Www.SalamUrumqi.Com - سالام ئۈرۈمچى ئونۋېرسال تور بېكىتى - 萨拉穆乌鲁木齐娱乐资讯门户网
ئىسىم : مەخپي نۇمۇر :
 

بۇگۈن:

ساقلىۋىلىڭ

باش بەت قىلىڭ

 
 
 


QQ دىكى«ئوۋچى»لار

 پاراڭلىشىش ئۈچۈن  تورغا چىقىپ بىرەر ھەمراھ ئىزدەپ ئولتۇراتتىم ، تۇيۇقسىز ئىشىكئېچىلىپ ،قوشنا بۆلۈمدىكى ئاسىيە كىرىپ كەلدى .
_ قانداقراق تۇردۇڭ دوستەك
 ؟ ئەتتىگەندىلا تورنى ئېچىۋالدىڭمۇ نېمە؟
_ زېرىكىپ شۇ
 .....
_ پاراڭلىشىدىغان
 بىرەر بۇرۇتلۇق تېپىلمايۋاتامدۇ ؟ ھا....ھا....ھا...
 ئۇ
 قاتتىق كۈلۈپ كەتتى . ئۇنىڭ كۈلۈشىدىن ئوماق لەۋلىرى ئارىسىدىكى ئۈنچىدەك چىشلىرى كۆرۈنۈپ قالدى .
_ بۇرۇتلۇقلارنى نېمە قىلاي ...سەنمۇ
 كۆرۈشۈپ تويغانغۇ ؟ ھېلىقى بىر غېرىچ بىلەن ..
  ئىككىمىز تەڭلا
 كۈلۈشۈپ كەتتۇق . ئۆتكەندە ئاسىيە قاملاشقان بىر ئەر بىلەنتۇنۇشقانلىقىنى ، شەنبە كۈنى كۆرۈشمەكچى بولغانلىقىنى ئېيتقانىدى . ئۇنىڭ شۇ ۋاقىتتىكى چىرايىدىن تەپچىپ تۇرغان خۇشاللىقىنى تىل بىلەن ئىادىلىمەك قىيىنئىدى . ئەپسۇس ، دۈشەنبە كۈنى ئاسىيە ئىشخانامغا تولىمۇ روھسىز ھالدا كىرىپ كەلدى .
_ نېمە بولدۇڭ ؟_ تېنىچ - ئامانلىق سوراشقاندىن
 كېيىن ، ئۇنىڭغا تەئەججۈپ ئىلكىدە قاراپ .
_ ...ئۇ
 بىر غېرىچلا كېلىدىكەن ، تولىمۇ كۆرۈمسىز بىر ئەر ئىكەن . ئۇنى كۆرۈپلاكەينىمگە بەدەر قاچتىم ...
_  كۆرپىگە ئوراپلا
 ئۆيۈڭگە ئېلىپ كەتمەي..._دەپ چاقچاقمۇ  قىلىپ قويغانىدىم.
  ھازىرقى بىر
 غېرىچ دېگەن گەپ نەق شۇنىڭدىن چىقىۋاتاتتى .
_ بىر
 غېرىچ ئۇچراۋەرمەس ، سۇۋادان تېرەكتەكلەرمۇ  چىقىپ قالار دەيمەنغۇ ئەمدى ،_دېدىم تېخىچە كۈلۈۋاتقان ئاسىيەگە قاراپ .
_ ۋاي ، توردىكىلەرگە ئىشەنگىلى بولاتتىمۇ
 ؟ تويدۇم ..راست ، سېنىڭ ھېلىىقى قوشاقچىڭ قانداق بولۇپ كەتتى؟
 _ ۋاي خۇدا
 ، ماڭا تولا قوشاق ئېيتىپ مېڭەمنى يەپ كەتتى ، ئۇنى ئاخىر قارا تىزىملىككە كىرگۈزۋەتتىم . يەنە بىر پەلسەپىچى بىلەن تۇنۇشقان . ئۇ ھە دېسىلا چۈشىنىكسىز گەپ قىلىدۇ ، بىر گەپنىڭ ئىككىسى بولسا « ھايات بىمەنە ،ھايات ئاياللار بىلەنلا  گۈزەلدۇر» دېگەندەك دەبدبىلىك گەپلىرى ھالىمنى قويمىدى ...ئاخىر ئۇنىمۇ يوقاتتىم .ئاسىيە بىزنىڭ ئەرلىرىمىزمۇ باشقا ئاياللاغا ئاۋۋال گۈل،كالپۇكنىڭ رەسىملىرىنى ئەۋەتىپ....
  _ مېنىڭ ئېرىمنى ئۆزۈڭ بىلىسەن
 ،_دېدى ئاسىيە ،_سېپى ئۆزىدىن بىر مۆرىمەس ، ئۇنىڭ ئۇنداق ئىشلارنى قىلالايدىغانلىقىغا ئىشىەنمەيمەن..ئۆيدىمۇ تورغا چىقىپ قوياي دېمەيدۇ.
  _ ياۋاشنىڭ قولتۇقىدا
 چىشى بار جۇمۇ ، دىققەت قىل ...  
 _ ھا....ھا....ھا..._ئىككىمىز تەڭلا
 كۈلشۈپ كەتتۇق .
 _ مېنىڭ ئېرىم ئۆيدە ئانچە - مۇنچە تورغا
 چىقىدۇ ، لېكىن ئۇنىڭ بىرەرسى بىلەنپاراڭلىشۋاتقانلىقىنى بايقىمىدىم ، لېكىنغۇ ئەرلەرگە ئىشىنىپ بولغىلى بولمايدۇ . گاھى كۈنلىرى ئېرىمىزنىڭ ئۆيدە بولۇشىنى تىلەپ قالغاندەك ،ئۇلارمۇ تېخى بىزنىڭ ئۆيدە يوق بولۇپ قېلىشىمىزنى ئۈمىد قىلامدۇ تېخى ؟  كىم بىلىدۇ . ھازىر چايلارغا بېرىپ كەچ قالساممۇ ، ئانچە بىر نەرسە دەپ كەتمەيدۇ ، بىزنىڭ قاسىمجان .ئادەم يەنە گۇمانلىنىپ قالىدۇ ئۇلاردىن .
  _ مەنغۇ
 ئەسلا گۇمان قىلمايمەن ،ئۇنىڭ گۇمانلانغۇدەك يېرىمۇ يوق ،ئۇ شۇنداق   گومۇشتەك يۈ رۈپ نېمە ئىش قىلالىسۇن ؟ئۇ بىر مۆرىمەس دەيمەن .
  _ بايا
 دېدىمغۇ« ياۋاشنىڭ قولتۇقىدا چىشى بار» دەپ؟
  _ ئوۋۇش ، نېمە دەيدىغانسەن
 ؟ چىشى بولغان بىلەن ئۈشكىنى ئەپلەشتۈرۈپ چاقالىسى بولىدۇ.مەن چىقاي ، سەن يەنىلا ئىزدەپ كۆر، ساھىبقىراندىن بىرەرسى ئۇچراپ قالسا ئەجەب ئەمەس ....مەنيەنە كىرىمەن ،شۇ چاغدا تاپقىنىڭنى كۆرسىتەرسەن ....
   _ ماقۇل.
    ئۇ
 سېرىق سومكىسىنى پولاڭلىتىپ ، بىر تۇتام بېلىنى تولغىغىنىچە ، ساغرىسىنى ئوينىتىپ چىقىپ كەتتى . ئۇنىڭ ئېرى ئۆي بىلەن ئىدارە ئوتتۇرىسىدا  مۇكىدەك قاتناپ يۈرۈيدىغان ياۋاشلا بىر ئادەم ئىدى .مەن ئېسىمنى يىغىپ كومومپىيۇتىرغا قارىسىام ، QQ رىمغا قېتىلىش ئۈچۈن بىرى ئىلتىماس سوراۋىتېپتۇ . ئۇنى چىكىپ ئارخىپىنى كۆرۈپ باقتىم .  ئىسمى :تەڭرىقۇت ؛ يېشى :30؛ شەھىرى :غۇلجا ؛ جىنىسى : ئەر. ئۇنى QQ رىمغا قېتىپ زېرىكىشلىك تۇرمۇشىمغا ئاز -تولا رەڭ بەرمەكچى بۇلدۇم . ئۇنى قېتىشىم بىلەنلا ئۇچۇر كەلدى .
 _ ياخشىمۇسىز؟
 _ ياخشى ، ئۆزىڭىزچۇ
 ؟
 _ ياخشى ، سىز نەدىن؟
 _ ئۈرۈمچىدىن
 ،سىز غۇلجىدىنمۇ ؟
 _ شۇنداق ،پاراڭلاشساق بۇلامدۇ؟
 _ بولىدۇ.
 _ نىمە خىزمەت قىلسىز؟
 _ سېستىرا
 مەن ،_ئەسىلى خىزمەت ئورنۇمنى يۇشۇردۇم.
 _ قايسى دوختۇرخانىدا
 ؟ 
 _ 4-دوختۇرخانىدا
 .
 _ ھا
 ھا ھا ، ئۇنداق ئەمەستۇ؟ 
 _  راسىت ، ئاغرىپ تارتىپ بېرىپ قالسىڭىز  ئىزدەرسىز .
 _  سارڭ بولۇپ قالساممۇ
 ، دەردى بارلارنىڭ دەردىگە دەرمان بولالايمەن جۇمۇ.
 _  شۇنداقمۇ
 ؟
 _ شۇنداق ، سىزنى كۆرسەم بولامدۇ؟
 _ مەندە كامېرا
 يوق ، سىزنى كۆرەيمۇ ؟
 _ مەندىمۇ
 يوق ، راستلا يوق ، جېنىم ، باشقىچە چۈشەنمەڭ ....
 _ ئۇنداقتا
 پاراڭلىشايلى . 
 _ بولىدۇ
 ،_  ئۇ شۇنداق دەپ گۈل ئەۋەتتى .مەنمۇ ئۇنىڭغا گۈل ئەۋەتىپ قويدۇم  .
 بۇنىڭدىن
 ئۇ قاتتىق تەسىرلىنىپ كەتتىمۇ قانداق ،يۈرەكنىڭ سۇقۇۋاتقان  رەسىملىك ئىپادىسىنى ئارقا - ئارقىدىن ئەۋەتىتى .
 _ يۈرىكىڭىز نېمانچىلا
 سۇقىدۇ؟
 _ سىزدەك
 خېنىملار بىلەن پاراڭلاشقاندا سوقمىغان يۈرەكنى ئىتقا تاشلاپ بەرمەي . تېخى مۇنداق پارچىلىنىۋاتىدۇ ،_ئۇ يۈرەكنىڭ پارچىلىنىۋاتقان ھالىتىنىڭ رەسىمىنى ئەۋەتتى . 
 _ تور
 دېگەن مەۋھۇم دۇنيا ...بىز تېخى تۈزۈك تۇنۇشمىساق ...
 _ تۇنۇشمىساق تونۇشۇپ قالىمىز ، مەۋھۇمنى رئېاللىققا
 ئايلاندۇرغىلى بولىدىغۇ ؟
 _ قانداق قىلىپ ،_دېدىم قەستىەنگە .
 _ كۆرۈشۈپچۇ؟
 _ ھە...
 ئۇ
 قىپقىزىل لەۋنىڭ رەسىمىنى ئەۋەتتى . بۇ ساراڭ تۇلۇمدىن توقماق چىققاندەك ، نېمە قىلىپ يۈرۈيدۇئەمدى ...تونۇشا تونۇشمايلا  دېگەننى ئويلاپ ، ئۇنىڭغا دوستلىشىشىنى چۈشەندۈرىدىغان قولئېلىشۋتقان رەسىمىنى ئەۋەتىپ قويدۇم . ئۇ بايقۇش ئەسەبىيلىشىپ قىپقىزىل لەۋنىڭ رەسىملىرىنى ياغدۇرۋەتتى .
 _ دىدارڭىزنى بەك
 كۆرگۈم كېىلىۋاتىدۇ ، رەسىمىڭىزنى بولسىمۇ ئەۋەتىڭە ،كۆرەي...
 _ سىز ئەر
 كىشى بولغاندىكىن ئاۋۋال ئەۋەتىڭ!
 _  ماقۇل
 ،سەل ساقلاڭ جېنىم ...
 _ ھە ...« قانداقراق نېمىدۇ
 بۇ ؟» دېگەننى خىيال قىلپ ،قاراپ ئولتۇردۇم .
 _ ئەۋەتتىم - ھە..
  بىر
 چاغدا ئۇنىڭدىن سادا كەلدى . مەن سۈرەتتىكى قۇڭۇر چېچىنى بىر يانغا تۈجۈپىلەپ تارىغان ،قاتۇرۇ پ كىيىۋالغان كۆك كاستۇم ئىچىدىكى چاقماق گالىستۇكى  ئالاھىدە كۆزگە تاشلىنىپ تۇرغان ئاق سېرىق  كىشىنى كۆرۈپ چۆچۈپ كەتتىم .كۆزۈم قاراڭغۇلىشىپ ،سۈرەتكە « شۇمۇ ،ئەمەسمۇ  ؟» دېگەندەك قىلىپ ،بىر نەچچە رەت قارىدىم .بىراق تۇيغۇلىرىم ئۇنى  خاتا تۇنمايۋاتاتتى .ئۇنىڭدىن « بارمۇسىز؟» دېگەن ئۇچۇر توختىماسىتىن كېلىپ تۇرۇۋاتاتتى .
 _ مەن
 بار ، سۈرەتتىكى راست سىزمۇ ؟ _دېدىم ئاخىرى.
 _ مەن
 شۇ ،خۇدا ھەققى ... 
 _ سىز راست غۇلجىلىقمۇ
 ؟
 _ مەن
 ...مەن ...ئۈرۈمچىدىن...
ئەمدى ئۇنىڭدىن
 سورايدىغان سوئال قالمىغانىدى . مەن QQ نى ئۆچۈرۈشۈم بىلەن تەڭ ئىشىكئېچىلىپ ، ئاسىيە دىمىغىدا غىڭشىغىنىچە كىرىپ كەلدى .
 _ ھە، دوستەك
 بىرەر ساھىبقىران بىلەن تېپىشتىڭمۇ قانداق ؟مەن بىرى بىلەن ھازىرغىچە مۇڭدىشىپتىمەن،ئۇ بەك قىزىقچىكەن ...ئۇنداق چاغدا ۋاقىتنىڭ تېز ئۆتكىنىنى تېخى ...پارارڭلاشمايمەن ،دەيمەن _يۇ،بىراق يەنە شۇ ...ۋۇي نېمە بولدۇڭ ؟چىرايىڭ بىر قىسمىلىغۇ ؟توردا بىرەرسى تىللاپ قويمىغاندۇ ؟
 _ ياق ..ھېچنىمە بولمىدىم ...قايتايلى ..كۆزۈم قاراڭغۇلىشۋاتىدۇ....
 _ نېمە بولغانسەن
 ئەمدى ، كومپيۇتىر ئالدىدا ئولتۇرۇۋېرىپ سەنمۇ شۇ.
 _ ياق ئۇ
 كومپيۇتىرنىڭ ماڭا قىلغان ئەكىس تەسىرىدىن ئەمەس  ، بەلكى مۆرىمەسلەرنىڭمۇ مۆرەيدىغانبولۇپ قېلىۋاتقانلىقىنى ئويلاپ....
 _ نېمە؟

 مەن ئۇنىڭغا ھېچنىمە دېيەلمىدىم ..ھەممىگە ئېچىندىم .مۆرىمەسلەرنىڭ مۆرەۋاتقانىلىقى ھەققىدە قايتائويلىنشقا  باشلىدىم...
مەنبە:<<شىنجاڭ ياشىلىرى>> ژورنىلى

         كۆرۈلۈشى:2367     قوشۇلغان ۋاقتى:2012/5/12 17:22:56يوللىغۇچى ئەزا:

 
   

   ئاۋات ئەسەرلەر

ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:سىز ئۆمرىڭىزدە مۇنداق گەپلەرنىمۇ قىلىپ باققانمۇ؟
سىز ئۆمرىڭىزدە مۇنداق گەپلەرنىمۇ قىلىپ ب
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:ئادەم بەدىنىدىكى ئېچىلمىغان ئون چوڭ سىر
ئادەم بەدىنىدىكى ئېچىلمىغان ئون چوڭ سىر
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:ئۈزۈك سېلىشنىڭ مەنىسى
ئۈزۈك سېلىشنىڭ مەنىسى
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:QQ دىكى«ئوۋچى»لار
QQ دىكى«ئوۋچى»لار
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:ئەرلەر بىلەن ئاياللارنىڭ قىزىقارلىق پەرىقلىرى
ئەرلەر بىلەن ئاياللارنىڭ قىزىقارلىق پەرى
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:مۇھەببەتكەشكەن چاغلىرىڭىزنى ئۇنتۇپ قالماڭ
مۇھەببەتكەشكەن چاغلىرىڭىزنى ئۇنتۇپ قالما
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:(مەي) ئىچمىدىم
(مەي) ئىچمىدىم
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:چىڭلۇڭنىڭ جان بىلەن ئويناشقان 10 ماھارىتى
چىڭلۇڭنىڭ جان بىلەن ئويناشقان 10 ماھارىت

پىكىر ئالماشتۇرۇڭ   بىزنى قوللاڭ   بىزدىن پايدىلىنىڭ   بىزنى بىلۋىلىڭ
       
ئالاقىلىشڭ تەكلىپ-پىكىر ئېلان بىرىڭ بېكەت ھەققىدە
سەيناغا كىرىڭ ئەزا بولوڭ ھەمكارلىشىڭ سەھىپىلەر
  ئۇلىنىش قوشۇش ئۇچۇر يوللاڭ مۇلازىمەتلىرىمىز
  بىۋاستە ئۇچۇر يوللاڭ بىۋاستە ئۇچۇر يوللاڭ بىۋاستە ئۇچۇر يوللاڭ   بېكەت لوگوسى ئەسەر يوللاڭ بېكەت رەسمىيەتلىرى
 
 
 
 

 

   

工信部备案:新ICP备11000444号

乌鲁木齐市公安局网络支队备案号-6501201108002 Copyright© 2010-2014 SalamURUMQI.Com