-
2010-09-13
ھەرقايسى دۆلەت بايراقىلىرىنى كۆرسىتىدىغان سانىغۇچ ئورۇنتىۋېلىڭ Herqaysi Dölet Bayraqlirini körsitidighan Sanighch oruntiweling - [بلوگ بىلىملىرى]
ھەرقايسى دۆلەت بايراقىلىرىنى كۆرسىتىدىغان سانىغۇچ ئورۇنتىۋېلىڭ
Herqaysi Dölet Bayraqlirini körsitidighan Sanighch oruntiweling
بەلكىم تورداشلار چەۋەندازلار بلوگىنىڭ يان سىتوندىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر بايرىقى ۋە خاتىرىلەنگەن IP ئادرىسى ۋە توردىكى ھالىتىنىڭ ئاستىدىن-ئۈستىگە چىقىۋاتقانلىقىنى كۆرگەن بولىشى مۇمكىن. بۇ تېمىدا بۇ سانىغۇچنى ئورۇنتۇش ۋە ئۆزىگە خاس لاھىيىلەش ئۇسۇلى تونۇش تۇرىلىدۇ.تۆۋەندىكىسى چەۋەندازلار بلوگىنىڭ لاھىيىسى
مەزكۇر لاھىيە كۆپ ئويلىنىش ئارقىلىق بلوگ خاسلىقى ۋە ئۆزگىچىلىكىنى گەۋدىلەندۈرۈش ئۈچۈن تاللاندى. رەسىمدىكى تەكلىماكان قۇملىقىدىكى ئېكىسپىدىتسىيەچىلەر دۇنيانىڭ ھەرقايسى يېرىدىن كىرگەن تورداشلارغا خۇددى ئۆزىنىڭ دىيارىغا كەلگەندەك تۇيغۇ بېرىش ئۈچۈن تاللاندى. ئاستىدىكىسى بولسا چەۋەندازلار بلوگىنىڭ دۇنيا خەرىتىسىنىڭ چوڭ يۈزى چۈشۈرۈلگەن تۇغىنىڭ باش يۈزىنىڭ رەسىمى ئىشلىتىلگەن بولۇپ چەۋەندازلار بلوگىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.
ئەزا بولۇش ۋە لاھىيىلەش ئۇسۇلى
ئالدى بىلەن سىز بۇ ئادرىسقا كىرىپ http://www.geovisite.com/en/inscription.php ئەزا بولىسىز.
رەسىمدە كۆرسۈتۈلگەندەك قىلىسىز.
سىز ساقلىغاندىن كېيىن مۇناسىۋەتلىك 5-رەسىمدىكى رامكىدىكى مۇناسىۋەتلىك كودنى توربەت ۋە بلوگىڭىزنىڭ مۇۋاپىق ئورنىغا قويسىڭىزلا بولدى.مەزكۇر تور بىكەتنىڭ بىز بايقىمىغان ۋە ئىشلەتمىگەن نۇرغۇنلىغان خۇسۇسىيەتلىرى بولۇپ سىز ئۆزىڭىز بىردىن-بىردىن كۆرۈپ چىقىپ ئۆزىڭىزنىڭ تور بېتى ۋە بلوگىڭىزغا چىقىرىۋالسىڭىز بولىدۇ.
يەنە بىر سانىغۇچ بولسا مەن ئىلگىرى ئىشلەتكەن ئىدىم، كېيىن بۇ سانىغۇچنى ئۇچراتقاندىن كېيىن ھەم ئۆزى لاھىيىلىگىلى بولىدىغانلىقىنى بىلگەندىن كېيىن بۇرۇنقى بۇ سانىغۇچىنى چىقىرىۋىتىپ قايتىدىن ھازىرقى سانىغۇچنى ئىشلەتتىم. ئەگەر قىززىقسىڭىز بۇنى ئىشلەتسىڭىزمۇ بولىدۇ. بۇ سانىغۇچىنى شاھ ئۇيغۇر بلوگىدىن كۆرۈۋالالايسىز.
مەزكۇر بىكەتنىڭ ئەزا بولۇش تور بىكىتى
http://flagcounter.com/index.htmlئەزا بولۇش ئۇسۇلى ئىنتايىن ئاددىي بولۇپ سانىغۇچنى چەكسىڭىزلا تۆۋەندىكىدەك رەسىم كۆرىنىدۇ.
مەزكۇر ئىككى سانىغۇچنىڭ ئارتۇقچىلىقى بولسا چەۋەندازلار بلوگى ھازىر ئىشلىتىۋاتقان سانىغۇچ IP سانىنى ساناپ ماڭىدىغان بولۇپ كىرگەن دۆلەت ۋە شەھەرنىڭ ئورنىنى دۇنيا خەرىتىسىدىن بىلىۋالالايسىز. چەۋەندازلار بلوگى ئىلگىرى ئىشلەتكەن يەنە ھازىر شاھ ئۇيغۇر بلوگى ئىشلەتكەن سانىغۇچ بولسا IP سانى ۋە كۆرۈلۈش سانىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان بولۇپ كىرگەن دۆلەتلەرنى بىلىۋالاليسىز.
تورداشلارغا قۇلايلىق بولسۇن ئۈچۈن بىر قىسىم تەگلىك رەسىملەر يوللىنىلدى. ياقتۇرسىڭىز چىقىرىۋالسىڭىز بولىدۇ.رەسىم تولۇق ماس كەلمىسە رەسىمنىڭ چوڭ-كىچىكلىكىنى ئۆزىڭىز تەڭشەپ چىقارسىڭىز بولىدۇ.
ئەگەر قىيىنچىلىققا يولۇقسىڭىز ئىنكاس قالدۇرۇپ قويسىڭىز بولىدۇ. چەۋەندازلار سىزگە ئۇتۇق تىلەيدۇ!
收藏到:Del.icio.us
评论