يۈسۈپ خاس ھاجىپئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قەدىرلىك تورداشلار تۈركىيە ئىشلىگەن يۈسۈپ خاس ھاجىپ ناملىق بەدىئى ھۆججەتلىك فىلىمنى تېخى نۇرغۇن دوستلار كۆرمىگەن بولىشى مۇمكىن، مەزكۈر فىلىمدە ئۇيغۇرلارنىڭ مەشھۇر ئالىمى يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ھايات پائالىيىتى ھەم ئۇنىڭ شاھانە ئەسىرى قۇتادغۇبىلىك توغرىسىدا قىسقىچە ھەم تەپسىلى سۆزلەنگەن ، فىلىمنىڭ ئەسلى تىلى تۈركچە بولۇپ تۈركچىدىن ئۆزبېكچىگە تەرجىمە قىلىنغان، تورداش ئېۋېرغول كەڭ ئۇيغۇر دوستلارنىڭ تېخىمۇ چۈشىنىشى ئۈچۈن بۇ فىلىمنى ئۇيغۇرچە خەتلىك قىلىپ تەرجىمە قىلىپ چىقىپتۇ، تورداشنىڭ ماقۇللىقى بىلەن بۇ فىلىمنىڭ كۆرۈش ئادىرىسىنى بىلوگومدا كەڭ دوستلارغا تەمىن ئەتتىم، ھەر بىر ئۇيغۇر ئاتلىق كىشىنىڭ بۇ ھۆججەتلىك فىلىمنى بىر كۆرۈپ ئۆتىشىنى ئالاھىدە تەۋسىيە قىلىمەن تەرجىمە قىلغۇچى ۋە كىرىشتۈرگۈچى : ئېۋېرغولك |