نۇتىقىنىڭ تۇلۇق مەزمۇنى
«بۈگۈن مەن ئەڭ سەمىمى تىلەكلىرىمنى پۈتۈن دۇنيادىكى نۇرۇزنى تەبىرىكلەۋاتقانلارغا سۇنماقچىمەن، بۇ بايرام قەدىمىي مۇراسىم ۋە يىڭىدىن باشلىنىش پەيتى . مەن سىلەرنىڭ بۈگۈنكىدەك ئالاھىدە كۈننى ئائىلەڭدىكىلەر ۋە دوسلىرىڭلار بىلەن بىللە ئۆتكۈزۈشۈڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن. بۇلۇپمۇ مەن ئېران ئىسلام جۆمھۈرىيىتى پۇقىرالىرىغا ۋە رەھبەرلىرىگە بىۋاستە سۆزلىمەكچى. نۇرۇز سىلەرنىڭ كاتتا ۋە داڭلىق مەدىنيىتىڭلارنىڭ بىرقىسمى خالاس،كۆپ ئەسىرلەر مابەينىدە سىلەرنىڭ سەنئىتىڭلار ، مۇزىكاڭلار،ئەدىبىياتىڭلار ۋە ئىجادىيتىڭلار جاھاننى تېخىمۇ گۈزەل تۈسكە ئىگە قىلدى. بۇ يەردە يەنى ئامىركىدا ئېران مۇھاجىرلىرى بىزنىڭ ئۆز جەمىيتىمىزنىڭ (يەنى ئامىركىنىڭ ) كۆچلىنىشى ئۈچۈن ،بىر كىشىلىك ھەسسىنى قوشتى. بىز سىلەرنىڭ ئىسىل مەدىنيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىڭلارنى بىلىمىز.سىلەرنىڭ نەتىجەڭلار ئامىرىكا ۋە دۇنيانىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشتى.30 يىلدىن بۇيان ئىككى دۆلەتنىڭ مۇناسىۋىتى جىددى بۇلۇپ كەلدى.ئەمما بۇ بايرام بىزنىڭ ئورتاق ئىنسانىيلىققا ئىگە ئىكەنلىكىمىزنى ئەسلىتىپ ،بىزنى ئۆز-ئارا باغلاپ تۇردى.ئەمىليەتتە سىلەرنىڭ يىڭى يىلنى تەبىرىكلىشىڭلار بىز ئامىركىلىقلارنىڭكىگە كۆپ ئوخشىشىپ كىتىدىكەن. دوسلار ۋە ئائىلىدىكىلەر بىلەن بىللە جەم بۇلۇش، ئۆز-ئارا سوۋغا سالام بىرىش ۋە قۇتلۇقلاش ھەمدە كەلگۈسىگە يىڭىچە ئۈمىد بىلەن قاراش. بۇ تەبىرىكلەر ئىچىدە يىڭى بىر كۈننىڭ ۋەدىسى بار. يەنى بۇ ۋەدىلەر بالىلىرىمىزنىڭ پۇرسىتى ،ئائىلىمىزنىڭ بىخەتەرلىكى ،جەمىيتىمىزنىڭ تەرەققىياتى ۋە دۆلەتلەر تىنىچلىقىغا بىرىلگەن ۋەدىلەرنى ئۆز-ئىچىگە ئالغان.مانا بۇ بىزنىڭ ئورتاق ئۈمىدىمىز ۋە ئورتاق غايىمىز. يىڭى پەسىلنىڭ باشلىنىش پەيتىدە ئېران رەھبەرلىرىگە شۇنى ئۇچۇق ئېيتىماقچىمەنكى ،بىزنىڭ ئارىمىزدا ئۇزاق يىللار داۋامىدا يېغىلىپ قالغان ئېغىر ئېختىلاپلار مەۋجۇت .ھۆكۈمىتىمىز دېپلۇماتىيە ۋاستىسى بىلەن ئالدىمىزدىكى بىر قاتار مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا كۆچەۋاتىدۇ.ئامىرىكا ئېران ۋە خەلقئارا جەمىيەتلەر ئارا پايدىلىق مۇناسىۋەت قۇرۇش ئۈچۈن ئىزدىنىۋاتىدۇ.بۇ پايدىلىق مۇناسىۋەتلەر تەھدىت سېلىش ئىلگىرى سۈرۈلمەيدۇ. بىز تەھدىتنىڭ ئورنىغا ئۆز-ئارا سەمىمىيەت ۋە ئۆز-ئارا ھۆرمەت ئاساسىدىكى مۇناسىۋەت قۇرۇش ئۈچۈن ئىزدىنىمىز. سىلەرنىڭ تاللاش ھۇقۇقۇڭلار بار.ئامىرىكا، ئېران ئېسلام جۆمھۇريىتىنىڭ خەلقئاراجەمىيەتتە ئۈزىگە مۇناسىپ ئۇرۇنغا ئىگە بۇلىشىنى ئۆمىد قىلىدۇ.سىلەرنىڭ ئۇنداق ھۇقۇڭلار بار. ئەمما بۇ ھۇقۇق ھەقىقى مەسئۇلىيەت ئاساسىدا كەلگەن ،ئەمما ئۇ ئۇرۇن ،تېرورېرىزىم ياكى قۇرال ياراق ئارقىلىق ئەمەس ، بەلكى ئىران خەلقى ۋە مەدىنيىتىنىڭ ھەقىقى بۈيۈكلۈكىنى نامايەن قىلىدىغان تىنىچلىق ھەركىتىگە تاينىپ ئەمەلگە ئاشىدۇ. بۈيۈكلۈكنىڭ ئۆلچىمى بۇزغۇنچىلىق كۈچى بىلەن ئەمەس بەلكى سىلەرنىڭ قۇرۇش ۋە يارىتىش ئىقتىدارىڭلارنىڭ نامايەن بۇلىشى بىلەن ئۆلچىنىدۇ .شۇ سەۋەبتىنمەن سىلەرنىڭ بۇ نۇرۇز بايرىمىڭلاردا (يەنى يىڭى يىل بايرىمىڭلاردا)مەن ئېران خەلقى ۋە رەھبەرلىرىدىن بىز ئارزۇ قىلغان كەلگۈسىنى چۈشىنىشىڭلارنى ئۆمىد قىلىمەن. ئۇ شۇنداق كەلگۈسىكى ئىككى دۆلەت خەلقى ئارىسىدىكى ئۆز-ئارا ئالماشتۇرۇش يىڭىلانغان ھەمدە تېخىمۇ كۆپ ھەمكارلىق ۋە سودا پۇرسىتى يارىتىلغان كەلگۈسى،كونا ئىختىلاپلار تۈگىتىلگەن كەلگۈسى .سىلەر ۋە سىلەر بىلەن قوشنا دۆلەتلەر ھەمدە پۈتكۈل دۇنيا خەلقى بىخەتەر تنىچلىققا ئىگە بولغان كەلگۈسى.بىلىمەن بۇ ئۇنداق ئاسان يتكىلى بۇلىدىغان نىشان ئەمەس. ئىنسانلارنى ئوخشىماسلىقىغا قاراپ تۈرگە ئايرىشتا چىڭ تۇرىدىغان بىر قىسىم كىشىلەر بار. لىكىن شەيىخ سەئىدى تەرىپىدىن ،نۇرغۇن يىللار ئىلگىرى يېزىلغان مۇنۇ بايانلارنى ئىسىمىزگە ئالايلى.«ئادەم ئەلەيھىسلامنىڭ ئەۋلادلىرى بىر جەۋھەردىن يارىتىلغان قان قېرىنداشلاردۇر. »يىڭى پەسىلنىڭ يىتىپ كىلىشى بىزنى ئورتاق بولغان قىممەتلىك ھاياتقا ئىگە ئىكەنلىكىمىزنى ئەسلەتتى. بىز يەنە بىر قىتىم بىز ئارزۇ قىلغان يىڭى باشلىنىش ۋەدىسى ئۈچۈن چاقىرىق قىلالايمىز.
رەھمەت سىلەرگە، بايرىمىڭلارغا ،يىڭى يىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن.
|