تورداشلار بەلكىم 2012 فىلىمىنى كۆرگەن بولىشى مۇمكىن، بۇ فىلىمدە رېژىسسورنىڭ تەسەۋۋۇرىدىكى ئاخىرقى زامان ئالامەتلىرى رىئاللىق بىلەن زىچ بىرىكـتۈرگەن ئاساستا ناھايىتى جانلىق ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن، ھەم فىلىم قويۇلغاندىن كېيىنمۇ پۈتكۈل كىنو ھەۋەسكارلىرى ئارىسىدا كۈچلۈك تەسىر قوزغىغان، زامان ئاخىرى، ئاخىرقى زامان توغرىسىدىكى گەپ سۆزلەر ئىزچىل مەۋجۈد، ھەر قايسى دىن ھەر قايسى مىللەتلەر ئارىسىدىمۇ ئاخىرقى زامان توغرىسىدا بىر بىرىگە ئوخشاش بولغان شۇنداقلا ھەم ئوخشاش بولمىغان كۆز قاراشلار بار ، ئۇنداقتا زامان ئاخىرى راستتىنلا يېقىنلاپ كەلدىمۇ؟ ئەلۋەتتە نۇرغۇن تورداشلارنىڭ سۆزى بۇيىچە بۇنى پەقەت قادىر ئاللالا بېلىدۇ، ئۇنداقتا بىز قېنى ئالىملارنىڭ بۇ ھەقتىكى بايانلىرىغا نەزەر سېلىپ باقايلى…
تەرجىمە قىلغۇچى : ئەركان خوتەنى، ش.ئە.ئۇيغۇرى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار، ھەممىمىزگە مەلۇملۇق، يېقىندىن بېرى تورلاردا 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 21- كۈنىگە ئائىت گەپ سۆزلەر ئاۋۇپ قالغىلى تۇردى. بۇ مۇنازىرىلەرمۇ ئۇيغۇر مۇنبەرلىرىدە كۆرۈلىشكە باشلىدى، ئىنكاسلار نەچچە بەتتىن ئېشىپ كەتتى. بەزى قېرىنداشلىرىمىز ئىسلامغا بولغان تونىشىنىڭ ئاجىزلىقى تۈپەيلىدىن ياخشى بولمىغان پىكىرلەرنىمۇ قىلىدى. مەن ئەسلىدە 2012-يىلىغا ئائىت گەپ-سۆزلەر توغۇرسىدا سۈكۈت قىلماقچى ئىدىم، لېكىن بەزى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ بۇ مەسىلە ھەققىدىكى بايانلىرى مېنى بۇ ھەقتە قەلەم تەۋرىتىشكە مەجبۇر قىلدى.
2009-يىلى11-ئاينىڭ13-كۈنى كولومبىيە كىنو شىركىتى «2012» ناملىق فىلىمنى كەڭ تاماشىبىنلار بىلەن يۈز كۆرۈشتۈردى. فىلىمدە يۇقىرى سەۋىيەدە، ناھايتى جانلىق تەسۋىرلەنگەن دۇنياۋىي خاراكتىرلىك ئاپەت تاماشىبىنلارنى قاتتىق ھاياجانغا، ۋە ۋەھىمىگە سالدى. شۇندىن كىيىن تور بەتلەردە 2012-يىلى توغۇرسىدىكى بەس مۇنازىرە ھەممە يەرنى قاپلىدى.(Baidu دا 2012 توغۇرلۇق ئىزدەش ئۇچۇرى 100مىلىيونغا يېتىدۇ) ئۇيغۇر تور بىكەتلىرىدىمۇ ھەم بەس مۇنازىرىلەر بولۇشتى. 2012-يىلى يۈز بېرىشى مۇمكىن بولغان ئاپەتلەر ئۈستىدە ئالىملار تەتقىقاتىنى ئوتتۇرىغا قويدى ۋە پىكىر بايان قىلىشتى. بىراق قانداقلا بىر مۇنازىرە ۋە ياكى ئىلمى يەكۈن بولسۇن نەتىجىسى پەقەت تۆۋەندىكى ئۈچ تۈرلۈك يەكۈندىن سىرتىغا چىقالمايدۇ. «بولمايدۇ»، «بولىدۇ»، «بولىشى مۇمكىن».
مەن بۇ تېمامدا ھازىر زىمىندا كۈندىن-كۈنگە ئاۋۇيۋاتقان ئاپەتلەر، يەر ماگىنىتىنىڭ يۆتكىلىشى ۋە ئاجىزلىشىشى، يەر شارىغا ئەڭ يېقىن جايدا پەيدا بولغان قارا ئۆڭكۈر، 2012-يىلى يۈز بېرىدىغان قۇياشنىڭ چوڭ چاقنىشى، مايا مەدىنىيتىنىڭ بىشارىتى ھەققىدە توختىلىپ ئولتۇرمايمەن. پەقەت توختىلىدىغىنىم ــ بىز بىر مۇسۇلمان بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن «2012-يىلى» مۇنازىرسىگە قانداق قارايمىز؟ ئۇنىڭغا قانداق پوزىتسىيە تۇتىمىز؟ قۇرئان، ھەدىس نىمە دەيدۇ؟ دىگەندىن ئىبارەت.
«2012-يىلى12-ئاينىڭ21-كۈنى قىيامەت بولىدۇ» دىگەن قاراشتىكىلەرگە:قىيامەتنىڭ بولىشىدا ھېچ شۈبھە يوقتۇر، بۇ ھەر-بىر مۇسۇلمان ئىمان كەلتۈرۈشكە تېگىشلىك بولغان مەسىلىدۇر. لېكىن ئۇنىڭ قاچان بولىدىغانلىقىنى بىلىش بىر ئاللاھقا خاستۇر، قىيامەت ھەقتىكى بىلىم ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىدۇر.
[font=alkatip gezit (arabic)]«(ئى مۇھەممەد!) ئۇلار سەندىن قىيامەتنىڭ قاچان بولىدىغانلىقىنى سورايدۇ. ئېيتقىنكى، ئۇنىڭ قاچان بولىدىغانلىقىنى پەقەت پەرۋەردىگارىم بىلىدۇ. ئۇنى پەقەت ئۆزى بەلگىلىگەن ۋاقىتتا مەيدانغا چىقىرىدۇ. قىيامەت ئاسمان ۋە زىمىننىڭ (ئەھلىگە) ئېغىر (ۋەقەدۇر). ئۇ سىلەرگە تۇيۇقسىز كىلىدۇ». (سۈرە ئەئراف 87- ئايەت)
شۇڭا ھەر قانداق بىر كىشى ۋە قەۋىم قىيامەتنىڭ قاچان بولىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ. ھەتتا پەرىشتىلەرمۇ بىلمەيدۇ. شۇڭا بىز قۇرئان-كەرىمگە ئاساسلىنىپ تۇرۇپ، ئېنىق قىلىپ ئېيتالايمىزكى: سىزنىڭ «2012-يىلى12-ئاينىڭ21-كۈنى قىيامەت بولىدۇ» دەپ قارىغانلىقىڭىز ،سىزنىڭ يۇقارقى ئايەتنى ئىنكار قىلغانلىقنى بىلدۈرىدۇ، ۋە سىزنى ئىماندىن ئايرىپ، كاپىر ھۆكىمىدە قىلىدۇ.
ئۇلار كەلگەن چاغلىرىدا ئاللاھ ئۇلارغا:« سىلەر تولۇق بىلمەي تۇرۇپ مېنىڭ ئايەتلىرىمنى ئىنكار قىلدىڭلارمۇ؟ سىلەر (ئەمىر قىلىنغا نەرسىلەردىن) زادى نىمىنى قىلدىڭلار»دەيدۇ. (سۈرە نەمىل 84-ئايەت)
كاپىرلار ۋە بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلغانلار ئەھلى دوۋزاختۇر، ئۇلار دوۋزاختا مەڭگۈ قالىدۇ.(سۈرە بەقەر 39-ئايەت)
سىزنىڭ ئويلاشمايلا قىلغان بەزى سۆزلىرىڭىز سىزنى ئىماندىن ئايرىشى مۇمكىن. شۇڭا قېرىنداشلىرىمىزنىڭ بەزى سۆزلەرنى قىلغاندا نەپسىنىڭ كەينىگە كىرمەسلىكىنى، مۇشۇ قاراشقا كۆڭلى مايىل بولۇپ قالغان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئىمانىنى رۇسلىۋىلىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن.
زەيىد ئىبنى خالىد ئەلجۇھەنى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: رەسۇللاھ بىزگە ھۇدەيبىەدە بىزگە بامدات نامىزىنى ئوقۇپ بەردى. كېچىسى يامغۇر ياغقان ئىدى. رەسۇللاھ نامازدىن كىيىن كىشىلەر تەرەپكە قاراپ:« پەرۋەردىگارىڭلار نىمە دېدى بىلەمسىلەر؟» دېدى. ساھابىلەر:«ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ ئەلچىسى ئوبدا بىلىدۇ،» دېيىشتى. رەسۇللاھ:« ئاللاھ شۇنداق دېدى:< بەندىلىرىمدىن بەزىلىرى ماڭا مۆمىن ھالەتتە تاڭ ئاتقۇزسا، بەزىلەر ئىمانسىز ھالەتتە تاڭ ئاتقۇزىدۇ،(يەنى) ئاللاھنىڭ پەزلى ۋە رەھمىتى بىلەن يامغۇر ياغدى دېگەن كىشى ماڭا ئىمان كەلتۈرگەن بولىدۇ، يۇلتۇزلارغا ئىمانسىزدۇر. ئەمما ئاۋۇ بۇلۇت سەۋەبىدىن يامغۇر ياغدى، دېگەن كىشى ماڭا ئىمانى يوق، يۇلتۇزلارغا مۆمىندۇر>.» بۇخارى، مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.)
«2012-يىلى12-ئانىڭ21-كۈنى قىيامەت بولمايدۇ ...» دىگەن قاراشتىكىلەرگە:
گويا سەن قىيامەت بىلەن ناھايتى تونۇشتەك، ئۇنى سەندىن سورىشىدۇ. ئېيتقىنكى، «ئۇنىڭ ۋاقتىنى پەقەت ئاللاھ بىلىدۇ» (سۈرە ئەئراف 187-ئايەت)
يۇقىرىدا ئېيتىپ ئۆتكىنىمىزدەك، قىيامەتنى ئاللاھ خالىغان بىر ۋاقىتتا مەيدانغا چىقىرىدۇ. ئۇنىڭ قاچان بولىشىنى ھېچكىم بىلمەيدۇ. لېكىن ھەدىسلەردە، مۇنداق، مۇنداق ئىشلار بولمىغۇچە قىيامەت قايىم بولمايدۇ، دىگەنگە ئوخشاش ئىبارىلەر ئۇچىرايدۇ ۋە شۇ ئارقىلىق بىزگە قىيامەت ئالدىدىكى شەپىلەرنى بىلدۈرىدۇ. بىراق بىرمۇ ھەدىستە قىيامەتنى ئېنىق بىر ۋاقىتقا باغلاپ تۇرۇپ بېشارەت بېرىلمىگەن، ھەم بېرىلمەيدۇ.
ئەگەر راستىنلا، قۇرئاندا قىيامەتنىڭ ئېنىق بىر ۋاقتى يوشۇرنۇپ ياتقان تەقدىردىمۇ، بىز قۇرئان ھەدىسنى ھەر قانچە تەتقىق قىلغان بىلەنمۇ يەنىلا قىيامەتنى مەلۇم بىر ئېنىق ۋاقىتقا باغلاپ تۇرۇپ يەكۈن چىقىرالمايمىز. چۈنكى بىزگە بۇ ئىلىم بېرىلمىگەن.
مەن مۇشۇ قاراشتىكىلەردىن شۇنى سوراپ باقاي: سىز نېمىگە ئاساسەن شۇنداق دەيسىز؟ سىزگە ئاسماندىن ۋەھىي كەلدىمۇ ياكى گۇمانىڭىزغا ئاساسلىنىپ شۇنداق دەۋاتامسىز؟ سىز قۇرئانغا ئەگىشەمسىز ياكى يەنە ئەگىشىدىغان بىرە نەرسىڭىز بارمۇ؟
قىيامەتنىڭ ئالامەتلىرى ھەممىلا يەرنى قاپلىغان بۈگۈنكىدەك بىر كۈندە شۇنداق بىر سۆزنى قىلىش نىمە دىگەن بىغەملىك ھە! ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەدىسلەردە قىيامەتنىڭ جۈمە كۈنى بولىدىغانلىقى رىۋايەت قىلىنىدۇ. سىز ئىنكار قىلغان ئۇ كۈن دەل جۈمە كۈنىدۇر.
ھېچ ئادەم ئەتە نېمىلەرنى قىلىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ، ھېچ ئادەم ئۆزىنىڭ قەيەردە ئۆلىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ. (سۈرە لوقمان 34-ئايەت)
مەسئۇلىيەتسىزلىك بىلەن، «2012-يىلى باشقا يىللارغا ئوخشاش تىنىچ ئامان ئۆتۈپ كېتىدۇ» دىگەن قېرىندىشىم، سىز ئىلىم جەھەتتە كەمتەرلىكنى ئۈگىنىۋىلىڭ. سىز ھېلىغۇ قىيامەتكەن، «2012-يىلى مەن ئۆلمەي ياشاۋىرىمەن» دىيەلەمسىز؟
«2012-يىلى12-ئاينىڭ21-كۈنى قىيامەت بولىشى مۇمكىن» دىگەن قاراشتىكىلەرگە:
توغرا! قىيامەت بولىشى مۇمكىن. بىز پەقەت شۇنداقلا دىيەلەيمىز. لېكىن بۇنىڭدىنمۇ توغرا سۆز شۇكى: «سۈكۈت». قىيامەتنىڭ ۋاقتى ھەققىدە سۈكۈت قىلىشتۇر. ئىنساننى يۈزىچىلاپ دوۋزاخقا دۈم سالىدىغان نەرسە مۇشۇ تىلدۇر. تىلىنى باشقۇرالىغان كىشى نىجادلىققا ئېرىشكۈچىدۇر.
بىلىش ۋە گۇمان
مەن بەزى تورداشلارنىڭ ۋە ئەتىراپىمدىكىلەرنىڭ «2012-يىلى12-ئاينىڭ 21-كۈنى قىيامەت بولمايدۇ» دىگەن قارىشىنى تۆۋەندىكى «دەلىل» ئارقىلىق يەكۈنلەپ چىققانلىقىنى بىلدىم.مىسرانىم تورى ،ھازىر كۈندىلىك ئېقىم مىدارى ئۈچ يۈز مىڭدىن ھالقىغان مۇكەممەل توربەتكە ئايلاندى تور بېكىتىمىزنىڭ تەرەققىياتى مىسرانىمنى قوللىغانلارنىڭ تۆھپىسىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ مىسرانىمدىن ھەرقانداق ئىجادىي تېما كۆچۈرسىڭىز ئاپتور بىلەن مەنبە ،ئۇلىنىش ئادىرسى قاتارلىقلارنى چوقۇم قوشۇپ مېڭىڭ مودا ناخشىلارنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز مىسرانىم تور بېكىتى مۇزىكا سەھىپىسىگە كىرىڭ مۇھەببەت لىرىكىلىرى
«قۇرئاندا قىيامەتنىڭ قاچان بولىدىغانلىقىنى ئاللاھتىن باشقا ھېچكىمنىڭ بىلمەيدىغانلىقىنى بايان قىلىنغان. كىشىلەر قىيامەت بولىدۇ دىگەن شۇ كۈندە قىيامەت بولۇپ قالسا، كىشىلەر قىيامەتنىڭ ۋاقتىنى بىلىۋالغان بولۇپ قالىدۇ. شۇڭا ئۇ كۈنى قىيامەت بولمايدۇ.»
بۇنداق ئويلاپ يەكۈن چىقارغان قېرىنداشلىرىمىز ئۆزى سەزمايلا بىر نوقتىغا سەل قارىغان، يەنى ئۇلار گۇماننى بىلىش دەپ قارىغان. ئاددى چۈشەندۈرسەك بۇ خۇددى تۆۋەندىكى مىسالغا ئوخشايدۇ. سىز ئىمتاھاندا بىر تاللاش سوئالىغا دۇچ كەلدىڭىز، لېكىن سىز بۇ سوئالنىڭ جاۋابىنى بىلمەيسىز، شۇنىڭ بىلەن سىز شۇ جاۋابلار ئارىسىدىن سىز توغرا دەپ گۇمان قىلغان بىر جاۋابنى تاللاپ قويدىڭىز، كۈتمىگەندە تاللىغىنىڭىز توغرا چىقىپ قالدى. ئەجىبا سىزنىڭ توغرا تاللاپ قالغىنىڭىز سىزنىڭ بىلىپ تاللىغىنىڭىزمۇ ياكى گۇمانىڭىزمۇ؟ سىز بىلگەنگە ھېسابمۇ؟ گۇمان قىلغان ئىش بىلەن بىلگەن ئىش ئوخشاش بولامدۇ؟
«گۇمان دىگەن ھەقنى ئىسپاتلاشتا ھېچنەرسىگە يارىمايدۇ.» (سۈرە نەجىم 28-ئايەت)
ئاپەت ۋە قىيامەت
بۇ قېتىم ئالىملار 2012~ 2013-يىللىرى يەر شارىدا چوڭ بىر ئاپەتنىڭ يۈز بېرىدىغانلىقى مۆلچەرلەپ چىقتى. راس شۇندا بولامدۇ، بولمامدۇ بۇنى شۇ چاغ بولغاندا ئاندىن بىلىمىز. لېكىن شۇ نەرسە ئېسىمىزدە بولسۇنكى - ئاپەت دىگەن ئاپەت. قىيامەت دىگەن قىيامەت. چوڭ بىر ئاپەتنىڭ بولىشى قىيامەت بولىدىغانلىقتىن دىرەك بەمەيدۇ، قىيامەت بولمايدىغانلىقتىنمۇ دىرەك بەرمەيدۇ. راسلا شۇندا چوڭ ئاپەت بولسا قىيامەت بولىدىغاننىڭ ئىشى بولسا ئىدى، نوھنىڭ زامانىسىدىكى توپان ئاپىتى قىيامەتنى ئېلىپ كەلسە بولاتتى، لېكىن ئۇنداق بولمىدى. شۇڭا ئىددىيمىزدە ئوچۇق بولىشى كېرەككى، قىيامەتنى ئاللاھ خالىغان بىر ۋاقىتتا مەيدانغا چىقىدۇ. ئۇنى بىرە چوڭ-كىچىك ئاپەتكە تاقاپلا چۈشىنىۋالماسلىق كېرەك. ئۇ پۈتۈنلەي ئاللاھنىڭ خاھىشىغا باغلىق.
ئۆلۈم ۋە قىيامەت
بىز قاچان قىيامەت بولىدىغانلىقىنى بىلمىگىنىمىزدەك، قاچان ئۆلىدىغانلىقىمىزنىمۇ ھەم بىلمەيمىز. لېكىن شۇ ئېنىقكى بىزنىڭ ئۆلگەن ۋاقتىمىز دەل «قىيامەت»نىڭ ۋاقتىدۇر. چۈنكى بىز ئۆلسەك، قولىمىزدىن قىيامەتنى كۈتۈشتىن باشقا ھېچقانداق ئىش كەلمەيدۇ. بىر يىل كۈتەمسىز، ياكى مىڭ يىل كۈتەمسىز بەرىبىر ئوخشاش. نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ قىيامىتى بولۇپ بولدى، يەنە نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ قىيامىتى يېقىنلاشتى. بىر كۈن قالدىمۇ ياكى نەچچە ئون يىل بارمۇ بۇنىسى نامەلۇم. لېكىن بەكلا ئاز قالدى. شۇڭا سىز قىيامەتنىڭ ۋاقتى ھەققىدە بىھۇدە پاراڭ سېلىشنىڭ ئورنىغا ئۆزىڭىزنىڭ ئاخىرىتى ئۈچۈن تېرىشىڭ. قىيامەتنىڭ ۋاقتى ھەققىدە تولا ئېچىشسىڭىز ئۆزىڭىز بىلىپ بىلمەي نۇرغۇن گۇناھلارنى ئارتىۋىلىشىڭىز مۇمكىن. بۇ بىر پايدىسىز ئىشتۇر. قۇرۇق گەپنى، قۇرۇق مۇلاھىزىنى ئاز قىلىپ، مەسىلىلەرگە سۈكۈت قىلىشنى ئۈگىنىۋىلىڭ!
ئاخىرىدا كەڭ مۇسۇلمانلىرىمىزنىڭ بۇ ھەقتىكى مۇنازىرىلەرگە سۈكۈت قىلىشىنى، ئىمانىنى مۇستەھكەملىشىنى ئۆتىنىمەن.
ئەگەر ئالىملار مۆلچەرلىگەن ئاپەت راسلا يۈز بېرىپ قالسا، ئاللاھتىن بۇ ئاپەتنى بىزگە پايدىلىق قىلىپ بېرىشىنى تىلەيمىز. ئەگەر بۇ ئاپەت راسلا قىيامەتنى ئېلىپ كەلسە، ئاللاھنىڭ بىزنى قىيامەتتە خاتىرجەم بولغۇچىلاردىن قىلىشىنى تىلەيمىز.
ئامىيىن!
|