قۇتيار مۇنبىرى

ئىزدەش
ئىم قايتۇرۇۋېلىش  خەتلىتىڭ

[بىلىۋېلىڭ] 2K ئېكران ھەققىدە [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

  • كۆرۈش2373
  • ئىنكاس9
0-قەۋەت
‎2014-8-27 00:16:46 يوللىغان ۋاقتى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Mr.Aziz تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-8-27 23:50  

ئۆتكەن يىل ئاخىرىدا ئېلان قىلىنغان دۇنيادىكى تۇنجى 2K ئېنىقلىقتىكى ئىكران سەپلەنگەن يانفون - vivo Xplay3S تىن باشلاپ 2K ئېنىقلىتىكى ئىكران كەسپىي ساھەدە كەڭ ئەۋج ئالغان پارامېتىر كۆرسەتكۈچى بولۇپ قالدى. ھازىرغىچە 2K ئېنىقلىقتىكى ئىكران سەپلەنگەن يانفونلاردىن LG G3، لىيەنشىياڭ VIBE Z2 Pro ،  ئوپپو Find7 ۋە Nubia Z7 قاتارلىق بايراقدار مەھسۇلاتلار بار بولۇپ، مۆلچەرلىنىشىچە يەنە بىر تۈركۈم 2K ئېنىقلىقتىكى ئىكران سەپلەنگەن يانفونلار ئېلان قىلىنماقچى. بۇلارنىڭ ئىچىدىكى باشلامچىسى Samsung Galaxy Note 4 . ئۇنداقتا 2K ئېنىقلىقتىكى ئىكران دىگەن نىمە؟ ئۇ ھازىرقى 1080P ئېنىقلىقتىكى ئىكرانلاردىن قانداق پەرقلىنىدۇ؟ زادى سېتىۋىلىشقا ئەرزىمدۇ قانداق؟

20140825_140130_725.jpg

ھازىرقى 2K ئېنىقلىقتىكى ئىكرانلار 2560×1440 ئېنىقلىقتىكى IPS ئىكرانلار بولۇپ، 1920×1080 ئېنىقلىقتىكى ئىكرانلارغا سېلىشتۇرغاندا نەزەرىيە جەھەتتە پىكسىل نوقتىسى بىر ھەسسە ئارتۇق، 5.5 ديۇم چوڭلۇقتا 2K ئېنىقلىقتىكى ئىكرانلارنى مىسالغا ئالساق ئۇلارنىڭ پىكسىل زىچلىقى 538 بولۇپ، 1080P نىڭ بولسا 403 بولىدۇ. مۇشۇ پارامېتىرلارنى سېلىشتۇرساق 2K ئىكرانلارنىڭ ئالاھىدىلىكىنى ھېس قىلغىلى بولىدۇ، بىراق ئەمەلىيەتتىچۇ؟

20140825_140530_142.jpg

20140825_140530_210.jpg

بۇ سىناققا قاتناشتۇرۇلغان ئىككى يانفوننىڭ ئىكرانى ئوخشاشلا 5.5 ديۇم چوڭلۇقتا بولۇپ، 2K ئىكران سەپلەنگەن يانفوننىڭ ئىقتىدارىنى جارى قىلدۇرۇش ئۈچۈن مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچ، ئىچكى ساقلىغۇچ، باتارىيە قاتارلىقلارنىڭ ئىقتىدارى ئاشۇرۇلغاندىن باشقا بارلىق سەپلىمىلىرى ئىككى يانفوننىڭ ئوپمۇ ئوخشاش.

يۇقۇرىقى رەسىم ئەسلىدىكى رەسىمنى 20 نەچچە ھەسسە چوڭايتقاندىكى ھالەت بولۇپ، پەقەت مۇشۇ چوڭايتىش دەرىجىسىدىلا ئاندىن 2K ئىكراننىڭ نەپىسلىكىنى ھىس قىلغىلى بولىدۇ! بىراق ئادەتتىكى كۆز بىلەن بۇ ئىككىسىنىڭ پەرقىنى ھېس قىلغىلى بولمايدۇ. يەنە 720P ۋە 1080P ئۆلچىمىدىكى كىنولارمۇ ئوخشاش...
گەرچە 2K ۋە 1080P ئېنىقلىقتىكى ئىكرانلارنىڭ پەرقىنى لوپا ئەينەك بىلەن ئاران پەرقلەندۈرگىدەك بولسىمۇ، لېكىن سېتىلىش باھاسى نەچچە يۈز يۈەن پەرقلىنىدۇ. بۇ نەچچە يۈز يۈەن پەرق 2K ئىكراننىڭلا تەننەرقى بولماستىن بەلكى مۇشۇ ئىكراننىڭ ئىقتىدارىنى جارى قىلدۇرۇش ئۈچۈن ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش زۆرۈر بولغان بىرتەرەپ قىلغۇچ، ئىچكى ساقلىغۇچ، باتارىيە... قاتارلىقلارنىڭمۇ تەننەرقىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، لېكىن ئىقتىدارى ئاشۇرۇلغان بۇ يادرولۇق زاپچاسلار پەقەت ئاشۇ 2K ئىكران ئۈچۈنلا خىزمەت قىلىدۇ.

20140825_140530_238.jpg

20140825_140530_260.jpg

بۇ ئەھۋال 2K ئىكران سەپلەنگەن يانفونلارنى سېتىۋىلىشتا ئوبدان ئويلىنىشىمىز كېرەكلىكىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە : بىرىنچىدىن ئادەتتە پىكسىل زىچلىقى 400PPI دىن يۇقىرى بولسا ئىنسانلارنىڭ كۆرۈش ئېنىقلىق نىسبتى دائىرىسىدىن ھالقىپ كەتكەن بولىدۇ، 2K ئىكراننىڭ بولسا 538PPI .
ئىككىنچىدىن : 2K ئىكراننىڭ پىكسىل زىچلىقى يۇقىرى بولغانلىقى سەۋەپلىك ئىكراننىڭ نۇر ئۆتكۈزۈش ئىقتىدارى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ، شۇڭا ھەرقانداق نۇقتىدىن قارىغاندا 2K ئىكراننىڭ يورۇقلۇق دەرىجىسى 1080P ئېنىقلىقتىكى ئىكراندىن تۆۋەن بولىدۇ.
ئۈچىنچىدىن : 2K ئىكراننىڭ پەرقلەندۈرۈش نىسبىتى، پىكسىل زىچلىقى يۇقىرى بولغاچقا توك سەرپىياتىمۇ يۇقىرى بولىدۇ، يەنە مۇشۇ ئىكراننىڭ ئىقتىدارىنى جارى قىلدۇرۇش ئۈچۈن ئۇنىڭغا يۇقىرى ئۆلچەمدىكى بىر تەرەپ قىلغۇچ سەپلەش زۆرۈر، ئەلۋەتتە بۇنىڭمۇ توك سەرپىياتى يۇقىرى بولىدۇ.
يۇقۇرىقىلاردىن شۇنداق خۇلاسە چىقىرشقا بولىدۇكى : 2K ئېنىقلىقتىكى ئىكران سەپلەنگەن يانفونلارنىڭ ئالاھىدىلىكى يوق دىيەرلىك، لېكىن كەمچىللىكى يەتكۈدەك بار، شۇڭلاشقا ئۇنىڭ ئۈچۈن شۇنچە پۇل خەجلەش ئارتۇقچە ئىش، ھىچبولمىغاندا ھازىرچە 2K ئېنىقلىقتىكى ئىكران سەپلەنگەن يانفون سېتىۋىلىشنىڭ پەقەتلا ھاجىتى يوق.

ئۇنداقتا سىزنىڭچىچۇ؟


مەنبە: http://www.ithome.com/html/digi/100494.htm
(تاق تاللاش)سايلام , قاتناشقانلار

بېلەت تاشلاش ئاياغلاشتى

5.00% (1)
75.00% (15)
20.00% (4)
سىز تەۋە ئەزا گۇرۇپپىسى بېلەت تاشلىيالمايدۇ

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

Rank:9

[؟]

تەجرىبە
2768
شۆھرەت
702
تەڭگە
269

قىزغىن ئەزا تۆھپىكار ئەزا

1-قەۋەت
‎2014-8-27 01:45:03 يوللىغان ۋاقتى
مىنىڭ تېلېفونىم vivo بۇتەلەپكەچۇشىدىكەن

لەشكەر

Rank:1

[؟]

تەجرىبە
50
شۆھرەت
6
تەڭگە
0
2-قەۋەت
‎2014-8-27 10:50:30 يوللىغان ۋاقتى يانفوندا يوللانغان
گەرچە 1080پ ئېنىقلىقتىكى تېلېفون ھاجەتتىن چىقسىمۇ ئەمما قىزىقىش ۋە ھەۋەس تۈپەيلىدىن 2k نى تاللاشقا مەجبۇرمەن.

بېكەت باشلىقى

بېكەت مەسئۇلى

Rank:10

[؟]

تەجرىبە
25082
شۆھرەت
20956
تەڭگە
3090

مۇنبەر باشلىقى

«ئۇ» ئادەم ئىشلىتىپ كۆنۈپ قالغان، «بىز» ئۆزىمىز ئىشلەپ كۆنگەن، پەرقى بار.
3-قەۋەت
‎2014-8-27 13:33:25 يوللىغان ۋاقتى
1080پ ئېنىقلىقتىكى تېلېفون بولسا كۇپايە ،لىكىن بۇندىن كېيىن
تېلىۋۇزۇر ئالغاندا 2K 4K لىق تىېلىۋۇزۇر ئېلىش كېرەك.

تارقان

Rank:3

[؟]

تەجرىبە
1715
شۆھرەت
215
تەڭگە
33
5-قەۋەت
‎2014-8-29 18:52:58 يوللىغان ۋاقتى
ئاتالغۇغا قارىتا چۈشىنىش ھاسىل قىلىندى. بىراق لۇمىيا 1520 بۇ تەلەپكە چۈشەمۇ؟

تارقان

Rank:3

[؟]

تەجرىبە
1334
شۆھرەت
287
تەڭگە
0
6-قەۋەت
‎2014-8-30 19:53:57 يوللىغان ۋاقتى
ئادەمگە پايدىسى كۆپ بىر تېما بۇپتۇ.

چۇر

Rank:3

[؟]

تەجرىبە
421
شۆھرەت
107
تەڭگە
4
7-قەۋەت
‎2014-9-1 18:49:13 يوللىغان ۋاقتى
قايسى كۈنى بىر كىنونى كۆرسەم 8kلىق كامېرانى قوزغىتىڭلار دەپ چىقىۋاتىدۇ

تارقان

Rank:3

[؟]

تەجرىبە
1679
شۆھرەت
470
تەڭگە
42

تەرجىمە فىلىم گۇرۇپپىسى

8-قەۋەت
‎2014-9-1 19:45:03 يوللىغان ۋاقتى يانفوندا يوللانغان
QoxYurak يوللىغان ۋاقتى  2014-8-27 13:33
1080پ ئېنىقلىقتىكى تېلېفون بولسا كۇپايە ،لىكىن بۇندىن ك ...

يەنە 5يىلغىچە قورقماي 1080p تېلېۋىزورلارنى ئېلىۋېرىش كېرەك، ھازىرچە ئائىلە ئۈن سىن ئۆلچىمىنىڭ يۇقىرى چېكى1080p بولۇپ قالدى، ئائىلىدىكى ئەڭ ئىلغار قويغۇچ Blurayمۇ 1080نىڭ يۇقىرىسىنى قويالمايدۇ، ھەم 2kلىق DVDدىسكا نەشىر قىلىنىپ باقمىدى،نەشىر قىلىنغان تەقدىردىمۇ ئۇنى ھېچقانداق DVDقويالمايدۇ،2kنى نورمال قويۇش كۆرۆش ئۈچۈن،DVD ۋە تېلېۋىزورلارنىڭ قاتتىق دېتاللىرىنى يۇقىرىلىشقا توغرا كېلىدۇ، ھەم 2kفىلىم مەنبەسى بەكلا ئاز، 2Kھازىرچە ئېلانچىلىق، كىنوچىلىق ئىشلىرىدا قوللىنىۋاتىدۇ،
شۇڭا 2kتېلېۋىزور بىزگە خېلىلا بالدۇرلۇق قىلىدۇ
harun VIP  توردا يوق

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

كونا فىلىملەر گۇرۇپپىسى

Rank:9

[؟]

تەجرىبە
3865
شۆھرەت
1297
تەڭگە
241

VIP ئەزا

كونا فىلىملەر خەلقىمىزنىڭ تىل بايلىقى، كونا فىلىملەرنى قۇتقۇزغانلىق، ئۇيغۇر تىلىنى قوغدىغانلىق بولىدۇ
9-قەۋەت
‎2014-9-1 19:54:21 يوللىغان ۋاقتى يانفوندا يوللانغان
ھازىر بازارلاردا  سېتىلىۋاتقان ئاتالمىش 2kتېلېۋىزورلار ئەمەلىيەتتە 1080 ئېنىقلىقتىلا سۈرەت چىقىرالايدۇ، ساتقۇچى سىزگە 2560x1440ئېنىقلىقتا سۈرەتنى قويۇپ بەرسىمۇ ئېكراندا كۆرۆنىدىغىنى يەنىلا 1080pئېنىقلىقتىكى سۈرەت بولىدۇ
شۇڭا جۇڭگوچە ئالاھىدىلىككە ئىگە 2k ۋە 4kتېلېۋىزورلارنى ئالدىراپ ئالمىسىڭىزمۇ بولىدۇ
harun VIP  توردا يوق

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

كونا فىلىملەر گۇرۇپپىسى

Rank:9

[؟]

تەجرىبە
3865
شۆھرەت
1297
تەڭگە
241

VIP ئەزا

كونا فىلىملەر خەلقىمىزنىڭ تىل بايلىقى، كونا فىلىملەرنى قۇتقۇزغانلىق، ئۇيغۇر تىلىنى قوغدىغانلىق بولىدۇ
10-قەۋەت
‎2014-9-16 21:15:19 يوللىغان ۋاقتى
قارىسام تىما بەكلا قىززىپ كىتىپتۇ،،،

سانغۇن

Rank:2

[؟]

تەجرىبە
178
شۆھرەت
11
تەڭگە
0

تېز ئىنكاس يېزىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | خەتلىتىڭ

ئەسسالام مېھمان

ئاقسۇ قۇتيار كومپيۇتېر شىركىتى باشقۇرۇشىدىكى كومپيۇتېر، ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىم، ساپ ئۇيغۇر تىلىدىكى دەرسلىك ۋە دېتاللارنى ئاساس قىلغان كەسپىي تور بېكەت.
ئۇيغۇرچە discuz ئاساسىدا قۇتيار تورى قايتىدىن تەڭشىدى ، ئۇيغۇرچە discuz ئۈچۈن تەر تۆككەن نۇرقۇت تورىغا ئالاھىدە رەھمەت ئېيتىمىز.
Processed in 0.110705 second(s), 20 queries . GMT+8, 2017-6-23 17:30  新10002915号-1 Powered by Discuz! X2
چوققىغا قايتىش