0-قەۋەت
2012-3-30 11:20:09 يوللىغان ۋاقتى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Mr.Aziz تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-7-31 14:38
يېقىندىن بېرى مۇشۇ ئەقىللىق تېلېفون(ئالما، ئاندرويىد، سىمبىيان قاتارلىق مەشغۇلات سىستېمىسىدىكى)ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ ، دۇچ كېلىدىغان مەسىلىلەر كۆپەيدى،بەزىلىرى سېستىما رومىنى يېڭىلىيالماي، بەزىلىرى ئۇيغۇرچە تونۇتالماي ، ئۇدۇل قۇتيار مۇنبىرىگە كىرىپ تىزىملاتتىدە ياردەم تېمىسىدىن بىرنى يوللىدى.
مەن xxxxيانفونىدىن بىرنى ئالغان، ئۇيغۇرچە تونۇتالمىدىم، مۇنبەردىكى ئۇستازلار ياردەم قىلساڭلار
پۈتكۈل يوللانغان ياردەم تېمىلىرىنىڭ قۇرۇلمىسى ئاساسەن شۇنىڭغا ئوخشاش، يەنە بىر ئوخشاش يېرى ئاشۇنداق تېمىلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئاستى ئاساسەن قۇرۇق، ئىنكاس يوق، بىرەر بىرەر باشقۇرغۇچىلىرىمىزنىڭ كۈلكە ئەپەندىنىنىڭ ئاندرويىد سېستىمىلىق يانفونلارغا ئۇيغۇرچە تونۇتۇش توغرىسىدا يازغان تېمىسىنى ئۇلانما قىلىپ قويغىنىنى ھېسابقا ئالمىغاندا ئاساسەن قۇرۇق، ئەمەلىيەتتە ئاشۇ تېمىلا نۇرغۇن ئادەمنىڭ مۇشۇ جەھەتتىكى باش قېتىنچىلىقىنى ھەل قىلغان، شەخسەن مېنىڭمۇ شۇنىڭ ئىچىدە.
مۇئەللىم بولۇپ باققانلار بىلىدۇ، ئوقۇغۇچىلار بىزدىن سۇئال سوراپ تۇرىدۇ، لېكىن چوقۇم سۇئالنى جايىدا ئوڭلاپ قويالىسا جاۋابمۇ ياخشى بېرىلىدۇ. سۇئال توغرىسىدا چۈشەنچە ھاسىل قىلماي تۇرۇپ جاۋاب بەرگىلى بولمايدۇدە.لېكىن بېشى بار، ئايىغىنىڭ تايىنى يوق، تومتاق كالتە، ئۇنىڭ ئۈستىگە تەكرار سورىلىۋەرگەن سۇئاللارنىڭ ھەممىسىگە جاۋاب بېرىپ بولغىلى بولمايدۇ. قۇتيارغا يىغىلغان ئاندرويىد ھەۋەسكارلىرىنىڭ بىرەرسى كەسپىي ئاندرويىدچى ئەمەس، شۇ ئاندرويىد تېلېفونى بار، ئۆزىنىڭ تېلېفونى بىلەن ھەپىلىشىپ، نۇرغۇن قېتىم كېسەككە ئايلاندۇرۇپ ، يەنە ساقايتىپ، ئىزدىنىپ يۈرۈپ ئۇستا بولۇپ كەتكەنلەر، لېكىن ئۇلار بىرەر-ئىككى خىل تېلېفوننى ئىشلىتىپ باققان بولۇشى مۇمكىن، سىز ياردەم سوراپ يازغان تېمىدىكى تېلېفوننىڭ خۇيى ئۇلار ئىشلەتكەنگە ئوخشىماسلىقى مۇمكىن، شۇڭا ئۇلار مۇ كېسىپ جاۋاب بېرەلمەي قېلىشى تەبىئىي، چۈنكى بىرەر ئەزا مۇنداق قىلىڭ ...دېگەندەك تەكلىپلەرنى بەرگەن بولسا، شۇنداق قىلىپ يانفونىڭىز كېسەككە ئايلىنىپ قالسا، ئۇقمىغان نېمەڭگە ئاتىكاچىلىق قىلىپ نېمە قىلىسەن دەپ تىللىشىڭىز مۇمكىن.
شۇڭا قىسقىچە قىلىپ ئېيتقاندا مۇشۇنداق ياردەم تېمىسى يوللىماقچى بولۇۋاتقانلار سەمىگە شۇنى سېلىپ قويماقچىمەن.
ئالدى بىلەن تېمىنى يوللاشتىن بۇرۇن چوقۇم مۇنبەرنى سەھىپە بويىچە ئەستايىدىل كۆرۈپ چىقىڭ، چۈنكى سىز يوللىماقچى بولغان تېمىلار ئاللىبۇرۇن يوللىنىپ ھەل قىلىنىپ بولغان بولۇشى مۇمكىن.
ئۇيغۇرچە تونۇتۇش ئۈچۈن كۈلكە يوللىغان ھېلىقى تېما كۇپايە، بەزىبىر مۇنبەرلەردە يەنە ئۇنىڭدىنمۇ مۇرەككەپ، چوڭقۇر دەرىجخدىكى تېخنىكىلىق تېمىلارمۇ يوللانغان، لېكىن كەمىنىمۇ شۇ ئۇسۇللارنى سىناپ، يانفونۇمنى 10-15قېتىمدىن كېسەككە ئايلاندۇرغانمەن
ئەگەر سىز يولۇققان مەسىلە بەك ئېغىر ، يەنە كېلىپ ئىلگىرى كۆرۈلۈپ باقمىغان، مۇنبەرلەردىمۇ يوللانمىغان مەسىلە بولۇپ قالسا ، تېما يوللىسىڭىز بولىدۇ، لېكىن تېمىنى چوقۇم تۆۋەندىكى تەكلىپ بويىچە يوللىسىڭىز:
ئاۋۋال تېلىفونىڭىزنىڭ ماركىسى، تىپى، بولسا بىلسىڭىز سەپلىمىلىرىدىن تارتىپ ئېنىق يوللاڭ، بەزى ئىشلار سەپلىمە بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك، مەسىلەن fir foxنىڭ بەزى يانفونلارغا قاچىلانماسلىقىدىكى سەۋەب، armمەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچنى قوللىمايدۇ.
ئاندىن كېيىن يولۇققان مەسىلىنى ئېنىق يېزىڭ، زادى قانداق مەسىلە قانچىلىك دەرىجىدە، سىز قانچىلىك باسقۇچىغا كەلگۈچە قىلىپ بېقىپ، ئاخىرىنى قىلالمىدىڭىز بۇلار چوقۇم ئېنىق بولسۇن، چۈنكى ھەرقانداق بىر مەسىلىنىڭ ھالقىلىق يېرى بولىدۇ. ياردەم تېمىسىغا جاۋاب بەرگۈچىلەر چوقۇم سىز سورىغان سۇئالدىن ھالقىلىق مەسىلىنىڭ نەدە ئىكەنلىكىنى بايقىيالىشى كېرەك
مەسىلىڭىزنى ھەل قىلىمەن دەيدىكەنسىز چوقۇم سۇئالنى چۈشىنىشلىك ئەستايىدىل قويۇڭ، شۇندىلا ئەستايىدىل جاۋابقا ئېرىشەلەيسىز. |
-
ھەممە باھا نومۇرى : شۆھرەت + 27
تەجرىبە + 27
تەڭگە + 22
باھا خاتىرىسى
|
- تىزىملاتقان
- 2010-11-1
- ئاخىرقى قېتىم
- 2017-3-17
- ھوقۇقى
- 5
- جۇغلانما
- 3285
- يازما
- 624
- نادىر
- 0
تارقان

![[ تەجرىبە 4 _ دەرىجە ] ≥ 1600](source/plugin/qz_mmm/images/0/fenzuan4.gif) ![[ شۆھرەت 2 _ دەرىجە ] ≥ 360](source/plugin/qz_mmm/images/0/heizuan2.gif) ![[ تېخى يورۇمىدى: نادىر تېما ] تەلىپى: 5](source/plugin/qz_mmm/images/0/huizuan.gif) ![[ تېخى يورۇمىدى: تەڭگە ] تەلىپى: 100](source/plugin/qz_mmm/images/0/huizuan.gif) ![[ تېخى يورۇمىدى: تېما سانى ] تەلىپى: 50](source/plugin/qz_mmm/images/0/huizuan.gif) ![[ توردىكى ۋاقت 2 _ دەرىجە ] ≥ 144](source/plugin/qz_mmm/images/0/lvzuan2.gif) [؟]
تەجرىبە- 1679
شۆھرەت- 470
تەڭگە- 42
|