ئەزالار مەشغۇلات رايۇنى »»»»» ئەزا نامى : پارول : تەستىق كودى : تىزىملىتىڭ | پارولنى قايتۇرۇش | 中文

نـــاخــشـــىـلار | كــىنو-فىـلىمــلار | مىـللـي تىـبـابــەت | قــــانـــون-تـــۈزۈم | مەشھور شەخىسلەر | ئىـــقدىـــســاد | ئىـلمـي مـاقـالــلار
ســۆھـبـەتـخـانـا | ئېـــــــتـــوتـــــلار | يــۇمــۇر-لـەتىـپە | پەرزەنىت تەربىيەسى | ئـۆتـكـەن كـۈنـلـەر | مــــەدىــنـــيــەت | تۇرمۇش ھەققىدە
ئــــويــــۇنــــلار | رەسىـــمــلـەر | تـــەنــتـەربىـــيـە | يــۇمـشاق دېـتالـلار | ئـايـاللاردۇنياسـى | ئاۋازلىق ئەسەرلەر | ھېـــكىــمەتــلــەر

باش بەت

ئامېرىكىنى تەسىرلەندۈرگەن نىكاھتىن ئاجرىشىش

يوللانغان ۋاقتى: 05:46 14-10-2011 مەنبە: سالام ئۈرۈمچى ئاپتورى: باشقۇرغۇچى كۆرۈلۈشى: قېتىم
ئامېرىكا فىلورىدا شىتاتى كارا شەھىرىدە دېمون ۋە ۋىننى ئىسىملىك بىر جۈپ نامرات ۋە مېھرىبان ئەر-خوتۇن بار ئىدى. دېمون كىرىمى تايىنلىق

 ئامېرىكا فىلورىدا شىتاتى كارا شەھىرىدە دېمون ۋە ۋىننى ئىسىملىك بىر جۈپ نامرات ۋە مېھرىبان ئەر-خوتۇن بار ئىدى. دېمون كىرىمى تايىنلىققىنا ماشىنا رېمونتچىسى بولۇپ، پاي چېكىدە زىيان تارتىپ كېتىپ بانكا قەرزىنى تۆلەپ بولالمايۋاتاتتى. ۋىننى بولسا يەسلى ئوقۇتقۇچىسى ئىدى. ئالتە يىلدىن بۇيان ئۇلارنىڭ تاپقان كىرىمى قەرز تۆلەشكىلا كېتىۋاتاتتى.
  مەلۇم بىر ھەوتە ئاخىرىدا بالىسىنى ئالغىلى بەك كەچ كەلگەن بىر ئائىلە باشلىقى ئەپۇ سوراش يۈززىسىدىن تەشەببۇسكارلىق بىلەن ۋىننىنى ئۆيىگە ئاپىرىپ قويدى. ئاپتوموبىلدىن چۈشىدىغان چاغدا ۋىننى ئېرى دېموننى ئۇچرىتىپ قالدى. ئەمما دېمون سالاملاشمايلا كېتىپ قالدى. دېمون شۇ چىقىپ كەتكەنچە ناھايىتى كەچ قايتىپ كەلدى. ۋىننى تاقەت قىلالماي ئۇنىڭدىن نېمىشقا بۇنچە كەچ قالغانلىقىنى سورىغاندا، ئېرى توڭلۇق بىلەن مۇنداق دېدى:
       -سەن ئاشناڭ بىلەن كۆرۈشسەڭ بولىدىكەنۇ، مەن كۆرۈشسەم بولمامدىكەن؟
  ۋىننى ئېرى بىلەن ئوبدان پاراڭلاشماقچى بولدى. ئېرى قىلچە ئىككىلەنمەستىن باشقا بىرىنى ياخشى كۆرۈپ قالغانلىقىنى ئېيتتى. يەنە تېخى كۆزلىرى تولغان ۋىننىغا قارىغىنىچە:
      -ئەگەر سەن ھېلىھەم مېنى ياخشى كۆرسەڭ، ماڭا يېپىشۋالما، بىز چىرايلىقچە ئايرىلىپ كېتەيلى،-دېدى.
  بىر ئاخشىمى، ۋىننى مېھمانخانىدا تۈگۈلۈپ ئۇخلاۋاتقان  ئېرىنىڭ قېشىغا ئاستا كەلدى. ئېغىر نەپەس ئېلىۋاتقان ئېرىنىڭ پىشانىسى ئوتتەك قىزىق ئىدى. ۋىننى ئۇنىڭ قىزىتمىسىنى چۈشۈرۈش ئۈچۈن كېيىمىنى يەشمەكچى بولغاندا ، ئۇ ئويغىنىپ كېتىپ ۋىننىنى ئىتتىرىۋەتتى.
         ئەتىسى ۋىننى گاراڭ-گۇرۇڭ ھالدا تازىلىق ئۆيىگە كىرگەندە، يۇيۇنىۋاتقان ئېرىنىڭ بەدىنىگە قاراپ قورقۇپ كەتتى: ئېرىنىڭ بەدىنىنى بىنەپشە داغلار قاپلاپ كەتكەنىدى. ئەسلىدە ئېرى سېستىمىلىق قىزىل داغلىق بۆۋە چاقىسى كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغانىدى.
    ۋىننى ھەممىنى چۈشەندى. ئەسلىدە داۋالىنىش سۇغۇرتىسى بولمىغان ئېرى جاھىل كېسەللىككە  گىرىپتار بولۇپ قالغاچقا، ئاجرىشىش ئارقىلىق ئۇنىڭ تۇرمۇشىنى ئۆزگەرتمەكچى ئىدى.
    كەچتە دېمون يەنە ھاراق ئىچكىلى ماڭماقچى بولغاندا، ۋىننى ئۇنى توسىۋېلىپ مۇنداق دېدى:
          -ئاجرىشىش ئۈچۈن 1390 ئامېرىكا دوللىرى داۋالىشىش ھەققى تاپشۇرىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ. بۇ پۇلنى يىغىپ بولغاندا ئاندىن ئاجرىشايلى بولامدۇ؟ مېنىڭ يەنە بىر شەرتىم بار، ئەمدى ھاراق ئىچمەي ئۆيدە ئوبدان ئارام ئېلىڭ.
  شۇ تاپ دېموننىڭ قەلبى لەرزىگە كەلدى: بۇ دۇنيادا پۇل ئۈچۈن ئاجرىشىدىغانلار ، ئاشنا تۇتۇۋالغانلىق سەۋەبىدىن ئاجرىشىدىغانلار، مەنپەئەت ئۈچۈن ئۆزى خالىغان يولغا ماڭىدىغانلار بار ، نەدىمۇ ئۇلاردەك نامراتلىق دەستىدىن نىكاھىنى داۋاملاشتۇرىدىغانلار بولسۇن؟!
   دېمون ئىختىيارسىز ۋىننىنى چىڭ قۇچاقلىۋالدى:
        -ماقۇل، ئەمما سىزمۇ بۇ پۇلنى يىغقان ھامان ئاجرىشىشقا ۋادە بېرىڭ،-دېدى ئۇ ئەلەم بىلەن.
دېمون مىڭ تەسلىكتە بۇ پۇلنى يىغسا، ۋىننىمۇ ھەرخىل ئاماللار بىلەن بۇ پۇلنى خەجلىۋېتەتتى. ھەر قېتىم ۋىننى تۈرلۈك باھانە-سەۋەبلەرنى كۆرسىتىپ دېموندىن پۇل سورىغاندا ، دېموننىڭ يۈرىكى سىرقىراپ كېتەتتى. ئۇلارغا قارشى تەرەپنىڭ مەقسىتى ئايان ئىدى. پەقەت ئاشكارىلاشنى خالىمايتتى، خالاس.
         بىر كۈنى كەچقۇرۇن دېمون بىر ئىشلار بىلەن مەشغۇل بولىۋاتقان ۋىننىغا قارىغىنىچە خېلى ئۇزاق دېلىغۇل بولدى. ئاخىرى ئۇ يەنىلا ۋىننىنى چاقىرىپ ئۇقتۇرۇشنامىنى ئۇنىڭغا تەڭلىدى. بۇ بىر K تولغانما ئۇسسۇل مۇزىكىسى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ مۇسابىقە ئۇقتۇرىشى ئىدى. بۇ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئاشىق-مەشۇقلار بايرىمى مۇسابىقىسى پروگراممىسىنى يولغا قويغان بولۇپ، مۇسابىقىگە قاتناشقۇچىلار تەقلىدىي سوتتا بىر-بىرى بىلەن مۇنازىرلىشىپ، ئاجرىشىش سەۋەبىنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇشى كېرەك ئىدى. يەڭگۈچىلەرگە ھەقسىز ئاجرىشىش مۇكاپاتى بېرىلەتتى. دېموننىڭ مەجبۇرلىشى بىلەن ۋىننى ئامالسىز تىزىملاتتى.
  نەق مەيدان كۆرۈنۈشىنىڭ كەيپىياتى تولىمۇ جىددىي ئىدى. پەقەت ۋىننى بىلەن دېمونلا بىر-بىرىگە يۆلەنگىنىچە قوللىرىنى چىڭ تۇتۇۋالغانىدى. ۋىننى ئېسەدىگىنىچە دېمون بىلەن ئۆتكۈزگەن ئالتە يىللىق بەختلىك نىكاھ تۇرمۇشىنى، مەس بولۇپ قالغان ئېرىگە قانداق ئەگەشكەنلىكىنى، پۇل تاپقاندا ئاجرىشىش ۋەدىلىرىنى... بىر-بىرلەپ ئەسلەپ ئۆتتى. ئىكران دېمونغا يۈزلەنگەندە بولسا ئۇ بىرلا ئېغىز سۆز قىلدى:
         -مەن توي قىلىش ئەھدىنامىسىگە ئەمەل قىلالمىدىم، مەن ئۇنى سۆيىمەن. شۇغىنىسى ئۇنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالالمىدىم.شۇڭا ۋىننىنىڭ تېخىمۇ ياخشى ياشىشى ئۈچۈن ئاجرىشىشىمىزغا يول قويغايسىلەر.
  نەتىجىدە ۋىننى بىلەن دېمون ھەقسىز ئاجرىشىش مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. ئۇلار سوتچىنىڭ ئالدىدا ئولتۇراتتى. رىياسەتچى ۋىننىدىن سورىدى:
         -سىزنىڭ يەنە دەيدىغانلىرىڭىز بارمۇ؟
  ۋىننى خېلى ئۇزاقتا ئۆزىنى بېسىۋېلىپ، دېمونغا تىكىلىپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى:
         -ماڭا ۋەدە بېرىڭ، كېيىنكى ئۆمرىمىزدە بىز يەنە ئەر-خوتۇن بولۇپ ئۆتەيلى...
   سوتچى سۈكۈتكە چۆمدى، نەق مەيداندىكى كىمدۇر بىرى:‹ئاجرىشىشقا بولمايدۇ› دەپ ۋارقىرىدى، كۆپچىلىكمۇ تەڭ ئەگەشتى...
  سوتچى زاكون تايىقىنى ئۇرۇۋىدى، مەيدان سۈكۈتكە چۆمدى. ئۇ :
        - بۇ قېتىملىق سوتتا ۋىننى بىلەن دېموننىڭ ئاجرىشىش ئەنزىسى قوبۇل قىلىنمايدۇ!-دەپ جاكارلىدى.   شۇ زامان پۈتكۈل مەيداننى گۈلدۇراس ئالقىش سادالىرى قاپلىدى، ۋىننى بىلەن دېمون چىڭڭىدە قۇچالاشتى.
  بۇ فىلىم قويۇلغاندىن كېيىن ئاق كۆڭۈل كىشىلەر كەينى-كەينىدىن دېموننىڭ كېسىلىنى داۋالىتىشى ئۈچۈن پۇل ئىئانە قىلدى.
ۋىننىنىڭ كۆڭۈل قويۇپ كۈتۈشى بىلەن دېموننىڭ سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلدى. ئۇلار يولدا كېتىۋاتقىنىدا ھەمىشە ناتونۇش كىشىلەر ئۇلارغا:‹بەختلىك بولۇڭلار› دەيتتى. ۋىننىمۇ كۈلۈمسىرىگىنىچە مۇنداق جاۋاب قايتۇراتتى:
‹بەخت مەڭگۈ ئۆزۈمنىڭ قولىدا، چۈنكى مەن سۆيگەن كىشى يېنىمدىلا›.

تەرمىلەر ژورنىلىدىن ئېلىندى.

ياخشىكەن
(9)
100%
ناچاركەن
(0)
0%
------分隔线----------------------------
  • ئالدىنقىسى : مۇشۇ ئەڭ ئالدىنقىسى
  • كېيىنكىسى : مۇشۇ ئەڭ كېيىنكىسى

ئىنكاس رايونى
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
باھا بېرىڭ:
تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار ئىنكاس تەپسىلاتى بۇ يەردە...>>
تەۋسىيەلەر