نـــاخــشـــىـلار | كــىنو-فىـلىمــلار | مىـللـي تىـبـابــەت | قــــانـــون-تـــۈزۈم | مەشھور شەخىسلەر | ئىـــقدىـــســاد | ئىـلمـي مـاقـالــلار
ســۆھـبـەتـخـانـا | ئېـــــــتـــوتـــــلار | يــۇمــۇر-لـەتىـپە | پەرزەنىت تەربىيەسى | ئـۆتـكـەن كـۈنـلـەر | مــــەدىــنـــيــەت | تۇرمۇش ھەققىدە
ئــــويــــۇنــــلار | رەسىـــمــلـەر | تـــەنــتـەربىـــيـە | يــۇمـشاق دېـتالـلار | ئـايـاللاردۇنياسـى | ئاۋازلىق ئەسەرلەر | ھېـــكىــمەتــلــەر

باش بەت

تالانتلىق يازغۇچى مەمتىمىن ھوشۇر

يوللانغان ۋاقتى: 00:30 31-03-2011 مەنبە: ئىنتېرنېت ئاپتورى: admin كۆرۈلۈشى: قېتىم
تالانتلىق يازغۇچى مەمتىمىن ھوشۇر
Www.SalamURUMQI.Com 

        1944-يىلى غۇلجا شەھىرىدە تۇغۇلغان. 1962- يىلى غۇلجا شەھەرلىك 3-ئوتتۇرا مەكتەپنى ، 1967-يىلى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تىل - ئەدەبىيات فاكولتېتىنى پۈتتۈرگەن. 1968- يىلدىن 1972- يىلىغىچە غۇلجا شەھەرلىك باغۋەنچىلىك مەيدانىدا قايتا تەربىيىدە بولغان، 1972-يىلدىن 1975 - يىلغىچە غۇلجا شەھىرى كېپەكيۈزى يېزىسىدا خەلق ئىشلىرى كادىرى، 1975- يىلدىن 1979- يىلغىچە غۇلجا شەھەرلىك شەھەر قۇرۇلۇشى ئىدارىسىدە تەشۋىقات كادىرى قاتارلىق خىزمەتلەرنى ئىشلىگەن. 1979- يىلدىن 1995- يىلغىچە «ئىلى دەرياسى» ژۇرنىلىدا مۇھەررىر، باش مۇھەررىر، ئىلى ئوبلاستلىق يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ كەسپىي يازغۇچىسى ۋە مۇئاۋىن رەئىس قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن، 1995- يىلدىن 2006- يىلغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى بولغان.  ئۇ ھازىر جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى.

يازغۇچىنىڭ «ئالما» ناملىق تۇنجى ھېكايىسى 1965 - يىلى «شىنجاڭ گېزىتى» دە ئېلان قىلىنغان. 1978 - يىلىدىن ھازىرغىچە مەملىكەت ئىچىدىكى ھەرخىل مەتبۇئاتلاردا 120 پارچىدىن ئارتۇق ھېكايە، پوۋېست، ئەسلىمە ۋە ئەدەبىيات، تارىخقا ئائىت ئىلمىي ماقالىلىرى، «قۇم باسقان شەھەر» ناملىق رومانى ئېلان قىلىندى ھەمدە ئاساسلىق ھېكايىلىرىنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىنىپ ئېلان قىلىنغان.  
"ساۋاقداشلار"ناملىق پوۋېستلار توپلىمى ئۆزبېك تىلىغا، "ئايخان"ناملىق ھېكايىلەر توپلىمى قازاق تىلىغا، "ئىت ئېتىش"، "گۆركار" ناملىق ھېكايىلىرى قىرغىز تىلىغا تەرجىمە قىلىنىپ قازاقىستان، ئۆزبېكىستان قاتارلىق ئەللەردە نەشر قىلىنغان. ( مۇھەررىردىن: بىر ھېكايىسى ئىنگلىز تىلىغا تەرجىمە قىلىنىپ ئامېرىكىدىكى بىر ژۇرنالدا ئېلان قىلىنغان، تەرجىمە قىلغۇچى ئامېرىكىلىق بولۇپ بۇ كىشى بىلەن بولغان ئالاقەم ئۈزۈلۈپ قالغانلىقتىن تولۇق ئۇچۇرنى يازالماي قالدىم، پات ئارىدا تولۇقلاپ قويىمەن)

ئۇنىڭ ھازىرغىچە نەشردىن چىققان كىتابلىرى: «نەي ئاۋازى» (ھېكايىلەر توپلىمى، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى)، «كونا - يېكى ئىشلار» (ھېكايىلەر توپلىمى، مىللەتلەر نەشرىياتى)، «سالام، ھىسام ئاكا» (پوۋېستلار توپلىمى، شىنجاڭ ياشلار - ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى)، «بۇ چۈش ئەمەس» (ھېكايىلەر توپلىمى، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى)، «نوزۇگۈم» (پوۋېست، موڭغۇل تىلىدا، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى)، «يىللار شۇنداق ئۆتكەن» (بىئوگرافىيىلىك قىسسە، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى)، «ئۆلۈككە خەت» (ھېكايىلەر توپلىمى، قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى)، «ئون ئىككى مۇقامنىڭ ئىلى ۋارىيانتى» (ئىلمىي ئەسەر، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى)، «ئايخان» (ھېكايىلەر توپلىمى، قازاق تىلىدا، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى)، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى يەنە ئۇنىڭ ھېكايە، پوۋېستلىرىدىن تاللاپ «مەمتىمىن ھوشۇر تاللانما ئەسەرلىرى <1>، <2>، <3>» دىن ئىبارەت ئۈچ كىتابنى نەشر قىلدى. يېقىندا يەنە ئۇنىڭ «قىرلىق ئىستاكان» خەنزۇ تىلىدا (ياشلار - ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى) ، «ئوت كەتكەن دەريا»(خەلق نەشرىياتى) قاتارلىق ھېكايە توپلاملىرى ئېلان قىلىندى. بىر قىسىم ھېكايە ۋە پوۋېست توپلاملىرى مەملىكەتلىك ۋە ئاپتونوم رايون دائىرىسىدىكى ھەرخىل مۇكاپاتلارغا ئېرىشتى. 2006- يىلى 6- ئايدا ئۇنىڭ «ئىلى خەلق ناخشىلىرىنىڭ تارىخىي بايانى» ناملىق كىتابى مىللەتلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىندى. 


مەمتىمىن ھوشۇر ئەسەرلىرى


1. «نەي ئاۋازى» (ھېكايىلار توپلىمى ) شىنجاڭ خەلق نەشرياتى.  1982 -يىل 

2. «كونا - يېڭى ئىىشلار» (ھېكايىلار توپلىمى) مىللەتلەر نەشرياتى. 1987-يىل

3. «سالام، ھېسام ئاكا» (پوۋېستلار). شىنجاڭ ياشلار- ئۆسمۈرلەر نەشرياتى. 1989-يىل

4. «يىللار شۇنداق ئۆتكەن» (بىئوگىراپىك رومان). شىنجاڭ خەلق نەشرياتى. 1989-يىل

5.  «نۇزۇگۇم» (پوۋېستلار). شىنجاڭ خەلق نەشرياتى.  1990-يىل

6.  «بۇ چۈش ئەمەس» (ھىكايىلار توپلىمى ). شىنجاڭ خەلق نەشرياتى. 1991-يىل

7.  «ئۆلۈككە خەت» (ھېكايىلار توپلىمى). قەشقەر ئۇيغۇر نەشرياتى. 1993-يىل

8.  «ئۇيغۇر 12 مۇقامىنىڭ ئىلى ۋارىيانتى» - (ئىلمىي ئەسەر). شىنجاڭ خەلق نەشرياتى. 1995-يىل

9.  «قۇم باسقان شەھەر»  (رومان). شىنجاڭ ياشلار- ئۆسمۇرلەر نەشرياتى. 1996-يىل

10. «مەمتىمىن ھوشۇر ھېكايىلىرىدىن تاللانما» (ئىككى قىسىم). شىنجاڭ خەلق نەشرياتى. 1999-يىل

11. «مەمتىمىن ھوشۇر پوۋېستلىرىدىن تاللانما» - شىنجاڭ خەلق نەشرياتى. 1999-يىل

12. «ئايخان» - ( قازاقچە )(پوۋېست،ھېكايىلار توپلىمى ). شىنجاڭ خەلق  نەشرياتى. 2000-يىل

13. «قىرلىق ئىستاكان» - (خەنزۇچە) - (ھىكايىلار توپلىمى ). شىنجاڭ ياشلار- ئۆسمۈرلەر نەشرياتى. 2001-يىل

14. «ئوت كەتكەن دەريا» - (ھىكايىلار توپلىمى ). شىنجاڭ خەلق نەشرياتى. 2002-يىل

15. «ئىلى خەلق ناخشىلىرىنىڭ تارىخى بايانى» (ئىلمىي ئەسەر). مىللەتلەرنەشرياتى.  2006-يىل

16. «ئوت كەتكەن دەريا» -(خەنزۇچە) (ھېكايىلار توپلىمى ). مىللەتلەر نەشىرياتى. 2006-يىل

مەمتىمىن ھوشۇر ئەسەرلىر ىنىڭ مۇكاپاتلىنىش  ئەھۋالى

1.  « ئۇستام» -    1981-يىلى  ئاپتونوم رايون بويىچە  30  يىللىق ئەدەبىي ئەسەرلەرنى باھالاشتا 2-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن.

2. «ساۋاقداشلار» - 1989-يىلى ئاپتۇنۇم رايۇن  يېڭى دەۋردىكى مۈنەۋۋەر ئەسەر مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

3. «ھاراق ھەققىدە ھېكايە» ( 1989-يىللىق)، «مۇساپىرلار قاۋىقىدا» (1990-يىللىق)، «كۈزيامغۇرى» (1992-يىللىق)، «ئاتاقلىق مۇقامچى كارۇشاڭ ئاخۇنۇم» (2006 -يىللىق) دىگەن ئەسەرلىرى  «خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتى» غا ئېرىشكەن.

4. «بۇ چۈش ئەمەس» (1990-يىللىق)، «ئۆلۈككە خەت» (1992-يىللىق). «بۇرۇت ماجىراسى» (2001-يىللىق) دىگەن ئەسەرلىرى  «تارىم» مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

5. «بۇرۇت ماجىراسى» - 1991-يىلى جۇڭگو يازغۇچىلار جەمىئىيىتى مىللەتلەر ئەدەبىياتى بويىچە مۇنەۋۋەر ئەسەر مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

6. «بۇ چۈش ئەمەس» - 1993-يىلى 4- نۆۋەتلىك  مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئىجادىيەت مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

7.  «ئۆلۈككە خەت» -  1995-يىلى  ش  ئۇ  ئا  ر  قۇرۇلغانلىقىنىڭ 40 يىللىقى مۇناسىۋېتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن ئەسەر باھالاشتا مۈنەۋۋەر ئەسەر مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

8. «چوشقىلارغا بايرام» - 1999-يىل «مىللەتلەر ئەدەبىياتى» تەرىپىدىن دۆلەت قۇرۇلغالىقىنىڭ 50 يىللىقى بويىچە مۇنەۋۋەر ئەسەر مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

9. «ئۇيغۇر 12مۇقامىنىڭ  ئىلى ۋارىيانتى» - 1997-يىلى ئاپتۇنۇم رايۇن ئىجتىمائى پەن ، پەلسەپە ساھەسى بويىچە 3- دەرىجىلىك تەتقىقات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

10. «گوركار» - 2004-يىلى  ئاپتۇنۇم رايۇن  تۇنجى نۆۋەتلىك «تەڭرىتاغ»  ئەدەبىيات - سەنئەت مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

11. يازغۇچى مەمتىمىن ھوشۇر يۇقارقىدەك ئىجادىيەت نەتىجىلىرى بىلەن مەرھۇم داۋۇتجان تەسىس قىلغان تۇنجى نۆۋەتلىك  «گۈلزار ئەدىبىيات مۇكاپاتى» غا ئېرىشكەن.

ياخشىكەن
(3)
100%
ناچاركەن
(0)
0%
------分隔线----------------------------

ئىنكاس رايونى
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
باھا بېرىڭ:
تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار ئىنكاس تەپسىلاتى بۇ يەردە...>>
تەۋسىيەلەر