نـــاخــشـــىـلار | كــىنو-فىـلىمــلار | مىـللـي تىـبـابــەت | قــــانـــون-تـــۈزۈم | مەشھور شەخىسلەر | ئىـــقدىـــســاد | ئىـلمـي مـاقـالــلار
ســۆھـبـەتـخـانـا | ئېـــــــتـــوتـــــلار | يــۇمــۇر-لـەتىـپە | پەرزەنىت تەربىيەسى | ئـۆتـكـەن كـۈنـلـەر | مــــەدىــنـــيــەت | تۇرمۇش ھەققىدە
ئــــويــــۇنــــلار | رەسىـــمــلـەر | تـــەنــتـەربىـــيـە | يــۇمـشاق دېـتالـلار | ئـايـاللاردۇنياسـى | ئاۋازلىق ئەسەرلەر | ھېـــكىــمەتــلــەر

باش بەت

تۆمۈر خەلىپىنىڭ تەرجىمىھالى

يوللانغان ۋاقتى: 05:16 10-04-2011 مەنبە: ئىنتېرنېت ئاپتورى: ئوسمان تۆمۈر كۆرۈلۈشى: قېتىم
تۆمۈر خەلىپىنىڭ ئايۇپ، ئابلەت قاتارلىق ئەۋلادلىرى پالۋانتۇر يېزىسىدا ھازىرمۇ ھايات.

ئوسمان تۆمۈر


تۆمۈر خەلىپە ۋە ئۇنىڭنەسەبلىرىنىڭ مەنبەسىنى سۈرۈشتە قىلىشقا توغرا كەلسە، گەپنى قۇمۇلنىڭ ھازىرقىبوغاز يېزىسىدىن باشلاشقا توغرا كېلىدۇ. بۇ يېزا قەدىمدە " تار بوغاز" دەپ ئاتالغانىكەن. بوغاز يېزىسىنىڭ يېرى قۇملۇق ۋە قىزىل تۇپراقلىق بولۇپ، دېڭىزيۈزىدىن تۆۋەن بولغاچقا، ھاۋاسى قۇرغاق ئىسسىق كېلىدۇ. تېرېقچىلىقىمۇ باشقايېزىلارغا نىسبەتەن بالدۇر باشلىنىدۇ. بۇيېزا قۇمۇلنىڭ جەنۇبىغا 25 كىلۇمېتىر كېلىدۇ.
1870 - يىلى ياقۇپبەگ كورلىنى مەركەز قىلىپ تۇرپان، پىچانلارغا مالىمانچىلىقھالغاندا، كۆپلىگەن كىشىلەر پانالىق ئىزدىشىپ قۇمۇلغا كەلگەن بولۇپ، بۇ كىشىلەرنىڭئىچىدە سۈۋۈر دېگەن كىشى قورايغا، ئورۇق سۈۋۈر دېگەن كىشى يۇقۇرىن ئاقيەرگە، تالىپ، بۆكى يامان راشىدىن ھاجى ۋە بۆكى يامان قۇربان ھاجىلار بوغازغا ئورۇنلاشقان. يىللارنىڭ ئۆتىشى بىلەن قورايدىكى سۈۋۈر يالغۇز ئوغلى يۈسۈپنى بوغازدىكى تالىپنىڭچوڭ قىزى راھىلەگە ئۆيلىگەن. تالىپ 2- قىزى رابىخاننى يۇقۇرى ئاقيەردىكى ئورۇقسۈۋۈرگە ياتلىق قىلغان، ئۇلار بىر ئوغۇللۇق بولغان. ئۇنىڭ ئىسمى ئىبراھىم بولۇپ، ھازىر 80 ياشتىن ھالقىغان بولسىمۇ. يېنى ساغلام تۇرماقتا. تالىپ ئىشچان بولغانلىقىئۈچۈن، بوغازنىڭ شىمالىي ئېتىكىدە بېنەم ئېچىپ كۆكەرتكەن. شۇ چاغلاردا ئۇنىڭ يالغۇغئوغلى قازا قىلغان. شۇندىن كېيىن تالىپ قورۇ-جايلىرىنى قىزلىرىغا بۆلۈپ بېرىپ، يۇقۇرى ئاقيەرگە كۆچۈپ كەتكەن.
سۈۋۈرنىڭ يالغۇز ئوغلى يۈسۈپنىڭ مىجەزىگە قاراپ كىشىلەر " يۈسۈپ تۇڭگان" دەپ لەقەم قويۇۋالغان. يۈسۈپ راھىلەدىن ئىككى ئوغۇللۇق بولغان. چوڭىنى تۆمۈر، كىچىكىنى شاكىر، دەپ ئاتىغان. ئۇلار 15- 16 ياشلارغا كىرگەندە يۈسۈپ ئەر-ئايال تەڭلاقازا قىلىدۇ. شۇ چاغلار دەل تورپاقلار قوزغىلىڭى دەۋرى بولۇپ، قۇمۇل ۋاڭى تۆمۈرنىچوڭ گۇنا ئۆتكۈزدى، دەپ بوغازغا پالايدۇ. تۆمۈر شۇندىن كېيىن بۇ يېزىدا ياغاشچىلىقھۈنىرىنى ئۆگىنىپ، شۇنىڭ بىلەن تىرىكچىلىك قىلىدۇ، ھەم دىنىي ئوقۇشىنىمۇتاشلىمايدۇ. ئۇ كېيىنكى كۈنلەردە زىكرى-سۆھبەتچىلەرگە خەلىپە بولۇپ قالغان. ئۇبوۋىسى تالىپتىن قالغان يەرگە بىر يۈرۈش سۇ تۈگمىنى ياساپ بوغازلىقلارنى ئۇن بىلەنتەمىنلىگەن.
تۆمۈر ئۆيلىنىپ ئىككى قىز تاپقان، چوڭ قىزى نىيازخان 4 ياش، كىچىك قىزى رابىيە 2 ياشقاكىرگەندە ئايالى قازا قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ بوغازدىكى زېمىنىنىڭ بىر قىسمىنىبۆكى يامان راشىدىن ھاجى ۋە بۆكى يامان قۇربان ھاجىغا 30 قوشقارغا تېگىشىپ، كىچىكقىزى رابىيەنى چوڭگۇباتلىق سۈۋۈر قۇرمالغا بېرىپ، چوڭ قىزى نىيازخاننى ئېلىپقورايغا كۆچۈپ كەتكەن.
تۆمۈر قورايدا قايتا ئۆيلىنىپ، باسىت ئىسىملىك بىر ئوغۇللۇق بولغان. باسىت 12 ياشقا كىرگەندە ئىلىدىكى مانجۇ ئەمەلدارلىرىنىڭ زۇلۇمىغا قارشى ياڭ زەيشۈيباشچىلىقىدىكى قوزغىلاڭ يۈز بېرىدۇ. ئۈرۈمچىدىكى باش مۇپەتىش يۈەن داخۇا قوزغىلاڭنىباستۇرۇشقا كۆزى يەتمەي، شىنجاڭدىكى فېئودال ۋاڭلاردىن ھەربىي ياردەم سورايدۇ. بۇنىڭغا جاۋابەن قۇمۇل ۋاڭى شامەخسۇت قۇمۇل ئۇيغۇرلىرىدىن 500 ئاتلىق قوشۇنتەييارلاپ ئالدى بىلەن 300 كىشىنى يولغا سالىدۇ. 1- تۈركۈمدىكى ئەسكەركلەر بەششارۋە قۇمۇلدىن ئېلىنغان بولۇپ، 2- تۈركۈمى قۇمۇل 12 تاغدىن كەلتۈرۈلگەننىدى. بۇئەسكەرلەر تۆمۈر خەلىپە، ئامانقۇل، جامال ۋە سالمانلار باشچىلىقىدا تەشكىللىنىپيولغا چىقىپ، لودۇڭغا يېقىنلازقاندا كەينىگە قاراپ نەيزە ئۇرىدۇ. لودۇڭدىن يانغانبۇ ئوت كۆشۈتىگە يېتىپ كەلگۈچە چوڭ يالقۇنغا ئايلىنىدۇ.
تۆمۈر خەلىپە تەقۋادار دىنىي زات بولغانلىقى ئۈچۈن لى شۇفۇ ئىسىملىك خۇيزۇھەربىنىڭ ھىيلە-نەيرەڭلىرىگە ئىشىنىپ ئالدىنىپ قالىدۇ. << تۇترۇقسىز ئوتبولماس، نۇقسانسىز يىگىت >> دېگەندەك، سەۋەنلىكى ئۆز بېشىغا چىققان. جۈملىدىن شۇ چاغنىڭ ئۇيغۇر، تۇڭگان ئاخۇنلىرى بىلەن ھەسەن ھاجى قاتارلىق يۇرت كاتتىلىرىنىڭئارىغا كىرىشى بىلەن قوزغىلاڭ تىنچلاندۇرۇلغان ھەمدە تۆمۈر خەلىپە ئۈرۈمچىلومەنچىڭدىكى 3- ئاتلىق باتالىيونغا كوماندېر بولىدۇ. 1913- يىلى 9- ئاينىڭ 5- كۈنى قولغا ئېلىنىپ كەتلى قىلىنىدۇ، بېشى ئۈرۈمچىنىڭ جەنۇبىي قوۋۇقى ( نەنمىن ) غائېسىلىپ، سازايى قىلىنغاندىن كېيىن، قۇمۇلغا ئاپىرىپ، قۇمۇل كوناشەھەردەرۋازىسىغىمۇ ئېسىپ قويۇلغان. تۆمۈرگە ئەگىشىپ چىققان بىر قىسىم كىشىلەرمۇ ئامانقالمىغان. ئۇلارنى يۇرتىغا قايتۇرىمىز دېگەن باھانىدا قورالسىزلاندۇرۇپ، گۇچۇڭناھىيىسىنىڭ چوڭ تاش دائىرىسىدىكى تاغ ئىچىگە يېتىپ كەلگەندە، ياڭ زېڭشىننىڭپىستۇرمىسىغا چۈشۈپ قىرىپ تاشلانغان. تۆمۈر خەلىپە ئۈرۈمچىگە ئېلىپ كېتىلگەندىنكېيىن، قۇمۇلدا قالغان بىر قىسىم كىشىلەر " قاراقچىلاردىن مۇداپىيىلىنىش" دېگەن باھانە بىلەن ئەنشىگە يۆتكەلگەن، ئۇلار شىڭشىڭشاغا يېتىپ كەلگەندە گەنسۇچېرىكلىرى تەرىپىدىن تىرىك كۆمۈۋېتىلگەن. شاكىر، ئىمىن، جامال، ئەمەت سېيىت، ئابدۇللا قاتارلىقلار تۇرپانغا ئېلىپ بېرىلىپ ئۆلتۈرۈلگەن.
شامەخسۇت ۋاڭ: تۆمۈرنىڭ جەمەتىدىن بىرنىمۇ قالدۇرماسلىق كېرەك، دەپ جار سالغان. بۇخەۋەرنى ئاڭلىغان راھەتباغ يېزا چاڭغۇ مەھەللىلىك ساقال ئەزىمەت دېگەن كىشىباشقىلارغا تۇيدۇرماستىن قورايغا چىقىپ، باسىتنى ئېلىپ كېتىپ 7 - 8 يىلتەربىيىلىگەن، بۇ ئىشنى ئىرغايتىلىق ئاۋۇت دورغا سېزىپ قېلىپ ئوردىغا مەلۈمقىلغان. بۇ خەۋەرنى ئالدىن بىلىۋالغان ئەزىمەت بوۋاي باسىتنى بىر ئات بىلەنئۇنىڭغا يېتەرلىك پۇل ۋە ئوزۇق-يۈلۈك بېرىپ قاچۇرىۋەتكەن. شۇنىڭ بىلەن باسىتجىمىسار ۋە گۇچۇڭلاردا پانالانغاچ دىنىي بىلىم ئالىدۇ. ئۇ شامەىسۇت ۋاڭنىڭ ئۆلگەنلىكخەۋىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، قۇمۇلغا قايتىپ، پالۋانتۇر يېزا كونا ئائىلىلىكلەرمەھەللىسىدىكى مەسچىتكە ئىمام بولىدۇ. ئۇ 1980- يىلى ئالەمدىن ئۆتتى. ئۇنىڭ ئايۇپ، ئابلەت، ئىمىن قاتارلىق ئوغۇللىرى ۋە بىرنەچچە قىزلىرى بار.
بوغاز يېزىسىنىڭ شىمالىدىكى قۇم داۋاندىن چۈشۈپ مەھەللىنىڭ جەنۇبىغا قاراپ كەتكەنيولنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى يەرلەر "ساي پارچا" دەپ ئاتالغان بولۇپ، بۇيەردىكى تېرىلغۇ تەرلەر، ئۈجمە دەرىخى ۋە ۋەيران بولۇپ كەتكەن سۇ تۈگمىنىنىكىشىلەر ھازىرمۇ يەنىلا << تۆمۈر خەلىپە>> نامى بىلەن ئاتىشىپكەلمەكتە.
قۇمۇل خەلقى مەشرەپ، توي-تۆكۈن، نەغمە-ناۋالىرىدا تۆمۈر خەلىپە ھەققىدىكى بىر قىسىمقوشاقلارنى ھازىرمۇ تەكرەرلاپ كەلمەكتە. مەسىلەن:

قوراي يولى ھەيۋەتلىك،
ئۇنىڭ ئىچى زەرەتلىك.
مۇرادىغا يەتمىگەن،
تۆمۈر خەلىپە رەھمەتلىك.

جىڭتەي ئەسكىرى سەپتۇ،
ئاقچۇق يولىدا ئوقۇر،
تۆمۈر خەلىپىنى ئۆلتۈرگەن،
چەندارىن دېگەن چوقۇر

تۆمۈر خەلىپىنىڭ ئايۇپ، ئابلەت قاتارلىق ئەۋلادلىرى پالۋانتۇر يېزىسىدا ھازىرمۇ ھايات.


 

ياخشىكەن
(1)
100%
ناچاركەن
(0)
0%
------分隔线----------------------------

ئىنكاس رايونى
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
باھا بېرىڭ:
تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار ئىنكاس تەپسىلاتى بۇ يەردە...>>
تەۋسىيەلەر