Www.SalamUrumqi.Com - سالام ئۈرۈمچى ئونۋېرسال تور بېكىتى - 萨拉穆乌鲁木齐娱乐资讯门户网
ئىسىم : مەخپي نۇمۇر :
 

بۇگۈن:

ساقلىۋىلىڭ

باش بەت قىلىڭ

 
 
 


ئىملا ساۋاتلىرى ھەققىدە يۇمۇر

بىر قىز ئىشتىن چۈشكىچە (چۈشكۈچە) كەچ بولۇپ كىتىپتۇ (كېتىپتۇ). قاراڭغۇدا قورقۇپ مىڭىۋاتسا (مېڭىۋاتسا)، كەينىگە بىرسى ئەگىشىۋاپتۇ. شۇنىڭ بىلەن قىز نەق زاراتگاھلىق تەرەپكە قاراپ يۈگىرەپتۇ (يۈگۈرۈپتۇ)، ھىلىقى (ھېلىقى)  كىشىمۇ كەينىدىن تەڭ يۈگۈرەپتۇ (يۈگۈرۈپتۇ). قىز بىر قەۋرىنىڭ (قەبرىنىڭ) ئالدىغا كىلىپ (كېلىپ) توختاپتۇ-دە:

-دادا، قەبرە ئىشىكىنى ئاچە، ئاچقۇچ ئىلىۋىلىشنى (ئېلىۋېلىشنى) ئۇنتۇپ قاپتىمەن-دىيىشىگە (دېيىشىگە)، ھېلىقى كەينىدىكى ئەگىشىپ كىلىۋاتقان (كېلىۋاتقان) كىشى بەدەر قىچىپ (قېچىپ) كېتىپتۇ. قىز ئۇھ دەپ تۇرشىغا (تۇرۇشىغا) قەبرىدىن:

-يەنە ئاچقۇچنى ئۇنتۇپ قاپسەن-دە. كىرە ئۆيگە ، - دىگەن (دېگەن) ئاۋاز كەپتۇ. قىز ئالدى-كەينىگە قارماي (قارىماي) قىچىپتۇ (قېچىپتۇ). ئەسلىدە قەبرىگە مۈكۈۋالغىنى (مۆكۈۋالغىنى) جەسەت ئوغىرسى (ئوغرىسى) ئىكەن. ئۇ قولىغا گۈرجۈكىنى (گۈرجىكىنى) ئىلىپ (ئېلىپ) قەبرىنى قازاي دەپ تۇرىشىغا (تۇرۇشىغا)، ياندىكى قەبرىدىن :

-كىچىك قىز بالىنى قورقۇتقۇچە تېزراق ئىشىڭنى قىلە گۇي. ما قەبرىدە ياتقىلى 80 يىل بولاي دېدى، سىنى (سېنى) ساقلاپ كۆزۈم تۆت بولدى،-دېگەن ئاۋاز كەپتۇ. قەبرە قازغۇچى قورققۇنىدىن (قورققىنىدىن) ھوشىدىن (ھۇشىدىن) كىتىپتۇ (كېتىپتۇ). قەبرىدىن بىرى كىيىملىرىدىكى توپا-چاڭلارنى قىقىشتۇرغىنچە (قېقىشتۇرغىنىچە) چىقىپ:

-مەندىن ئىش تالاشقانغا توي، - دەپ، ئالدىدىكى قەبرىنى كولاي دەۋاتسا، يىراقتىن دوڭ، دوڭ، دوڭ…. قىلغان ئاۋاز كەپتۇ، قورققىنىچە بېرىپ قارىسا بىر قېرى بوۋاي قەبرە تىشىدىكى (تېشىدىكى) خەتلەرنى قايتىدىن يازغىلى تۇرۇپتۇ. ھېلىقى جەسەت ئوغىرىسى (ئوغرىسى) لاغىلداپ تىتىرەپ (تىترەپ) تۇرۇپ:

-بوۋا، نىمە (نېمە) ئىش قىلىۋاتىلا؟ - دەپ سوراپتۇ. بوۋاي ئارقىسىغا قاراپمۇ قويماي:

-ماۋۇ بەغەرەزلەرنى، يىمەي (يېمەي)-ئىچمەي باقساممۇ، قەبرە تاشقا ئىسمىمنى خاتا يىزىپ (يېزىپ) قويۇپتۇ. شۇنچە يىل ساقلىسام بىرسى كېلىپ تۈزتىپ (تۈزىتىپ) قويمىدى. بۈگۈن ئاچچىغىمدا (ئاچچىقىمدا) ئۆزۈم تۇزتىۋىتەي (تۈزىتىۋېتەي) دەپ قەبرىدىن چىقىشىم، - دەپتۇ. ھېلىقى جەسەت ئوغىرىسى (ئوغرىسى) تىكلا چۈشۈپتۇ.

(يۇمۇر مەنبەسى: مەلۇم بىر ئۇيغۇرچە تور)


يۇقىرىدىكى يۇمۇردا ئەڭ كۆپ ئۇچرىغان ئىملا خاتالىقى _ «ئې» ھەرپىنىڭ ئورنىغا «ئى» ھەرپىنى يېزىپ قويۇشتىن ئىبارەت. مەن ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىسى بولغاچقا، بەلكىم بۇ ھەقتىكى قائىدىنى تىل-ئەدەبىيات نۇقتىسىدىن ياخشى چۈشەندۈرەلمەسلىكىم مۇمكىن، شۇنداقتىمۇ ئۆز كۆزقارىشىم بويىچە سۆزلەپ باقاي، ئاۋۋال تۆۋەندىكى سۆزلەرگە قاراپ باقايلى:

كەت، ماڭ، كەل، ئال، ياز، مەن، سەن، دە، يە، ئاچ، قاچ، بار، ئات، جان، يەر...

بەلكىم ھېس قىلغانسىلەر، بۇ سۆزلەرنىڭ ئورتاق ئالاھىدىلىكى: (1) ھەممىسى بىرلا بوغۇملۇق؛ (2) تەركىبىدە «ئا» ياكى «ئە» سوزۇق تاۋۇشى بار. مانا مۇشۇنداق ئىككى ئالاھىدىلىك بولغان سۆزلەرگە تۈرلۈك قوشۇمچىلارنى قوشقاندا، بەزىدە بۇ سۆزلەر تەركىبىدىكى «ئا»، «ئە» تاۋۇشلىرى «ئې»غا، پەقەت ۋە پەقەت «ئې»غا، چوقۇم «ئې»غا، جەزمەن «ئې»غا، بىردىنبىر «ئې»غا (يەنە نېمىلەرنى دېسەم ئەستە تۇتۇشقا ئاسانراق بولار؟) ئالمىشىدۇكى، «ئى»غا پەقەتلا، قەتئىي، زادى، ئۆلتۈرسىمۇ-كۆيدۈرسىمۇ، يەنە نېمىلەرنى قىلىۋەتسىمۇ ئالماشمايدۇ، «ئې»دا ئىككى ئاسما چېكىت بار، «ئى»دا يوق.

مەسىلەن: (تىرناق ئىچىدىكىسى خاتاسى)

كەت - كېتىپ (كىتىپ)، كېتىدۇ (كىتىدۇ)،  كېتىۋەر (كىتىۋەر)...

ياز - يېزىق (يىزىق)، يېزىپ (يىزىپ)، يېزىش (يىزىش)...

ئاچ - ئېچىش (ئىچىش)، ئېچىلغان (ئىچىلغان)، ئېچىۋەت (ئىچىۋەت)...

سات - سېتىقچى (سىتىقچى)، سېتىۋالماق (سىتىۋالماق)...

قات _ قېتىق (قىتىق)، قېتىشىش (قىتىشىش)...

ئۇرغۇ ۋە ئادەتلىنىش سەۋەبىدىن، بەزى سۆزلەر يۇقىرىقى قائىدىگە بويسۇنمايدۇ، مەسىلەن: سان- سانى، چەم- چەمى، تەر - تەرى... دېگەندەك، بۇنداق سۆزلەر تەلەپپۇزدىنلا ئايان بولغاچقا، يېزىشتا ئىملا خاتالىقى كۆرۈلمەيدۇ.

خوش، قائىدە چۈشىنىشلىك بولدىمىكىن؟ سورايدىغان سوئاللار بولسا ئىنكاس شەكلىدە يېزىپ قالدۇرغايسىزلەر، مەن جاۋاب بېرەلمىگۈدەك بولسام ياردەمگە ئادەم چاقىرىمەن.

19 يىللىق كۆنگەن خۇي، دەرس سۆزلەپ بولۇپلا تاپشۇرۇق بېرىپ كۆنۈپ قاپتىمەن، بۈگۈنكى تاپشۇرۇق: تۆۋەندىكى جۈملىلەردىكى ئىملا خاتالىقلىرىنى تۈزىتىڭ (تاپشۇرۇقنى ئىنكاس شەكلىدە يېزىپ قالدۇرۇڭ، باشقىلارنىڭ يازغانلىرىنى كۆرۈۋېلىپ ئاندىن جاۋاب يېزىشقا، كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. كىمدە كىم تاپشۇرۇقنى كۆچۈرۈپ ئىشلەيدىكەن، مەن... مەن... مەن نېمىمۇ قىلالايتتىم؟...) ئەسكەرتىش: تورداشلاردىن ئەركمان، بارسېلونا ئىككىيلەننىڭ بۇ قېتىمقى تاپشۇرۇقنى ئىشلىشى چەكلىنىدۇ!  (ئۇلارغا 100 نومۇر قويىدىغان ۋاقتىمنى باشقا ئىشقا سەرپ قىلاي دېدىمغۇ؟)

1. سىز مىنىڭ ئىتىمغا مىنىڭ-دە، دەرھال قىچىڭ، ھەسەن بىگىمنىڭ ئالتە ئىتى قاۋاپ قوغلاپ كىلىۋاتىدۇ.

2. سىنىڭ جىنىڭ، مىنىڭ جىنىم، بىر جان ئەمەسمۇ؟ سىنىڭ ئۈچۈن مىنىڭ جىنىم قۇربان ئەمەسمۇ؟  (ئۆزەم يازغان جۈملىدىن ئۆزەم قورقۇۋاتىمەن دېسە، ئايتەلكۇرسى ئوقۇۋالاي...)

3. قولۇمغا ئىلغۇچنى ئىلىپ، ئازگالدىكى چاينەكنىڭ بىغىغا ئىلىپ، ئۇنى تارتىپ چىقاردىم.

4. قوسىقىڭ ئىچىپ كىتىپتۇ-دە؟ مە، ماۋۇ چاينى ئىچىپ، ناننى يىگىن.

5. ئىككى ياشلىق بالا قاچىدىكى ئىشىنى چىچىۋەتمەي ئۆزى يىيەلەمدۇ؟ چىچىپ پوقىنى تازىلىيالالامدۇ؟ (سەت بولدى-ھە، دەرس مەزمۇنىغا ماسلاشتۇرىمەن دەپ...)

6. بىز بىلەن بىللە بىرىشقا قوشۇلماي، ئۆيدە قىلىپ چالا ئىشلىرىمنى قىلىمەن دىگىنىڭ توغرا بولمىدى.


دەرس تامام، تەنەپپۇس!

         كۆرۈلۈشى:2685     قوشۇلغان ۋاقتى:2012/1/18 12:29:12يوللىغۇچى ئەزا:

 
   

   ئاۋات ئەسەرلەر

ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:قىزىقارلىق سېلىشتۇرۇش: شەھەر ۋە يېزا
قىزىقارلىق سېلىشتۇرۇش: شەھەر ۋە يېزا
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:تىك ئۇچارنى كۆرگەندە
تىك ئۇچارنى كۆرگەندە
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:بىر خىزمەتچىنىڭ خوجايىندىن رۇخسەت سورىشى
بىر خىزمەتچىنىڭ خوجايىندىن رۇخسەت سورىشى
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:دارازا ۋە سېھرىگەر پاقا
دارازا ۋە سېھرىگەر پاقا
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:قىزىقارلىق يۇمۇرلار كۈلىۋىلىڭ!
قىزىقارلىق يۇمۇرلار كۈلىۋىلىڭ!
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:ئۈچ چىۋىننىڭ سۆھبىتى (ئالامەت يۇمۇر، ئۈچىيىڭىز ئۈزۈلۈپ كېتىدۇ)
ئۈچ چىۋىننىڭ سۆھبىتى (ئالامەت يۇمۇر، ئۈچ
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:قەشقەردىكى سېسىق پاراڭلار
قەشقەردىكى سېسىق پاراڭلار
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:قايسى توي قىلمىغان قىز؟
قايسى توي قىلمىغان قىز؟

پىكىر ئالماشتۇرۇڭ   بىزنى قوللاڭ   بىزدىن پايدىلىنىڭ   بىزنى بىلۋىلىڭ
       
ئالاقىلىشڭ تەكلىپ-پىكىر ئېلان بىرىڭ بېكەت ھەققىدە
سەيناغا كىرىڭ ئەزا بولوڭ ھەمكارلىشىڭ سەھىپىلەر
  ئۇلىنىش قوشۇش ئۇچۇر يوللاڭ مۇلازىمەتلىرىمىز
  بىۋاستە ئۇچۇر يوللاڭ بىۋاستە ئۇچۇر يوللاڭ بىۋاستە ئۇچۇر يوللاڭ   بېكەت لوگوسى ئەسەر يوللاڭ بېكەت رەسمىيەتلىرى
 
 
 
 

 

   

工信部备案:新ICP备11000444号

乌鲁木齐市公安局网络支队备案号-6501201108002 Copyright© 2010-2014 SalamURUMQI.Com