نـــاخــشـــىـلار | كــىنو-فىـلىمــلار | مىـللـي تىـبـابــەت | قــــانـــون-تـــۈزۈم | مەشھور شەخىسلەر | ئىـــقدىـــســاد | ئىـلمـي مـاقـالــلار
ســۆھـبـەتـخـانـا | ئېـــــــتـــوتـــــلار | يــۇمــۇر-لـەتىـپە | پەرزەنىت تەربىيەسى | ئـۆتـكـەن كـۈنـلـەر | مــــەدىــنـــيــەت | تۇرمۇش ھەققىدە
ئــــويــــۇنــــلار | رەسىـــمــلـەر | تـــەنــتـەربىـــيـە | يــۇمـشاق دېـتالـلار | ئـايـاللاردۇنياسـى | ئاۋازلىق ئەسەرلەر | ھېـــكىــمەتــلــەر

باش بەت

ئۇيغۇر شائىرى-تىيۇپجان ئىلىيۇپ

يوللانغان ۋاقتى: 00:15 29-03-2011 مەنبە: ئىنتېرنېت ئاپتورى: admin كۆرۈلۈشى: قېتىم
ئاتاقلىق شائىر تېيىپجان ئېلىيېف بىز بىلەن ۋىدالاشقىنىغا 21 يىل بولدى. ئەمما ئۇنىڭ 54 يىللىق ئىجادىيەت ھاياتى، قىممەتلىك مېۋىسى بولغا

Www.SalamURUMQI.Com

ئاتاقلىق شائىر تېيىپجان ئېلىيېف بىز بىلەن ۋىدالاشقىنىغا 21 يىل بولدى. ئەمما ئۇنىڭ 54 يىللىق ئىجادىيەت ھاياتى، قىممەتلىك مېۋىسى بولغان ۋەزىندار شېئىرلىرى، مىللىي ئەدەبىياتنىڭ تەرەققىياتىغاقوشقان ئۆچمەس تۆھپىسى ئارىمىزدىن مەڭگۈ كەتمەيدۇ. سەمىمىيلىك ــــ دۇنيادىكى يۈزلىگەن، مىڭلىغان مەۋجۇدات ئىچىدە ئادەمگىلا خاس پەزىلەت. تېيىپجان ئېلىيېف ئادەمىي مۇئامىلىدە ئەنە شۇنداق پەزىلەتنىڭ ساھىبى ئىدى. ئۇنىڭ كۆڭلى تۈز، ئوچۇق-يورۇق بولۇپ، كۆڭلىدە نېمە بولسا شۇنى ئېيتاتتى ھەم باشقىلاردىنمۇ شۇنى تەلەپ قىلاتتى. 1985-يىلى شائىر «تارىم» ژۇرنىلى تەھرىراتىمىزغا بىر تۈركۈم شېئىر بەردى. شېئىرىيەت گۇرۇپپىسىدىكى مۇھەررىرلەر قولمۇقول كۆرۈپ، ئاخىرىدا مېنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىمغا سۇندى. پەملىشىمچە بۇ شېئىرلارنىڭ بەزىلىرىگە بەزى مۇھەررىرلەرنىڭ پىكرى باردەك قىلاتتى. بىر كۈنى شائىر ئىشخانامغا كىرىۋېدى، مەن شۇ ھامان ھېلىقى شېئىرلار توغرىسىدا سۆز ئېچىپ:

ــ تېيىپجان ئاكا، شېئىرلىرىڭىزنى قىزىقىپ كۆردۇق. لېكىن ئىككى پارچە شېئىرىڭىزنى بويىڭىز بىلەن ئۆلچىسەك، سەل پاكاردەك قىلىدۇ، قانداق قىلساق بولار؟ ــ دېدىم.

ــ بويۇم بىلەن تەڭ كەلگىنىنى بېرىسىز، پاكار كەلگىنى قېلىۋەرمەمدۇ! مۇھەررىرلەرگە ئېيتىپ قويۇڭ، نامدارلارنىڭ شېئىرلىرى كەلسە ئۇنچە قورۇنۇپ كەتمىسۇن، ھەممەيلەنگە ئوخشاش كۆزدە قارىسا بولۇۋېرىدۇ، بىزمۇ ئەۋلىيا ئەمەس، يازغانلىرىمىزدا ھامان ئۇنداق-بۇنداق يېتەرسىزلىكلەر بولۇپ تۇرىدۇ، ــ دېدى... 

ئۇ ئۆز ئەسەرلىرى توغرىسىدا بىزگە ھېچقاچان يولسىز تەلەپلەرنى قويغان ئەمەس، مۇھەررىرلەرنى ھەمىشە ھۆرمەت قىلاتتى، ئۇلارنىڭ ھوقۇقىغا ئارىلاشمايتتى، پىكىرلىرىنى سەمىمىي قوبۇل قىلاتتى. ئۇ ئىجادىيەتتە سەمىمىي، تەلەپچان ئىدى. شائىر ئۆزىگە كۈچلۈك تەلەپ قويۇش بىلەن بىللە، باشقىلارغىمۇ تەلەپچان ئىدى. ئەدەبىياتىمىزدا مەيدانغا كەلگەن ھەر بىر نەتىجىدىن خۇشاللىناتتى. بولۇپمۇ ياشلارنىڭ نەتىجىسىدىن، يۈكسىلىشىدىن پەخىرلىنەتتى. شۇ يىللاردا ئارقا-ئارقىدىن مەيدانغا چىققان بىر تۈركۈم جۇشقۇن، ئۈمىدلىك، ئىقتىدارلىق ياشلار شائىرنىڭ دىققىتىنى تارتقانىدى. بۇ جەھەتتە ئۇ چوڭ-كىچىك سورۇنلاردا ھاياجانلىنىپ، تەسىرلىنىپ سۆزلەيتتى. كېيىنچە سۆزلەش بىلەنلا چەكلەنمەي، قولىغا قەلەم ئېلىپ، ئۇلارنىڭ نەتىجىلىرىنى يۈكسەك باھالىغان، ئوبزورلار يېزىپ ئۇلارغا ئىلھام بەرگەنىدى.

قىسقىسى، مىللىي ئەدەبىياتنى گۈللەندۈرۈش، ئىجادىيەت قوشۇنىنى زورايتىش شائىرنىڭ ھەردەملىك خىيالى، ئارزۇسى ۋە پائالىيەت نۇقتىسى ئىدى. 

مەرھۇم ئەدەبىياتىمىزنىڭ پەرۋىشكار باغۋىنى ئىدى. بىر قېتىم بىز غۇلجىغا قىلىنغان سەپەردە نۇرغۇن سۆھبەتلەرنى قىلىشقانىدۇق. سۆھبەت ھايات ۋە گۈزەللىك، ئەدەبىياتىمىزنىڭ ھازىرى ۋە كەلگۈسى توغرىسىدا بولغانىدى.

تېيىپجان ئاكا تالانتلىق، شۆھرەتلىك شائىر بولۇپلا قالماستىن، يەنە زوقمەن ئوقۇرمەن ئىدى. ئۇ كىلاسسىك شېئىرىيىتىمىزنى، جۇڭگو ۋە چەت ئەل شېئىرىيىتىنى ئوقۇپ، تەتقىق قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، يەنە ئەدەبىياتىمىزدا مەيدانغا كەلگەن نەسرىي ئەسەرلەرنى، بولۇپمۇ يىرىك ئەسەرلەرنى قويماي ئوقۇيتتى ۋە بۇ ھەقتىكى قاراشلىرىنى ئوچۇق - ئاشكارا ئېيتاتتى. دەل شۇ سەپەردە ئۇ ماڭا يېڭىلا نەشردىن چىققان «ئۇنتۇلغان كىشىلەر» رومانىم توغرىسىدا مۇنداق دېگەن:

ـــ رومانىڭىزنى تەپسىلىي ئوقۇدۇم، ماڭا ياقتى. تۇنجى يىرىك ئەسىرىڭىز بولۇشىغا قارىماي، مۇۋەپپەقىيەتلىك چىقىپتۇ. بۇ ھەقتە ئابلىز نازىرى بىلەنمۇ پىكىر ئالماشتۇردۇق. بەزى بابلارنى قايتا-قايتا ئوقۇدۇم. رومانىڭىزدا مەن ئاڭلىمىغان 32 سۆز بار ئىكەن، ئاستىغا سىزىپ قويدۇم. گەرچە ئۇلار شىۋە بولسىمۇ، لېكىن ئەدەبىي تىلىمىزنى بېيىتىدۇ. تىل جەھەتتە خېلى ئىزدىنىپسىز. ئەلۋەتتە، بەزى يەرلەرگە پىكىرىممۇ چىقتى. بۇ ھەقتە پىكىر ۋە تەسىراتلىرىمنى بىلدۈرۈش نىيىتىم بار. ئۇنى شۇ چاغدا كۆرۈپ باقارسىز. ھازىر سىزگە ئېيتىدىغىنىم، تۇنجى قەدەمنى ئەمدى باستىڭىز، مەغرۇرلۇقتىن، كىبىردىن ساقلىنىڭ. ئادەم كۆپ ۋاقىتلاردا مۇشۇ جەھەتتە كەتكۈزۈپ قويىدۇ. مەندىمۇ بۇنىڭ ئاچچىق ساۋاقلىرى بار. ئۆزىنى ھەمىشە ئۈنچە - مارجانلارغا ئوخشىتىدىغان ئادەم جەزمەن كۆمۈلۈپ قېلىشتىن قورقىدۇ، شۇڭا غادىيىشنى، ئۆزىنى ماختاشنى ياخشى كۆرىدۇ. بۇ بىر روھىي ئىللەت. ياشلار، بولۇپمۇ سىلەر بۇنىڭدىن ھەزەر ئەيلەڭلار، ئادەم كەمتەر، كىچىك پېئىل بولغانغا كىچىكلەپ كەتمەيدۇ! بۇ جەھەتتە، بەزى پېشقەدەملەر بىزنىڭ ياخشى ئۈلگىمىز، بىز ئۇلارنى دورىيالمايۋاتىمىز!...

كۆيۈمچان ئۇستازنىڭ ئاشۇ قېتىمقى يېقىملىق سۆزلىرى، قىزغىن ئۈمىدى، ئۇلۇغ ئادەملەرگە خاس سەمىمىي نەسىھەتى ھازىرغىچە قۇلىقىمدا.

1989-يىل 1-ئاينىڭ 30-كۈنى شائىرنى يوقلاپ دوختۇرخانىغا بارسام، ئۇنىڭ يېنىدا ئاتاقلىق تىلشۇناس، يازغۇچى، شائىرلاردىن ئىبراھىم مۇتىئى، ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ۋە شۈكۈر يالقىنلار بار ئىكەن. بۇ كۈنلەردە شائىرنىڭ كېسىلى خېلى ئېغىرلىشىپ قالغان بولسىمۇ، لېكىن پىكرى، گەپ-سۆزى ۋە سەزگۈسى خېلى جايىدا ئىدى. ئۇنىڭ يەنە بۇرۇنقىدەك چاقچاق قىلغۇسى، قىزىق - قىزىق گەپلەر بىلەن بىزنى كۈلدۈرگۈسى باردەك قىلاتتى - يۇ، لېكىن ئاغرىق ئازابىدىن قىينىلىپ دېيىشكە ئامالسىز قېلىۋاتاتتى. شۇنداقتىمۇ شائىر سەپداشلىرىغا كۆڭلىگە پۈككەن گەپلىرىنى، يۈرىكىدىكى ئاخىرقى ئارزۇ-ئارمانلىرىنى ئالدىرىماي، دانىمۇ دانە سۆزلەشكە باشلىدى:

ــ سىلەر بىلەن كۆرۈشۈۋالغىنىمغا خۇشالمەن... بۇنداق چاغلاردا يۈرەكتىكى سۆزلەر كۆپ بولىدىكەن... ئايرىم-ئايرىم سىردىشىپ، بۇرۇن كۆڭلۈڭلارنى چىگىپ قويغان يەرلىرىم بولسا يېشىۋېتەي دېۋېدىم، ئۈلگۈرەلمەيدىغان ئوخشايمەن. مەندىن ئۆتكەن بولسا رازى بولۇڭلار. شۈكۈر ئاكا، سىزنى رەنجىتكەن يەرلىرىم كۆپ، كۆڭلىڭىزدىن چىقىرىۋېتىڭ. ئىبراھىم ئاكا، سىز بىلەن ئوبدان ھەمكارلىشالمىدۇق. ئۆتكۈر بىلەن كۆپ سىرداش بولالمىدىم، ئەپۇ قىلىڭلار، رازى بولۇڭلار...

شائىرنىڭ كۆزى ياشقا تولدى، ۋۇجۇدىنى ئېرىتىپ چىقىۋاتقان ئاخىرقى ئىسسىق ياشلىرى تاتارغان، ئۈمچەيگەن يۈزىنى ئەگىدى. باشقىلارنىڭمۇ كۆڭلى بۇزۇلدى. شۇئان ئىبراھىم مۇتىئى شائىرغا تەسەللى بەردى:

ــ كۆڭلىڭىزنى بۇزماڭ، شائىر دېگەن ئۈمىدۋار بولىدۇ، ئۆلسەكمۇ ناخشا توۋلاپ كېتىمىز. ساقىيىپ كېتىسىز، يەنە نۇرغۇن ئىشنى بىللە ئىشلەيمىز...
بۇ گەپ بىلەن شائىرنىڭ چىرايىغا ئىللىق كۈلكە يۈگۈردى. ئۇ چوڭقۇر بىر ئىچكى ئازاب بىلەن مۇنداق دېدى:

ــ ئويلىسام، نۇرغۇن نەرسىلەرنى يېزىپتىمەن. ئۇنىڭ ئىچىدە ياخشىلىرىمۇ، يامانلىرىمۇ بار ئىكەن. بىر مەزگىل مۇقامدا يوق شېئىرلارنىمۇ يېزىپ قويدۇم. بۇنىڭغا قاتتىق ئەپسۇسلىنىمەن... شېئىرىي تىل بىلەن ئېيتقاندا، يۈرىكىمدە يىغلايمەن...

شائىر يەنە جىم بولۇپ قالدى، ئۇنىڭ چىرايىدىن ئاغرىقنىڭ دەردىدە بىئارام بولۇۋاتقانلىقى چىقىپ تۇراتتى.
خەلقىمىزدە «ئات يىقىلماي يول تاپماس» دېگەن گەپ بار. تېيىپجان ئاكىمۇ 60 يىلغا يېقىن ھاياتىدا بىر نەچچە قېتىم يىقىلىپ قوپۇپ، ئاخىرى يول تاپقانىدى. بۇ يول شائىرنى خەلق ئۈچۈن، مىللىي ئەدەبىيات ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ تۆھپە يارىتىشقا، تېخىمۇ ساپ، ھەقىقىي ۋىجدان بىلەن ياشاشقا ئېلىپ باراتتى. ئەپسۇس...

مەرھۇمنىڭ يۇرتۋازلىققا يىرگىنىشى، ئومۇمىيلىققا بولغان مۇھەببىتى تولىمۇ ئېنىق ئىدى. دوختۇرخانىدىكى شۇ سۆھبەتتە ئۇ بۇ ھەقتە توختىلىۋېدى، ئىبراھىم مۇتىئى:  

ــ بۇ ھەقتە ھەقىقەتەن ئاچچىق ساۋاقلار كۆپ، يۇرتۋازلىق مەسىلىسى تېگى-تەكتىدىن مىللىتىمىزدىكى بىر تارىخىي ئىللەت. 20-يىللارنىڭ بېشىدا خەلقىمىز ئومۇمىي بىر ئېتنىك نام بىلەن ئاتالماي، قانداقتۇر تۇرپانلىق، قەشقەرلىك، ئىلىلىق، خوتەنلىك، دولان، تارانچى دېگەندەك يەرلىك ناملار بىلەن ئاتىلاتتى. كېيىن بىر قىسىم ئىلغار زىيالىيلار بۇنىڭ زىيىنىنى تونۇپ يېتىپ، مىللەتنىڭ «ئۇيغۇر» دېگەن ئېتنىك نامىنى ئەسلىگە كەلتۈردى ۋە شۇ نام ئاستىدا خەلقىمىزنى ئۈزلۈكسىز ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ كەلدى. ۋەتەنپەرۋەر، ئىلغار شائىر ئابدۇخالىق زۆرۈرىيەت تۈپەيلىدىن، ئىسمىنىڭ ئاخىرىغا «ئۇيغۇر» تەخەللۇسىنى قويۇپ، يۇرتۋازلىق ئىللەتلىرىگە دەككە بەرگەنىدى. مېنىڭچە، ھەرقانداق يۇرتۋازلىقنىڭ ئارقىسىغا قانداقتۇر بىر شۇم غەرەز يوشۇرۇنغان بولىدۇ. شۇڭا، ئۇنىڭغا يول قويماسلىقىمىز، بۇ ناچار ئىللەتنى ياش ئەۋلادلارنىڭ پاك قەلبىگە يۇقتۇرماسلىقىمىز لازىم. بۇ جەھەتتە، سىز ئېيتقاندەك، بىز پېشقەدەملەرنىڭ تارىخىمىزدىكى ئەنە شۇ خۇنۈكلۈكنى، ئاچچىق ساۋاقلارنى سۆزلەش مەسئۇلىيىتىمىز بار!

بۇنى ئاڭلاپ شائىرنىڭ كۆڭلى ئەمىن تاپقاندەك، يەڭگىل نەپەس ئالدى. چىرايىمۇ قايىللىق، رازىمەنلىك بىلەن خېلى ئېچىلدى.
توغرا، «دەرەخ غولىدىن سۇنماس، شېخىدىن سۇنار» دېگەن گەپ بار. بۇ ھەقىقەتنى ھەممەيلەننىڭ چۈشىنىشى زۆرۈر ئىدى. شائىرنىڭ ئويلىغىنىمۇ، كۈتكىنىمۇ، ئارزۇسىمۇ، ئۈمىدىمۇ شۇ ئىدى.

مەن شۇ كۈندىكى ئۇچرىشىشنىڭ شائىر بىلەن ئەڭ ئاخىرقى ئۇچرىشىش بولىدىغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلمىغانىدىم. شۇنىڭدىن كېيىن، ئۇنىڭ خۇشخۇي چىرايىنى، يېقىملىق، مەردانە ئاۋازىنى ئاڭلىيالمىدىم. بۇ چىراي، بۇ ئاۋاز بىزدىن مەڭگۈ يىراقلاپ كەتكەنىدى، شۇم ئەجەل ئاخىر ئۇنى ئېلىپ كەتتى !..

(بۇ ماقالە مەرھۇم تۇغۇلغانلىقىنىڭ 80 يىللىقىنى نىشانلاش مۇناسىۋىتى بىلەن، ماقالە مۇئەللىپىنىڭ «دەۋر ساداسى» ناملىق توپلامىدىن قىسقارتىپ ئېلىندى)

ياخشىكەن
(1)
100%
ناچاركەن
(0)
0%
------分隔线----------------------------

ئىنكاس رايونى
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
باھا بېرىڭ:
تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار ئىنكاس تەپسىلاتى بۇ يەردە...>>
تەۋسىيەلەر