نـــاخــشـــىـلار | كــىنو-فىـلىمــلار | مىـللـي تىـبـابــەت | قــــانـــون-تـــۈزۈم | مەشھور شەخىسلەر | ئىـــقدىـــســاد | ئىـلمـي مـاقـالــلار
ســۆھـبـەتـخـانـا | ئېـــــــتـــوتـــــلار | يــۇمــۇر-لـەتىـپە | پەرزەنىت تەربىيەسى | ئـۆتـكـەن كـۈنـلـەر | مــــەدىــنـــيــەت | تۇرمۇش ھەققىدە
ئــــويــــۇنــــلار | رەسىـــمــلـەر | تـــەنــتـەربىـــيـە | يــۇمـشاق دېـتالـلار | ئـايـاللاردۇنياسـى | ئاۋازلىق ئەسەرلەر | ھېـــكىــمەتــلــەر

باش بەت

مۇسا بايوۋ سودا كارخانىسىنىڭ ئىز باسارى

يوللانغان ۋاقتى: 02:45 12-03-2011 مەنبە: 未知 ئاپتورى: admin كۆرۈلۈشى: قېتىم
ئوبۇلھەسەن مۇسابايوۋ1895 - يىلى مۇساھاجىم ۋاپات بولغاندىن كېيىن، مۇسابايوۋلار چوڭ ئائىلىسىنىڭ
            ئوبۇلھەسەن مۇسابايوۋ 1895 - يىلى مۇساھاجىم ۋاپات بولغاندىن كېيىن، مۇسابايوۋلار چوڭ ئائىلىسىنىڭ ئائىلە نىزامى يەنى مىراسخورلۇق تۈزۈمى بويىچە،چوڭ ئوغۇل ھۈسەنباي موسا ھاجىمنىڭ ئومۇمىي ئىشىغا ۋارىسلىق قىلىدۇ. چۈنكى مۇسابايوۋلارنىڭ ئائىلە نىزامىدا نەچچە ئەجدادتىن بۇيان، چوڭ ئائىلىنى بۆلمەسلىك، ياش رېتى بويىچە ۋارىسلىق قىلىش، ۋارىس بولغان كىشى شۇ ئائىلە ئەۋلادىنىڭ ھەممە ئىشىغا مەسئۇل بولۇش، پۈتۈن ئائىلە ئەزالىرى شۇ ئائىلىدىن بەھرىمەن بولۇش، مىراس ئايرىپ بۆلۈنمەسلىك، چوڭ ئائىلىنى گەۋدە قىلغان ھالدا، پايدا - زىياننى تەڭ كۆرۈش يولى بىلەن ئايرىم تىجارەت قىلىشتىن ئىبارەت ئىگىلىك باشقۇرۇش مېخانىزىمى ئورنىتىلغان ئىدى. شۇ بويىچە كېيىن قۇرۇلغان كارخانىلارمۇ <<مۇسابايوۋ بۇرادەرلىرى شىركىتى>> دەپ ئاتىلىپ كەلدى.

Www.SalamURUMQI.Com

       ھۈسەنباي 1926 - يىلى ۋاپات بولغاندىن كېيىن، ئىگىلىككە باھاۋۇدۇنباي ۋارىسلىق قىلىدۇ. 1928 - يىلى باھاۋۇدۇنباي ۋاپات بولغاندىن كېيىن، بۇ ئائىلىنىڭ ئىگىلىكى ئىككى يىل ئۆپچۆرىسىدە ئۆزئارا ئېتىراز ۋە سۈركىلىش ئىچىدە كوللېكتىپ باشقۇرۇلىدۇ. ئىككى يىلدىن كېيىن بۆلۈنۈش پەيدا بولىدۇ. نەتىجىدە مۇساھاجىمنىڭ ئۇغۇللىرى ئۆزلىرى باشقۇرغان ئىگىلىككە ئۆزلىرى ئىگە بولىدۇ. زاۋۇت، تىجارەتخانا ۋە مۇشۇ ئىككى ئورۇننى ئاساس قىلغان مال - مۈلۈك، نەق مەبلەغ، تاشقى پېرېۋوتلار ھۈسەنباي ۋە باھاۋۇدۇنبايغا تەئەلۇق قىلىنىپ، ھۈسەنباينىڭ ئىگىلىكىگە چوڭ ئوغلى سابىت ئەپەندى، باھاۋۇدۇنباينىڭ ئىگىلىكىگە ئۇنىڭ چوڭ ئوغلى ئىسمائىل ئەپەندى ۋاكالەتچى بولۇپ مىراس بۆلۈشىدۇ. زاۋۇت بىرلىكتە باشقۇرۇلىدۇ، شۇندىن باشلاپ مۇسابايوۋنىڭ چوك ئائىلىسى پارچىلىنىپ كېتىدۇ. 30 - يىللاردىن ئېتىبارەن مەزكۇر ئائىلىنىڭ ئەۋلادلىرى ھەر خىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن سوۋېت ئىتتىپاقى، تۈركىيە، ئامېرىكا، ياپونىيە، ئاۋسترالىيە، سەئۇدى ئەرەبىستانى قاتارلىق دۆلەتلەرگە كېتىپ قالىدۇ ۋە شۇ جايلاردىكى ئىقتىساد - تاشقى پېرېۋوتقا ئىگىدارچىلىق قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ ئىچىدە 1950 - يىلى چەت ئەلگە چىقىپ كەتكەن تەلئەت مۇسابايوۋدىن باشقىلىرى چەت ئەلدە ۋاپات بولىدۇ. شىنجاڭغا قالغانلىرى 1952 - يىللارغىچە تىجارەت قىلىش، كارخانا باشقۇرۇش ۋە ھۆكۈمەت خىزمىتىنى ئىشلەش بىلەن بەنت بولىدۇ.   
1952 - يىلى مۇسابايوۋ كارخانىسى (زاۋۇتى) ھۈسەنباينىڭ ئوغلى ئابلىز مۇسابايوۋ باشچىلىقىدا پۈتۈن سەرمايىسى، زاۋۇت - ئۈسكۈنىلىرى، چارۋا ماللىرى بىلەن << شىنجاڭ لىچۈن سانائەت ھەسسىدارلىق شىركىتى>> گە پايچېك بولىدۇ، 1954 - يىلى 11 - ئايدا مۇسابايوۋلار ئائىلىسى سوتسىيالىستىك ئۆزگەرتىشنى قوبۇل قىلىدۇ ۋە ئومۇمىي كاپىتالى، مال - مۈلكى ۋە چارۋا ماللىرى بىلەن ھۆكۈمەت - خۇسۇسىيلار شرېرىكچىلىكىگە ئۆتىدۇ، شۇندىن باشلاپ بۇ ئائىلىنىڭ ئەزالىرى پېنسىيىگە چىقىپ، ئۆمۈرىنى ئاخىرلاشتۇرىدۇ. بەزىلىرى چەت ئەلگە كېتىدۇ. يەنە بەزىلىرى تۆت كىشىلىك گۇرۇھنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچراپ، زاۋۇتتىن ئايرىلىپ پاناھسىز قالىدۇ. ئومۇمەن، مۇسابايوۋلار ئائىلىسى پارتىيىنىڭ 11 - نۆۋەتلىك 3 - ئومۇمىي يىغىنىغا قەدەر ئارىلىقتا ھەر خىل بەتناملاردىن خالى بولالماي، كۆپ رىيازەت چەكتى...   
شۇ مەزگىللەردە مۇسابايوۋلار ئەۋلادىدىن چوڭراق ئىش بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقىنى ھۈسەنباينىڭ ئوغلى تەلئەت ئەپەندى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. تەلئەت مۇسابايوۋ ئەپەندى تۈركىيە پۇقراسى بولۇپ، ئۇ ھازىر جىددىدە تۇرىدۇ. تەلئەت ئەپەندى جىددىدە ئابدۇقادىر ئەھمەد دېگەن كىشى بىلەن شېرىكلىشىپ، تۈركىيىدە ئۆي قۇرۇلۇشى شىركىتى (بۇ شىركەتكە تەلئەت ئەپەندىنىڭ بىر ئوغلى دىرېكتور)، جىددىدە بىر سۇلياۋ زاۋۇتى قۇرىدۇ. خەۋەرلەرگە قارىغاندا، بۇ سۇلياۋ زاۋۇتى ئەرەب ئەللىرى بويىچە ئىشلەپچىقىرىش ئۈنۈمدارلىقى زور زاۋۇتلارنىڭ بىرى ئىكەن. تەلئەت ئەپەندىنىڭ بىر قىزى ئامېرىكىنىڭ سان - فرانسىسكو شەھىرىدە گىرىم بۇيۇملىرى زاۋۇتى قۇرغان. بىر ئوغلى كانادادا دۇكان ئېچىپ مۇستەقىل تىجارەت قىلىدىكەن. ئۇنىڭ يەنە بىر قىزى كانادادا مەمۇرىي خىزمەتتە ئىكەن. ئۇنىڭ يولدىشى بولسا ئاپتوموبىل توپ - پارچە سېتىش تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىكەن.
       تەلئەت مۇسابايوۋ 1986 - يىلى 10 - ئاينىڭ 22 - كۈنى ۋەتەنگە كېلىپ شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئېكىسكۇرسىيە ۋە زىيارەتتە بولدى. بۇ جەرياندا ئۇ ۋەتەننىڭ سودا - سانائەت، مەدەنىيەت - مائارىپ، دېھقانچىلىق - چارۋىچىلىق ساھەلىرىدە ياخشى ئىش قىلىپ بېرىش قارارىغا كېلىپ ھۆكۈمەت بىلەن مەسلھەتلەشكەن بولسىمۇ، ھەر خىل شەرت - شارائىتلارنىڭ پىشىپ - يېتىلمەسلىكى تۈپەيلىدىن ئۇنىڭ تەلەپ - ئارزۇلىرى ئەمەلگە ئاشمىدى.  
      شۇ كۈنلەردە، ئاپتونوم رايونىمزىدا باھاۋۇدۇن باينىڭ نەۋرىسى ئوبۇلھەسەن مۇسابايوۋ ئۆز ئەمگىكى ۋە ئەقىل - پاراسىتىگە تايىنىپ، قايتا كۆكلىگەن نوتا بولۇپ قالدى.   
ئوبولھەسەن مۇسابايوۋ 1950 - يىلى 10 - ئايدا تۇغۇلغان. ئۇ 1967 - يىلىغىچە ئائىلە، باشلانغۇچ، ئوتتۇر مەكتەپ تەربىيىسىدە بولدى. 1970 - يىلى قايتا تەربىيىگە باردى. بۇ مەزگىللەردە ئۇ ناھايىتى ئېغىر كۈنلەرنى بېشىدىن ئۆتكۈزدى. چۈنكى ئۇنىڭ ئائىلىسى مۇسابايوۋلارنىڭ پۈتۈن ئائىلىسى قاتارىدا ھەر خىل بەتناملار بىلەن خورلانغان ھەتتا ئۇنىڭ دادىسى ئابدۇللا ئەلا ھاجى تۈرمىگە تاشلانغان ئىدى. كىچىكىدىنلا تۇرمۇشنىڭ ئاچچىق - چۈچۈك تەمىنى خېلى ئوبدان تېتىغان ئوبولھەسەن جان بېقىش كويىغا چۈشتى. ئۇ قايتا تەربىيىگە بارغاندىن باشلاپ، ئاشلىق - رەخت بېلىتى ئېلىپ - سېتىپ ئائىلە تۇرمۇشىغا ياردەم بەردى. كېيىن بىر مەزگىل باغ - ئېتىزلارنى كۆتۈرە ئېلىش، توپ - پارچە سېتىش، باققالچىلىق قىلىش قاتارلىق تىجارەت ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللاندى، 1981 - يىلىغا كەلگەندە، ئوبولھەسەن شىنجاڭ مېدىتسىنا ئىنىستىتۇتىغا قاراشلىق 1 - دوختۇرخانىنىڭ كېسەللەر ئاشخانىسىغا مال سېتىۋالغۇچى بولۇپ ئورۇنلاشتى. 1985 - يىلى ئىدارىسىنىڭ رۇخسىتى بىلەن رەسمىيەت ئۆتەپ خىزمەتتىن چېكىنىپ چىقىپ، تىجارەتكە كىرىشتى. ئۇ دەسلەپتە ئازلا دەسمايە بىلەن ئۇششاق تىجارەت باشلىدى. ئۆزىنى بىر ئاز رۇسلىۋالغاندىن كېيىن، ئىنىسى مەھەممەت ئىمىننى ئىچكىرىدە، يەنە بىر ئىنىسى ھەبىبۇللانى غۇلجىدا تۇرغۇزۇپ، ئۆزى ئۈرۈمچىدە تۇرۇپ، پوچتىخانا ئارقىلىق پاسۇلكا مال تىجارىتى بىلەن شۇغۇللاندى. ئۇ مۇشۇ جەرياندا سەگەكلىك بىلەن بازارنى كۈزىتىپ، ئۇچۇرغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرگەچكە، تاۋار ئوبوروت قانۇنىيىتىنى تېزلا ئىگىلەپ، روناق تېپىشقا باشلىدى. ئۇ پەسىلىك ھەتتا بىرلا پەيدا بولۇپ بازار تېپىپ ئارقىدىنلا بازىرى كاسات بولىدىغان ماللارنىڭ ئەھۋالىنى توغرا تەتقىق قىلىپ، ئوبوروتنى راۋانلاشتۇردى، ئاز پايدا بىلەن ئوبوروتنى تېزلىتىپ، ئىقتىسادىي جەھەتتە خېلى چاپسانلا كۆتۈرۈلدى.  
ئوبولھەسەن 1986 - يىلى ئۈرۈمچى ناھىيىلىك تېرە زاۋۇتىنىڭ ئىشتىن توختاپ قالغانلىقىنى ئاڭلاپ، بۇ زاۋۇتنى بىر يىللىق ئىجارىگە ئالدى ۋە تېخنىكا يېڭىلاپ، زاۋۇتنىڭ ئىشلەپچىقىرىشىنى جانلاندۇردى، ئۇ يەنە خۇرۇم چاپاننىڭ مودا بولۇپ قالغانلىقىنى سېزىپ، دەرھال كاسسىپ ئىزدەپ پىششىقلانغان تېرە (خۇرۇم) دا ھەر خىل چاپان تىكتۈرۈپ بازارغا سالدى. شۇ بىر يىل ئىچىدە، زاۋۇت سۈپەت ئۆتكىلىدىن ئۆتۈپ، ئۆزىنى رۇسلاپ ئالدى. ئوبولھەسەن خېلى كۆپ پايدا بىلەن زاۋۇتتىن چېكىنىپ چىقتى ۋە 1987 - يىلى قاراقاش ناھىيىلىك خەلق ھۆكۈمىتى نامراتلارنى بېيىتىش ئىشخانىسى بىلەن ئۈچ يىللىق توختام تۈزۈپ، كۆن - خۇرۇم زاۋۇتى قۇردى. توختام بويىچە تېخنىكا كىرگۈزۈش، ماشىنا - ئۈسكۈنە سەپلەش، تېخنىك - شاگىرت يېتىشتۈرۈش قاتارلىق تۈرلەرگە ئوبولھەسەن مەسئۇل بولدى. نەتىجىدە 50 تىن ئارتۇق ئادەم ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلدى ۋە تېخنىك خادىملار يېتىشتۈرۈلدى. شۇنىڭ بىلەن زاۋۇت مۇستەقىل تۈردە كۈنىگە 200 - 300 پارچە خۇرۇم ئىشلەپچىقىرالايدىغان مۇنتىزم زاۋۇتقا ئايلاندى.  
ئوبولھەسەن قاراقاش ناھىيىلىك تېرە زاۋۇتى بىلەن تۈزگەن توختامنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن، ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە پىششىقلانغان تېرە ئېلىپ بېرىپ ساتتى. ئىشتىن توختاپ قالغان غۇلجا شەھەرلىك تېرە زاۋۇتىنى ئۈچ يىللىق ئىجارىگە ئېلىپ، زاۋۇتنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئۈنۈمدارلىقىنى ئۆستۈردى. پىششىقلانغان تېرىنى گۇاڭدۇڭغا ئاپىرىپ ساتتى. بۇنىڭ بىلەن ئۆزىمۇ قوش پايدا ئالدى، زاۋۇت ئىشلەپچىقىرىشى جانلاندى.
 ئوبولھەسەن ئىگىلىك تىكلىگەندىن كېيىن، ئەجدادلىرىنى ئۆرنەك قىلىپ، جاھان سودىسىغا قاراپ يۈرۈش قىلدى. ئۇ 1992 - يىلى قىرغىزىستان جۇمھوريىتىدە <<جۇڭگو - قىرغىزىستان شېرىكچىلىكىدىكى دوستلۇق ھەسسىدارلىق شىركىتى>> قۇردى. بۇ شىركەت كۈنىگە 1000 دانە خۇرۇم ئىشلەپچىقىرىدىغان تېرە زاۋۇتى قۇردى. بۇ زاۋۇتنىڭ ماشىنا - ئۈسكۈنە، تېخنىك ۋە بارلىق لاۋازىمەت ئوبولھەسەندىن بولۇپ، باش دىرېكتورلۇقنىمۇ ئۆز ئۈستىگە ئالدى. يەنە ئالمۇتادا جۇڭگو - قازاقىستان شېرىكچىلىكىدە <<يۇلتۇز كىيىم - كېچەك ھەسسىدارلىق شىركىتى>> قۇردى. بۇ شىركەتنىڭ بارلىق بىساتىغىمۇ ئوبولھەسەن مەسئۇل بولدى. مەزكۇر زاۋۇت تېرە، خۇرۇم ۋە باشقا رەخلەردىن كىيىم - كېچەك تىكىدۇ. ھازىر ئوبولھەسەن تەكلىپ قىلغان شىنجاڭلىق تېخنىكلار ۋە باشقا خادىملار قازاقىستان ۋە قىرغىزىستاندا ئىش باشلىۋەتتى.    
ئوبولھەسەن مۇسابايوۋ مۇشۇ بىرقانچە يىل جەريانىدا، ئاتا ئىزىدىن مېڭىپ، ئىلىم - مەرىپەتنى قوللاپ، <<تەڭرىتاغ مۇكاپاتى>>، <<غۇنچە مۇكاپاتى>>، تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ۋە ئۈرۈمچى، غۇلجا قاتارلىق جايلاردىكى ھەرقايسى مەكتەپلەرگە ۋە نامرات ئائىلىلەرگە ياردەم بەردى. 
        بۇ ياش كارخانىچىنىڭ ئەقىل - ئىدراكى، ياراتقان مۆجىزىلىرى، ئۈمىد ۋە تىجارەت ئىقتىدارىغا قاراپ بىز ئوبولھەسەن مۇسابايوۋنى دىيارىمىزدىكى مۇسابايوۋ سودا كارخانىسىنىڭ ئىز باسارى دەپ ھېسابلاشقا ھەقلىقمىز. ئۇنىڭ ئىش ئىزلىرىمۇ جەزمەن سودا تارىخمىزدىن تېگىشلىك ئورۇن ئالغۇسى.
ياخشىكەن
(4)
100%
ناچاركەن
(0)
0%
------分隔线----------------------------

ئىنكاس رايونى
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
باھا بېرىڭ:
تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار ئىنكاس تەپسىلاتى بۇ يەردە...>>