قۇتيار مۇنبىرى

ئىزدەش
ئىم قايتۇرۇۋېلىش  خەتلىتىڭ

[خەۋەر] ئالدامچىلارنىڭ جاجىسىنى بېرىدىغان يېڭى بەلگىلىمە چىقتى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

  • كۆرۈش950
  • ئىنكاس0
0-قەۋەت
‎2016-9-24 09:23:36 يوللىغان ۋاقتى
ئالتە تارماقنىڭ تېلېگىراف ئالدامچىلىقىدىن مۇداپىئە كۆرۈش يېڭى بەلگىلىمىسى: ATM دا ئوخشاش ئىسىملىك بولمىغان ھېسابات نومۇرىغا پۇل ئاغدۇرغاندا، پۇل 24 سائەتتىن كېيىن قارشى تەرەپ ھېساباتىغا كىرىدۇ
/ \; R" Z4 b# Z 20160923_191144_857.jpg
4 l% z5 ?2 O6 Y4 Q[قۇتيار تورى تەرجىمىسى] IT ئائىلىسىنىڭ 9-ئاينىڭ 23-كۈنىدىكى خەۋىرى: بۈگۈن ج خ مىنىستىرلىقى قاتارلىق ئالتە تارماق بىرلىشىپ تېلېگراف تور ئالدامچىلىقى جىنايەت قىلمىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە زەربە بېرىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشنى ئېلان قىلىپ، بىر نەچچە تۈرلۈك يېڭى بەلگىلىمىنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويدى، يەنى: 10-ئاينىڭ 31-كۈنىدىن بۇرۇن، تېلېگراف ئالدامچىلىقى بىلەن شوغۇللانغانلار تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۆزىنى مەلۇم قىلىپ، راستچىللىق بىلەن ئىقرار قىلسا، قانۇن بويىچە جازاسى يىنىكلىتىلىدۇ؛ بۇ يىل 10-ئاينىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن تېلېفون نومۇرىنى ھەقىقىي ئىسىم بىلەن ئىشلىتىش نىسبىتىنى % 96 يەتكۈزۈشكە، يىل ئاخىرىدىن بۇرۇن %100 كە يەتكۈزۈشكە كاپالەتلىك قىلىنىدۇ؛ سودا بانكىلىرى «ئوخشاش بىر مۇئامىلىدارنىڭ ئوخشاش بىر بانكىدىكى قەرز كارتىسى تۆت دانىدىن ئېشىپ كەتمەسلىك» نى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرىدۇ، قاتارلىقلار. بۇنىڭ ئىچىدە، بىر يېڭى بەلگىلىمە تورداشلارنىڭ قىزغىن مۇنازىرىسىنى پەيدا قىلدى، يەنى 2016-يىل 12-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ، ئاپتوماتىك مۇلازىمەت ماشىنىسى (ATM ماشىنىسى) دا ئوخشاش ئىسىملىك بولمىغان ھېسابات نومۇرىغا پۇل ئاغدۇرغاندا، پۇل 24 سائەتتىن كېيىن قارشى تەرەپ ھېساباتىغا كىرىدۇ.3 h& Y' M4 a7 |1 D" s- p- V; @
) q; t' r3 v& p. u8 ~, Y0 S! V
تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ قارىدى: يۇقىرىقى بۇ بەلگىلىمە تېلېگراف تور ئالدامچى جىنايەتچىلىرىنىڭ ئالدامچىلىق مەبلىغىنى تېز سۈرئەتتە يۆتكەپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ مەبلىغىنى قايتۇرۇپ كېلىشى ئۈچۈن ۋاقىت قالدۇرغان. يەنى، نۆۋەتتە ھەر قايسى سودا بانكىلىرى تېلېگىراف ئالدامچىلىقىغا مۇداپىئەنى كۈچەيتتى، خېلى كۆپ ئالدانغۇچىلار پوكەيدە پۇل ئۇرغاندا بانكا خىزمەتچى خادىملىرى تەرىپىدىن نەسىھەت قىلىنىپ توسۇپ قېلىندى، ئەمما ئاپتوماتىك پۇل ئېلىش ماشىنىسىدا پۇل ئەۋەتىش ئالدامچىلارنىڭ تېخىمۇ ياخشى كۆرىدىغان يولى بولۇپ قالدى، يۇقىرىقى بەلگىلىمە يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، تېلېگراف ئالدامچىلىقىنىڭ ھالقىلىق زەنجىرىنى ئۈزۈۋېتىشكە پايدىلىق بولىدۇ.8 R* J+ B+ }. B2 d
بەزى تورداشلار مۇنداق سوراپ قالىدۇ: بۇ بەلگىلىمە يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، ئابۇنىتلار جىددىي پۇل يۆتكىمەكچى بولغان ۋاقىتتا قانداق قىلىدۇ؟ دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى شۇكى، يۇقىرىقى بەلگىلىمە پەقەت ATM دىكى مەشغۇلاتقا قارىتىلغان، ئابۇنىتلار جىددىي پۇل يۆتكىمەكچى بولغان ۋاقىتتا، بانكا پوكىيى ئارقىلىق ئېلىپ بارسا بولىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، ئۈندىدار، ئالىپاي قاتارلىق تەرەپلەر نۆۋەتتىكى بەلگىلىمىدە تىلغا ئېلىنمىدى، كېيىنچە بۇ تەرەپلەرگە كېڭىيىدىغانلىقى ھازىرچە نامەلۇم.! r* _; K$ K, Q/ l% F

; w. Y6 H* x8 }% F! {7 g: V5 xئەسلى مەنبە
/ L$ Z( ?7 ^3 S: R6 H$ @

بېكەت باشلىقى

بېكەت مەسئۇلى

Rank:10

[؟]

تەجرىبە
25082
شۆھرەت
20956
تەڭگە
3090

مۇنبەر باشلىقى

«ئۇ» ئادەم ئىشلىتىپ كۆنۈپ قالغان، «بىز» ئۆزىمىز ئىشلەپ كۆنگەن، پەرقى بار.

تېز ئىنكاس يېزىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | خەتلىتىڭ

ئەسسالام مېھمان

ئاقسۇ قۇتيار كومپيۇتېر شىركىتى باشقۇرۇشىدىكى كومپيۇتېر، ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىم، ساپ ئۇيغۇر تىلىدىكى دەرسلىك ۋە دېتاللارنى ئاساس قىلغان كەسپىي تور بېكەت.
ئۇيغۇرچە discuz ئاساسىدا قۇتيار تورى قايتىدىن تەڭشىدى ، ئۇيغۇرچە discuz ئۈچۈن تەر تۆككەن نۇرقۇت تورىغا ئالاھىدە رەھمەت ئېيتىمىز.
Processed in 0.085066 second(s), 17 queries . GMT+8, 2017-6-23 14:32  新10002915号-1 Powered by Discuz! X2
چوققىغا قايتىش