Www.SalamUrumqi.Com - سالام ئۈرۈمچى ئونۋېرسال تور بېكىتى - 萨拉穆乌鲁木齐娱乐资讯门户网
ئىسىم : مەخپي نۇمۇر :
 

بۇگۈن:

ساقلىۋىلىڭ

باش بەت قىلىڭ

 
 
 


« ياق » دېيىشنىمۇ ئۆگىنىۋېلىڭ

گۈلجەننەت جاپپار تەرجىمىسى
ياش بۇغالتىر شياۋۋاڭ  خىزمەتكە قاتنىشىپ ئۇزاق ئۆتمەي بېشىنىڭ قاتتىق ئاغرىيدىغان بولۇپ قېلىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدى ، چۈنكى باشلىقى ھە دېسە ئۇنىڭغا ئورۇنسىز تەلەپلەرنى قويۇپ تۇرىۋالاتتى ، بولۇپمۇ ئۇنى شىركەتنىڭ قەرەللىك باج ئوغۇرلاش ۋە باجدىن قېچىش ئىشلىرىغا بويرۇيتتى ، بۇنىڭدىن قانداق قىلارىنى بىلمەي قالغان شياۋۋاڭ ھاممىسىغا خەت يېزىپ قانداق قىلىشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى ، غەلىتە يېرى خەت ئۇنىڭغا يەنە قايتىپ كەلدى ۋە بىر ھەپتىدىن كېيىن ھاممىسى ئۇنى ئىزدەپ كەلدى .
- بۇمۇ بولغىنى ، يۈز تۇرانە تۇرۇپ سۆزلەشسەك تېخىمۇ ياخشى ئەمەسمۇ ؟دەپ ئويلىدى شياۋۋاڭ ھەمدە ھاممىسىنى سىرتقا تاماققا تەكلىپ قىلدى . بازارنى بىردەم ئايلانغاندىن كېيىن ھاممىسى ئۇنى بىر ھەشەمەتلىك تاماقخانىغا باشلاپ كىردى . ئۇ يەرگە كىرىش بىلەن تەڭ شياۋۋاڭنىڭ كۆڭلى دەككە – دۈككىگە چۈشتى ، چۈنكى ئۇنىڭ يانچۇقىدا پەقەت 50 يۈەنلا باربولۇپ بۇ پۇلغا بۇ يەردىن بىر چىنە چاي ئىچكىلىمۇ بولمايتتى ، قانداق قىلىش كېرەك ؟
-سېنىڭ نېمە يېگۈڭ بار ؟ دەپ سورىدى ھاممىسى .
- ئىختىيارىڭ ، نېمە بولسا بولىۋېرىدۇ ،شياۋۋاڭ دۇدۇقلاپ تۇرۇپ شۇنىلا دىيەلىدى .
ئويلىمغان يەردىن ھاممىسى بۇ ھەشەمەتلىك تاماقخانىدىكى ئەڭ قىممەت سەيدىن ئۈچنى بۇيرۇتتى ،سەيلەر تارتىلغاندا شياۋۋاڭغا بۇ سەيلەر ئازراقمۇ تېتىمىدى ، ئەكسىچە كۆڭلىدە ھېساباتنى قانداق قىلىشنىلا ئويلايتتى .
ھېسابات قىلىدىغان ۋاقىت ئاخىرى يېتىپ كەلدى ، مۇلازىمەتچى ئېلىپ كەلگەن ھېسابات تالونىنى كۆرۈپ شياۋۋاڭنىڭ يۈزى قىزىرىپ كەتتى ، ھاممىسى جىمجىت ھالدا ئۇنىڭغا بىردەم قاراپ تۇرغاندىن كېيىن پۇل چىقىرىپ ھېسابات قىلىۋەتتى ۋە شياۋۋاڭغا : « بالام ، نېمىشقا تاماق بۇيرۇتقان ۋاقىتتا ياق ! دىمەيسەن ؟ مەن سېنىڭ ياق دېيىشىڭنى كۈتەتتىم ، شۇنى بىلىشىڭ كېرەك ، ئەگەر قارشى تەرەپنىڭ تەلىپى سېنىڭ كۆتۈرۈش كۈچىڭدىن ئېشىپ كەتكەن ۋاقىتتا قەيسەرلىك بىلەن « ياق » دېيىش ئاقىلانە تاللاش ھېسابلىنىدۇ ، مېنىڭ ساڭا جاۋاپ خەت يازماي ئۆزۈم سېنى ئىزدەپ كېلىشىمنىڭ سەۋەبىمۇ ساڭا بۇ ھەقىقەتنى ھېس قىلدۇرۇش » دېدى .
 بۇ ۋاقىتتا شياۋۋاڭ نۇرغۇن ئىشلارنى چۈشەنگەندەك بولدى .
ئەگەر بەزى ئىشلار ۋە تەلەپلەر بىزنىڭ كۆتۈرۈش كۈچىمىزدىن ئېشىپ كەتكەن ۋاقىتتا قەيسەرلىك بىلەن ئۆز ۋاقتىدا « ياق » دىيەلەيدىغان بولىشىمىز كېرەك ، بولمىسا بىز يىغىشتۇرۇشقا بولمايدىغان ئاقىۋەتكە قېلىشىمىزمۇ مۇمكىن .
         كۆرۈلۈشى:3452     قوشۇلغان ۋاقتى:2012/2/28 20:30:41يوللىغۇچى ئەزا:

 
   

   ئاۋات ئەسەرلەر

ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:قىزىقارلىق سېلىشتۇرۇش: شەھەر ۋە يېزا
قىزىقارلىق سېلىشتۇرۇش: شەھەر ۋە يېزا
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:تىك ئۇچارنى كۆرگەندە
تىك ئۇچارنى كۆرگەندە
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:بىر خىزمەتچىنىڭ خوجايىندىن رۇخسەت سورىشى
بىر خىزمەتچىنىڭ خوجايىندىن رۇخسەت سورىشى
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:دارازا ۋە سېھرىگەر پاقا
دارازا ۋە سېھرىگەر پاقا
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:قىزىقارلىق يۇمۇرلار كۈلىۋىلىڭ!
قىزىقارلىق يۇمۇرلار كۈلىۋىلىڭ!
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:ئۈچ چىۋىننىڭ سۆھبىتى (ئالامەت يۇمۇر، ئۈچىيىڭىز ئۈزۈلۈپ كېتىدۇ)
ئۈچ چىۋىننىڭ سۆھبىتى (ئالامەت يۇمۇر، ئۈچ
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:قەشقەردىكى سېسىق پاراڭلار
قەشقەردىكى سېسىق پاراڭلار
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:قايسى توي قىلمىغان قىز؟
قايسى توي قىلمىغان قىز؟

پىكىر ئالماشتۇرۇڭ   بىزنى قوللاڭ   بىزدىن پايدىلىنىڭ   بىزنى بىلۋىلىڭ
       
ئالاقىلىشڭ تەكلىپ-پىكىر ئېلان بىرىڭ بېكەت ھەققىدە
سەيناغا كىرىڭ ئەزا بولوڭ ھەمكارلىشىڭ سەھىپىلەر
  ئۇلىنىش قوشۇش ئۇچۇر يوللاڭ مۇلازىمەتلىرىمىز
  بىۋاستە ئۇچۇر يوللاڭ بىۋاستە ئۇچۇر يوللاڭ بىۋاستە ئۇچۇر يوللاڭ   بېكەت لوگوسى ئەسەر يوللاڭ بېكەت رەسمىيەتلىرى
 
 
 
 

 

   

工信部备案:新ICP备11000444号

乌鲁木齐市公安局网络支队备案号-6501201108002 Copyright© 2010-2014 SalamURUMQI.Com