گوۋۇيۈەننىڭ قاتناش - تىرانسپورت مىنىستىرلىقى قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ چوڭ بايراملاردا كىچىك تىپتىكى يولۇچىلار ئاپتوموبىللىرىدىن قاتناش ھەققىنى كەچۈرۈم قىلىشنى يولغا قويۇش لايىھەسىنى تەستىقلاپ تارقىتىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشى
گوۋۇيۈەننىڭ [2012] 37 - نومۇرلۇق ھۆججىتى
ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى، گوۋۇيۈەننىڭ مىنىستىرلىق - كومىتېتلىرى ۋە بىۋاسىتە قارشلىق ئاپپاراتلار:
گوۋۇيۈەن قاتناش - تىرانسپورت مىنىستىرلىقى، تەرەققىيات - ئىسلاھات كومىتېتى، مالىيە مىنىستىرلىقى، مەمۇرىي تەپتىش مىنىستىرلىقى، گوۋۇيۈەن ئىستىل تۈزىتىش ئىشخانىسى بېكىتكەن «چوڭ بايراملاردا كىچىك تىپتىكى يولۇچى ئاپتوموبىللاردىن قاتناش ھەققىنى كەچۈرۈم قىلىشنى يولغا قويۇش لايىھەسى» نى ماقۇللىدۇق، ھازىر تەستىقلاپ تۆۋەنگە تارقاتتۇق، ئەستايىدىللىق بىلەن ئىجرا قىلىشىڭىلارنى سورايمىز.
گوۋۇيۈەن
2012- يىلى 7- ئاينىڭ 24- كۈنى
چوڭ بايراملاردا كىچىك تىپتىكى يولۇچى ئاپتوموبىللاردىن قاتناش ھەققىنى
كەچۈرۈم قىلىشنى يولغا قويۇش لايىھەسى
قاتناش - تىرانسپورت مىنىستىرلىقى تەرەققىيات - ئىسلاھات كومىتېتى مالىيە مىنىستىرلىقى مەمۇرىي تەپتىش مىنىستىرلىقى گوۋۇيۈەن ئىستىل تۈزىتىش ئىشخانىسى
ھەق ئېلىش تۈرىدىكى تاشيوللارنىڭ قاتناش نسىبىتى ۋە مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى يەنىمۇ بىر قەدەم ئىلگىرىلەپ يۇقىرى كۆتۈرۈش، ئاممىنىڭ سەپەرگە چىقىشىغا قولايلىق يارىتىش ئۈچۈن، چوڭ بايرام كۈنلىرىدە 7 كىشىلىك ۋە شۇنىڭدىن تۆۋەن بولغان كىچىك تىپتىكى يولۇچىلار ئاپتوموبىللىرىدىن قاتناش ھەققىنى يىغىشقا ئالاقىدار مەسىلىلەرگە قارىتا تۆۋەندىكىچە لايىھەنى يولغا قويدۇق:
بىرىنچى، يولغا قويۇش دائىرىسى
1. ھەقسىز قاتناش ۋاقىت دائىرىسى بولسا باھار بايرىمى، چوكانتال بايرىمى، ئەمگەكچىلەر بايرىمى، دۆلەت بايرىمى قاتارلىق دۆلەت قانۇنىدا بەلگىلەنگەن بايراملار، شۇنداقلا شۇ يىلى گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭىنىڭ ھۆججىتىدە مۇقىملاشتۇرۇلغان، قانۇندا بەلگىلەنگەن يۇقىرىقى بايرام كۈنلىرى ۋە ئارام ئېلىش كۈنلىرىدىن ئىبارەت. ھەقسىز ۋاقىت بولسا بايرام كۈنىنىڭ 1- كۈنى سائەت 00:00 دىن باشلاپ، بايرام كۈنىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى كۈنى سائەت 24:00 تە ئاخىرلىشىدۇ (ئادەتتىكى تاشيوللاردا قاتناش ۋاسىتىلىرى قاتناش ھەققىنى يىغىش پونكىتى ھەق ئالغان ۋاقىت ئۆلچەم قىلىنىدۇ، يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيوللاردا قاتناش ۋاسىتىلىرى ھەق يىغىش پونكىتىدىن ئايرىلغان ۋاقىت ئۆلچەم قىلىنىدۇ).
2. ھەقسىز قاتنايدىغان قاتناش ۋاسىتىلىرى دائىرىسى بولسا ھەق ئالىدىغان تاشيوللاردا قاتنايدىغان 7 كىشىلىكتىن تۆۋەن (7 كىشىلىكنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) يولۇچى توشۇش ئاپتوموبىللىرى بولۇپ، ئادەتتىكى ھەق ئالىدىغان تاشيوللاردا قاتنىشى رۇخسەت قىلىنغان موتوسىكلىتلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
3. ھەقسىز قاتنايدىغان تاشيول دائىرىسى بولسا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تاشيول قانۇنى» ۋە «ھەق ئالىدىغان تاشيوللارنى باشقۇرۇش نىزامى» دىكى بەلگىلىمىلەرگە ئۇيغۇن كېلىدىغان، قانۇنغا ئاساسەن تەستىقلاپ تەسىس قىلىنغان ھەق ئالىدىغان تاشيوللار (ھەق ئالىدىغان كۆۋرۈك، تۇنېللارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) دىن ئىبارەت. جايلاردىكى ئايرودۇرۇم يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىدا ھەقسىز قاتناشنى يولغا قويۇش ياكى قويماسلىقنى ئۆلكە (.ئاپتونوم رايون، شەھەر) لەردىكى خەلق ھۆكۈمەتلىرى قارار قىلىدۇ.
ئىككىنچى، خىزمەت تەلىپى
1. ھەق يىغىش پونكىتلىرىنىڭ ھەقسىز قاتناش باشقۇرۇشىنى كۈچەيتىش
ھەقسىز سىياسەت يولغا قويۇلغاندىن كېيىنكى قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ تەرتىپلىك قاتنىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، رايونلار تاشيول ھەق يىغىش پونكىتلىرىنىڭ ھازىر بار بولغان ئاپتوموبىل يولىغا قارىتا ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، چوڭ بايرام كۈنلىرىدە، 7 كىشىلىك، شۇنداقلا بۇنىڭدىن تۆۋەن بولغان كىچىك تىپتىكى يولۇچى ئاپتوموبىللىرىنىڭ ھەقسىز قاتناش تەلىپى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ھازىر بار بولغان ھەق يىغىش ئاپتوموبىل يولى ۋە ھەقسىز مەخسۇس ئىشلىتىلىدىغان يوللارنى مۇۋاپىق پىلانلاپ ۋە پايدىلىنىپ، ئۆتۈشۈپ تۇرىدىغان قاتناش ۋاسىتىلىرىنى تۈرگە ئايرىپ، ئاپتوموبىل يولىغا بۆلۈپ تەرتىپلىك قاتنىشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
2. ھەق يىغىش پونكىتىنىڭ جىددىي بىر تەرەپ قىلىش تەييارلىق لايىھەسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش
يەرلىك ھەر دەرىجىلىك قاتناش - تىرانسپورت مەسئۇل تارماقلىرى ۋە ھەق ئالىدىغان تاشيول تىجارەت باشقۇرۇش ئورۇنلىرى مۇشۇ تەۋەلىك رايوندىكى تاشيول ھەق يىغىش پونكىتىنىڭ تىجارەت باشقۇرۇش ئەھۋالىنى ئومۇميۈزلۈك تەھلىل قىلىپ، بولۇپمۇ قاتناش توسۇلۇش قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك ئەھۋاللارنى تەھلىل قىلىپ، ھەق يىغىش پونكىتىنىڭ چوڭ بايرام مەزگىلىدە تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن ئەھۋاللارنى جىددىي بىر تەرەپ قىلىش تەييارلىق لايىھەسىنى بېكىتىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشىگە ھەيدەكچىلىك قىلىش كېرەك.
تۇيۇقسىز ھادىسىلەر كۆرۈلسىلا، جىددىي بىر تەرەپ قىلىپ ماسلىششنى تېزلىكتە قوزغىتىپ، دەل ۋاقتىدا قاراتمىلىققا ئىگە بولغان تاقابىل تۇرۇش تەدبىرلىرىنى قوللىنىپ، ھەق يىغىش پونكىتىنىڭ نورمال يۈرۈشۈشى ۋە قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ تەرتىپلىك قاتنىشىغا كاپالەتلىك قىلىش لازىم.
ئۈچىنچى، كاپالەتلىك قىلىش تەدبىرلىرى
چوڭ بايرام كۈنلىرىدە 7 كىشىلىك ۋە شۇنىڭدىن تۆۋەن بولغان كىچىك تىپتىكى يولۇچى ئاپتوموبىللىرىنىڭ قاتناش ھەققىنى كەچۈرۈم قىلىش بولسا، ھەق ئېلىنىدىغان تاشيول سىياسىتىنى تەڭشەش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشتىكى مۇھىم تەدبىر، چوڭ بايرام كۈنلىرىدە تاشيول قاتناش ئىقتىدارى ۋە مۇلازىمەت سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش، ئاممىنىڭ بايراملىق سىرتقا چىقىش تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىشكە قارىتا ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە، ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، شەھەر) لىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى يۇقىرى دەرىجىدە ئەھمىيەت بېرىپ، ھەقىقىي تۈردە ياخشى ئىشلەپ ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك.
1. رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، مەسئۇلىيەتنى ئېنىق بەلگىلەش
چوڭ بايرام كۈنلىرىدە 7 كىشىلىك ۋە ئۇنىڭدىن تۆۋەن بولغان كىچىك تىپتىكى يولۇچى ئاپتوموبىللىرىنىڭ قاتناش ھەققىنى كەچۈرۈم قىلىش خىزمىتىنى ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، شەھەر) لىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى بىرتۇتاش تەشكىللەپ يولغا قويۇشقا مەسئۇل بولىدۇ. ئۆلكە دەرىجىلىك قاتناش - تىرانسپورت، تەرەققىيات - ئىسلاھات (باھا)، مالىيە، مەمۇرىي تەپتىش، ئىستىل تۈزىتىش قاتارلىق ئورۇنلار ئۆلكىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ بىرتۇتاش رەھبەرلىكى ئاستىدا لايىھە بېكىتىپ، مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تەقسىماتنى ئېنىق ئايرىپ، زىچ ھەمكارلىشىپ، ئورتاق ھالدا يولغا قويۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشى كېرەك. قاتناش - تىرانسپورت مىنىستىرلىقى، تەرەققىيات - ئىسلاھات كومىتېتى، مالىيە مىنىستىرلىقى، مەمۇرىي تەپتىش مىنىستىرلىقى، گوۋۇيۈەن ئىستىل تۈزىتىش ئىشخانىسى بىرلەشمە خىزمەت گۇرۇپپىسى تەشكىللەپ، جايلارغا بولغان يېتەكلەشنى كۈچەيتىپ، ھەمكارلىشىپ ۋە ھەيدەكچىلىك قىلىپ، يۈز بەرگەن مەسىلىلەرنى دەل ۋاقتىدا ھەل قىلىشقا ياردەم بېرىشى كېرەك.
2. تەتقىقاتنى كۈچەيتىپ، سىياسەتنى مۇكەممەللەشتۈرش
ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، شەھەر) لىك خەلق ھۆكۈمەتلەر، شۇنداقلا گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار ئورۇنلىرى تەتقىقات تەھلىلىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىلمىي ھالدا مۇشۇ سىياسەتنى يولغا قويۇش ئۈنۈمى ۋە تەسىرىنى باھالاپ، مۇناسىۋەتلىك تەدبىرلەرنى توختىماستىن ياخشىلاپ، يولغا قويۇش جەريانىدا يۈز بەرگەن مەسىلىلەرنى مۇۋاپىق ھەل قىلىش كېرەك؛ ھەقىقىي تۈردە ھەق ئالىدىغان تاشيول تىجارەتچىلىرى بىلەن پىكىرلىشىشنى ياخشى ئىشلەپ، چۈشىنىش ۋە قوللاشنى قولغا كەلتۈرۈپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنىڭ ئوڭۇشلۇق قانات يايدۇرۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش لازىم. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ھەق يىغىدىغان تاشيولنى باشقۇرۇش تەتقىقاتىنى تېزلىتىپ، تاشيول مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ھەق يىغىدىغان تاشيولنىڭ ساغلام تەرەققىياتىدىكى ئۇزاق ئۈنۈملۈك تۈزۈلمىسى ۋە سىياسەت - تەدبىرلىرىنى ئالغا باستۇرۇپ، ئىقتىسادىي جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتىغا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىش كېرەك.
3. تەشۋىقاتقا ئەھمىيەت بېرىپ، ئىجابىي يېتەكلەش
جايلار ھۆكۈمەت، شۇنداقلا تارماقلارنىڭ تور بېكەتلىرى، ئاخبارات ۋاسىتىلىرى قاتارلىق كۆپ خىل يوللار ئارقىلىق، بەس - مۇنازىرىلەرنى يېتەكلەش ۋە سىياسىي تەشۋىقاتنى كۈچەيتىپ، ئالاقىدار ئۇچۇرلارنى دەل ۋاقتىدا ئېلان قىلىپ، جەمئىيەتتىكى ئاممىغا دەل ۋاقتىدا، ئومۇميۈزلۈك ھالدا مۇشۇ لايىھەنىڭ زور ئەھمىيىتى، شۇنداقلا كونكرېت مەزمۇنىنى چۈشەندۈرۈپ، تاشيول تىرانسپورتىنىڭ ساغلام، توختىماستىن تەرەققىياتى ئۈچۈن ياخشى جامائەت پىكرى كەيپىياتى يارىتىش كېرەك.
تەرجىمە قىلغۇچى: ئالىمجان نەسىردىن