• 2009-05-18

    ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىغا مۇناسىۋەتلىك ئىككى پارچە رەسىم Uch wilayet inqilabigha munasiwetlik ikki parche resim - [تارىخ]

    ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىغا مۇناسىۋەتلىك ئىككى پارچە رەسىم 

    Uch wilayet inqilabigha munasiwetlik ikki parche resim


    1945-يىلى 6-ئايدا مىللىي ئارمىيە قوماندانلىق شىتابى شۇ چاغدىكى ئىنقىلاب ۋەزىيىتىنىڭ تەرەققىياتىغا ئاساسەن،دۈشمەن بىلەن ئۆزىنىڭ ئەھۋالىنى تەپسىلى تەھلىل قىلىپ،گومىنداڭنىڭ مۇداپىئە لىنىيىسىنى بۇزۇپ تاشلاش،قۇراللىق كۈرەشنى راۋاجلاندۇرۇش،ئازاد رايونلارنى كېڭەيتىش ئۈچۈن،جەنۇب،شىمال،ئوتتۇرا-ئۈچ يۆنىلىش بويىچە ئۇرۇش قىلىش پىلانىنى تۈزۈپ چىقتى. بۇنىڭدىن شىمالىي يۆلىنىشنىڭ ۋەزىپىسى تارباغاتاي،ئالتاي ۋىلايەتلىرىنى ئازاد قىلىش؛ ئوتتۇرا يۆلىنىشنىڭ ۋەزىپىسى جىڭ،شىخو ناھىلىرىنى ئازاد قىلىپ،ئۈرۈمچىگە قاراپ ئىلگىرلەش؛ جەنۇبىي يۆلىنىشنىڭ ۋەزىپىسى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى كەڭ رايونلاردا دۈشمەن ئارقا سېپىدىكى پارتىزانلىق ھەركەتلىرىنى پائال قانات يايدۇرۇپ،گومىنداڭنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى قىسىملىرىنىڭ ئۈرۈمچى بىلەن بولغان ئالاقىسىنى ئۈزۈپ تاشلاپ،گومىنداڭنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئەسكىرىي كۈچىنىڭ شىمالغا يۆتكلىشىنى تىزگىنلەپ،شىمال،ئوتتۇرا يۆلىنىشتىكى ئۇرۇشنىڭ غەلبىسىگە كاپالەتلىك قىلىشتىن ئىبارەت ئىدى.

    مىللىي ئارمىيە قوماندانلىق شىتابى ئومومىي ئۇرۇش مۇددىئاسىغا ئاساسەن،ئۇرۇش ۋەزىپىسىنى مۇنداق كونكىرىت ئورۇنلاشتۇردى:

    1.كەڭساي ئاتلىق 3-پولكى شىمالغا يۈرۈش قىلىپ،شىخو بىلەن تارباغاتاي،ئالتاينىڭ ئوتتۇرىسىغا بېرىپ،شىخو بىلەن بۇ ئىككى رايوننىڭ ئالاقىسىنى ئۈزۈپ تاشلاش ھەمدە تارباغاتاي،ئالتاي ۋىلايەتلىرىنى ئىشغال قىلىش؛

    2.ئىلى پىيادىلەر 2-پولكى،تىكەس ئاتلىق 1-پولكى،ئىلى زاپاس 4-پولكى،خۇيزۇ دىۋىزىيونى،زەمبىرەكچىلەر باتالىيونى،شىبە ئىسكادىرونى جىڭغا ھۇجۇم قىلىش.

    3.سۈيدۈڭ پىيادىلەر 1-پولكى،موڭغۇل دىۋزىيونى،زەمبىرەكچىلەر روتىسى،مائىل پارتىزانلار ئەترىتى بىرلىشىپ شىخوغا ھۇجۇم قىلىشى؛

    4.ئابدۇكېرىم ئابباسوۋ،قاسىمجان قەمبىرى،سوپاخۇن قاتارلىقلار ئاتلىق قىسىمنى باشلاپ ئاقسۇ رايونىغا بېرىپ،دۈشمەن ئارقا سېپىدە پارتىزانلىق ھەركىتىنى قانات يايدۇرۇش ھەمدە تاشقورغانغا بىر ۋىزۋود ئەسكەر ئەۋەتىپ،شۇ جايدىكى پارتىزانلارنىڭ كۈرىشىگە مەدەت بېرىش؛

    5.شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى پارتىزان ئەترەتلىرى دۈشمەن ئارقا سېپىدىكى كۈرەشنى كۈچەيتىش.بولۇپمۇ شىخو،جىڭ،ماناس،ئالتاي،تارباغاتاي قاتارلىق جايلاردىكى پارتىزان ئەترەتلىرى ئاكتىپ ھەركەت قىلىپ،ئۈچ يۆلىنىشتىكى ئۇرۇشقا ماسلىشىش.

    6.ئۈچ يۆلىنىشتىكى ئۇرۇش ئوپراتسىيىسى 1945-يىل 7-ئايدىن باشلاپ ئېلىپ بېرىلغان. پالىنوۋ،ئىسھاقبېك قاتارلىقلار ئۇنىڭغا قوماندانلىق قىلدى،ۋاقىتلىق ھۆكىمەت ئىلى رايونىدىكى كەڭ خەلىق ئاممىسىنى ئالدىنقى سەپكە ياردەم قىلىش بويىچە ھەرخىل ھەركەتلەرنى زور كۈچ بىلەن قانات يايدۇرۇشقا چاقىرىلغان.ھەمدە<<ھەممە ئالدىنقى سەپ ئۈچۈن>>دېگەن شۇئارنىڭ ئىلھامى بىلەن ھەرمىللەت خەلقى ئالدىنقى سەپكە قىزغىن ياردەم بەرگەن.

    يۇقاردىكىلىرى جەڭچىلەر ھەربىي يۈرۈش قىلغاندا،گازارما ئىچىدە،ھەربىي مەشىق قىلغاندا،چوڭ يىغىنلاردغا كېتىۋاتقاندا ۋە يىغىندىن تارقاپ گازارمىغا قايتىۋاتقاندا ئېيتىدىغان ناخشىلار.

    جەڭچى بالىلار

    قاتار-قاتار تىزىلغان جەڭچى بالىلار،
    كۈرەش ئۈچۈن قۇرال ئېلىپ ئاتلانغانلار.
    ۋەتەن،خەلق قەھرىمانى پىدائىيلار،
    جانىم بالام ئوغلانىمنى كۆردۈڭلارمۇ؟

    ئوغلىڭىزنىڭ <<باتۇرلۇق>> دەپ ئۈنۋانى بار،
    مەيدىسىدە زىننەتلەنگەن نىشانى بار.
    ۋەتەننى ئازاد قىلىش ئامانى بار.
    جانىم بالام دەپ يېشىڭىزنى تۆكمەڭ ئانا.

    ئەسىرلەردىن قۇلدارلىقنى ھۆكمى سۈرگەن،
    قۇتۇلۇپ بىز ئازادلىققا چىققان چاغدا.
    ئاسارەتنىڭ زەنجىرىنى ئۈزگەن چاغدا،
    جان بالام دەپ يېشىڭىزنى تۆكمەڭ ئانا.


    گاڭغا ئايلاندۇق

    كۈچلۈك قوللاردا تۇتتۇق قۇرالنى،
    گاڭغا ئايلاندى مۇشتۇملىرىمىز.
    بىزدە يېڭىلىش يوق،چوقۇم بولمايدۇ،
    چۈنكى ئۆسمەكتە قوشۇنلىرىمىز.

    يۈرۈڭلار بارايلى ئالدىنقى سەپكە،
    ئاتاكا قىلايلى دۈشمەننى قوغلاپ.
    ئېتىپ پىلىموت،تاشلاپ گىرانات،
    دۈشمەنگە بىرەيلى ئەجەللىك دەككە.


    ئانىجان

    ئانىجان يادىمدا بار،
    تىنماي ئازاب چەككەنلىرىڭ.
    كېچىلەردە ئۇخلىماي،
    ئاق سۈت بېرىپ باققانلىرىڭ.

    ئون سەككىز ياشىمغىچە،
    شەربەت بېرىپ باققانىدىڭ.
    يىغلىما جانىم ئانا،
    ئەمدى كۆرەلمەيسەن مېنى.

    چۈنكى مەن دۈشمەن بىلەن،
    مەيداندا جەڭ قىلغانىدىم.
    كۆپلىرىنى يوقىتىپ،
    كۆكرەكتىن ئوق يىگەنىدىم.

    يىغلىما جانىم ئانا،
    ھەر جايدا باردۇر بۇ ئۆلۈم.
    ۋەتىنىم،خەلقىم ئۈچۈن،
    شان-شەرەپتۇر بۇ ئۆلۈم.

    ھەربىي بىرلىكلەر نامى



    مىللىي ئارمىيىدە قوللىنىۋاتقىنى                            ھازىر قوللىنىۋاتقىنى

    ئوتدېلىنىيە                                                     بەن
    ۋىزۋود                                                           پەي
    روتا                                                              لىيەن
    ئىسكادىرون                                                    ئاتلىق ئەسكەرلەر لىيەنى
    باتالىيون                                                        يىڭ
    دىۋىزىيون                                                       ئاتلىق ئەسكەرلەر يىڭى
    پولك                                                             تۈەن
    بىرگادا                                                            لۈي
    دىۋزىيە                                                           شى
    كورپۇس                                                          جۈن
    ئوپىراتىپ بۆلۈمى                                              زوجەنبۇ

    ساۋدانوۋ زاھىرنىڭ <<5-كورپۇسنىڭ بېسىپ ئۆتكەن ئىنقىلابىي مۇساپىسى>>ناملىق كىتابدىن ئېلىندى.


    收藏到:Del.icio.us




    评论

  • ھەي شۇ زامانن ئەجەپ سېغندم شۇۋاقېت قا بارسام دەيمەن
    回复ئۇيغۇر ئوغلانې说:
    بولۇپمۇ تارىخقا مۇناسىۋەتلىك ئەسەرلەرنى ئوقىغاندا شۇنداق تەسىراتقا ئىگە بولىمىز. تارىخنى ئەسلەپ تۇرۇش كېرەك. ئامان بولۇڭ قېرىندىشىم، چەۋەندازلار سىزگە ھەمراھ!
    2011-02-23 19:33:32
  • يوللىغان تېمىلىرىڭىز بەك ياخشىكەن،بولۇپمۇ بۇ تېمىنى كۆرۈپ"ئانا يۇرت"رومانىنى يەنە بىر قېتىم ئوقۇغۇم كەلدى. رەھمەت ، جاپا تارتىپسىز.
    回复Atash说:
    ئەرزىمەيدۇ قېرىندىشىم. <<ئانا يۇرت>> رومانى قانچە ئوقىسا ئازلىق قىلمايدۇ. مېنىڭ ھاياتىمغا بۇ روماننىڭ كۆرسەتكەن تەسىرى خېلى چوڭ، ھەقىيقەتەن ھەربىر ئۇيغۇر بالىسى ئوقۇشقا تېگىشلىك رومان. سىزنىڭ داۋاملىق كېلىپ تۇرىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمەن. ئامان بولۇڭ قېرىندىشىم. چەۋەندازلار سىزگە ھەمراھ!
    2010-07-25 20:09:21
  • رەھمەت سىزگە رەسىملەرنى ساقلىۋالدىم.
    回复ھونزادە 说:
    ئەرزىمەيدۇ. داۋاملىق كېلىپ تۇرىشىڭىزنى قارشى ئالىمەن!
    2010-07-03 16:11:56
  • رەخمەت سىزگە قىنى ساقلاپ باقاي !!
    回复مەيىن شامال 说:
    بولىدۇ. مەنمۇ ئىنكاس قالدۇرغان بلوگلارغا قاراپ باقاي.
    2010-05-15 18:45:42
  • رەخمەت سىزگە قىنى ساقلاپ باقاي !!
  • ياردەم قىلسڭىز، بلوگىمگە باشقىلار ئىنكاس يازسا كۆرەلمايۋاتىمەن ، بۇ قانداق ئىشتۇ ؟
    回复مەيىن شامال 说:
    مەن مۇ شۇنداق ئەھۋالنى بايقىدىم . بەلكىم بۇ تورنىڭ ئىشى بولسا كېرەك. 200سۆزدىن ئارتۇق ئىنكاس يازغىلى بولمايدىغان قلىپ قويۇپتۇ. مەنمۇ باشقىلارغا ئىنكاس قالدۇرغاندا كېچىكىپ چىقىۋاتىدۇ،ياكى چىقمايۋاتىدۇ. تەخىر قىلىڭ قېرىندىشىم.
    2010-05-14 23:16:22
  • تورمۇ ئەسلىگە كەلدى، بلوگلارمۇ ئەسلىگە كەلدى .... سىزگە بائالىق بلوگ دوستلىرىمغا ئۇتۇق تىلەيمەن !
    回复مەيىن شامال 说:
    توغرا دەيسىز. بۇ كىشىنى سۆيۈندۈرىدۇ. سىزنىڭمۇ ۋە بلوگگىرلارنىڭمۇ ئىشلىرىغا ئۇتۇق تىلەيمەن. ئامان بولۇڭ قېرىندىشىم. كېلىپ تۇرىشىڭىزنى قارشى ئالىمەن. چەۋەندازلار بلوگى پۈتۈن تورداشلارنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ!
    2010-05-14 22:42:47
  • تورمۇ ئەسلىگە كەلدى، بلوگلارمۇ ئەسلىگە كەلدى .... سىزگە بائالىق بلوگ دوستلىرىمغا ئۇتۇق تىلەيمەن !
  • تورمۇ ئەسلىگە كەلدى، بلوگلارمۇ ئەسلىگە كەلدى .... سىزگە بائالىق بلوگ دوستلىرىمغا ئۇتۇق تىلەيمەن !
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بلوگ يامىلىرىڭىز ھەقىقەتەن ياخشىكەن ، بۇندىن كېيىن تېخىمۇ نادىر يازمىلىرىڭىز ئۈزۈلمىسۇن .
    "تۇرا تورى" نى ئۇلىنىشقا قوشۋالغانلىقىڭىزغا كۆپ تەشەككۈر .
    "چەۋەندازلار بلوگى" تۇرا تورىنىڭ " ئابونت بلوگلار توپلىمى" غا قوشۇلدى .
    مەنزىل : http://abont.blogbus.com/
    回复تاۋلان说:
    بۇنىڭدىن كېيىن چەۋەندازلار بلوگى تورداشلارنى رازى قىلىشقا تىرىشىدۇ. تورداشلارنىڭ قوللاپ قۇۋۋەتلىگىنىگە كۆپ رەھمەت.
    2009-05-26 19:29:57
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بلوگ يامىلىرىڭىز ھەقىقەتەن ياخشىكەن ، بۇندىن كېيىن تېخىمۇ نادىر يازمىلىرىڭىز ئۈزۈلمىسۇن .
    "تۇرا تورى" نى ئۇلىنىشقا قوشۋالغانلىقىڭىزغا كۆپ تەشەككۈر .
    "چەۋەندازلار بلوگى" تۇرا تورىنىڭ " ئابونت بلوگلار توپلىمى" غا قوشۇلدى .
    مەنزىل : http://abont.blogbus.com/
    回复تاۋلان说:
    سىزنىڭ چەۋەندازلار بلوگىنى قوللاپ قۇۋۋەتلىگىنىڭىزگە رەھمەت. چەۋەندازلار بلوگى ئابونىت بلوگىغا ئۇتۇق ۋە ئامەت تىلەيدۇ. ئامان بولۇڭ قېرىندىشىم.
    2009-05-26 19:29:10
  • يېڭى ئۇسلۇبىڭىزغا مۇبارەك بۇلسۇن ! تۇلىمۇ كۆركەم ئىكەن !

    ھۆرمەت بىلەن :تۇغراق بلوگى
    http://tugraq.blogbus.com
    回复sitniyaz说:
    سىزنىڭ چەۋەندەندازلار بلوگىغا يەنە بىر قېتىم مەرھەمەت قىلغىنىڭىزغا ھەشقاللا. سىزنىڭ توغراق بلوگىڭىزغا يېڭى-يېڭى نەتىجىلەرنى تىلەيمەن قېرىندىشىم.
    2009-05-20 22:42:27
  • ھەي تارىخ ! ھەي مىللى ئارمىيە !!! ھەر بىر ئۇيغۇر بۇ تارىخنى كۆرگەندە ئۈز تەپەككۈرى بۇيچە ھاياجانلىنىدۇ ، ئىزتىراپ چىكىدۇ ، شۇ بۈيۈك ئۇتمۇشنى خىيالەن كۆز ئالدىغا ئەكىلىشكە تىرشىدۇ .......
    قۇلىڭىزغا دەرت بەرمىسۇن . ياخشى يازما ئىكەن !

    ھۆرمەت بىلەن :تۇغراق بلوگى
    http://tugraq.blogbus.com/
    回复sitniyaz说:
    شۇنداق مىللىي ئارمىيىنىڭ جەڭگىۋارلىقى،باتۇرلىقى،قورقۇمسىزلىقى،ئۆزىنىڭ نىشانى ئۈچۈن ئۈلۈمدىن قورقىمايدىغان پىداكىرانە روھى ھېلىمۇ-ھەم بىزنى شۇ كۈنلەرنى خىيالەن كۆز ئالدىمىزغا ئەككىلىشكە ئۈندەيدۇ. ساۋدانوۋ زاھىرنىڭ مەزكۇر ئەسىرىدە گومىنداڭدىن 10نەچچە مىڭ ئادەمنىڭ يوقۇتۇلغانلىقى،مىللىي ئارمىيىدىن مىڭدىن ئارتۇق قەھرىماننىڭ ئۇدۇنياغا سەپەر قىلغانلىقى يېزىلغان(بۇنىڭ ئىچىدە گومىنداڭنىڭ ئەسىرگە چۈشكەن ئەسكەرلىرى بۇنىڭ سىرتىدا). ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىدا ئەڭ شىددەتلىك بولغان ئۇرۇش جىڭ ۋە شىخو ئۇرىشى بولۇپ گومىنداڭ ئۆزىنىڭ بۇ <<مۇستەھكەم سېپىل>>ىدىن كۆرەڭلەپ يۈرگەندە مىللىي ئارمىيە دەككىسىنى بېرىپ ماناس دەرياسىغا سۈر توقاي قىلغان ئىدى. جىڭ ئۇرىشىدا قەھرىمان جەڭچى زىخرۇللام ئۈچ ھەمراھىنىڭ ھەمدەمدە بولىشى ئارقىسىدا مىللىي ئارمىيىنىڭ غەلبىلىك جەڭ قىلىشىغا توسالغۇ بولىۋاتقان دۈشمەننىڭ بىر نەچچە پوتىيىنى پارتىلىتىپ مىللىي ئارمىيىدە داڭقى چىقىپ كېتىدۇ.ھەمدە ۋاقىتلىق ھۆكىمەت تەرىپىدىن ئوردىن بىلەن مۇكاپاتلىنىدۇ. بىز بۇ شانلىق تارىخنى ياد ئېتىپ تۇرىشىمىز كېرەك ۋە شۇنداق بولغۇسى!

    سىزنىڭ چەۋەندازلار بلوگىنى قوللىغىنىڭىزغا تەشەككۈر. ئامان بولۇڭ قېرىندىشىم.
    2009-05-20 22:39:28