Www.SalamUrumqi.Com - سالام ئۈرۈمچى ئونۋېرسال تور بېكىتى - 萨拉穆乌鲁木齐娱乐资讯门户网
ئىسىم : مەخپي نۇمۇر :
 

بۇگۈن:

ساقلىۋىلىڭ

باش بەت قىلىڭ

 
 
 


ئاتا-ئانىڭىزنىڭ قانچە جۈپ ئايىقى بار؟

بىر قېتىملىق دەرس ۋاقتىدا، مۇئەللىم بىر ئوقۇغۇچىنىڭ دەرسكە دىققەت قىلماي ئولتۇرغىنىنى بايقاپ قاپتۇ. دەرستىن چۈشكەندىن كېيىن، مۇئەللىم ئوقۇغۇچىدىن نېمە بولغانلىقىنى سورىغاندا ئۇ < بىر جۈپ چىرايلىق ئاياغ ئالغۇسى بارلىقىنى، ئاتا-ئانىسىدىن پۇل سورىسا، ئويلىمىغان يەردىن ئۇلارنىڭ بەرمىگەنلىكىنى، شۇڭا ئۇ ئاچچىقلىنىپ تاماقمۇ يېمەي مەكتەپكە كەلگەنلىكى > نى ئېيتىپتۇ.

   مۇئەللىم ئويلانغاندىن كېيىن، ئۇنىڭغا <مەن ساڭا ئائىلە تاپشۇرۇقى بېرىمەن، سەن ئۆيگە قايتقاندىن كېيىن، ئاتا-ئاناڭنىڭ قانچە جۈپ ئايىغى بارلىقىنى سانىغىن، ئاندىن ئەتە ماڭا نەتىجىسىنى دېگىن > دەپتۇ.

ئىككىنچى كۈنى، مۇئەللىم ئۇ ئوقۇغۇچىنى كۆرۈپ

_ تۆنۈگۈن كەچتە ئاياغلارنى سانىدىڭمۇ يوق؟> دەپ سوراپتۇ.

_ سانىدىم . دەپتۇ ئۇ.

مۇئەللىم يەنە ئىچكىرلەپ :

_ سېنىڭ داداڭنىڭ قانچە جۈپ ئايىغى بار ئىكەن ؟

_ تۆت جۈپ.

_ ئاپاڭنىڭ قانچە جۈپ ئايىغى بار ئىكەن ؟

_ ئالتە جۈپ .

مۇئەللىم سەل توختىۋالغاندىن كېيىن يەنە:

_ سېنىڭ قانچە جۈپ ئايىغىڭ بار ؟

ئوقۇغۇچى يۈزلىرى قىزارغان ھالدا، جىم تۇرۇپ كەتكەندىن كېيىن:

_ 12 جۈپ . _ دەپ بوش ئاۋازدا جاۋاب بېرىپتۇ.

_ سەن يەنە ئاچچىقلىنامسەن ؟

بۇ چاغدا ئۇ ئوقۇغۇچىنىڭ كۆز چاناقلىرى لىق ياشقا تولۇپتۇ ھەم گېلى بوغۇلغان ھالدا :

_ مۇئەللىم، مەن خاتا قىپتىمەن. بىراق مۇئەللىم، سىز بىزنىڭ ئۆيگە بېرىپ باقماي تۇرۇپ، قانداقسىگە ئاتا-ئانامنىڭ ئايىغىنىڭ مېنىڭكىدىن ئاز ئىكەنلىكىنى بىلىۋالدىڭىز ؟

مۇئەللىم چوڭقۇر تىنغان ھالدا:

_ئاتا-ئانىنىڭ ئايىغى دائىم پەرزەنتىنىڭكىدىن ئاز بولىدۇ، ھەممە ئائىلە ئوخشاش، پەقەت پەرزەنت بولغۇچىنىڭ پات-پات ساناپ بېقىش ئېسىگە كەلمەيدۇ ، خالاس.

         كۆرۈلۈشى:1428     قوشۇلغان ۋاقتى:2012/5/11 14:17:40يوللىغۇچى ئەزا:

 
   

   ئاۋات ئەسەرلەر

ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:سىز ئۆمرىڭىزدە مۇنداق گەپلەرنىمۇ قىلىپ باققانمۇ؟
سىز ئۆمرىڭىزدە مۇنداق گەپلەرنىمۇ قىلىپ ب
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:ئادەم بەدىنىدىكى ئېچىلمىغان ئون چوڭ سىر
ئادەم بەدىنىدىكى ئېچىلمىغان ئون چوڭ سىر
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:ئۈزۈك سېلىشنىڭ مەنىسى
ئۈزۈك سېلىشنىڭ مەنىسى
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:QQ دىكى«ئوۋچى»لار
QQ دىكى«ئوۋچى»لار
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:ئەرلەر بىلەن ئاياللارنىڭ قىزىقارلىق پەرىقلىرى
ئەرلەر بىلەن ئاياللارنىڭ قىزىقارلىق پەرى
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:مۇھەببەتكەشكەن چاغلىرىڭىزنى ئۇنتۇپ قالماڭ
مۇھەببەتكەشكەن چاغلىرىڭىزنى ئۇنتۇپ قالما
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:(مەي) ئىچمىدىم
(مەي) ئىچمىدىم
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:چىڭلۇڭنىڭ جان بىلەن ئويناشقان 10 ماھارىتى
چىڭلۇڭنىڭ جان بىلەن ئويناشقان 10 ماھارىت

پىكىر ئالماشتۇرۇڭ   بىزنى قوللاڭ   بىزدىن پايدىلىنىڭ   بىزنى بىلۋىلىڭ
       
ئالاقىلىشڭ تەكلىپ-پىكىر ئېلان بىرىڭ بېكەت ھەققىدە
سەيناغا كىرىڭ ئەزا بولوڭ ھەمكارلىشىڭ سەھىپىلەر
  ئۇلىنىش قوشۇش ئۇچۇر يوللاڭ مۇلازىمەتلىرىمىز
  بىۋاستە ئۇچۇر يوللاڭ بىۋاستە ئۇچۇر يوللاڭ بىۋاستە ئۇچۇر يوللاڭ   بېكەت لوگوسى ئەسەر يوللاڭ بېكەت رەسمىيەتلىرى
 
 
 
 

 

   

工信部备案:新ICP备11000444号

乌鲁木齐市公安局网络支队备案号-6501201108002 Copyright© 2010-2014 SalamURUMQI.Com