ۋەتەن پەرۋەر شائىر-ئابدۇخالىق ئۇيغۇرى
يوللانغان ۋاقتى: 14:02 24-05-2011 مەنبە: سالام ئۈرۈمچى ئاپتورى: باشقۇرغۇچى كۆرۈلۈشى: قېتىم
-

ئابدۇخالىق ئۇيغۇرى ئۇيغۇر ھازىرقى زامان شېئىرىيىتىنىڭمەشھۇر ۋەكىللىرىدىن بىرى، ئۇيغۇر دېمۇكىراتىك ئەدەبىياتىنىڭ ئاتاقلىق ۋەكىلى، ئىنقىلابىيۋەتەنپەرىۋەر شائىر، ئازادلىق، تەڭلىك، دىمۇكىراتىيە ۋە ئىلىم مەرىپەتنىڭيالقۇنلۇق كۈيچىسى، ئابدۇخالىق ئۇيغۇرى- 1901-يىلى 2- ئاينىڭ 9-كۈنى تۇرپان يېڭىشەھىرىدە سودىگەر ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇنىڭ ئاتا-بوۋىللىرىدىن تارتىپ مەرىپەتچى، ئۇقۇمۇشلۇق كىشىلەردىن بولغاچقا ئابدۇخالىقنى كىچىكىدىنلا بىلىملىك ئادەم قىلىپ يېتىشتۈرۈشكە، قولىدىن كىلدىغانلىكى ئىمكانىيەتلەر بىلەن تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ شەرىت-شارائىت يارىتىپبەرگەن.
ئابدۇخالىق دەسلەپتە دىنىي ساۋادىنى چىقارغاندىن كېيىن، مەخسۇت موھىتىلار ئاچقانپەننىي مەكتەپتە ئوقۇغان.
1914-يىلدىن 1916-يىلغىچە تۇرپان شەھرىدىكى خەنزۇچە مەكتەپتە ئوقۇغان، بۇ جەرياندائۇ ئۇيغۇر كىلاسىك ئەدەبىياتىدىن باشقا خەنزۇ ۋە چەتئەل ئەدەبىياتى بىلەنمۇ تونۇشۇپچىققان.1917-يىلى ئۇ دادىسى بىلەن بىللە ئوتتۇرا ئاسىياغا چىقىپ، كۆپلىگەندۆلەتلەرنى ئايلنىپ سودا قىلىش جەريانىدا ئۇقۇمۇشلۇق ئادەملەر بىلەن تونۇشقان، سۆھبەتلەردەبولغان. ئۇ ۋەتەنگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، دىمۇكىراتىك ئىنقىلابىي پائالىيەتلەر بىلەنشۇغۇللانغان. مەخسۇت موھىتى بۇ ياش شائىرنىڭ جەڭگىۋار، قورقماس روھىدىن تەسىرلىنىپ 1923-يىلىدىن 1926-يىلغىچە يەنە قايتىدىن ئوتتۇرا ئاسىياغا ئېلىپ چىقىپ، ئىلىم تەھسىل قىلىشىغا ياردەمدەبولغان. ئابدۇخالىق 1926-يىلى ۋەتەنگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، 1927-يىلى تۇرپانئاستانىدىكى مەخسۇت موھىتى، پىچاندىكى ئىسكەندەر خوجا قاتارلىق كىشىلەر بىلەن <ئاقارتىشجەمئىيتى> قۇرۇپ، 3000 سەر كۆمۈش تەنگە ئىئانە توپلاپ، تۇرپان شەھىردىكى نىيازسەيپۇڭ دېگەن كىشىنىڭ قورۇسىدا يېڭى مەكتەپ قۇرۇپ، ئوقۇغۇچى سانىنى تېخىمۇكۆپەيتكەن ۋە تۇرپان يېڭى مائارىپىنىڭ دولقۇنىنى قوزغىغان. ئۇ، بۇ جەريانىدا 1932-يىلىتۇرپان ئاستانىدا مەخسۇت موھىتىلار باشچىلىقىدىكى دېھقانلار قوزغىلىڭىغا قاتنىشىپئاكىتىپ خىزمەتلەرنى كۆرسەتكەن.
1933-يىلى 3-ئاينىڭ 13-كۈنى جاللات شىڭ شىسەي ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنى سەپداشلىرى بىلەنرەھمسىزلەرچە ئۆلتۈرگەن.ئۇنىڭ ۋەكىللىك ئەسەرلىرىدىن <ئويغان>، <ئاچىل>، <مۇزلىدى>، <ياز تۈنى>، قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.
|
------分隔线----------------------------