قۇتيار مۇنبىرى

ئىزدەش
ئىم قايتۇرۇۋېلىش  خەتلىتىڭ

[دەرسلىك] [دەرسلىك] Win7/8 لەرنى Win10 غا يېڭىلاپ قاچىلاش   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

  • كۆرۈش14583
  • ئىنكاس36
0-قەۋەت
‎2016-7-5 01:06:58 يوللىغان ۋاقتى
تېما ئاستىدا PDF نۇسخىسى چۈشۈرۈشكە تەمىنلەندى.
1 b5 i5 L0 `$ h( ~
# r! _" e/ y0 Y. u* k5 Z# G! p, |ھەممىمىزگە مەلۇم بولغىنىدەك 2015- يىلى 7- ئاينىڭ 29- كۈنى Windows 10 ئېلان قىلىنغاندا بىر يىل ئىچىدە Windows 7/8/8.1 لەرنى ھەقسىز Windows 10 غا يېڭىلاشقا بولىدىغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى. مانا ھەش پەش دىگۈچە بىر يىل ئۆتۈپ  Windows10 نىڭ بىر يىللىق نۇسخىسى ( قىزىل تاش نەشىرى) ئېلان قىلىنىش ئالدىدا تۇرۇپتۇ (ھەقىقىي نۇسخىسىنى 8- ئاينىڭ 2- كۈنىدىن باشلاپ يېڭىلاشقا بولىدىغان ئوخشايدۇ)  ، شۇڭا خىلمۇخىل سەۋەپلەر تۈپەيلى ھازىرغىچە يېڭىلىمىغان تورداشلارغا پايدىسى بولۇپ قالار دەپ بۇ دەرسلىكنى يازدىم، پايدىلانغايسىلەر...+ u' B) R( X: ^/ A3 o, j
دەرسلىكنى باشلاشتىن بۇرۇن Win10 توغرىلىق تۆۋەندىكى سۇئال – جاۋاپلارنى ئوقۇپ چىققايسىز.
( Q& N+ q& d4 X3 A% C6 x% B& {$ ], X  L- T) ^' p! z
س: Windows10 ھەقسىزمۇ؟9 X' d4 ^' O3 {0 b! ?. U+ L! R2 }- |6 K
ج: ھازىر ئىشلىتىۋاتقان سىستېما Windows 7/8/8.1 بولۇپ ئاكتىپلانغان بولسا 2016- يىلى 7- ئاينىڭ 29- كۈنىدىن بۇرۇن يېڭىلىسىڭىز مەڭگۈلۈك ھەقسىز، 7- ئاينىڭ 29- كۈنىدىن كېيىن ھەقلىق.
6 C9 E& A. I0 P# k% o; D
; Y9 ?% A. f. q4 \) {0 `6 V, eس: ھازىرقى سىستېمام ئوغرى نۇسخىدىكى Windows 7  (ياكى 8/8.1) ئىدى، يېڭىلىيالامدىم؟$ Q; v, G0 C! t* ^: y5 p
ج: ئەلۋەتتە بولىدۇ، پەقەت ئاكتىپلانغان بولسىلا بولدى، ھەقىقىي نۇسخىسى بولامدۇ ياكى ئوغرى نۇسخىسى بولامدۇ ئوخشاشلا يېڭىلىيالايسىز، ھەمدە مەڭگۈ ھەقسىز ئىشلىتىسىز.

6 o3 t  ]$ Z& u; R3 U
) H2 y4 M6 Y3 E. l" [7 `س: ھازىرقى سىستېمام Windows XP ( Vista) ئىدى، بۇنىمۇ يېڭىلىغىلى بولامدۇ؟
& z  z1 I  a) q+ s! Y& Xج: بولمايدۇ.
' [: ?* Q! `: P+ |# ?8 z- t
3 L6 `9 y8 @( D; E: Tس: Windows 10 نىڭ قاتتىق دېتالغا تەلىپى يۇقىرىمۇ؟; Y" P$ N# l, F8 u
ج: كومپيۇتېرىڭىزدا Windows 7/8/8.1 لەرنى نورمال ئىشلىتەلىگەن بولسىڭىزلا بولدى، Windows 10 نى چاتاق يوق سۆرەيدۇ.
" I! V- O  A# `* C- \( n5 k5 {/ h3 Q  D/ r# X
س: Windows 10 نىڭ قانداق نۇسخىلىرى بار؟
2 Y# t0 \' I( n! pج: Windows 10 كومپيۇتېر نۇسخىسىنىڭ ئائىلە نۇسخىسى، كەسپىي نۇسخىسى، كارخانا نۇسخىسى، مائارىپ نۇسخىسى قاتارلىق تۆت خىل نۇسخىسى بار.
# w7 h5 D. D, t. t. X, H( a, l6 B! j7 {" G; A  ^! ?. i" s% P) W
س: قايسى نۇسخىدىكى Windows 10 غا يېڭىلايمەن؟' L3 A( i/ G! ]3 t5 ^" X  O
ج: بۇ ھازىر ئىشلىتىۋاتقان سىستېمىڭىزغا باغلىق، ئەگەر ئىشلىتىۋاتقىنىڭىز Windows 7 ئاددىي نۇسخىسى، ئائىلە نۇسخىسى، ئائىلە ئالىي نۇسخىسى، Windows 8.1 ئائىلە نۇسخىسى بولسا يېڭىلىنىدىغىنى Windows 10 ئائىلە نۇسخىسى بولىدۇ. ئەگەر ئىشلىتىۋاتقىنىڭىز Windows 7 كەسپىي نۇسخىسى، بايراقدار نۇسخا، Windows 8.1 كەسپىي نۇسخىسى، ئوقۇغۇچىلار كەسپىي نۇسخىسى، WMC كەسپىي نۇسخىسى بولسا يېڭىلىدىغىنى Windows 10 كەسپىي نۇسخىسى بولىدۇ.2 l, v$ H! h  r# T- l) `2 r

3 ?- G- l4 v& q3 K  Sس: Windows10 غا يېڭلىغاندىن كېيىن ئىشلەتكىم كەلمىسە تۆۋەن نۇسخىدىكى Windows قا قايتالامدىم؟
. e0 e5 Z( L, O- _0 Wج: Windows 10 غا يېڭىلاپ بىر ئاي ئىچىدە ئەسلىدىكى Windows قا قايتۇرغىلى بولىدۇ، ئەگەر بىر ئايدىن ئېشىپ كەتسە يېڭىدىن سىستېما قاچىلاش ئارقىلىق كونا سىستېمىنى قايتا ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ.
8 M5 g+ G4 `9 q% [+ s% ^* ]' U0 N) H9 J
س: كونا نۇسخىدىكى Windows قا قايتقاندىن كېيىن يەنە Windows10 نى قاچىلىماقچى بولسام ئاكتىپلاش مەسىلىسى بارمۇ؟
4 F% m2 }* u" T$ Bج: مىكروسوفت ئاكونتىڭىزدا پەقەت ۋە پەقەت بىرلا قېتىم Windows 10 نى ئاكتىپلىغان بولسىڭىزلا بولدى، بۇنىڭدىن كېيىن مەيلى كونا سىستېمىنى يېڭىلاڭ ياكى Windows 10 نى يېڭىدىن قاچىلاڭ... شۇ ئاكونىتتا سىستېمىغا كىرسىڭىزلا ئۆزى ئاپتۇماتېك ئاكتىپلىنىدۇ.

; ]$ i+ Z0 C) f% |$ a* d6 g/ X. ?  ^
ئۇنداقتا رەسمىي مەزمۇنغا كىلەيلى...
5 I1 G, z2 C! u4 B( A( X; p& pيېڭىلاشتىن بۇرۇنقى تەييارلىق
3 H$ _7 Q1 s0 [0 s0 h, nيېڭىلاشتىن بۇرۇن C دىسكىدا 20GB دىن چوڭ بوشلۇق بولۇشى كېرەك، شۇڭا C دىسكىدىكى كېرەكسىز نەرسىلەرنى ئۆچۈرۈپ، زاپاسلايدىغاننى زاپاسلاپ بوشلۇق تەييارلاڭ.
6 `* ?* O* u4 C, v& x' tئاندىن مىكروسوفت ئاكونتىڭىز بولۇشى كېرەك، ئەگەر بولمىسا بۇ يەرنى چىكىپ چىققان كۆزنەكتىن 获取新的电子邮件地址 دېگەنى بېسىپ ئىلتىماس قىلىڭ. بۇ ئادەتتىكى ئېلخەت تىزىملاتقانغا ئوخشاش ئىش بولغاچقا بۇ يەردە سۆزلەپ يۈرمىدىم. لېكىن كۈچلۈك تەۋسىيە: تېلىفون نومۇرى يازىدىغان يەرگە مۇقىم ئىشلىتىدىغان يانفون نومۇرىڭىزنى قالدۇرۇپ باغلىۋېلىڭ، بۇنىڭدىن كېيىنكى ئاكتىپلاش، ئاكونت بىخەتەرلىك مەسىلىلىرىدە ئەسقاتىدۇ.0 H* h. V  H3 P7 \. S

2 J6 Z% r# z$ e! rيېڭىلاش ئۇسۇللىرى
5 B' S; ?, e/ y' N, a6 Q& J. Gيېڭىلاپ قاچىلاشنىڭ تۆۋەندىكىدەك ئىككى خىل ئۇسۇلى بار
: P* G3 c. f* U5 v7 m  k: \
1 e; i3 G) Z5 {بىرىنچى ئۇسۇل: ئورگان تەرەپتىن يېڭىلاش
9 L4 y. z9 b. n  |
9 w' x+ R! e: d: nھازىرقى سىستېما يېڭىلاش شەرتىگە چۈشسە سىستېما ئاپتۇماتېك يېڭىلاش ياردەمچىسىنى قاچىلاپ سىزگە ئەسكەرتىش بېرىدۇ، شۇ بويىچە يېڭىلىسىڭىز بولىدۇ. بىراق كۆپىنچىمىز ئىشلتىۋاتقان ئوغرى نەشىردىكى Win7/8 لەرنىڭ ( بولۇپمۇ Ghost نۇسخىسىنىڭ) ئاپتۇماتېك يېڭىلاش ئىقتىدارى ئېتىۋىتىلگەنلىكى ئۈچۈن قاچىلاش ئەسكەرتمىسىنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ، شۇڭا بۇنى ئۆزىمىز قول سېلىپ قاچىلايمىز.9 T' D% ?  Y# s" I9 U. n
ئورگان تەرەپتىن يېڭىلاپ قاچىلاشنىڭ قاچىلاش ياردەمچىسى ئارقىلىق قاچىلاش، MediaCreationTool ئارقىلىق قاچىلاش، ISO ھۆججەتنى چۈشۈرۈۋېلىپ قاتتىق دىسكىدىن، ئ‍وپتىك دىسكىدىن، بارماق دىسكىدىن قاچىلاش… قاتارلىق بىر قانچە خىل ئۇسۇللىرى بار، ئەمەلىيەتتە ھەممىسى ئاساسەن ئوخشاش، بۇ يەردە مەن ISO ھۆججەتنى چۈشۈرۈپ قاتتىق دىسكىدىن قاچىلاشنى مىسال قىلىمەن.
+ `7 e- |7 j* ]2 W
- r# z# e) W- |( kئەڭ ئاۋۋال ئورگان تەرەپ 10586 نەشىردىكى ISO ھۆججىتىنى چۈشۈرۈپ C  دىسكىدىن باشقا دىسكىغا پىرىستىن يىشىش قۇراللىرى ئارقىلىق يىشىۋالىمىز.( ]! P" ~5 R4 t: I0 [1 N
چۈشۈرۈش ئادرىسى:
& K6 s4 }$ u8 g! ^- z' a32 بىتلىق ئائىلە ۋە كەسپىي نۇسخىسىنى چۈشۈرۈش64 بىتلىق  ئائىلە ۋە كەسپىي نۇسخىسىنى چۈشۈرۈشئاندىن شۇ قىسقۇچ ئىچىدىكى Setup نى قوش چىكىپ ئىجرا قىلىمىز.
+ _8 q6 v) G4 C, n+ W  l  K: E) G9 ^
8 b7 F5 [5 \7 ]; a8 Kرەسىمدىكىدەك مەشغۇلات قىلىمىز.
% w6 v# e$ s$ N8 `5 N& b$ X# J/ m+ }) V' c/ O
1000.png
# n# j' J9 \$ y  L& \8 ^/ ]+ a) i8 h& W2 ~
1001.png
/ @( v2 _( b7 h" |  E# {
8 P& [4 c9 K/ O+ a 1002.png
) |' s) {: e: @1 ]+ {* m
6 X, D* b5 p1 j* C3 g- Y, c7 ^  D2 v7 w8 i1 u4 L5 S" b
بۇ يەرگە كەلگەندە ئۆزىمىزنىڭ ئىھتىياجى بويىچە تاللايمىز، ئەگەر كونا سىستېمىدىكى ھەممە يۇمشاق دېتال، ھۆججەتلەرنى ساقلاپ قالماقچى بولساق بىۋاستە قاچىلاش كونۇپكىسىنى باسساق بولىدۇ، ئۇنداق بولمىسا بەلگە قويۇلغان جاينى باسىمىز.
) z- A- w( J- Q: {. B& z9 K% a! F  Q
1003.png   H6 H/ c3 P) x5 l2 n6 e
6 ~. D( ~) M& k' }! v
بۇ يەردە تۆۋەندىكىدەك ئۈچ خىل تاللاش تۈرى بار. بىرىنچىسى ھەممە يۇمشاق دېتال، ھۆججەت، Windows تەڭشەكلىرىنى ساقلاپ قېلىش، ئىككىنچىسى ھۆججەتلىرىمىزنىلا ساقلاپ قىلىپ ئەسلى قاچىلانغان بارلىق يۇمشاق دېتال، Windows تەڭشەكلىرىنى ئۆچۈرۈۋېتىش، ئۈچىنچىسى ھەممە نەرسىنى ئۆچۈرۈپ يېڭىدىن قاچىلاش. بۇلارنى ئۆزىمىزنىڭ ئىھتىياجى بويىچە تاللىساق بولىدۇ، بۇ دەرسلىك ئۈچىنچى تاللانما (ھىچنەرسىنى ساقلاپ قالماي يېڭىدىن قاچىلاش) بويىچە داۋاملىشىدۇ.8 i9 b9 P4 B$ Q1 v- M2 m: l
1 b4 P$ N! E$ s' X/ E6 A; a
1004.png
& U5 c  {6 w3 Z$ |! b# q- K) M
  o* t3 d2 ?% v5 Nيېڭىلانما تەكشۈرۈۋاتىدۇ
/ w3 Q: B6 Q* h3 m
9 J! {8 J6 b2 K& X  q7 x 1005.png + Q/ D" ^& D7 ~2 U; r  z: e& ~+ y
) I" ?2 q+ O( Q
مانا بارلىق تەييارلىق پۈتتى، مەن ھازىر Windows 10 كەسپىي نۇسخىسىغا يېڭىلىيالايدىكەنمەن، يۇقۇرىدا تاللىغاندەك ھىچقانداق مەزمۇننى ساقلاپ قالمايدىكەن.1 s+ w; s+ c" l% {

/ D" E" _' i: i  w 1006.png
2 ~2 c8 Q+ }* ^% u8 M& h
5 q1 T4 P; Y0 M) yقاچىلاش رەسمىي باشلاندى، بۇ ۋاقىتتا كومپيۇتېرنى ئىشلەتكىلى بولمايدۇ ھەمدە بىرنەچچە قېتىم قايتا قوزغىلىدۇ.: S* ]5 D5 f+ w& _' t0 e2 N, H
* I. R% H+ f; o+ O; O
1007.jpg + p/ A/ z* A+ N3 y' G0 P' R
2 \7 {( L1 u0 L" [
1008.jpg ) Y8 p* `# V6 X( W) a, g  l, l
$ o3 x6 e) Q5 j7 q8 q' m
1009.jpg
. W) X. ^5 a- n' R9 s/ r3 J+ x/ q$ x' ^! H( d
بۇ يەرگە كەلگەندە رايون، تىل تەڭشەكلىرى، كىرگۈزگۈچ قاتارلىقلارنى تەڭشەشكە ئىھتىياجىمىز بولمىسا بىۋاستە كېيىنكى قەدەمنى بېسىپ داۋاملاشتۇرىمىز.- M4 g$ ?& W/ @* F5 E
دىققەت: ئەگەر ھەممە دېتال، ھۆججەتلىرىڭىزنى ساقلاپ قالغان ھالەتتە يېڭىلاشنى تاللىغان بولسىڭىز بۇ يەر چىقمايدۇ.
7 e3 e- t, `" m8 j' ?) P
+ l7 b. V4 v9 q" W 1010.jpg
) o# c' M0 c0 ]- e3 \6 C7 t0 U6 V, U- f, O2 k* e
بۇ يەردىمۇ بىۋاستە 使用快速设置 نى باسساق بولىدۇ.
+ ?$ \3 W3 C; s$ }$ `& D. z+ s& L; {- C1 W( F5 u2 j. k: Q# |
1011.jpg " E2 R+ W7 h0 E: o& S& ~" L

- c# g9 S, T: c- I1 y* @7 I; `ئەمدى بۇ يەردە كومپيۇتېرىمىز ئائىلىدە شەخسىي ئىشلتىدىغان كومپيۇتېر بولسا ئاستىدىكىنى تاللاپ كېيىنكى قەدەمنى بېسىپ داۋاملاشتۇرىمىز.
$ W( p* a% t# t. r' q4 yدىققەت: ئەگەر ھەممە دېتال، ھۆججەتلىرىڭىزنى ساقلاپ قالغان ھالەتتە يېڭىلاشنى تاللىغان بولسىڭىز بۇ يەر چىقمايدۇ.
* R, P" [( z3 s; Y% O, J( e8 z; J2 K9 O( O; q( R
1012.jpg
8 N/ y8 Q1 Q8 K* B$ G7 L' N) _5 w1 n( G+ O! z0 K7 Q
مىكروسوفت ئاكونتىنى تولدۇرىمىز.+ U$ ^, m  g' l0 [
دىققەت: ئەگەر ھەممە دېتال، ھۆججەتلىرىڭىزنى ساقلاپ قالغان ھالەتتە يېڭىلاشنى تاللىغان بولسىڭىز بۇ يەر چىقمايدۇ.
# U1 M; V# u5 n* T* j- |; N/ n! H. [- k$ s! ]- z
1013.jpg , d, [3 ]  g$ h5 q# ~
) l! ?( Q& I) x4 E; t4 q) ]+ ]  R
PIN نى تەڭشەش. PIN تۆت خانىلىق سان بولۇپ، ھەر قېتىم Windows قا كىرگەندە ئىم كىرگۈزۈش كېرەك بولۇپ بۇ بىر ئاۋارىچىلىق، شۇڭا تەۋسىيە PIN بەلگىلىۋېلىڭ، ئىم كىرگۈزۈشكە قارىغاندا كۆپ قولايلىق.
/ ~9 g0 _6 }8 L& v3 G$ `دىققەت: ئەگەر ھەممە دېتال، ھۆججەتلىرىڭىزنى ساقلاپ قالغان ھالەتتە يېڭىلاشنى تاللىغان بولسىڭىز بۇ يەر چىقمايدۇ.4 v1 R. k, c$ Z0 f$ \- M

( q7 ?* N( c2 V+ a* a1 Q; C2 G9 y 20160704_221117.jpg
( b$ S) E' |, w/ T
; t9 C/ K& t" N/ |1 eشۇنىڭ بىلەن ئىش تامام، قاچىلىنىپ بولدى.
7 M6 q0 D8 \$ T6 P$ I
& q$ @4 B6 G! Q& V8 u# N# _3 S& p9 q 1014.jpg / z7 ^/ E1 h* m( O" }1 k$ e; E3 @

1 p2 u" k) k8 g8 f' Y9 Z+ d  @$ Vمەن بۇ دەرسلىكنى يېزىش ئۈچۈن توردىن Ghost Win7 دىن بىرنى چۈشۈرۈپ قاچىلاپ سىناق ئۈچۈن مەشغۇلات قىلغان، قاراڭ ، ئاپتۇماتېك ئاكتىپلىنىپتۇ.
$ x) N# d- v2 S! ^0 m! a8 J) A, Y9 B; {, ?9 O; k4 M4 m1 o" k: y2 g3 C
1015.png
* E3 |# w) ~4 B* J- @: H0 D3 F: \" a7 ~6 z1 W1 J' t
ئەمدى يەنە بىر مەسىلە بار، يەنى مىكروسوفت ئاكونتىنى دەلىللەش.(دىققەت: ئەگەر ئۈستىدە ھەممە دېتال، ھۆججەتلىرىڭىزنى ساقلاپ قالغان ھالەتتە يېڭىلاشنى تاللىغان بولسىڭىز ياكى ئىككىنچى ئۇسۇل ئارقىلىق يېڭىلىغان بولسىڭىز ئاۋۋال مىكروسوفت ئاكونتىڭىزغا كىرىشىڭىز كېرەك، كىرىش ئۇسۇلى 设置--账户--添加账户--OUTLOOK.COM تەپسىلاتى ئىككىنچى خىل ئۇسۇلدا يېڭىلاشتا بار )  بۇنى ئادەتتە سىستېما قاچىلىنىپ بولغاندىن كېيىن ئۆزى ئەسكەرتىدۇ، شۇ ئەسكەرتىشنى چىكىپ مەشغۇلات قىلساق بولىدۇ، ئەگەر بۇ ئەسكەرتىشنى ئۇقۇشماي ئۆچۈرۈۋەتكەن بولساق 设置—账户 نىڭ ئىچىدە بار.* I6 L4 X6 l* r" o$ N5 M
رەسىمدىكىدەك 验证 نى چىكىمىز.5 M, {- v# M8 m, C" @
$ C6 K# i6 w6 X, i- y1 q
1016.png   K0 @& Y( b2 s, B1 s6 l+ l: F
0 u+ a, T# G5 @  ], w. j
بۇ يەردە دەلىللەشنىڭ بىر قانچە خىل ئۇسۇللىرى بار، يەنى يانفون قىسقا ئۇچۇرى، ئاۋازلىق ئۇچۇر، ئېلخەت... قاتارلىق، شۇڭا باشتا دەپ ئۆتكەندەك مىكروسوفت ئاكونتى ئىلتىماس قىلغاندا چوقۇم تېلېفون نومۇرىنى قالدۇرۇڭلار. رەسىمدىكىدەك ئاستىدىكى كاتەككە يانفون نومۇرىمىزنىڭ ئاخىرىقى تۆت خانىسىنى كىرگۈزۈپ كېيىنكى قەدەمنى باسىمىز.  Y' ?, P. x* ^5 s5 i' h8 _/ v
+ Z3 l! F  w' Q2 ?
1017.png
& o! t# @0 M# c# o  q/ ?) `0 W. o% K& q& Q+ ?. f# j
بۇ چاغدا يانفون نومۇرىمىز توغرا بولسا يەتتە خانىلىق دەلىللەش كودىنى قىسقا ئۇچۇر شەكلىدە ئەۋەتىدۇ، بۇ كودنى كىرگۈزۈپ كېيىنكى قەدەمنى باسساق دەلىللەش مەشغۇلاتى تاماملىنىدۇ.
( ?7 J1 Q- h% `; t1 h; r# Z0 C+ m  W
1018.png ) p, q+ Y+ w2 H7 u" N( T

+ g2 h, G$ }5 R' o$ g4 Q% s& d/ G# [ئاخىرىدا يەنە بىر مۇھىم مەسىلە- ئۇيغۇرچىنى قوشۇش...
8 A& K; y& h* D& v1 N) m; ]设置 نىڭ ئىچىدىكى 时间和语言 گە كىرىمىز.* v9 {% |/ a5 P9 L. z

1 C3 H" @! X, W" P3 Q" j" r% J 1019.png + P  ~- |0 a# Q8 z7 V* m
! q9 q* h- {3 f' i9 a
قالغىنىنى تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك مەشغۇلات قىلساق بولىدۇ.6 ~7 J* w- f0 j

  {9 E' k9 y, a9 A" m' e+ M! b, w& { 1020.png
4 I  X- S# A7 b7 Y( f8 ]" h# u1 ~0 P% ~+ A) l; X6 F1 I
1021.png $ _0 U) k$ G) H/ p  m, T) P

! L' I6 H" w! J- _ 1022.png % ?1 e, e3 z" g6 g
7 o1 |" q2 i8 q& ^# u
1023.png % {2 J6 B* C# u( k. @

- d+ g+ n/ b" I0 c+ F  Rئەگەر ئۇيغۇرچىغا تەڭشەپ ئىشلەتمەكچى بولساق تىل بولىقى چۈشۈپ بولغاندىن كېيىن ئۇيغۇرچىنى 设置为默认语言 قىلىپ قايتا قوزغاتساق بولىدۇ.
1 c4 }( v% k6 w* X' i2 L7 Z! J: a" u, }- n( Y. m
1024.png 6 R) b# v1 X3 Z( E' H* n
' q/ l0 E. C6 R" i, \9 K3 ?$ x
ئىككىنچى ئۇسۇل: ئۈچىنچى تەرەپ قۇراللىرى ئارقىلىق يېڭىلاش4 h8 v* c" y' u7 M/ l# c: `
بۇلار بەيدۇ، تېڭشۇن، 360 ئارقىلىق يېڭىلاشنى كۆرسىتىدىغان بولۇپ، ئالاھىدىلىكى يېڭىلاش ئاسان، تىز، ئاددىي. كەمچىللىكى بولسا يېڭىدىن قاچىلاشنى قوللىمايدۇ، ئۆزىنىڭ يۇمشاق دېتاللىرى بىللە قاچىلىنىدۇ. شۇڭا ئىھتىياجىڭىزغا قاراپ بۇ ئىككى ئۇسۇلنىڭ بىرىدە يېڭىلىسىڭىز بولىدۇ. تۆۋەندە مەن 360 ئارقىلىق يېڭىلاشنى مىسال قىلىمەن، قالغانلىرىنىڭمۇ مەشغۇلاتى ئاساسەن ئوخشاش.
- v+ u  \, i3 m. j% W0 H5 E360 نىڭ ئەڭ يېڭى نۇسخىسىنى چۈشۈرۈپ قاچىلىغاندىن كېيىن ئىجرا قىلىپ تۆۋەندىكى يەرنى چىكىمىز
6 y! }+ b8 K: T( k5 [% U& a
* I8 C2 r  [* A4 M2 f9 g4 j6 t 2001.png + q( \( X$ l( B6 u& C
3 N% G; V$ h! r- J. v
قاچىلاش ياردەمچىسى ئاپتۇماتېك قاچىلىنىدۇ ۋە ئىجرا بولىدۇ، 立即免费升级 دېگەن چوڭ كونۇپكىنى باسىمىز.2 T' v, t( A- h1 K( m

4 F$ j) p/ u( S! c  @/ i 2002.png ) ?; F# ~. j" N. \$ K8 r
7 A, h" @9 j# N& z" ?( q% S9 t
بۇ كىلىشىمنامە، 确认 نى باسىمىز.
. ?( }; Z1 W8 A4 g
8 q( I, ^8 F7 S) l 2003.png 8 ~& C- F2 n. }
- o( l; S' o) D, d' @( g" l
ئاندىن كومپيۇتېرنىڭ قاتتىق دېتاللىرىنى تەكشۈرىدۇ، تەكشۈرۈشتىن ئۆتسە ئاستىدىكى رەسىمدىكىدەك بولىدۇ، بۇنىڭدىن 立即升级 نى باسىمىز ( دىققەت: باشتا دەپ ئۆتكەندەك C دىسكىدا 20GB دىن چوڭ بوشلۇق بولۇشى كېرەك).4 N. z. E/ k, B0 P! N0 [: L1 w
. j" ?1 ]& v' h. c+ ?
2004.png % C) }" l, m' C, ]( R

" u2 d: f3 ~+ tWindows10 سايە ھۆججىتىنى چۈشۈرۈشنى باشلىدى...
6 N9 D7 f# e: t, O4 @( |
# Z; {8 T: @8 i' [- C$ O 2005.png 6 d: W7 J$ N$ d8 {& L" F

8 S1 l4 L& @7 O7 V$ Z0 D" l# L. ]سايە ھۆججىتى چۈشۈپ بولغاندىن كېيىن تۆۋەندىكىدەك ئاگاھلاندۇرۇش كۆزنىكى چىقىدۇ: يېڭىلاش جەريانىدا كومپيۇتېرنى مەجبۇرى قايتا قوزغاتسىڭىز ياكى ئۆچۈرسىڭىز، يېڭىلاش مەغلۇپ بولۇپ، ئەسلىي سىستېمىغا قايتالمايدىغان ئەھۋال كېلىپ چىقىشى مۇمكىن. بۇيەردىن 继续升级 نى باسىمىز.
9 l) G4 E3 @" X4 L3 E8 N' J  f" w! n! [6 `8 t) Q- N
2006.png 0 ]' C2 Q! M) K' Z' r; d) r3 w

" f- G6 I- A" J: u8 Q  Wقاچىلاش بوغچىسىنى يىشىۋاتىدۇ...
  t. D$ I3 v, V. H* {/ i, \
  z% P. K6 G4 F1 {: t+ t% @% A) i 2007.png & {2 E0 h$ y; x+ M6 n- {+ J

& z& l8 ~8 \8 @) @: q, l# bبۇنىڭدىن كېيىنكى مەشغۇلاتلار بىرىنچى خىل ئۇسۇلغا ئوخشاش بولۇپ، ئوخشىمايدىغىنى ئۆزى ئاپتۇماتېك تاماملىنىدۇ، بىز پەقەت چاي ئىچكەچ قاراپ تۇرساقلا بولىدۇ.
1 w" G$ L6 D$ H, c) f7 H
7 q1 a- ?5 [% Z: `6 i' P& y* Aئەمدى بۇ يەردە يەنە ئۈسىتىدىكىدەك 使用快速设置 نى باسىمىز.: {; {/ E  V) y
& `/ I( M1 h2 f+ Z; v* A
20160705_235151_副本.jpg 6 M* f  F! U0 ]% a
* a1 ~& C! g" _$ [
بۇ يەردە كورتانانى ئىشلەتسەك 使用Cortana نى، ۋاقتىنچە ئىشلەتمىسەك 暂时不使用 نى بېسىپ داۋاملاشتۇرىمىز.1 u) k- X5 [# `' R
: u; X$ ~5 G( s* q: g  L) P
20160705_235200_副本.jpg
% V" S, s3 m) @+ D; g% Z# p+ I# O! W$ c: l
بۇلار تور كۆرگۈ، رەسىم كۆرگۈچ، مۇزىكا قويغۇچ، كىنو قويغۇچ قاتارلىق  يېڭى ئەپلەرنى كۆڭۈلدىكى قىممەت قىلىپ بەلگىلەش بولۇپ، ئالاھىدە ئىھتىياجىمىز بولمىسا 下一步 نى بېسىپ داۋاملاشتۇرىمىز.
) T7 |9 Z# E0 M# P9 f' |' x3 P  h  f
* y  T$ M+ @& T4 _9 { 20160705_235207_副本.jpg
; W3 }" m4 X8 L* Z
7 A2 x1 L# [* Y- [& G% Aشۇنىڭ بىلەن قاچىلاش تاماملاندى.# j& b: t; u7 ~* Y$ c: k
1 _/ h# Y& [1 k5 t" c' Y
2008.png
3 @- M7 H; s$ C- |
* f( s5 |# M' I9 x" J2 t) Bئەمدى مىكروسوفت ئاكونتىغا كىرىمىز، بۇنىڭ ئۈچۈن 设置 نى ئېچىپ رەسىمدىكىدەك مەشغۇلات قىلساق بولىدۇ.8 n0 _' E% T6 ?5 `" X

! ?2 ]3 F9 G3 t& E( g2 I$ Q- B8 S 2009.png
& Y! ~2 [- f' ]* U% K
5 a$ u/ N( f6 q& t* U' g 2010.png
! d9 G. F: O) W/ Q1 f: I) b7 Z4 V: ?3 X. ?) w0 G
2011.png 4 e" R+ Y% l1 n4 K7 ~* e

3 Q; ~) ^. I' y: t6 n% w8 W 2012.png
8 C# t  V- I1 V: A, N/ [, M  ~6 z/ j/ f3 [1 X0 S" I
بۇ يەردە ئەگەر ئەسلىدىكى Windows تا سىستېمىغا كىرىش ئىمى بولسا شۇنى كىرگۈزىمىز، بولمىسا بىۋاستە 下一步 نى بېسىپ داۋاملاشتۇرىمىز.% |. N. S6 t; i8 C' C2 w; q
! k) a7 z/ a) |9 O2 w% @9 R$ Q
2013.png
0 M& m. l: ^; v2 H' U0 U: o' F  |
- r, A7 d0 V& }9 G/ Y6 Iشۇنىڭ بىلەن ئاكونت مەشغۇلاتى تاماملاندى، ئەگەر دەلىللەشنى تەلەپ قىلسا بىرىنچى خىل ئۇسۇلدىكى مۇناسىۋەتلىك مەزمۇندىن پايدىلىنىڭ.
5 r' Y4 \% `1 K& L- p
7 C- a. X9 G3 a) |& B) q 2014.png & M* U: i: a. {8 \4 P
! x1 X+ `# h& k# \
شۇنداق قىلىپ Windows 10 غا مۇۋەپپەقىيەتلىك يېڭىلىۋالدۇق، بۇنىڭدىن كېيىن مۇشۇ مىكروسوفت ئاكونتىڭىز بولسىلا فورماتلاپ قايتا قاچىلامسىز، يېڭى كومپيۇتېر ياكى قاتتىق دېتال ئالماشتۇرامسىز... مۇشۇ ئاكونت ئارقىلىق سىتېمىغا كىرىپ دەلىللەشتىن ئۆتسىڭىز سىستېما ئۆزى ئاكتىپلىنىدۇ ھەم ۋاقتى ۋاقتىدا يېڭىلاپ ئىشلىتەلەيسىز. شۇنىڭ ئۈچۈن ھازىرغىچە يېڭىلىمىغان دوستلار مۇشۇ 20 نەچچە كۈننى چىڭ تۇتۇپ يېڭىلىۋېلىڭلار، 7- ئاينىڭ 29- كۈنىدىن كېيىن ھەقسىز يېڭىلاش توختىتىلىدۇ، ئۇ چاغدا يا پۇل تۆلەپ سېتىۋالىدىغان، ياكى ئوغرى نەشرىنى ئىزدەپ يۈرىدىغان ئىش چىقىدۇ.
- b, t2 ?# ^6 K* x. z( J  l  a, `5 @  A& o: K

) S; X7 _6 A% B  yدەرسلىكنىڭ PDF نۇسخىسى:
# A- Z0 H8 j! x Win7toWin10.pdf (1.48 MB) چۈشۈرۈش سانى: 135

* A% X4 |/ Y! A% u2 R5 @" v8 U3 [0 \0 v- f- O$ M* P( |- B
9 _9 p/ q# i* T
ئەسكەرتىش: بۇ يازما قۇتيار مۇنبىرىگىلا يوللاندى، مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتكەن ئاساستا خالىغانچە تارقاتسىڭىز، سالونلارغا چىقارسىڭىز بولىدۇ.
ھازىرغىچە 4 ئادەم باھالىدىشۆھرەت تەجرىبە تەڭگە يىغىش سەۋەبى
abdulla350 ‎+5 ‎+10 ئېسىل!!!
secret ‎+4 ‎+10 ئېسىل!!!
qaq ‎+2 ‎+2
Kulke ‎+10 ‎+10 ‎+10 قوللايمەن

ھەممە باھا نومۇرى : ‎شۆھرەت + 21  ‎تەجرىبە + 32  ‎تەڭگە + 10   باھا خاتىرىسى

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

Rank:9

[؟]

تەجرىبە
2768
شۆھرەت
702
تەڭگە
269

قىزغىن ئەزا تۆھپىكار ئەزا

1-قەۋەت
‎2016-7-5 01:18:58 يوللىغان ۋاقتى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   kaisar809 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-7-7 21:51  
4 G6 s# i% W: k6 |, Q1 ?
4 R6 G$ ^+ h- p3 Y3 r% t$ cشۇنداق قىلىپ دەرسلىك تامام، مۇشۇ دەرسلىكنى يېزىش ئۈچۈن تۆت قېتىم Windows7 قاچىلاپ تۆت قېتىم يېڭىلاپتىمەن ( شۇ بانادىغۇ ئىككى ئاكونتىمدا Windows10 نى ئاكتىپلىۋالدىم)... جەمئىي 10 كۈندەك ۋاقتىم كېتىپتۇ...& d- Z- L: ?: R2 X
بولسا كۆپرەك ھەمبەھرلەپ قويساڭلار (باشقا تور بېكەتلەرگە، دوستلار چەمبىرىكى، QQ دىگەندەكلەرگە)، پەقەت 20 نەچچە كۈنلا قالدى، يېڭىلاشنى بىلمەيدىغانلار مۇشۇ دەرسلىك ئارقىلىق يېڭىلىۋالسۇن...

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

Rank:9

[؟]

تەجرىبە
2768
شۆھرەت
702
تەڭگە
269

قىزغىن ئەزا تۆھپىكار ئەزا

2-قەۋەت
‎2016-7-5 12:03:52 يوللىغان ۋاقتى
جاپا چەكتىڭىز كۆپ رەھمەت

چۇر

Rank:3

[؟]

تەجرىبە
386
شۆھرەت
175
تەڭگە
15
3-قەۋەت
‎2016-7-5 12:23:54 يوللىغان ۋاقتى
مەن ئۈستەل كومپيۇتېرىمنى يېڭىلىسام،未激活 دەپ چىقىۋالدى
5 m, a$ P6 N% K% B3 y; z8 Y
. p* N+ B7 O3 d( rلەپتوپنى يېڭىلىسام، 兼容性未通过دەپ چىقىۋالدى" q4 @0 S. s  O8 K* J- G
9 h+ V4 ?+ p( `" I9 w
نېمە ئىشتۇ بۇ ؟ ) h9 C- S/ F/ P8 [, b! K

ئىشەنچىلىك ئەزا

Rank:6

[؟]

تەجرىبە
729
شۆھرەت
83
تەڭگە
0
5-قەۋەت
‎2016-7-5 13:25:28 يوللىغان ۋاقتى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئاۋۇ ئاكونىت ئىلتىماس قىلدىغان جاي ئېچىلمىدى ..باشقا ئادىرىس بولسا يوللاپ بەرسىڭىز ..رەھمەت ..* ~* g: u4 K/ ]' M% w* P
يەنە بىر گەپ 360 بىخەتەرلىك قاراۋۇلدىن كۈندە يىڭىلاش ئەسكەرتىش چىقىۋاتىدۇ ...بىۋاستىلا 360 تىن يىڭلىساقمۇ بولامدۇ ؟؟

تارقان

Rank:3

[؟]

تەجرىبە
709
شۆھرەت
104
تەڭگە
12
6-قەۋەت
‎2016-7-5 21:34:29 يوللىغان ۋاقتى
黑云一键重装系统 ماۋۇ نەرسىنى تونۇشتۇرۇپتكەن قايسى بىر مۇنبەردە،،،شۇنىڭدا بىر كونۇپكا بىلەنلا ئالماشتۇرۋەتتۇققۇ،،

سانغۇن

Rank:2

[؟]

تەجرىبە
94
شۆھرەت
10
تەڭگە
0
7-قەۋەت
‎2016-7-5 21:50:44 يوللىغان ۋاقتى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   kaisar809 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-7-5 21:57  
; o& Y5 u/ a- Q, F
ErkinQush يوللىغان ۋاقتى  2016-7-5 12:23 ) r: _/ b) [- w- |" O$ t3 e
مەن ئۈستەل كومپيۇتېرىمنى يېڭىلىسام،未激活 دەپ چىقىۋالدى$ W: T# d- u2 C, r: @- L
...

, l0 {' i5 ?& p0 \1 F1 o4 r
7 B" @6 Z& K6 k, Z( B: [ئۈستەل كومپيۇتېرىڭىزىڭ ئەسلىي سىستېمىسى ئاكتىپلانمىغان.- O& z$ z( s, u% b4 _/ ^( e
خاتېرە كومپيۇتېرىڭىزنىڭ سەپلىمىسى تۆۋەن كەلگەن.

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

Rank:9

[؟]

تەجرىبە
2768
شۆھرەت
702
تەڭگە
269

قىزغىن ئەزا تۆھپىكار ئەزا

8-قەۋەت
‎2016-7-5 21:56:13 يوللىغان ۋاقتى
oglan1 يوللىغان ۋاقتى  2016-7-5 13:25
7 p% \  B! g4 o, @) e* r! O( ]ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئاۋۇ ئاكونىت ئىلتىماس قىلدىغان ج ...
$ V. b' q3 N. Z6 E/ B7 C3 r
بىر قانچە قېتىم سىناپ بېقىڭ. ياكى بولمىسا تۆۋەندىكى ئادرىسلارنىمۇ سىناپ كۆرۈڭ.
! ?) E* j7 t4 _5 _, l& R/ jwww.outlook.com
9 H2 }+ H" w" A% a- v) Klogin.live.cn
$ h4 i; H, U5 `2 d! \+ H, }https://account.microsoft.com

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

Rank:9

[؟]

تەجرىبە
2768
شۆھرەت
702
تەڭگە
269

قىزغىن ئەزا تۆھپىكار ئەزا

9-قەۋەت
‎2016-7-7 12:54:29 يوللىغان ۋاقتى
kaisar809 يوللىغان ۋاقتى  2016-7-5 01:18 - C, j3 _6 m+ J' t6 V
شۇنداق قىلىپ دەرسلىك تامام، مۇشۇ دەرسلىكنى يېزىش ئۈچۈ ...

" r6 S% |! j% H, |' ^7 U( `9 U3 QPDF قىلىپ قوشۇمچە ھۆججەت قىلىپ قويۇڭە. ئۈندىدار سالونىغىمۇ چىقىرىپ قوياي.

بېكەت باشلىقى

بېكەت مەسئۇلى

Rank:10

[؟]

تەجرىبە
25082
شۆھرەت
20956
تەڭگە
3090

مۇنبەر باشلىقى

«ئۇ» ئادەم ئىشلىتىپ كۆنۈپ قالغان، «بىز» ئۆزىمىز ئىشلەپ كۆنگەن، پەرقى بار.
10-قەۋەت
‎2016-7-7 16:11:10 يوللىغان ۋاقتى
مەنمۇ نەچچە قاتتا قاچىلاپ ئىشلەتتىم بىراق 桌面  كۈنەلمدىم  ئوڭ تەرەپتە چىقۋالدىكەن لازىملىق ھۆججەتلەر بولسا  خەنزۇچە قانداق بولسا شۇ پېىتى سول تەرەپتىن چىقىدىغان  قىلغىلى بولسا ئۆگۈتۈپ قويساڭلار ئۇستازلار

ئىشەنچىلىك ئەزا

كونا فىلىملەر گۇرۇپپىسى

Rank:6

[؟]

تەجرىبە
1056
شۆھرەت
305
تەڭگە
1277

شەرەپلىك ئەزا قىزغىن ئەزا

تېز ئىنكاس يېزىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | خەتلىتىڭ

ئەسسالام مېھمان

ئاقسۇ قۇتيار كومپيۇتېر شىركىتى باشقۇرۇشىدىكى كومپيۇتېر، ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىم، ساپ ئۇيغۇر تىلىدىكى دەرسلىك ۋە دېتاللارنى ئاساس قىلغان كەسپىي تور بېكەت.
ئۇيغۇرچە discuz ئاساسىدا قۇتيار تورى قايتىدىن تەڭشىدى ، ئۇيغۇرچە discuz ئۈچۈن تەر تۆككەن نۇرقۇت تورىغا ئالاھىدە رەھمەت ئېيتىمىز.
Processed in 0.194886 second(s), 18 queries . GMT+8, 2017-6-23 13:36  新10002915号-1 Powered by Discuz! X2
چوققىغا قايتىش