ئۇيغۇر دارۋازلىقىنىڭ ئىپتىدائىي شەكلىبۇنىڭدىن تەخمىنەن 3000 يىللار ئىلگىرى شامان دىنىنىڭ پەيدا بولۇشۇغا ئەگشىپ بارلىققاكەلگەن بولۇپ ، ئۇنىڭ يازما ماتىرىياللاردا قەيت قىلىنغىنىغا 2000 يىلدىن ئاشقان . بۇنىڭدىنتەخمىنەن 4000 يىللار ئىلگىرى ئىنسانلاردا تەبىئەتكە چوقۇنۇشتەك ئىپتىدائىي دىنىيئاڭ شەكىللەنگەن بولۇپ ، كېيىن تەدرىجى تەرەققى قىلىپ تۆتېم ئېتىقادى ، ئەجدادلارغاچوقۇنۇش ، ھەتتا ئىلاھقا چوقۇنۇش بارلىققا كەلگەن . بۇ خىل چوقۇنۇش شەكىللىرى ئىپتىدائىيجەمىيەتنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە شىمالىي ئاسىيا رايونىدا كەڭ تارقالغان شامان دىنىدائوخشاش بولمىغان دەرىجىدە ساقلانغان . شامان دىنىدا " ئاسمان ئۈستۈنكى دۇنيا ، ئۇنىڭدا ئىلاھ تۇرىدۇ ، يەر يۈزى ئوتتۇرا دۇنيا ، ئۇنىڭدا ئىنسانلار تۇرىدۇ ، دوزاخبولسا تۆۋەنكى دۇنيا ، ئۇنىڭدا ئالۋاستىلار تۇرىدۇ " ، " تەڭرى " ھۆرمەتلىك ئىلاھ دەپ قارالغان . تەڭرىگە چوقۇنۇشنى ئالدىنقى شەرت قىلىپ ، تۈرلۈك ئىپتىدائىيئېتىقاد ساقلاپ قىلىنغان . ياخشىلىق قىلىدىغان شامانلار ئىلاھقا ( ئاسمانغا ) قاراپسەكرەش ، ئىلاھنى چىللاشقا ئوخشاش پېرىخونلۇق ئۇسۇللىرى ئارقىلىق ئىلاھ روھى بىلەنئالاقىلىشىپ ئاپەتنى يوقۇتۇش ئۈچۈن دۇئا - تىلاۋەت قىلغان . بۇ خىل ئىپتىدائىي دىنئېلىمىزنىڭ غەربىي رايونىغا قەدىمكى زاماندا كەڭ تارقىلىپ ، شىمالدىكى كۆچمەن مىللەتلەر ، مەسىلەن ، ھون ، سىيانپىي ، جۇرجان ، قاڭقىل ، تۈرك ، ئۇيغۇر ، مۇڭغۇل قاتارلىقمىللەتلەر ئارىسىدا ئومۇميۈزلۈك مەۋجۇت بولغان . شىنجاڭ ئارخىئولوگىيە ئەترىتىدىكىخادىملار لوپنۇر رايونىدىن قېزىۋالغان بۇنىڭدىن تەخمىنەن 4000 يىل ئىلگىرىكى " كروران گۈزىلى " نىڭ جەسىتى تېپىلغان قەۋرە ئۈستىگە ياغاچ قوزۇقلار بىلەن كۈننىڭشەكلى چۈشۈرۈلگەنلىكىنى ئېنىقلاپ چىققان . يېقىندا چەرچەن ناھىيىسىدىمۇ مۇشۇنىڭغائوخشاش ئاي شەكىللىك قەبرىلەر بايقالدى .شامان دىنىغا ئېتىقاد قىلغان قەدىمكىئۇيغۇرلار ئاي ، كۈن ، ئاسمان ، يۇلتۇز ، چاقماق ، تاغ ، دەرەخ قاتارلىقلارنى " تەڭرى " دەپ ئاتىغان . ئالىم ، تىلشۇناس مەھمۇد قەشقەرىي بۇ ھەقتە " تۈركى تىللار دىۋانى " دا مۇنداق دېگەن : " ... ئاسماننى تەڭرى دەيدۇ . ئۇلار كۆزىگە كۆرۈنگەن ھەرقانداق نەرسىنى ، ئىگىز تاغ ، يوغان دەرەخلەرنىمۇ تەڭرىدەيدۇ . شۇڭا بۇنداق نەرسىلەرگە سەجدە قىلىدۇ " شامان دىنى ئېتىقادى دەۋرىدە ، ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ تەرەققىيات سەۋىيىسى ئىنتايىن تۆۋەن ، ئىنسانلارنىڭ تەبىئەتۋە جەمىيەتنى چۈشىنىشى يۈزەكى بولغاچقا ، ئىلاھىيەتچىلىك كۆز قارىشى خېلىلا ئېغىر ئىدى . بۇ ۋاقىتتىكى پېرخونلار ۋە قامانلار پال سېلىش ، چۈش ئۆرۈش ، مۇنەججىملىك ، تىبابەتچىلىكمەشغۇلاتلىرىنى ئېلىپ بېرىش بىلەن بىرگە ، ھەر خىڭ سېھىرگەرلىك ئۇسۇللىرى ئارقىلىق " تەڭرى " بىلەن ئالاقىلاشقان . تۈركىيە تارىخچىسى زىيا كۆكئالىپ " تۈرك مەدىنىيەت تارىخى " ناملىق ئەسىرىدە : " شامانلىق ---- سېھىرگەرلىكسېستىمىسىدۇر ، شامان كاھىن ۋە سېھىرگەر دېگەنلىكتۇر " دەپ يازغان . " شامان ئېتىقادىدىن قارىغاندا ، ئاسماندىكى (تەڭرى ) پەرىشتىلەر بىلەن يەر يۈزىدىكىئادەملەرنىڭ مۇناسىۋەت باغلىشى مۈمكىن ئەمەس ئىدى . شۇڭا ، بۇنداق ئالاقىنى باغلاشۋەزىپىسىنى ئورۇنداش ئۈچۈن قامانلار پەيدا بولغان . "
قامانلار دار باغلاپ ئاسمان ( تەڭرى ) غا يېقىنلىشىپ ، ئۆزلىرىنىڭ " تەڭرى " گە بولغان ھۆرمىتىنى ۋە چوقۇنىشىنى ئىپادىلىگەن . ئۇلار دارغا چىقىشنى تەڭرىنىڭقەسىرىگە چىققانلىق دەپ ھېسابلىغان . " .. ئۇيغۇرلار شامان دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغاندەۋرلەردە ھوسۇل مەرىكىسى ئۆتكۈزۈلەتتى . بۇ چاغدا دارۋازلار ناغرا - دۇمباق سادالىرىئىچىدە قىزىل - يېشىل ئەلەملەر لەپىلدەپ تۇرغان قىل ئارغامچا ئۈستىدە ماھارەت كۆرسىتىپتەڭرىگە ئىنتىلىشتەك روھىنى نامايەن قىلغان . " دېمەك ، شامان دىنى دەۋرىدىكى پېرخۇن - قامانلار ئۇيغۇر دارۋازلىقىنىڭ ئىپتىدائىيشەكلىنىڭ بارلىققا كېلىشىگە ئۇل سالغان . قەدىمكى ئۇيغۇر خەلقى ئارىسىدادارۋازلارنى " ئاسمان تەڭرى " گە يېقىن كىشىلەر دەپ قاراپ ، ئۇلارنىئالاھېدە ئۇلۇغلىغان ھەم مۇقەددەس بىلگەن . |