ئەسسالامۇئەلەيكۇم تورداشلار
ئالدىنقى قېتىم Android دىكى Root ھوقۇقى دېگەن نېمە؟ دېگەن تېمىنى يوللىغاندىن كېيىن بىر قىسىم تورداشلار Recovery توغرىسىدىمۇ بىرەر تېما يوللىشىمنى ئېيتقان ئىدى. شۇ ۋەجىدىن بۈگۈن مانا Recovery ھەققىدە ئازراق توختىلىپ ئۆتەي دەپ بۇ تېمىنى يېزىپ ئولتۇرۇپتىمەن.
Recovery دېگەن نېمە؟
Recovery سۆزنىڭ مەنىسى «ئەسلىگە كەلتۈرۈش» بولۇپ، سىستېمىدا نورمالسىزلىق كۆرۈلسە ۋە ياكى بىرەر ئىقتىدارى قوشماقچى بولسىڭىز يەنە root ھوقۇقىغا ئېرىشىدىغان چاغلاردىمۇ مۇشۇ Recovery نىڭ ياردىمىغا تايانماي بولمايدۇ. (3-تەرەپ دېتالى ئەسقاتمىغاندىكى ئەھۋال ھە بۇ). يىغىپ ئېيتساق Recovery دېگىنىمىز يانفوندا سىستېما قاچىلايدىغان، يانفون سىغىمىنى تازىلايدىغان، فورماتلايدىغان، رايونغا ئايرىيدىغان.... دېگەندەك ئىقتىدارلار مۇجەسسەملەنگەن بىر باشقۇرۇش قورلىدۇر.
Recovery نى قانداق ئىشلىتىمىز؟
ئادەتتە Recovery ئىقتىدارى Android يانفونلارغا سىستېما قاچىلايدىغان چاغدا بىر قەدەر كۆپرەك ئىشلىتىلىدۇ. يەنى بىز قاچىلىماقچى بولغان rom نى يانفون SD كارتىسىغا ياكى يانفوننىڭ ئۆزىنىڭ سىغىم كارتىسىغا كۆچۈرۈپ ئاندىن Recovery ئارقىلىق مەشغۇلات ئېلىپ بارىمىز.
ھەرقايسى ماركىلىق يانفونلارنىڭ ئوخشىماسلىقىغا قاراپ Recovery سىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. ئادەتتە يېڭى يانفونلاردا زاۋۇتتىن چىققان ۋاقىتتىكى Recovery نىڭ ئىقتىدار سەل ئاجىز بولىدۇ، بۇنى ئۆزىمىز نەشرىنى كۆتۈرۈش ياكى باشقىلار يېڭىلاپ قويغان Recovery غا كۆتۈرۈش ئارقىلىق ئىتىدارىنى ئاشۇرساق بولىدۇ. Recovery نى شەخسلەر ئۆزىمۇ ئۆزگەرتىپ ياساپ چىقىرالايدۇ خۇددى rom نى ئۆزگەرتكەندەكلا ئۆزگەرتىپ چىقىرالايدۇ، بۇنداق Recovery لارنى ئادەتتە 3-تەرەپ Recovery سى دەيمىز.
Recovery نىڭ كۆرۈنمە يۈزلىرى:
ئەسلى Recovery
مانا ماۋۇ رەسىمدىكىسى 2 خىل يانفوننىڭ زاۋۇتتىن چىققان چاغدىكى ئەسلى recovery سى شۇ.
3-تەرەپ Recovery سى
شىيامى يانفونلىرىنىڭ Recovery سى
سەنشىڭ يانفونلىرىنىڭ Recovery سى
لىيەنشىياڭ يانفونلىرىنىڭ Recovery سى
لىيەنشىياڭ يانفونلىرىنىڭ Recovery سى
مانا بۇلار 3-تەرەپ Recovery لار بولۇپ، ھەممىسى باشقىلار ئۆزگەرتىپ ئىقتىدار قوشۇپ ياساپ چىققان Recovery لار.
Recovery غا كىرىش ئۇسۇلى قانداق؟
ئادەتتە كۆپۈنچە ئەقلىفونلاردا ئاۋازنى يۇقىرلىتىش كۇنۇپكىسى+HOME كۇنۇپكىسى (يانفوننىڭ ئوتتۇردىكى يوغان قايتىش كۇنۇپكىسى شۇ) + توك مەنبە كۇنۇپكىسىنى بېسىپ (ئۈچ كۇنۇپكا ئىچىدە ئاۋازنى يۇقىرلىتىش كۇنۇپكىسى بىلەن HOME كۇنۇپكىسىنى بېسىپ مۇقىم تۇرىمىز) Recovery غا كىرسەك بولىدۇ. بۇ ئۇسۇلدا كىرەلمىسەك 3-تەرەپ دېتالى ئارقىلىق يانفوننى كومپيۇتېرغا ئۇلاپ تۇرۇپ بۇيرۇق بېرىپ كىرسەك بولىدۇ.
Recovery نىڭ ئىقتىدارلىرى بىلەن تونۇتۇش
Recovery نىڭ ئىقتىدارلىرى كۆپ، سىز يانفونغا Recovery ھالىتىدە كىرىپلا، ئۇنى بىر بارماق دىسكا قىلالايسىز، سىستېمىلىرىڭىزنى زاپاسلاپ باشقا سىستېما قاچىلاپ سىناپ ئىشلىتىپ يەنە ئەسلگە ئەكېلەلەيسىز، سىغىم كارتسىڭىز ياكى يانفون سىغىمىنى فورماتلاپ، رايونغا ئايرىپ ئىشلىتەلەيسىز. ئۇنداق بولسا بۇنىڭ تەپسىلاتىنى تۆۋەندىكى رەسىمدىن كۆرۈڭ.
(يۇقارقى رەسىمدىكى تەرجىمىدە مەسىلە بولسا، پىكىر بەرسەڭلار توغرىلىۋەتسەم بولىدۇ)
مانا بۇ Android يانفونلاردىكى Recovery شۇ. ھازىرچە مۇشۇنچىلىكراق چۈشىنىپ تۇرساق بولىدۇ. قالغان ئىقتىدارلارنى ئىشلىتىش جەريانىدا تېخىمۇ ياخشى چۈشىنىپ كېتەلىشىمىز مۇمكىن.
مەزكۇر يازمىنى ئۆزۈمنىڭ يولۇققان تەجرىبىلىرىم ئاساسىدا يېزىپ چىقتىم. شۇڭا بەزى بىر خاتالىقلار بولۇشى مۇمكىن. ناۋادا شۇنداق بولسا ئىنكاس شەكلىدە ياكى قىسقا ئۇچۇر شەكلىدە مەلۇم قىلساڭلار تۈزەتسەم بولىدۇ.
ئاخىرىدا ئەمگىكىمگە ھۆرمەت قىلىپ، بۇ يازمىنى باشقا يەرگە كۆچۈرمەسلىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن. بۇ يازما قۇتيار توردىن بىلىك كۇلۇبى ۋە ئىزدىنىش مۇنبىرىگە يوللاندى. باشقا يەرلەردە ئېلان قىلىنمايدۇ.
ھۆرمەت بىلەن: قۇتيار مۇنبىرىدىن كۈلكە
2014-يىلى ئۇمۇتنىڭ 15-كۈنى |