشەنىڭ ئاپىسى، چاچلىرىنى ئۆرۈپ قويۇپتۇ. قولىدىن تۇتۇپ مەكتەپكە ئېلىپ كەلدى. قوڭغىراق چېلىنغاندا سۆيۈپ تۇرۇپ: تىز سىنىپقا كىر قوزام، دېدى.

بۇلارنى كۆرۈپ مەن يىغلىدىم، يىغلىغىنمدىن ھېچ خىجىل بولمىدىم.

ئوقۇتقۇچۇم سىزگە نېمە بولدى؟ دېدى. يىقىلىپ چۈشتۈم، تىزىم بەك ئاغىرىۋاتىدۇ-دېدىم. يالغان سۆزلىدىم، ئاپا. تىزىم ئاغىرىمىدى، يۈرۈگۈم بەك ئاغىرىدى ئاپا.

بۈگۈن مەنمۇ چېچىمنىڭ ئۆرۈلۈپ قويۇلىشىنى خالاپ قالدىم. دادام ئۆرۈپ قويدى، ئەمما ئائىشەنىڭكىدەك بولمىدى.} گۈللۈك ياقىلىق كىيىم كىيىشنى خالاپ قالدىم،{ دادام «مەن بىلمەيمەن قىزىم» دېدى. ھېچ بولمىسا مەكتەپكە سەن ئاپىرىپ قوي دېدىم. «قىزىم،ئىشلىشىم كىرەك» دېدى. مېنىڭ نېمە كارىم دەپ يىغلىدىم. «قىزىم،نان ئۈچۈن»دېدى دادام. بۇلارنى ئاڭلاپ جىمىپ قالدىم. ئەمما مەكتەپكە بارغۇچە    يەنە يىغلىدىم ئاپا.

ھەي...!يۈرۈگۈم يەنە بەك ئاغىرىدى ئاپا. ھەممەيلەننىڭ پايپاقلىرى ئاپئاق، مىنىڭكى بولسا كۈلرەڭگە ئوخشاش. زەينەپ «ئاپام ئاق كىيىملەرنى رەڭلىك كىيىملەرگە قاتماي يۇيىدۇ» دېدى.

دادام ھەممىسىنى بىللە يۇيىدۇ، دادام كىر يۇيۇشنى بىلمەمدۇ ئاپا؟

ئۇف...دادام سومكامغا ھەركۈنى پەمدۇر ئىرىمچىكى سېلىپ قويىدۇ، كۆڭلى يېرىم بۇلۇپ قالمىسۇن دەپ گەپ قىلمىدىم.

ئەمما ساۋاقداشلىرىم ھەركۈنى قاتلىما نان، گۆش نان، تورت... ئېلىپ كىلىدۇ. بىلىمەن، دادام تورت پىشۇرۇشنى بىلمەيدۇ ئاپا.

كەچ كىرگىلىۋاتىدۇ. مەن كېتەي ئاپا. سىنىڭ يېنىڭغا كەلگەنلىكىمنى دادام بىلمەيدۇ. بىلسە ئاچچىقلىماسلىقى مۇمكىن. ئەمما كۆڭلىنىڭ بەك يېرىم بولىدىغانلىقىنى بىلىمەن.

قەبرەڭگە كىم چېقىلىۋاتىدۇ، گۈللىرىنى كىم ئۈزىۋاتىدۇ، تۇپرىقىڭغا قول تەككۈزمىسە شۇلارغا نېمە بۇلار. شۇلارغا رۇخسەت قىلما!

ئۆيگە قايتقۇچە، مانا بۇلار كۆڭلۈمگە كىلىدۇ-دە، بۇنىڭ ئۈچۈن يەنە يىغلايمەن ئاپا.

قارا! ئەينەك بوتولكا يېنىمدا، تۇپرىقىڭدىن يەنە بىر ئۇچۇم ئالاي. بىلەمسەن ئاپا، ھەر كەلگىنىمدە تۇپراقلىرىڭدىن ئالىمەن. ئېلىپ، بۇ ئەينەك بوتولكىغا يىغدىم. ئۈستىگە رەسىمڭنى چاپلاپ، باش تەرىپىمگە قويدۇم، ھەر ئەتتىگەندە ئۇنى سۈيۈپ ھېدلايمەن. بۇنى ھېچ كىشىگە سۆزلىمە ئەمما ئاپا. ئەمما بەزىدە ئۇنىڭ بىلەن مۇڭدىشىپ قالىمەن. نە چارە، سىنى بەك سېغىندىم ئاپا.

ھە راست، ئۇنۇتقىلى تاس قاپتىمەن. ئوقۇتقۇچۇم تۈنۈگۈن ئانىلار توغۇرلۇق بىر پارچە ماقالە يېزىپ كىلىڭلار دېدى. مەن دادامغا يازغۇزىمەن، بۇنى ئوقۇتقۇچۇم بىلسە ئاچچىقلايدۇ. ئەمما ماڭا نىمە ئامال، ئاچچىقلىسا ئاچچىقلىسۇن. مەن سېنى ھېچ كۆرمىدىمكى، نېمە دەپ، قانداق تەسۋىرلەشنى بىلمەيمەن ئاپا!

سېنىڭ ئىسمىڭ ئىسىمگە كەلگەنچە يۈرۈگۈم ئاغىرىيدۇ ئاپا. ھېچ قانداق بىر نەرسە يۇتالمايمەن. بەزىدە بەرداشلىق بىرەلمەي يىغلاپ كىتىمەن. دەپتەرگە بۇلارنى قانداق يازالايمەن ئاپا.

مەن كىتەي ئاپا، تۇپىرىقىڭنى سۆيۈمەن، سەنمۇ چۈشۈمگە كىرىپ مېنى سۆيۈپ قوي! جەزمەن كەل ئاپا. سەن چۈشۈمگە كىرمىگەنچە يۈرۈگۈم ئاغىرىپ ئويغۇنۇپ كىتىمەن ئاپا.

يۈرۈگۈم ئاغىرىيدۇ، مانا مۇشۇ يىرىم شۇ ئاپا.

يۈرۈگۈم بەك ئاغىرىيدۇ ئاپا، سېنى بەك سېغىندىم...بەك ئاپا!

         كۆرۈلۈشى:636     قوشۇلغان ۋاقتى:2012/1/18 16:27:21يوللىغۇچى ئەزا:

 
   

   ئاۋات ئەسەرلەر

ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:گومۇش يىگىت ۋە چىچەن قىز
گومۇش يىگىت ۋە چىچەن قىز
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:سىز ئۆمرىڭىزدە مۇنداق گەپلەرنىمۇ قىلىپ باققانمۇ؟
سىز ئۆمرىڭىزدە مۇنداق گەپلەرنىمۇ قىلىپ ب
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:ئادەم بەدىنىدىكى ئېچىلمىغان ئون چوڭ سىر
ئادەم بەدىنىدىكى ئېچىلمىغان ئون چوڭ سىر
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:ئۈزۈك سېلىشنىڭ مەنىسى
ئۈزۈك سېلىشنىڭ مەنىسى
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:QQ دىكى«ئوۋچى»لار
QQ دىكى«ئوۋچى»لار
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:ئەرلەر بىلەن ئاياللارنىڭ قىزىقارلىق پەرىقلىرى
ئەرلەر بىلەن ئاياللارنىڭ قىزىقارلىق پەرى
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:مۇھەببەتكەشكەن چاغلىرىڭىزنى ئۇنتۇپ قالماڭ
مۇھەببەتكەشكەن چاغلىرىڭىزنى ئۇنتۇپ قالما
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:(مەي) ئىچمىدىم
(مەي) ئىچمىدىم

پىكىر ئالماشتۇرۇڭ   بىزنى قوللاڭ   بىزدىن پايدىلىنىڭ   بىزنى بىلۋىلىڭ
       
ئالاقىلىشڭ تەكلىپ-پىكىر ئېلان بىرىڭ بېكەت ھەققىدە
سەيناغا كىرىڭ ئەزا بولوڭ ھەمكارلىشىڭ سەھىپىلەر
  ئۇلىنىش قوشۇش ئۇچۇر يوللاڭ مۇلازىمەتلىرىمىز
  بىۋاستە ئۇچۇر يوللاڭ بىۋاستە ئۇچۇر يوللاڭ بىۋاستە ئۇچۇر يوللاڭ   بېكەت لوگوسى ئەسەر يوللاڭ بېكەت رەسمىيەتلىرى
 
 
 
 

 

   

工信部备案:新ICP备11000444号

乌鲁木齐市公安局网络支队备案号-6501201108002 Copyright© 2010-2014 SalamURUMQI.Com