نـــاخــشـــىـلار | كــىنو-فىـلىمــلار | مىـللـي تىـبـابــەت | قــــانـــون-تـــۈزۈم | مەشھور شەخىسلەر | ئىـــقدىـــســاد | ئىـلمـي مـاقـالــلار
ســۆھـبـەتـخـانـا | ئېـــــــتـــوتـــــلار | يــۇمــۇر-لـەتىـپە | پەرزەنىت تەربىيەسى | ئـۆتـكـەن كـۈنـلـەر | مــــەدىــنـــيــەت | تۇرمۇش ھەققىدە
ئــــويــــۇنــــلار | رەسىـــمــلـەر | تـــەنــتـەربىـــيـە | يــۇمـشاق دېـتالـلار | ئـايـاللاردۇنياسـى | ئاۋازلىق ئەسەرلەر | ھېـــكىــمەتــلــەر

باش بەت

ئاتا-ئانىمىزنى خۇشال قىلىشنىڭ ئۇس

يوللانغان ۋاقتى: 03:01 09-02-2011 مەنبە: ئىنتېرنېت ئاپتورى: admin كۆرۈلۈشى: قېتىم
ئاتا-ئانىمىزنى خۇشال قىلىشنىڭ ئۇسۇللىرى...

ئاتا -ئانا ھەمىمىزگە نىسبەتەن بۇ ئالەمدىكى ئەڭ يۈكسەك كىشلەرگە قارىتىلغان ئۇقۇمدۇر . ئاتا - ئانىلار ھەققىدە قەسىدىلەر يېزىلىپ مەدىھيىلەر ئوقۇلدى ، گاھى مۇڭلۇق ، گاھى جۇشقۇن ئاھاڭلارغا سېلىنىپ ئاتا - ئانىلارنى كۈيلەپ ناخشىلار ئېيتىلدى . شۇنىسى ھەقىقەتكى ئاتا - ئانىلارنى قانچە كۈيلىسەكمۇ ، قانچە مەدىھيىلىسەكمۇ ، يەنىلا ئازلىق قىلىدۇ . توغرا نەچچە مەزگىللەردىن بېرى ئاتا - ئانىلار توغىرسىدىكى شىئېر-قوشاق ۋە ناخشىلار ئاز ئەمەس . ئەمما ، شۇ ناخشىنى ئاڭلاش ياكى توۋلاش ، ئاتا - ئانىلارنى مەدىھلەش بىلەنلا ئاتا - ئانىنى رازى قىلىپ ، خوشال قىلىپ كۈلدۈرەلەيمىزمۇ ؟ يەنىلا بىز ئەڭ ياخشىسى ئۆزىمىزنىڭ ئەمەلىي ھەركىتىمىز بىلەن ئاتا - ئانىلىرىمىزنى خوشال قىلىشقا تىرىشىپ باقايلى ...
قېرىنداشلار .... شۇ ئۇقۇم كاللاڭلاردا ئېنىق بولسۇنكى <<ئاتا - ئانىمىز - ھەممىمىزنىڭ چەكسىز بەختى>> . ئويلاپ بېقىڭ ، جورىڭىزدىن ئازار يەپ كۆڭلىڭىز بىئارام بولغىنىدا دەررۇلا ئاتا - ئانىڭىزنى ئىسىڭىزگە ئالامسىز ؟ خىزمەتتە ياكى تۇرمۇشتا كۆڭۈلسىزلىك ياكى ئاۋارىچىلىققا يولۇققاندا، ئاتا -ئانىڭىز بۇ ئىشلاردىن خەۋەر تېپىپ ، سىز ئۈچۈن پالاقلاپ رىيازەت چىكىپ ، سىزنىڭ ئامانلىقىڭىز ، كۆڭلۈڭىزنىڭ ئاراملىقى ئۈچۈن ئەجىر قىلدىمۇ ؟ مەڭزىڭىزنى سىيلاپ تۇرۇپ پىشانىڭىزگە سۆيىگىنىدە ، خاتىرجەملىك تۇيغۇسىدا ئەللەيلەنگەچ ، ۋۇجۇدىڭىزنى شۇررىدە ئىسسىق ئېقىم قاپلىغانمۇ ؟ بىرەر خوشاللىق يەتكىنىدە ياكى ئۇتۇقلارنى قازانغىنىڭىزدا ئاتا - ئانىڭىزنىڭ سىزدىن ئۆتە خوشال بولۇپ ، سىز ئۈچۈن دۇئا قىلامدۇ ؟ .............. ئېيتىپ كەلسەك . ئاتا - ئانىڭىزنىڭ سىز توغىرلىق ئەجىرى ۋە مىھرى توغىرلىق بۇنداق سۇئاللار بىر تالاي .............ۋە لىكىن ، جاۋاپ پەقەت بىر . ئۇ بولسىمۇ : ھەئە
1. كۈندە بىرەر قېتىم بولسىمۇ جۆرىڭىزنى ئېلىپ ، ئاتا - ئانىڭىزنى يوقلاشنى ئۇنتۇپ قالماڭ ، مىجەزىنىڭ قانداق ئىكەنلىكىنى ، ئوي ئىسسىۋاتامدۇ ، قېلىنراق كىيىنۋاتامدۇ ، ئۆيدە گاز بارمۇ ، سىرتتىن توشۇيدىغان ئېغىر ينىك ئىشلىرى بارمۇ ... دىگەندەكلەرنى سوراڭ . ئارلىق يىراق بولۇپ قالغىنىدا ھىچ بولمىسا ئۈ كۈندە بىرەر قېتىم تېلفۇن قىلىپ ، ئۆزىڭىزنىڭ ئامان ئىسەنلىكىڭىزنى بىلدۈرۈڭ ۋە ئۇلاردىن ئەھۋال سوراڭ .
2. بىرەر ئىشنى بىجىرىش سەۋەبى بىلەن ئاتا -ئانىڭىز تۇرىدىغان رايونغا ياكى شۇ رايونغا يېقىن يەرگە بارغىنىڭىزدا ئىشىڭىزنى تۈگىتىپ ، ئۆيىڭىزگە كىرىپ ، ئۇلارنى كۆرۈپ چىقىپ كېتىڭ ، ناھايتى 5 مىنۇتلا كېتىدۇ . پەقەتلا 5 مىنۇت .
3.ئاتا - ئانىڭىزنىڭ مىجەزى يوق بولۇپ قالغىنىدا ، قولىڭىزدا جىددىي ئىش بولسىمۇ تاشلاپ بېرىپ ، دوختۇرغا كۆرسىتىڭ . دوختۇرنى بىر يانغا تارتىپ ئەھۋال ئېغىر ئەمەس دەپ ئۇلارنى خاتىرجەم قىلىشنى تاپىلاڭ ، ئەھۋال ئېغىر بولغان تەقدىردىمۇ سىزگىلا ئېيتسا بولىدۇ ، چۈنكى چوڭلار بەكمۇ ئەنسىرەيدىغان بولۇپ قالىدۇ ، كىچىك ئىشلاردىنمۇ ئەنسىرەپ كېتىشلىرى نورمال ئىش ، شۇڭا ئۇلارغا <<دوختۇر چوڭ ئىش يوق دەيدۇ ، خاتىرجەم داۋالىنىڭ>> دەڭ .
4.ئايدا بىرەر قېتىم ئۇن -ياغ ئالىدىغان ، كەم - كۈسىنى تولۇقلايدىغان ئىش بولۇپ تۇرىدۇ ، گەرچە ئۇ نەرسىلەرنى ماشىنا بىلەن ئۆينىڭ ئالدىغا ئەكەپ بەرسمۇ ، ئۇنى ئۆيگە توشۇش ، جايلاشتۇرۇش ئىشلرىغا سىز چوقۇم ياردەملىشىڭ . مۇشۇنداق ئىشلار بولۇپ قالسا خەۋەر قىلىشىنى قايتا - قايتا جىكىلەڭ . چوڭلار ياشىنىپ قالدى ، ئۇلارنىڭ كۈچ - قۇۋۋىتى سىزنى چوڭ قىلىش جەيانىدا خورىدى . ئەمدى ، بۇ ئىشلارنى سىز قىلىشىڭىز كىرەك .
5. ئامال بار كۈندە بىرەر قېتىم ، بولمىغاندا 2 ~3 كۈندە بىرەر قېتىم ئۆيگە بېرىپ ، ئانىڭىز ئەتكەن تاماقنى تەڭ ، يىگەندىمۇ ھۇزۇرلىنىپ ئولتۇرۇپ ، جىقراق يەڭ . ئۆيگە تاماققا بارغاندا ھەرگىزمۇ سىرتتا تاماق يەۋالماڭ . داستىخانغا چوكا- قوشۇق ، چايلارنى توشۇيدىغان ئىشلارنى ئۆزىڭىز قىلىۋەتسىڭىز بولىدۇ(ياكى ئايالىڭىز) . تاماق يەپ بولۈپ ، دۇئا قىلىپ بولغاندىن كىيىن ، <<ئانامنىڭ قولى ھەقىقەتەن تاتلىق ، بەك ئوخشاپتۇ ، ئانامنىڭ تامىقىنى يەپ چوڭ بولغاچقا ، مەن مۇشۇنداق ئەقىللىق>> دەپ چاقچاق ئارلاش يىنىك پاراڭلارنى قىلىپ قۇيۇڭ . جىددىي ئىشىڭىز بولمىسا كېتىشكە ئالدىرماڭ ، ئايالىڭىز قاچىلارنى يۇيۇشقا ياردەملەشسۇن (گەرچە ئاتا - ئانىڭىز سىلەر مىھمان دەپ تۇرۇۋېلىپ ياردەملىشىشكە ئۇنىمىسىمۇ ) .
6.ۋاقىت چىقىپ قالسا ، ئاتا- ئانىڭىزنى يوقلاپ بېرىپ ، بىللە قەرت ئوينىشىپ بېرىڭ ، تېلۋۇزۇر كۆرۈڭ ، كىتاپ ئوقۇپ بېرىڭ . گەرچە ئۇلار سىزدەك ، ئۆرلەش(升级) ، پومشچىك (斗地主) دىگەندەك ئۇيۇنلارنى ئوينىيالمىسىمۇ ، ئۇلار بىلىدىغان ئاددىي ئۇيۇنلارنى ، زىرىكمەي ئويناپ بېرىڭ ، ئاكتىپلىق بىلەن ئۇتتۇرۇپ بېرىڭ ، لىكىن ئۇتتۇرۇپ بەرگىنىڭىزنى بىلىپ قالمىسۇن ، ئۇتتۇرغانغا تەن بەرمىگەندەك قىياپەتكە كىرىۋېلىڭ . ئۆزىڭىز ياقتۇردىغان فىلىملەرنى ئېچىۋالماي ئۇلار قانداق فىلىمنى ياقتۇرسا شۇنى كۆرۈڭ .
7. ھېيىت بايرام ياكى ئالاھىدە كۈنلەردە ئاكا - ئاچا ، ئىنى - سىڭللىرىڭىز بىلەن بىلەن يىغىلىپ ، چوڭلارنى ئوتتۇرغا ئېلىپ تاماق بىللە تاماق يەڭ ، بۇ ۋاقىتلاردا چوقۇم قېچىپ بولسىمۇ ئاتا - ئانىڭزنىڭ ئۆيىگە بېرىپ جەم بولۇپ غىزالىنىڭ . نەۋرىلەر چۇۋرلىشىپ ئۆينى بېشىغا كەيگەن ، چوڭ كىچىكلەر بۇرۇنقى ئىشلارنى ئەسلىشىپ كۈلۈشكەن ، چاقچاق قىلىشقان ئەنە شۇ چاغلاردا سىزنىڭمۇ باشقا يەرگە بارغۇڭىز كەلمەي قېلىشى ئېنىقلا .
8. ئاچىلىرىڭىز ، سىڭللىرىڭىزدىن پات - پات ئەھۋال سوراپ تۇرۇڭ ، قانداق كېتىۋاتىدۇ ، مىجەزى قانداق دىگەنلەرنى سۈرۈشتۈرۈپ تۇرۇڭ . ئىشلىرى بولسا ئۆزىڭىز بىر قوللۇق قىلىپ بېرىڭ ، ئىسىڭىزدە بولسۇنكى ئاتا - ئانىڭىز ھەممىدىن بەك قىزلىرىدىن ئەنسىرەيدۇ ھەم ئوغۇللىرىنىڭ قىزلىرىغا ئىگە بولۇشىنى ئۇلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ .
9.يامغۇر ياغقان ، قار ياغقان ، بوران چىققان ، يەر تەۋىرگەن .... دىگەندەك تەبىئي ھادىسىلەر يۈز بەرگەندە ، ئۇلارنىڭ قېشىغا بېرىڭ ، بارالمىسڭىز تېلفۇن قىلىپ سالامەتلىكىنى سوراڭ ، سىرتقا چىقماسلىقنى جىكلەڭ . كەم نەرسىلەرنى ئۆزىڭىز ئاپىرىپ بېرىڭ . بولۇپمۇ مۇشۇنداق كۈنلەردە ھەرگىزمۇ بىپەرۋالىق قىلماڭ .
10. ھىچ بولمىغاندا ئايدا بىرەر قېتىم بولسىمۇ ، ئۆيىڭىزدە ئاتا-ئانىڭىز ياقتۇردىغان تاماقلارنى قىلىپ ، ئۆيىڭىزگە چاقىرىڭ ، ئۆيگە ئۇلار ياقتۇردىغان يەل - يىمىشلەرنى ، خەلق ناخشلىرىنى ئەكىرىپ قۇيۇڭ . باللىرىڭىزنى سىلكىشلىمەڭ ، تىللىماڭ ، باللىرىڭىز ئاتا-ئانىڭىزنىڭ قۇچىغىدا ئەركىلىپ ئۇلارنى چوكولدىتىپ سۆيۈپ كەتسۇن .
11. سىز تۇرۇشلۇق رايوندا بىرەر ۋەقە ھادىسە يۈز بەرگىنىدە ئۇلارغا تېلفۇن قىلىپ ئۆزىڭىزنىڭ ئامانلىقنى بىلدۈرۈڭ ، بۇنداق چاغلاردا ئۇلار سىزدىن بالدۇر خەۋەر تېپىپ ، سىزدىن ئەنسىرەپ ئولتۇرۇشقان بولىدۇ . سىزدىن خاتىرجەم بولغىنىدا ئۇلارمۇ خاترجەم تاماق يىيەلەيدۇ ۋە خاتىرجەم ئۇخلىيالايدۇ .
12. مۇشۇ تېمىنى ئوقۇپ بولۇپلا ئاتا - ئانىڭىزغا تېلفۇن قىلىپ ئەھۋال سوراڭ . مەن ھازىرچە مۇشۇنچىلىك يېزىپ تۇراي ، باشقا تورداشلارمۇ ئۆزىنىڭ كۆز قارشى بويىچە تولۇقلاپ باقسا بولىدۇ . .... قانداق بولامدۇ يە؟

ياخشىكەن
(2)
100%
ناچاركەن
(0)
0%
------分隔线----------------------------

ئىنكاس رايونى
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
باھا بېرىڭ:
تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار ئىنكاس تەپسىلاتى بۇ يەردە...>>