0-قەۋەت
2015-11-9 00:17:09 يوللىغان ۋاقتى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا kaisar809 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-11-9 00:33
' } b7 i0 h) N, a0 y/ s; ~
' i! V- c) P4 U: ?8 mئەقلىفونلار ھازىر كىشلەرنىڭ ئىنتايىن مۇھىم رەقەملىك قۇراللىرىنىڭ بىرىگە ئايلاندى، ھەمدە ئىشلىتىلىش قېتىم سانى ھەممىدىن كۆپ. شۇڭا باتارىيەنىڭ ئەقىلفونلارنىڭ ئىشلىتىلىش ئۈنۈمىگە قارىتا تەسىرى ئىنتايىن چوڭ. باشقا ئېلېكترون مەھسۇلاتلىرىغا سېلىشتۇرغاندا يانفون باتارىيىسىنىڭ پارتلاپ كەتكەنلىكى، ئوت كەتكەنلىكى توغرىسىدىكى خەۋەرلەرمۇ ئىنتايىن كۆپ، بۇ – بىر تەرەپتىن يانفونلارنىڭ سانىنىڭ كۆپلىكىدىن بولسىمۇ يەنە بىر تەرەپتىن كىشىلەرنىڭ يانفون باتارىيىسىنىڭ خىزمەت پىرىنسىپىنى چۈشەنمەسلىك سەۋەبىدىنمۇ ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ. تۆۋەندىكىلەر يانفون باتارىيىسى توغرىسىدىكى بىر قانچە خىل خاتا كۆز قاراشلار بولۇپ، بۇلارنى بىلىۋالساق بىخەتەر يانفون ئىشلىتىشىمىزگە پايدىسى بار.
& G+ f& s4 p" g1 t# `
6 B7 a o; J: Y
1 s9 |8 _4 E2 y1 R
3 Y' W5 F1 E: J" [4 Y; r6 K) u
زەرەتلىگۈچكە ئۇزۇن مۇددەت ئۇلاقلىق تۇرسا باتارىيەنى بۇزىدۇ0 z2 K9 Z0 H4 e8 i! v0 i. S
2 d- \8 U4 C7 a& H5 Nنۇرغۇن كىشىلەردە يانفوننى كىچىچە زەرەتلىسە باتارىيەنى بۇزىدۇ دەيدىغان قاراش بار، ئەمەلىيەتتە ئۇنداق ئەمەس، ھازىرقى يانفونلارنىڭ ھەممىسىگە دىگۈدەك ئەقلىي ئىقتىدارلىق IC سەپلەنگەن بولۇپ، باتارىيەگە توك توشقاندىن كېيىن ئاپتوماتىك زەرەتلەشنى توختىتىدۇ.
- d/ k3 \$ K6 s, l2 J
4 b% f1 E, L* g: @يانفوندا توك تۈگىگەندىن كېيىن ئاندىن توك قاچىلاش كېرەك8 u; c9 k9 m' t6 @( ` Y+ L
& }! l# H F* Y* T& ]بۇ خىل كۆز قاراش بۇرۇنقى نىكېللىق باتارىيەلەرگە قارىتىلغان بولۇپ، ھازىرقى لىتىيلىق باتارىيەلەرگە ماس كەلمەيدۇ. بۇرۇنقى نىكېللىق باتارىيە پۈتۈنلەي توك قويۇپ بېرىپ بولغاندىن كېيىن ئاندىن زەرەتلەش نىكېللىق باتارىيەلەرنىڭ ئەستە تۇتۇش ئېففېكىتى بولغانلىقىدىن ئىدى، ھازىرقى لىتىيلىق باتارىيەلەردە ئۇنداق ئىش يوق، شۇنىڭ ئۈچۈن خالىغانچە زەرەتلەشكە بولىدۇ.
3 |0 H; O2 s) K" ~
; c+ o' E+ Z; R ~باتارىيە زەرەتلەش قېتىم سانىنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ بۇزۇلىدۇ5 v& a; C: L9 y. B
: ^ g1 b# B6 J0 D& @3 Q/ p1 B1 y* eبۇرۇن كىشىلەر لىتىيلىق باتارىيەدىكى لىتىي ئىئونى زەرەتلەش قېتىم سانىنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ ھاياتى كۈچىنى يوقىتىپ باتارىيە ئۆمرىنى ئاخىرلاشتۇرىدۇ دەپ قارايتتى، بىراق ئالما شىركىتىنىڭ چۈشەندۈرىشىگە ئاساسلانغاندا لىتىيلىق باتارىيەنىڭ ئۆمرى ئۇنىڭ زەرەتلەش قېتىم سانىغا ئەمەس بەلكى زەرەتلەش دەۋرىيلىكىگە باغلىق. ئاددىي قىلىپ ئېيتقاندا يانفوندا ئەگەر %50 توك بولسا، ئۇنى ئىشلىتىپ بولغاندىن كېيىن يەنە %50 زەرەتلىسەك ئاندىن تولۇق بىر قېتىملىق توك قويۇپ بېرىش، زەرەتلەش دەۋرىيلىكى ھېسابلىنىدۇ.0 R4 s- @2 o: c0 Z, V; T0 g
7 X% [2 L% K- s1 A% U! v! y2 E+ Xيانفون زەرەتلىنىۋاتقاندا ئىشلەتمەسلىك كېرەك
5 {8 G7 j" R( P7 X, M1 X {+ m( x, p A5 n$ b' C2 m2 O
گەرچە يانفون زەرەتلىنىۋاتقاندا يانفون ئىشلەتكەنلىك سەۋەپلىك توك سوقىۋىتىپ ئادەم ئۆلتۈرگەن ئىشلار يۈز بەرگەن بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە بۇ يانفون ياكى باتارىيە تېخنىكىسىدىكى مەسىلە ئەمەس. بۇنداق ئىشلار ئادەتتە سۇ ئۈزۈش كۆلچىكىدە ياكى ۋاننىدا زەرەتلىنىۋاتقان يانفوننى ئىشلىتىش، ۋە ياكى ئەرزان، سۈپەت كاپالىتى يوق تاغتۇرا زەرەتلىگۈچىنى ئىشلەتكەندە كېلىپ چىقىدۇ، سۈپەتلىك يانفون، زەرەتلىگۈچ قاتارلىقلاردا توك ئېقىمىنى قوغداش تەدبىرلىرى بولىدۇ، ئۇلارنىڭ ئەڭ يۇقىرى توك بېسىمىمۇ ئادەم بەدىنى بەرداشلىق بېرەلەيدىغان ئەڭ يۇقىرى توك بېسىمىدىن كۆپ تۆۋەن بولىدۇ.
4 p* e& A; w7 [( ^/ @$ Y# n+ @
! q" A; }" ?% _4 s$ F: M1 E, D# Uئۈچىنچى تەرەپ باتارىيەلىرى ۋە زەرەتلىگۈچلەر بىخەتەر ئەمەس
; R. ^: @/ U# D" ^
! }2 P* y J# C9 w8 _( Rئەمەلىيەتتە بۇ خىل قاراشنىڭ مۇئەييەن ئاساسىي بار، لېكىن مۇتلەق ئەمەس. يانفون كارخانىلىرىنىڭ ھەممىسى كۈتۈلمىگەن ھادىسىلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئەسلىي زاۋۇت ئىشلەپچىقارغان قوشۇمچە زاپچاسلارنى ئىشلىتىشنى تەۋسىيە قىلىدۇ، ھالبۇكى يانفون كارخانىلىرىنىڭ دەلىللىشىدىن ئۆتكەن باتارىيە، زەرەتلىگۈچلەرنىڭ ھەممىسى ئاساسىي جەھەتتىن چوڭ ماركىلار بولغانلىقتىن بىخەتەرلىك مەسىلىلىرى يوق دىيەرلىك. پەقەت ئەرزان، ماركىسىز تاغتۇرا مەھسۇلاتلىرىنىڭلا بىخەتەرلىك كاپالىتى يوق.. V7 P# k. X" x1 x3 r
8 z! o8 z5 E I3 w
مەنبە: http://www.ithome.com/html/digi/186298.htm+ u( t2 L; C4 [, V0 ]/ M% |8 c( C
& }, t& v$ F( gئەسكەرتىش: بۇ يازمىنىڭ ئاپتورىنى، قۇتيار مۇنبىرىنى ئېنىق ئەسكەرتكەن ئاساستا خالىغانچە تارقاتسىڭىز، سالونلارغا چىقارسىڭىز بولىدۇ.8 M2 |: y. G% C9 u$ ^. Z
|
|
- تىزىملاتقان
- 2010-10-10
- ئاخىرقى قېتىم
- 2017-6-19
- ھوقۇقى
- 150
- جۇغلانما
- 4799
- يازما
- 343
- نادىر
- 3
ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

![[ تەجرىبە 4 _ دەرىجە ] ≥ 1600](source/plugin/qz_mmm/images/0/fenzuan4.gif) ![[ شۆھرەت 3 _ دەرىجە ] ≥ 700](source/plugin/qz_mmm/images/0/heizuan3.gif) ![[ تېخى يورۇمىدى: نادىر تېما ] تەلىپى: 5](source/plugin/qz_mmm/images/0/huizuan.gif) ![[ تەڭگە 2 _ دەرىجە ] ≥ 200](source/plugin/qz_mmm/images/0/huangzuan2.gif) ![[ تېما سانى 1 _ دەرىجە ] ≥ 50](source/plugin/qz_mmm/images/0/lanzuan1.gif) ![[ توردىكى ۋاقت 3 _ دەرىجە ] ≥ 288](source/plugin/qz_mmm/images/0/lvzuan3.gif) [؟]
تەجرىبە- 2768
شۆھرەت- 702
تەڭگە- 269
|