سىزنى ھەقىقىي ياخشى كۆرۈپ قالغاندا بەزىدە سىزنى ئاكا دەپ چاقىرسىمۇ كۈڭلىدە سىزنىڭ ئۇنداق چاقىرماڭ دىيىشىڭىزنى ئۈمۈت قىلىدۇ ،ئەمەلىيەتتە ئۇ ئاللىقاچان سىزنى سۆيگۈنۈم دەپ بىكىتىپ بولغىنى. سىزنى ھەقىقىي ياخشى كۆرۈپ قالغاندا سىزنىڭ چىن كۈڭلىڭىزدىن «سىزنى سۆيىمەن» دىيىشىڭىزنى كۈتسىمۇ چاندۇرمايدۇ. سىزنى ھەقىقىي ياخشى كۆرۈپ قالغاندا ،سىز نىڭ مۇھەببەتكە تولغان ئۇچۇرىڭىزنى تاپشۇرۋالغاندا ئۇنى ساقلاپ قۇيىدۇ ،ئۇيقۇسى قاچقان چاغدا سىزنىڭ ئۇچۇرىڭىزنى قايتا -قايتا كۆرۈپ،ئۆز-ئۆزىنى خوش قىلىدۇ. سىزنى ھەقىقىي ياخشى كۆرۈپ قالغاندا ،سىزنىڭ باشقا قىزلار بىلەن يۈرىشىڭىزگە پەرۋا قىلمايدىغانلىقىنى ئېيتسىمۇ لىكىن شۇنداق ئەھۋالغا يۇلۇقۇپ قالسا يىغلىغۇسى كىلىدۇ. سىزنى ھەقىقىي ياخشى كۆرۈپ قالغاندا ،مىنۇت-سىكونت سىزنى ئويلايدۇ بەزىدە تىلىۋىزوردىن تەسىرلىك مۇھەببەت كۆرۈنۈشلىرىنى كۆرۈپ قالسا،ئىككىڭلارنىڭ بىللە ئۈتكۈزەەن ىوشال ۋاقىتلىرىڭلارنى ئويلاپ ، ئەتراپىدىكىلەرنىمۇ ئۇنتۇپ تاتلىق كۈلۈمسىرەيدۇ . سىزنى ھەقىقىي ياخشى كۆرۈپ قالغاندا ،ئىككىڭلار چۈشكەن سۆرەتنى ئەلبومدا ساقلايدۇ ، ھەر بىر سۆرەتكە ئىسىم قۇيۇپ ساقلايدۇ ، ئەگەر تىخى سۆرەتكە چۈشمىگەن بولسا ، كىنولاردىكى ، رومانلاردىكى تەسۋىرلەنگەن باش پىرسۇناژ بىلەن قىز دوستىنى سىز بىلەن ئۆزى دەپ ئويلاپ ،دائىم قايتا - قايتا كۆرىدۇ ،ئۇقۇيدۇ. سىزنى ھەقىقىي ياخشى كۆرۈپ قالغاندا ، ئاممىۋى ئاپتۇبۇسقا چىقسا دائىم ئىككى كىشىلىك ئورۇننى تاللايدۇ ، ئاىىرقى مۇساپىگىچە سىز نىڭ ھەمراھ بۇلىشىڭىزنى ئۈمۈت قىلىدۇ. سىزنى ھەقىقىي ياخشى كۆرۈپ قالغاندا ،بىللە تاماق يىگەندە سىزگە يىگۈزۈپ قۇيۇشنى ،سىز بىلەن بىر قاچىدا تاماق يىيىشنى ئارزو قىلىدۇ ، شۇنىڭدىلا ئۇ ئۆزىنى باشقا قىزلاردىن ئالاھىدە ھېس قىلالايدۇ. سىزنى ھەقىقىي ياخشى كۆرۈپ قالغاندا ،ئۆزىنىڭ خىراجەت پۇلىنى تىجەپ ،تۇغۇلغان كۈنىڭىزگە ئەڭ ياخشى سوۋغات بېرىشنى ئويلايدۇ. سىزنى ھەقىقىي ياخشى كۆرۈپ قالغاندا ،ئۆزىنى باشقىلارنىڭ قوغلىشىۋاتقانلىقىنى ئېيتىشنى خالىمايدۇ ، ئۇ سىزنىڭ ئەنسىرىشىڭىزدىن ئۆزىدىن ۋاز كىچىشىڭىزدىن ئەنسىرەيدۇ ،چۈنكى ئۇنىڭ قەلبىدە پەقەت سىزلار بار. سىزنى ھەقىقىي ياخشى كۆرۈپ قالغاندا ،سىز بىلەن بىللە ۋاقتىدا ھەر قانداق ئادەمگە ياخشى مۇئامىلە قىلىدۇ ، سىزدە ياخشى تەسىر قالدۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىدۇ. سىزنى ھەقىقىي ياخشى كۆرۈپ قالغاندا ، بەزىدە مىنى ئويلاۋاتقانمىدۇ دەپ خىيال سۈرۈپ قالىدۇ ،مىنى سېغىندىڭىزمۇ دەپ ئۇچۇر يوللايدۇ سىزنى ھەقىقىي ياخشى كۆرۈپ قالغاندا ،سىزنى سېغىنغاندا ،سىزنىڭ ئاي مىنىڭ قەلبىمگە ۋەكىللىك قىلىدۇ دىگەن گىپىڭىزنى ئويلاپ ،ئايغا قاراپ يىقىملىق كۈلۈمسىرەيدۇ. سىزنى ھەقىقىي ياخشى كۆرۈپ قالغاندا،سىز نى سۆيگەنلىكى ئۈچۈن ياش تۈكۈدىغان ۋاقىتلىرى كۆپ بولسىمۇ لېكىن سىزنىڭ ئالدىڭىزدا ياش تۈكۈشنى خالىمايدۇ ،چۈنكى ئۇ سىزنىڭ ئۇنىڭدىنمۇ ئۈتە ئازابلىنىشىڭىزنى خالىمايدۇ سىزنى ھەقىقىي ياخشى كۆرۈپ قالغاندا ،كۈڭلى ئازار يىگەندە تۇنجى بۇلۇپ سىزنى ئەسلەيدۇ ، سىزنىڭ قورقماڭ ،مەن بار دىيىشىڭىزنى ئۈمۈت قىلىدۇ سىزنى ھەقىقىي ياخشى كۆرۈپ قالغاندا ،سىز ئاغرىپ قالسىڭىز ،سىزنىڭدىنمۇ ئۆتە جىددىيلىشىدۇ ،چوپچوڭ تۇرۇپ نىمىشقا سالامەتلىكىڭىزگە دىققەت قىلمايسىز دەپ قاقشايدۇ . سىزنى ھەقىقىي ياخشى كۆرۈپ قالغاندا ،سىزنىڭ ئۆزىنى ياخشى كۆرىدىغان كۆرمەيدىغانلىقىڭىزنى بىلەلمىسە ،تەسەببۇسكارلىق بىلەن سىزدىن ئايرىلىپ كىتىشنى تەلەپ قىلىدۇ ، بۇ ئارقىلىق ئۇ سىزنىڭ مۇھەببىتىڭىزنى بىلىپ بىقىشنى ئويلايدۇ. سىزنى ھەقىقىي ياخشى كۆرۈپ قالغاندا ،سىز ئۇنى قۇچاقلىغاندا سىزنىڭ تىخىمۇ چىڭ قۇچاقلىشىڭىزنى ئۈمۈت قىلىدۇ ، چۈنكى چىڭ قۇچاقلاش ئارقىلىق ئۇ سىزنىڭ يۈرەك سۇقۇشىڭىزنى ھىس قىلالايدۇ. سىزنى ھەقىقىي ياخشى كۆرۈپ قالغاندا ،سىز ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان تاماقلارنى قىلىشنى ئىتىشنى ئۈگۈنۈپ سىز ئۈچۈن ئىتىپ بېرىشنى ئۆزىنىڭ بەختى دەپ ئويلايدۇ. سىزنى ھەقىقىي ياخشى كۆرۈپ قالغاندا ،ئۆزىنىڭ ئەڭ قىممەتلىك نەرسىسىنى سىزگە بېرەلەيدۇ ، چۈنكى سىز ئۇنىڭ ئۈچۈن ھەممىدىن قىممەتلىك. سالام ئۈرۈمچى ئونۋىرسال توربېكىتى |