ئەزالار مەشغۇلات رايۇنى »»»»» ئەزا نامى : پارول : تەستىق كودى : تىزىملىتىڭ | پارولنى قايتۇرۇش | 中文

نـــاخــشـــىـلار | كــىنو-فىـلىمــلار | مىـللـي تىـبـابــەت | قــــانـــون-تـــۈزۈم | مەشھور شەخىسلەر | ئىـــقدىـــســاد | ئىـلمـي مـاقـالــلار
ســۆھـبـەتـخـانـا | ئېـــــــتـــوتـــــلار | يــۇمــۇر-لـەتىـپە | پەرزەنىت تەربىيەسى | ئـۆتـكـەن كـۈنـلـەر | مــــەدىــنـــيــەت | تۇرمۇش ھەققىدە
ئــــويــــۇنــــلار | رەسىـــمــلـەر | تـــەنــتـەربىـــيـە | يــۇمـشاق دېـتالـلار | ئـايـاللاردۇنياسـى | ئاۋازلىق ئەسەرلەر | ھېـــكىــمەتــلــەر

تۈرك تىلى ئۆگىنىش ماتېرىياللىرى سېتىلىدۇ

تەۋەلىكى: ئۈرۈمچى -- تەڭرىتاغ رايۇنى ئۇچۇر تۈرى: سودا-سېتىق ئۇچۇرى -- تاۋار سېتىش ئۇچۇرى يوللانغان ۋاقتى: 12-02-12 20:43 ئاخىرلىشىش ۋاقتى: 2012-02-12 20:02 ئالاقىلاشقۇچى: مۇسا تېلېفون نومۇرى: 8477137-0991 ئېلخەت ئادرېسى: ئادرېسى:
ئۇچۇر چۈشەندۈرۈلۈشى
  

ئەسسالام دوستۇم :

 

    سىز تۈرك تىلى ئۆگىنىشكە قىزىقامسىز؟ بۇ تىلنى ئۆگىنىپ باققانمۇ؟

   تۈرك تىلى ئەمەلىيەتتە بىزگە ئەڭ يىقىن تىللارنىڭ بىرى تۇرۇپ بىزدىن بۇ تىلنى بىلىدىغانلارنىڭ سانىنىڭ تولىمۇ ئازلىقى كىشىنى ھەقىقەتەن ئەپسۇسلاندۇرىدۇ.ئەمەلىيەتتە تۈرك تىلى بىلەن ئۇيغۇر تىلى يىلتىزداش،قېرىنداش تىل بولۇپ،بۇ ئىككى تىل ئارىسىدا بىر-بىرىنى تولۇقلايدىغان نۇرغۇن ئارتۇقچىلىقلار بار.

    يىقىنقى يىللاردىن بېرى دىيارىمىز بىلەن تۈركىيە ئارىسىدىكى سودا-ئىقتىساد،مەدەنىيەت ئالاقىسىنىڭ كۇنسېرى كۇچىيىشىگە ئەگىشىىپ تۈرك تىلىنى ئۆگىنىش سودا قىلغۇچىلار،ساياھەتچىلەر،تۈركىيەگە بېرىپ ئوقۇش ئارزۇسىدا بولىۋاتقانلار ۋە كەڭ تۈرك مەدەنىيىتىگە ھەۋەس قىلغۇچىلارنىڭ كۆز ئالدىدىكى تەخىرسىز تېمىغا ئايلاندى.نۇرغۇن تۈرك تىلى ھەۋەسكارلىرى ئۆگىنىدىغان بىرەر مۇكەممەل دەرسلىكنىڭ بولماسلىقى،ماتىرياللارنىڭ ھەددىدىن زىيادە كەم بولىشى قاتارلىق سەۋەپلەر تۇپەيلىدىن يىرىم يولدا ئۆگىنىشنى تاشلاپ قويىۋاتىدۇ.ئۆگىنىش ئارزۇسىدا بولۋاتقانلارمۇ بۇرۇن ئۆگىنىپ باققانلارنى كۆرۇپ ماتىريال زىيادە كەم  بولوش سەۋەپلىك  بۇ تىلنى ئۆگىنىش تولىمۇ قىيىنغا چۇشىدىغانلىقى،بىھۇدە ۋاقىت ئىسراپچىلىقى ئىكەنلىكىنى كۆرۇپ، تۈرك تىلى ئۆگىنىش ئارزۇسىدىن ئامالسىز ۋاز كېچىشكە مەجبۇر بولماقتا....

   قولىمىزدا بىر يۈرۈش تۈرك تىلى دەرسلىكى بار (جەمئىي تۆت كىتاپ)،ئۇلارئۇيغۇرچە تۇزۇلگەن دەرسلىك ۋە پۇتۈنلەي تۈركچە تۈزۈلگەن دەرسلىكنى ئۆز ئىچىگە ئالغان(يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى ئاۋازلىق CD دېسكىسى بار)شۇنداق كاپالەت بېرىشكە بولىدىكى تۈرك تىلى ئۆگەنگۇچىلەر بۇ بىر يۈرۈش ئۆگىنىش ماتىرياللىرىنى كۆڭۇل قويۇپ ئۈچ-تۆت ئاي ئۆگەنسىلا تۈرك تىلىنى ئاساسەن ئىگەللىيەلەيدۇ ۋە تۈركچە سۆزلىشىش،خەت-ئالاقە قىلىش،سودا ئىشلىرىنى بېجىرىش،تۈركچە ماتىرياللاردىن پايدىلىنىش ۋە تۈركچە ماتىرياللارنى دەسلەپكى قەدەمدە تەرجىمە قىلىش سەۋىيەسىگە يېتەلەيدۇ.

   بۇ ئۆگىنىش ماتىرياللىرىنىڭ ئۇيغۇرچە تۈزۇلگەن دەرسلىك قىسمى تۈرك تىلى گىرامماتىكىسىنى ئۆز ئانا تىلىمىز بىلەن تەپسىلىي،چۈشىنىشلىك قىلىپ چۈشەندۇرۇپ بەرگەندىن سىرت(ئۇيغۇر تىلى گىرامماتىكىسى بىلەن سېلىشتۇرۇپ چۇشەندۇرۇپ بېرىدۇ)تۇرمۇشتىن ئېلىنغان دىئالوگلار،جانلىق ئىخچام تىل بىلىملىرى،لەتىپە-يۇمۇرلار ۋە ئاتا تۈرك سۆزلىرىنى ئۆزىگە مۇجەسسەم قىلىپ ئۆز كۆركەملىكىنى تېخىمۇ ئاشۇرغان بولسا،پۈتۈنلەي تۈركچە تۈزۈلگەن دەرسلىكىمىز ھەرخىل  رەسىملەر،مەنىلىك ئويۇنلار،قىزىقارلىق دىئالوگلىرى،ھەرخىل تۇرمۇش بىلىملىرى ۋە تۈركىيىنىڭ قەدىمكى ۋە ھازىرقى زامان مەدەنىيىتى سۆزلەنگەن ئىخچام تېكىستلىرى بىلەن پۈتۈنلەي تۈرك تىلى مۇھىتى ئاستىدا سىزنىڭ تۈرك تىلى ئۆگىنىشىڭىزگە يېتەكچىلىك قىلىدۇ.(ئاۋازلىق ماتىريالى بار)

 بۇ بىر يۈرۈش دەرسلىك ھەقىقەتەنمۇ تۈرك تىلى ئۆگەنگۇچى ۋە ئىشلەتكۇچى دوستلارنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك تىل دەرسلىكى بولالايدۇ.......

 

   بۇ ماتىرياللارنىڭ باھاسى مۇۋاپىق،(كونا خېرىدارلىرىمىز يېڭى ماتىرياللارنى سېتىۋالسا باھادا ئالاھىدە ئېتىبار قىلىنىدۇ) قىزىققۇچى دوستلارنىڭ بىز بىلەن ئالاقىلىشىشىنى ئۈمۇت قىلىمىز.........

ئالاقىلاشقۇچى: مۇسا تېلىفون : 8477137-0991
------分隔线----------------------------
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار ئىنكاس تەپسىلاتى بۇ يەردە...
ئىنكاس رايونى ئىنكاس تەپسىلاتى بۇ يەردە...
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
باھا بېرىڭ:
چىراي ئىپادىسى:
ئەزا ئىسمى: پارول: تەستىق كودى: