Www.SalamUrumqi.Com - سالام ئۈرۈمچى ئونۋېرسال تور بېكىتى - 萨拉穆乌鲁木齐娱乐资讯门户网
ئىسىم : مەخپي نۇمۇر :
 

بۇگۈن:

ساقلىۋىلىڭ

باش بەت قىلىڭ

 
 
 


سۆيۈش ۋە سۆيۈلۈش

ئۆزىنى سۆيەلىگەن كىشى باشقىلارنى سۆيۈشنى بىلىدۇ. ھاياتقا كۈلۈپ باقالىغان كىشى، مۇقەررەركى ھايات ۋە تۇرمۇشقا نىسبەتەن تولۇپ – تاشقان ھاياتىي كۈچكە ئىگە كىشىدۇر. ئۆزىنى قەدىرلەشنى، سۆيۈشنى بىلمىگەنلەر باشقىلارنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشەلمەيلا قالماستىن، باشقىلارغا مېھىر – مۇھەببەت بېرەلمەيدۇ.

   بىر پەيلاسوپ شەھەر سىرتىدا سەيلە قىلىۋېتىپ، يىغلاۋاتقان بىرەيلەنگە ئۇچراپتۇ. پەيلاسوپ ئۇنىڭدىن نېمىگە شۇنچە ئازابلىنىدىغانلىقىنى سورىسا، ئۇ‹‹مۇھەببەتتىنمەھرۇم قالدىم›› دەپ جاۋاب بېرىپتۇ. بۇنى ئاڭلىغان پەيلاسوپ:

   سىزنىڭ مۇنچە ئازابلىنىشىڭىز، قەلبىڭىزدە مۇھەببەتنىڭ يەنىلا مەۋجۇتلۇقىنىڭ ئىسپاتى، سىز مۇھەببەتتىن مەھرۇم قالمىدىڭىز، مەھرۇم قالغىنىڭىز پەقەت سىزنى سۆيمەيدىغان بىر ئادەم خالاس، بۇنىڭغا شۇنچە ئازابلىنىش نەھاجەت؟ يىغلاش كېرەك بولسا، سىز ئەمەس، ئۇ يىغلىسۇن! ئۇ سىزدەك ئۆزىنى سۆيىدىغان ئادەمدىن مەھرۇم قالغاننى ئاز دەپ، يەنە تېخى سىزدىكى شۇ مۇھەببەتتىنمۇ مەھرۇم بوپتۇ، دەپتۇ.

   ھېلىقى كىشىنىڭ شۇ ھامان چىرايىغا كۈلكە يۈگۈرۈپتۇ.

   رېئال تۇرمۇشتا، بەزىلەر ئۆزىنى سۆيمەيدۇ، ئۆزىگە خۇددى دۈشمىنىگە مۇئامىلە قىلغاندەك مۇئامىلە قىلىدۇ، ئۆزىدىن ئاغرىنىدۇ. يەنە بەزىلەر ئۆزىنى سۆيىدۇ، لېكىن، قارىغۇلارچە سۆيىدۇ. ئېنىقكى، بۇنداق ئادەملەردە ئۆزىنى ھەقىقىي تونۇش كەمچىل.

   سۆيگۈ – مۇھەببەت دۇنيادا ئەڭ مۇھىمدۇر. مۇبادا سىز بۇ نۇقتىنى چۈشەنسىڭىز، باشقىلار بىلەن تونۇشقىنىڭىزدا، ئۇلارنىڭ سىزگە نېمە پايدىسى تېگىدىغىنىنى ئويلاشماستىن، بەلكى ئۇلارغا قانداق ياردەم قىلىشنى ئويلاڭ. ئەگەر، شۇنداق قىلالىسىڭىز، سىزنىڭ پىداكارلىق بىلەن ئەمەلگە ئاشۇرغانلىرىڭىز ئۆزىڭىزنىلائويلىغاندىكىدىنمۇ كۆپ بولۇشى مۇمكىن.

   كىشى ھاياتىدا دوستسىز ئۆتمەيدۇ. شۇ دوستلىرىڭىزنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ مۇھىمى يەنىلا ئۆزىڭىز. سىز ئۆزىڭىزنى دوست قاتارىدا كۆرمىسىڭىز، دوستلىرىڭىز مەيلى قانچە كۆپ بولسۇن، ئۆزىڭىزنى سۆيمىگەن ئەھۋالدا دوستلىرىڭىزنىمۇ سۆيەلىشىڭىز ناتايىن. كىشى ئۆزىنى سۆيۈش بىلەن بىللە، ھاياتنى سۆيۈشى زۆرۈر، ھاياتنى قىزغىن سۆيۈش ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئۆزىنى سۆيۈش كېرەك. كىشى ئۆزىنى سۆيگەندىلا، ئىلگىرى كەمچىلىك ياكى ئاجىزلىق دەپ بىلگەن نەرسىلەر ئارتۇقچىلىق ۋە ئالاھىدىلىك بولۇپ كۆزگە تاشلىنىدۇ. مۇھىمى، كىشى ئۆزىنى قىزغىن سۆيۈپ، ھەرقانداق ئوڭۇشسىزلىققا تاقابىل تۇرۇپ ياشىشى، ئۆزىنى كەمسىتمەسلىكى كېرەك.

         كۆرۈلۈشى:1603     قوشۇلغان ۋاقتى:2012/7/26 17:30:13يوللىغۇچى ئەزا:

 
   

   ئاۋات ئەسەرلەر

ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:سىز ئۆمرىڭىزدە مۇنداق گەپلەرنىمۇ قىلىپ باققانمۇ؟
سىز ئۆمرىڭىزدە مۇنداق گەپلەرنىمۇ قىلىپ ب
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:ئادەم بەدىنىدىكى ئېچىلمىغان ئون چوڭ سىر
ئادەم بەدىنىدىكى ئېچىلمىغان ئون چوڭ سىر
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:ئۈزۈك سېلىشنىڭ مەنىسى
ئۈزۈك سېلىشنىڭ مەنىسى
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:QQ دىكى«ئوۋچى»لار
QQ دىكى«ئوۋچى»لار
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:ئەرلەر بىلەن ئاياللارنىڭ قىزىقارلىق پەرىقلىرى
ئەرلەر بىلەن ئاياللارنىڭ قىزىقارلىق پەرى
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:مۇھەببەتكەشكەن چاغلىرىڭىزنى ئۇنتۇپ قالماڭ
مۇھەببەتكەشكەن چاغلىرىڭىزنى ئۇنتۇپ قالما
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:(مەي) ئىچمىدىم
(مەي) ئىچمىدىم
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:چىڭلۇڭنىڭ جان بىلەن ئويناشقان 10 ماھارىتى
چىڭلۇڭنىڭ جان بىلەن ئويناشقان 10 ماھارىت

پىكىر ئالماشتۇرۇڭ   بىزنى قوللاڭ   بىزدىن پايدىلىنىڭ   بىزنى بىلۋىلىڭ
       
ئالاقىلىشڭ تەكلىپ-پىكىر ئېلان بىرىڭ بېكەت ھەققىدە
سەيناغا كىرىڭ ئەزا بولوڭ ھەمكارلىشىڭ سەھىپىلەر
  ئۇلىنىش قوشۇش ئۇچۇر يوللاڭ مۇلازىمەتلىرىمىز
  بىۋاستە ئۇچۇر يوللاڭ بىۋاستە ئۇچۇر يوللاڭ بىۋاستە ئۇچۇر يوللاڭ   بېكەت لوگوسى ئەسەر يوللاڭ بېكەت رەسمىيەتلىرى
 
 
 
 

 

   

工信部备案:新ICP备11000444号

乌鲁木齐市公安局网络支队备案号-6501201108002 Copyright© 2010-2014 SalamURUMQI.Com