Www.SalamUrumqi.Com - سالام ئۈرۈمچى ئونۋېرسال تور بېكىتى - 萨拉穆乌鲁木齐娱乐资讯门户网
ئىسىم : مەخپي نۇمۇر :
 

بۇگۈن:

ساقلىۋىلىڭ

باش بەت قىلىڭ

 
 
 


ماگىزىندىكى جەڭ

                                                                           ماگىزىندىكى جەڭ


      بۈگۈن ماگزىن مەملىكىتىگە خۇشاللىق بىر كۈنى .چۈنكى بۈگۈندىن  باشلاپ دۇكان خوجايىنى ۋە خىزمەتچىلىرى ئىككى كۈنلۈك دەم ئېلىشقا چىقاتتى.بۇ پۇرسەتىن پايدىلىنىپ دۇكان مەملىكىتىدىكى بارلىق مەھسۇلات ئەربابلىرى يىغىلىش ئۆتكۈزۋالماقچى بولدى.بۈگۈن دۇكان خوجايىنى ئىشلىرىنى تۈگىتىپ دۇكاننى تاقاپ ماڭغان ۋاقىتتا ،شاكىلات ئەپەندىم ماگزىن مەملىكىتىدىكى بارلىق سائەت بەگلەرگە يىغىن ۋاقتىنىڭ كىلىپ قالغانلىقىنى جاكارلاتقۇزۇپ شاكىلات رايونىدا ئۆزى تەكلىپ قىلغان مېھمانلارنىڭ كېلىشى ساقلاۋاتاتتى.
     ئەڭ ئاۋۋال كولا ئەپەندىم خىرۇم پەلتوسىنى مايلىتىپ تېخىمۇ پارقىراق قىلىپ كېيىپ يېتىپ كەلدى.ۋە شاكىلات ئەپەندىم بىلەن سالام ساھەت قىلىشقاندىن كىيىن ئورنىغا كېلىپ ئولتۇردى.ئۇزۇن ئۆتمەيلا سەگەك تۇرۇش بۆلىمىنىڭ باش مۇدىرى قەھۋە غوجاممۇ 30نەپەر قوغدىغۇچىسىنى ئەگەشتۈرۈپ يېتىپ كەلدىدە،ئۇلار بىلەن كۆرۈشكەندىن كىيىن ئۆز ئورنىدا ئولتۇردى.
     بۇ يىغىلىشقا ئائىلە بۇيۇملىرى زاۋۇتىنىڭ ۋاكالەتچىسى قوشۇق پالۋان،تەييار تائاملار كارخانىسىنىڭ ۋاكالەتچىسى تەييار چۆپ خىنىم،تەرەققىيات زاۋۇتىنىڭ ۋاكالەتچىسى سائەت غوجاملار ۋە ئويۇنچۇق كارخانىسىنىڭ ۋاكالەتچىسى پوجاڭ بەگ قاتارلىق ۋە يەنە شۇنىڭغا ئوخشاش ھەرقايسى  رايۇنلارنىڭ ۋاكالەتچىلىرى قاتناشقان ئىدى.
    تۇيۇقسىز كېرىلىپ ئولتۇرغان كولا ئەپەندىم ،تاشقىرىدا كۈزەتتە تۇرىۋاتقان قەھۋە مۇدىرنىڭ قاراۋۇللىرىنى كۆرۈپ ئۇنىڭ شۇ دەرىجىدە بېيىپ كەتكەنلىكىگە كۆزى كىچىكلىپ قىلىپ ،ۋە بۇرۇنقى ئاداۋەتلىرىنى ئويلاپ ،«قەھۋە مېنىڭ رەڭگىم ۋە تەمىمنى دورىۋىلىپ شۇڭا بازىرى چىكەتتى»دېگەندەك قۇرۇق گەپلەر بىلەن ئوتتۇردا زىددىيەت پەيدا قىلىپ قويدى.
    بۇ ۋاقىتتا قەھۋە تەرەپدارلىرىدىن بولغان قوشۇق پالۋان ئۇنىڭغا رەددىيە بېرىش ئۈچۈن بەكلا كۈچەپ تاراڭشىپ كەتتى.ھەتتا سۈت خېنىممۇ قەھۋەنىڭ تەرىپىنى ئېلىپ ئاغزى كۆپۈك بولۇپ كەتتى.
   ئارقىدىنلا كولا تەرەپدارلىرىدىن قەغەز ئىستاكانمۇ بوش كەلمەي ئۇلار بىلەن تىركەشتى.قەھۋە غوجامنىڭ قوغدىغۇچىلىرى بىلەن كولا تەرەپدارلىرىدىن قەغەز ئىستاكانلار قۇچاقلاشما جەڭگە چۈشۈپ كەتتى.ئوھوي!بۇ ۋاراڭ چۇرۇڭدىن ئويغىنىپ كەتكەن چىراغ تۆرەممۇ ماگزىن ئىچىدىكى ئەھۋاللارنى كۆرۈپ ھەيران قالدى.شاكىلات ئەپەندى بۇ جىدەلنى بېسىقتۇرۇش ئۈچۈن شۇنچە ۋارقىراپمۇ ئۈنىنى يەتكۈزەلمىدى.بۇنى كۆرۈپ پوجاڭ بەگ بار ئاۋازى بىلەن قاتتىق ۋارقىراپ سورۇننى تىنجىتتى.بىرىنچى قېتىملىق جەڭدىن كىيىن ھەممەيلەن تولىمۇ ھارغىن ئىدى.شۇنداقتىمۇ ئۇلار ئۆز رەقىپلىرىگە ئۆز ئەھۋاللىرىنى چاندۇرماسلىق ئۈچۈن تېتىك ئولتۇرۇشقا تېرىشاتتى.
   شاكىلات ئەپەندىم ئەمدى سۆزلەي دەپ تۇرىشىغا قەھۋە تەرەپدارى بولغان چىش كولىغۇچ ئەسكەرلىرى بىلەن ،كولا تەرەپدارى بولغان تاماكا ئەسكەرلەر قاتتىق ئېتىشۋازلىقنى باشلىۋەتكەن ئىدى .ئەربابلار تەرەپ تەرەپكە قېچىشماقتا ئېدى ،يەنە مالىمانچىلىق !....قەلەم شاڭجاڭ بۇ مەشھۇر جەڭنى خاتىرلىۋىلىش ئۈچۈن دەپتەر ئەپەندىگە سۆزلەپ ئۈلگىرەلمەي قېلىۋاتاتتى.ئىككى تەرەپتى نۇرغۇن ئۆلۈش-يارلىنىشلار بولدى.
  شۇ ۋاقىتتا ماگزىن مەملىكىتىنىڭ بارلىق ئامانلىق ئىشلىرىغا مەسئۇل توپ غوجام ،ئۆز تەۋەلىكىدىن ئاستا دومىلاپ پەسكە چۈشتىدە،بار ئاۋاز بىلەن ۋارقىرىدى .تۇيۇقسىز ئاڭلانغان بۇ ئاۋازدىن پۈتۈن مالىمانچىلىق جايىدا توختاپ قالدى.
قورقۇپ كەتكەن قەلەم شاڭجاڭ قىسقىغىنە ئارلىقتا پۈتۈن تەپسىلاتلارنى توپ غوجامغا سۆزلەپ ئۈلگۈرگەن ئېدى. توپ غوجام ئۇلارغا بىر پەس غەزەپ بىلەن قارىۋەتكەندىن كىيىن،نەچچە ۋاقىتتىن بېرى ماگزىن مەملىكىتىدىكى بارلىق مەھسۇلات خەلىقلىرىگە تىنىشلىق توغرىسىدا تەييارلىغان قانۇن نېزاملار نى ھەم ھازىرنىڭ ئۆزىدە بېرىلىدىغان جازالارنى جاكارلىدى.
1.پۈتكۈل ماگزىن مەملىكىتىدىكى خەلىق ،ئەربابلار بىر- بىرىنى ھۆرمەتلەپ ئىناق -ئىجىل ئۆتكەي!ھەمدە بىر بىرىگە يول قويۇپ ئورۇنلىرىنى ھەر ھەپتىدە بىر ئالماشتۇرۇپ باشقىلارنىڭمۇ ئابروي تىلىۋىلىشىغا يادەم قىلىنغاي!
2.بارلىق زاۋۇت ئەربابلىرى ۋە ۋەكىللىرى ئۆز ئالاھىدىلىكىنى كۆز-كۆز قىلىپ باشقىلارنى بوزەك قىلمىسۇن !
  3.بۇ يىغىلىشنى مېنىڭ رۇخسىتىمسىز تەشكىللەپ نۇرغۇن مالىمان چىلىقنىڭ كېلىپ چىقىشىغا سەۋەبچى بولغان شاكىلات ئەپەندىم يەشىك زىندانىغا بىر ھەپتە قامالسۇن!گەرچە مەقسىتى يامان بولمىسىمۇ .
  4.يىغىلىش بىخەتەرلىكىگە بىھۇدە گۇمانلىنىپ.قوغدىغۇچى ئېلىپ كېلىپ باشقىلارنى تەشۋىشلەندۈرۈپ قويغانلىقتىن،قەھۋە مۇدىر قاپ زىندانىغا بىر ئاي قامالسۇن!
  5.باشقىلارنىڭ چىشىغا تېگىپ قۇرۇق پىتنە سۆز بىلەن نۇرغۇن ئۆلۈش يارلىنىشلارنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىق ئۈچۈن،كولا بەگ ئەخلەت چىلىكى  زىندانىغا مۇدەتسىز قامالسۇن!
  6.بىزنىڭ مەملىكىتىمىزدىكى غوللۇق ئەسكەرلىرىدىن بولغان چىش كولىغۇچ ئارمىيىسى بىلەن تاماكا ئارمىيىسى بۇيرۇقسىز ئوق چىقارغانلىقى ۋە!ئۆز ئادەملىرىنى قىرغانلىقى ئۈچۈن .قۇرالسىزلاندۇرۇلۇپ توپ-توپ قىلىنىپ قاپ زىندانىغا سولانسۇن!ئورنىغا پىچاق باتۇر مىخ رايونىدىن يېڭى ئەسكەرلەرنى قوبۇل قىلىپ قاتتىق تەربىلىگەي!
  7.شاكىلات ئەپەندىمنىڭ مۇددىتى تۇشقىچە قەلەم شاڭجاڭ ئورنىغا ۋەزىپە ئۆتەپ تۇرسۇن! يەنە بۇندىن كىيىن بارلىق خەلىق ياكى ئەربابلار مۇشىنىڭغا ئوخشاش قالايمىقانچىلىق چىقىردىكەن ،چوقۇم ھەممىسى ئەخلەت ساندۇقى زىندانىغا پالىنىدۇ!

         كۆرۈلۈشى:2322     قوشۇلغان ۋاقتى:2012/4/10 11:06:01يوللىغۇچى ئەزا:

 
   

   ئاۋات ئەسەرلەر

ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:قىزىقارلىق سېلىشتۇرۇش: شەھەر ۋە يېزا
قىزىقارلىق سېلىشتۇرۇش: شەھەر ۋە يېزا
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:تىك ئۇچارنى كۆرگەندە
تىك ئۇچارنى كۆرگەندە
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:بىر خىزمەتچىنىڭ خوجايىندىن رۇخسەت سورىشى
بىر خىزمەتچىنىڭ خوجايىندىن رۇخسەت سورىشى
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:دارازا ۋە سېھرىگەر پاقا
دارازا ۋە سېھرىگەر پاقا
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:قىزىقارلىق يۇمۇرلار كۈلىۋىلىڭ!
قىزىقارلىق يۇمۇرلار كۈلىۋىلىڭ!
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:ئۈچ چىۋىننىڭ سۆھبىتى (ئالامەت يۇمۇر، ئۈچىيىڭىز ئۈزۈلۈپ كېتىدۇ)
ئۈچ چىۋىننىڭ سۆھبىتى (ئالامەت يۇمۇر، ئۈچ
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:قەشقەردىكى سېسىق پاراڭلار
قەشقەردىكى سېسىق پاراڭلار
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:قايسى توي قىلمىغان قىز؟
قايسى توي قىلمىغان قىز؟

پىكىر ئالماشتۇرۇڭ   بىزنى قوللاڭ   بىزدىن پايدىلىنىڭ   بىزنى بىلۋىلىڭ
       
ئالاقىلىشڭ تەكلىپ-پىكىر ئېلان بىرىڭ بېكەت ھەققىدە
سەيناغا كىرىڭ ئەزا بولوڭ ھەمكارلىشىڭ سەھىپىلەر
  ئۇلىنىش قوشۇش ئۇچۇر يوللاڭ مۇلازىمەتلىرىمىز
  بىۋاستە ئۇچۇر يوللاڭ بىۋاستە ئۇچۇر يوللاڭ بىۋاستە ئۇچۇر يوللاڭ   بېكەت لوگوسى ئەسەر يوللاڭ بېكەت رەسمىيەتلىرى
 
 
 
 

 

   

工信部备案:新ICP备11000444号

乌鲁木齐市公安局网络支队备案号-6501201108002 Copyright© 2010-2014 SalamURUMQI.Com